بېيجىڭدا ياڭرىغان «شىمالنىڭ ئاسمىنى ئاستىدا»

文摘   2024-12-30 22:54   新疆  

بېيجىڭدا ياڭرىغان «شىمالنىڭ ئاسمىنى ئاستىدا»


12-ئاينىڭ 28-كۈنى «تاغ ناخشىسى ياڭرىغان جاي. داۋلاڭ 2024-يىللىق سەييارە ناخشا ئېيتىش كېچىلىكى» بېيجىڭ ۋۇكېسۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

داۋلاڭ باشلىنىش مۇزىكىسىنى «شىمالنىڭ ئاسمىنى ئاستىدا»غا ئۆزگەرتتى. ئەمەلىيەتتە «شىمالنىڭ ئاسمىنى ئاستىدا» ناملىق ناخشىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى چوڭقۇر، بۇ ناخشا 1997-يىلى داۋلاڭ شىنجاڭ ئىقتىساد رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «شىمالنىڭ ئاسمىنى ئاستىدا» ناملىق سەھىپىسى ئۈچۈن ئىجاد قىلغان باشلىنىش ناخشىسى ئىدى.

ئاشكارا ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، «تاغ ناخشىسى ياڭرىغان جاي. داۋلاڭ 2024 سەييارە ناخشا كېچىلىكى» بۇ يىل بېيجىڭ، چېڭدۇ، گۇاڭجۇ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئەڭ يېقىنقى بىر مەيدان ناخشا كېچىلىكى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى بېيجىڭ بېكىتى ۋە 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 4-، 5-كۈنلىرىدىكى بېيجىڭ ۋوگزالىدا ئۆتكۈزىلىدىغان مەيدان قېتىملىرىدۇر.

«تاغ ناخشىسى ياڭرىغان جاي. داۋلاڭ 2024 سەييارە ناخشا كېچىلىكى» باشلانغاندىن بۇيان، ھەر بىر مەيدانغا ئادەم لىق تولدى، بېلەت تېپىش تەس بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە نەنجىڭ ۋوگزالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا كېچىلىكىدە، داۋلاڭ: شىنجاڭ مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم، مەن چوقۇم قايتىپ بارىمەن، ئاخىرقى مەيدان كېچىلىكنى شىنجاڭدا قويۇشۇم مۇمكىن، دېدى.

بىز تەقەززامىز!


مەزمۇن «تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章