گىگانت چۈمۈلىدىن ئالتىسى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلدى

文摘   2024-12-26 20:39   新疆  

چېڭدۇ تاموژنىسىغا قاراشلىق پوچتا ئىدارىسى تاموژنىسى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن سىرتتىن كىرگەن گىگانت چۈمۈلىدىن ئالتىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى

«تاموژنا ئېلانى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا چېڭدۇ تاموژنىسى يەتكۈزۈش يولىدا چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن سىرتتىن كىرگەن گىگانت چۈمۈلىدىن ئالتىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن.

چېڭدۇ تاموژنىسىغا قاراشلىق پوچتا ئىدارىسىنىڭ تاموژنا خادىمى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن پوچتا يوللانمىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغاندا، بىر پوچتا يوللانمىسىدا ئاپپارات ئارقىلىق تەكشۈرۈش سۈرىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىدى. ساندۇقنى ئېچىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تىرىك ھاشاراتتىن ئالتىسى قولغا چۈشۈرۈلدى. بۇ بىر تۈركۈمدىكى ھاشاراتلارنىڭ ھەربىرى پەقەت بىرلا سۈزۈك مەركەزدىن قاچما نەيچىگە ئورالغان، مەركەزدىن قاچما نەيچىنىڭ ئىچىگە ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىغا چىلانغان پاختا قىستۇرۇلغان ھەمدە ساپاقلىق كەمپۈتنىڭ سىرتقى ئورالمىسى بىلەن نىقابلانغان. چېڭدۇ تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، بۇ ئالتە تىرىك ھاشارات گىگانت چۈمۈلە بولۇپ، دۇنيادىكى بەدەن شەكلى ئەڭ چوڭ چۈمۈلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن، تايلاند، مالايشىيا ۋە سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان، دۆلىتىمىزدە تەبىئىي تارقالمىغان بولۇپ، سىرتتىن كىرگەن تۈرگە تەۋە ئىكەن.

تاموژنا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان-چىقىرىلىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، تەستىقلاتماي تۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرادىن ئېلىپ كىرىش، ئەۋەتىش-يەتكۈزۈشنى مەنئى قىلغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى شۇنداقلا باشقا كارانتىن قىلىنىدىغان بۇيۇملارنىڭ تىزىملىكى»دىكى بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈش، ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى تاموژنا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى


Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章