«كۆزەتكۈچىلەر تورى چېن سىجيا» رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ( خاماس ) 3-يانۋار قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنى قايتا باشلاپ، تېزدىن ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ قېلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. لېكىن سۆھبەت ئەسلىگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 4-چېسلا غەززە رايونىغا يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئاز دېگەندە 70 ئادەم قازا قىلدى.
خەۋەردە پەلەستىن تېببىي خادىملىرى ۋە ئاھالىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 4-چېسلا سەھەر سائەت 2 ئەتراپىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرىدىكى ئىككى ئۆيگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان، ئاز دېگەندە 17 ئادەم بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان. يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالە ئەھمەد ئايياننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق خادىملىرى يوق ئىكەن.
تېببىي خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆلگۈچىلەر نۇرغۇن بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھاۋا ھۇجۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتى نەچچە سائەت داۋاملاشقان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يەنىلا خارابىلىك ئىچىدىن ھايات قالغۇچىلارنى ئىزدەشكە تىرىشىدىكەن.
پەلەستىن جىددىي مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 4-چېسلا كەچرەك، غەززە شەھىرىدىكى يەنە بىر ئۆي ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە بەش ئادەم قازا قىلغان، ئاز دېگەندە 10 ئادەم قاپسىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 4-چېسلا غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جېبالىيە، ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېر بېلاخ، جەنۇبىي قىسمىدىكى خانيۇنىس قاتارلىق نۇرغۇن جايلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 30 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئاز دېگەندە 70 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشتىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى ئەمدىلا ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇ جاي ۋاقتى 3-يانۋار ئىسرائىلىيە سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى دوھاغا بېرىپ، سۆھبەتكە قايتىدىن قاتناشتى. خاماسمۇ 3-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ۋاسىتىلىك سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋە سەرگەردانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
خاماس قارمىقىدىكى قوراللىق تەشكىلات كاسان لۈيى 4-چېسلا يەنە تۇتۇپ قېلىنغانلارنىڭ كۆرۈنمە چاستوتىسىنى ئېلان قىلدى، ئەسىرگە چۈشكەن ئىسرائىلىيە ئەسكىرى لىلى ئارباگ كۆرۈنمە چاستوتىدا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ، تۇتۇپ قېلىنغانلارنىڭ بىخەتەر قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى ئارباگنىڭ غەززە رايونى چېگراسىدا تۇرۇشلۇق ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە خاماس قوزغىغان «ئەقسا كەلكۈن» ھەرىكىتىدە تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» دە ئېيتىلىشىچە، كۆرۈنمە چاستوتا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئارباگنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇنى دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ تۇتۇپ قېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئىشخانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، نىتانىياخۇ 4-چېسلا كەچتە ئارباگنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن پاراڭلاشقان، زۇڭلى ئۇلارغا ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆيىگە قايتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقانلىقىغا كاپالەت بېرىدىكەن.
ھازىر ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىش-قىلالماسلىقى تېخى نامەلۇم. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ئىسرائىلىيە ۋە مىسىر ئەمەلدارلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، سۆھبەتتە ھېچقانچە ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. بىر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى يەنە ئامېرىكا Axios ئاخبارات تورىغا ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس بارلىق مەسىلىلەردە دېگۈدەك قاتمال ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا سۆھبەتنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاستا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
2023-يىلى ئۆكتەبىردە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 45 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەدە تەخمىنەن 1200 ئادەم قازا قىلغان، ھازىر يەنىلا 100 ئادەم غەززە رايونىدا تۇتۇپ قېلىنغان.
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى