2025-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى مېخانىزم بويىچە تەڭشىلىدۇ
يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلقئارا بازار ماي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەييار ماي باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى بويىچە، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دىزېل مېيى باھاسىنىڭ (ئۆلچەملىك مەھسۇلات، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) ھەر توننىسى 70 يۈەندىن ئۆستى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە مەركىزىي شەھەرلەردىكى بېنزىن، دىزېل مېيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى قوشۇمچە جەدۋەلدە كۆرسىتىلدى.
جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ شىركەت ۋە باشقا خام نېفىت پىششىقلاش كارخانىلىرى تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇشنى ياخشى تەشكىللەپ، بازارنى مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار بازارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال بازار تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك. ئىستېمالچىلار 12315 سۇپىسى ئارقىلىق باھا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلسا بولىدۇ.
قوشۇمچە: ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە مەركىزىي شەھەرلەردە بېنزىن، دىزېل مېيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى.
ھەمبەھىرلىنىڭ
·تەۋسىيە·
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلار بىرتەرەپ قىلىندى
نى بېسىپ كۆرۈڭ«阅读原文» ئاستىدىكى