شىنجاڭدا «تۆمۈر» ناملىق يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ
1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىدا، T9516 قېتىملىق «تۆمۈر» ناملىق ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى قاتنىدى، پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 9 سائەت 45 مىنۇت بولدى. بۇ ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ سىرتىغا «تۆمۈر» دېگەن بەلگە ۋە ئىسىم چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئىسىم ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى تىيانشان تېغى تىزمىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولغان تۆمۈر چوققىسىدىن ئېلىنغانىكەن.
تۆمۈر يول خىزمەتچىلىرى «تۆمۈر» ناملىق پويىزنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. بەي فېڭلياڭ فوتوسى
«تۆمۈر» ناملىق پويىز ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدۇ، بۇ شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىدا يېڭىدىن يولغا قويغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى بولۇپ، كۈنىگە بىر جۈپ قاتنايدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 1012 كىلومېتىر. ئىككى جاي ئارىسىدا بېرىپ-كېلىدىغان ئىلگىرىكى ئەڭ ئاستا پويىزغا سېلىشتۇرغاندا ۋاقت ئالتە سائەتكە يېقىن قىسقىراپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ سودا ئالاقىسى ۋە ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگۈزىدۇ.
«تۆمۈر» ناملىق پويىز پۈتۈنلەي كارىۋاتلىق ۋاگون بولۇپ، پويىزدا ئالاھىدە يۇمشاق كارىۋات، يۇمشاق كارىۋات، قاتتىق كارىۋاتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كارىۋاتلىق ئورۇن بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە ئېغىز ئالاھىدە يۇمشاق كارىۋاتلىق ئورۇن ئىككى كىشىلىك بولۇپ، ئايرىم تازىلىق ئۆيى بار. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالاھىدە ماركىلىق پويىز بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر بىر ۋاگوندا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئادىمىيەت مەنزىرىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان رەسىملىك چۈشەندۈرۈش بولۇپ، مەنزىرە نۇقتىلىرى، ئېسىل تائاملار قاتارلىق ساياھەت قوللانمىلىرى قوشۇمچە قىلىنغان. ۋاگون ئايرىمخانىلىرىدىكى ئىشىك تاختىسى، ياستۇق، قول سومكىسى، قەغەز ئىستاكان قاتارلىقلارمۇ داڭلىق يەرلىك ماركا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يولۇچىلار ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىنى ئۇلاردىن ھېس قىلالايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت ماركىسىنى كۈچلەندۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى، نۇرغۇن جايلار ئارىسىدا «قەشقەر»، «ئاقسۇ» قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق يولۇچىلار پويىزىنى ئارقا-ئارقىدىن قاتنىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك داڭلىق ماركىلىق يولۇچىلار پويىزىنى پائال بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان يېڭى كۆزنەككە ئايلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.
ھەمبەھىرلىنىڭ
·تەۋسىيە·
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلار بىرتەرەپ قىلىندى
نى بېسىپ كۆرۈڭ«阅读原文» ئاستىدىكى