ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر قورچىقىغا ئايلىنىپ قالغانلىق

文摘   2025-01-04 21:24   新疆  

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، 14 ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇرۇش ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى يۈكسەك جىددىي ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ئامېرىكا توقۇنۇشتا ئىسرائىلىيەنى 17 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قورال-ياراغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىدى. 

بۇ خىل «ئىستراتېگىيەلىك قوغداش»نىڭ كەينىگە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىقى يوشۇرۇنغان، يەنى بايلىق تۈگىتىش، جەمئىيەت داۋالغۇش بولۇپ، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى «قورال» سۈپىتىدە قايتا-قايتا ئىشلىتىلىدۇ.   

ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل تۈردە كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى دەپ قارالدى. ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى سىياسىي جەھەتتە قوللاپلا قالماي، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە غايەت زور ياردەم بەردى. 

F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن «تۆمۈر گۈمبەز» مۇداپىئە سىستېمىسىغىچە بولغان ھەر بىر قورالنىڭ كەينىدە ئامېرىكا زور سوممىلىق پۇل ئاجرىتىپ تىرەك بولدى. 

2023-يىلى ئۆكتەبىردە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بەرگەن ھەربىي ياردىمى 17 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتتى، پەقەت 2024-يىلىلا 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. بۇ قورال-جابدۇقلار ئىسرائىلىيەنى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچكە ئىگە قىلدى. 

لېكىن قارىماققا كۈچلۈك كۆرۈنىدىغان بۇ كۈچ ئىسرائىلىيەنى ئامېرىكىنىڭ قورالىغا ئايلاندۇردى. ئىسرائىلىيە غەززە رايونى، لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ئارقا-ئارقىدىن ھەربىي زەربە بەردى، ھەتتا 1800 كىلومېتىر ھالقىپ، يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىگە يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇم قىلدى. 

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەرتىپنى ساقلاشتەك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. 

ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ زەربە بېرىشى ئارقىلىق ئىران كۈچلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا دۆلەتلەرنى يېنىكلىك بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئامېرىكىغا يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىدىغان بۇ خىل ۋەزىيەت ئىسرائىلىيەنى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش بوشلۇقىدىن مەھرۇم قىلدى. 

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل «قوراللاشقان» رولى كۆپ ھاللاردا قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. ئامېرىكا تەمىنلىگەن قوراللار ئىسرائىلىيەنى ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىگە غايەت زور ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. 

ئىقتىسادتىن ئىجتىمائىي داۋالغۇشقىچە، يەنە نوپۇس بېسىمىغىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ «غەلىبە» ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى كۆرۈنۈشتە كۆرۈنىدىغاندىنمۇ يۇقىرى بولدى. 

ئوتتۇرا شەرق فوكۇس نۇقتىسىدىكى قوش بىسلىق قىلىچ : ئىسرائىلىيەنىڭ «تەكەببۇرلۇقى» نىڭ ئارقىسىدا ۋەھىمە 

ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەۋجۇتلۇقى مۇتلەق كۈچلۈك ئەمەس. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، لېكىن خاماسنىڭ نەچچە مىڭ راكىتا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بەردى. 

2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، غەززە توقۇنۇشىدا ئاز دېگەندە 44 مىڭ 500 ئادەم قازا قىلدى، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە بالىلار. بۇنداق ۋەزىيەت ئىسرائىلىيەگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، ئەكسىچە ئۇنى تۆت تەرەپتىن قورشاۋدا قالغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 

ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھىمىسى پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتىدىن بولۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن كەلگەن. مەسىلەن، لىۋان  2024-يىلى كۆپ قېتىم ئېتىشىش جەريانىدا كۈچلۈك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. 

قۇسەي قۇراللىقلىرىمۇ يەمەندىكى جەڭ مەيدانىدىن ئىسرائىلىيەگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. ئىسرائىلىيە قۇسەيگە 1800 كىلومېتىر يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى، ئاران ئالتە ئادەم قازا قىلدى. 

بۇ خىل يۇقىرى تەننەرخ، تۆۋەن پايدىلىق ھەرىكەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇش جەريانىدىكى ھارغىنلىقىنى ئاشكارىلىدى. 

بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىمىمۇ بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ. بايلىق كەمچىل بولۇش ۋە ئىمپورتقا يۈكسەك تايىنىش ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك توقۇنۇشتا ئىقتىسادىي مۇقىملىقنى ساقلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. 

تېخىمۇ مۇھىمى ھاۋا مۇداپىئە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى كۆپ قېتىم ياڭرىدى، نەچچە مىليون ئامما ھاۋا مۇداپىئە ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئورنىغا يوشۇرۇنۇپ پاناھلىنىشقا توغرا كەلدى، بۇ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ئاساسەن توختاپ قالدى. بۇنداق تۇرمۇش مۇھىتى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتۈردى. 

ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى «شاھمات ئۇرۇقى» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشىغا مۇھتاج، ئىسرائىلىيە دەل بۇ رولنى تولدۇردى. 

ھەربىي ياردەمدىن تارتىپ دىپلوماتىيە جەھەتتىن قوللاشقىچە، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى قارىماققا شەرتسىز قوغدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇ «قوغداش» نىڭ كەينىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك  قىلىشى بار. 

ئامېرىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىسرائىلىيە خاماس، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ھەتتا ئىرانغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلدى، لېكىن بۇ توقۇنۇشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مەنپەئەتلەنگۈچىسى ئىسرائىلىيە ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا. 

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى كونترول قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدىكى مەنپەئەت تالىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ فىشكىلارغا ئېرىشەلەيدۇ. ھالبۇكى ئىسرائىلىيە بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلىدى. 

جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق داۋالغۇشى، بايلىقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئونكول قىلىنىشى ۋە تاشقى ھەرىكەتنىڭ يەككە-يېگانە بولۇشى ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسىنى ئېنىقسىزلىققا تولدۇردى.

ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章