تۇرسۇنئاي دۇنيا ساياھەت خانقىزى جۇڭگو رايونىنىڭ چېمپىيونى بولدى

文摘   2024-12-25 22:23   新疆  





كېيىنكى بېكەت: خەلقئارا! 
شىنجاڭلىق قىز 2024-يىللىق دۇنيا ساياھەت خانقىزى جۇڭگو رايونىنىڭ چېمپىيونى بولدى

12-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، 2024-يىللىق دۇنيا ساياھەت خانقىزى جۇڭگو يىللىق چېمپىيونلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى جېجياڭ خېڭديەندە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىن كەلگەن ماھىر تۇرسۇنئاي راخمان توردا بېلەت تاشلاش، T سەھنىسىدە مېڭىش، ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى، كەسپىي قىياپەت ۋە قائىدە-يوسۇن بىلىمى، ئالاھىدە يۇقىرى ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىلەن باھالىغۇچىلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، 2024-يىللىق دۇنيا ساياھەت خانقىزى جۇڭگو رايونى يىللىق چېمپىيونى بولدى ھەمدە جۇڭگوغا ۋاكالىتەن دۇنيا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

مۇسابىقە كېچىسى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ماھىرلار كۆپ قېتىم مۇسابىقىلەشتى. ماھىرلار ماميەن قاتلاق يوپكىسى كىيىپ «دۆلەت كىيىمى يۇقىرى ئېقىمى»نى ياراتسا، نەپىس چىپاۋ بىلەن جۇڭگوچە قەدىمىي مودىنى نامايەن قىلدى، مۇراسىم كىيىمى بىلەن سەھنىگە چىققىنىدا بولسا ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ لاتاپىتىنى جۇلالاندۇردى. T سەھنىسىدە مودىل مېڭىش ۋە ماھارەت كۆرسىتىش ھالقىسىدا، تۇرسۇنئاي راخمان سەھنىدە جەزبىدارلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى.

تۇرسۇنئاي راخمان چۇڭچىڭ خەيليەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئايروخانقىز كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. مەكتەپتە ئۇ قائىدە-يوسۇن تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، نۇرغۇن كەسپىي قائىدە-يوسۇن بىلىملىرىنى ئۆگەندى. بۇ قېتىم ئۇ دۇنيا ساياھەت خانقىزى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنياغا جۇڭگونىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭ ھەربىر قەدىمى گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىش، ھەر بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشى مەدەنىيەتنى تارقىتىش. بىز ئۇنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى قالتىس ئىپادىسىگە تەققەزامىز، شۇنداقلا ئۇنىڭ جۇڭگو خانىم-قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكى ۋە تالانتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئالقىش ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!


دۇنيا ساياھەت خانقىزى مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا ساياھەت مەدەنىيىتى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇسابىقە ئۆزگىچە خەلقئارا تەسىر كۈچى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت مەدەنىيىتىنى تارقىتىشىغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىش بىلەن بىرگە، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىش، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىللىق دۇنيا ساياھەت خانقىزى خەلقئارالىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە گۇاڭدۇڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇ چاغدا ئامېرىكا، فرانسىيە، برازىلىيە قاتارلىق 65 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ماھىرلار گۇاڭدۇڭغا جەم بولىدۇ.

مەزمۇن «新疆女声» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلغۇچى: باھارگۈل بەكرى
تەھرىرلىگۈچى: زۇلپىيە زەمىر

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章