پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ باكۇدىكى 30-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەزەربەيجان دائىرىلىرى 30-چېسلا مۇنداق دېدى : موسكۋا ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن مەسئۇل كىشىنى تېپىپ چىقىش ۋە جازالاشقا ۋەدە بەردى. باكۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايروپىلان 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قازاقىستانغا چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسمى ئۇنىڭغا ئوت ئاچقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەزەربەيجاننىڭ باش تەپتىشى بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى : رۇسىيە بىر ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ بۇ ئايروپىلانغا تەگكەنلىكىنى تېخى ئىسپاتلىمىدى، باكۇغا «زىچ تەدبىر قوللىنىپ، جىنايىتى بارلارنى تېپىپ چىقىش ھەمدە ئۇلارنى قانۇن بويىچە تارتىش»قا ئۇقتۇرۇش قىلدى. ليۇ شياۋيەن تەرجىمە قىلغان
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى