خۇسەي قوراللىقلىرى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى ئىسرائىلىيەنىڭ بېشى ق

文摘   2024-12-27 23:18   新疆  

پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرى گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ شۇ كۈنى ئەتىگەندە يەمەندىن قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىسرائىلىيە زېمىنىغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توسۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارچىلار چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن بولغاچقا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر قانچە رايوندا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىنغان. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى توسۇش ئىسرائىلىيە كۈرەشچى ئايروپىلانى 26-چېسلا يەمەندىكى نۇرغۇن جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە ئالتە ئادەم قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. 

بىر يىل ئىلگىرى غەززە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ئىزچىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. 

«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمى بېن-گۇرىئون ئايرودرومىدىن كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى ۋاقتىنچە ئۈزۈۋەتكەن، ياۋروپادىن كەلگەن تۆت نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئايرودرومغا يېقىنلاشماسلىق ئۇقتۇرۇلغان. تەخمىنەن 30 مىنۇتتىن كېيىن، ئايرودروم نورمال مەشغۇلاتنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ( تەرجىمە قىلغان/شيې كەيخۇا )

ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章