مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 25-چېسلا ئىگىلىنىشىچە، ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ باكۇ-گروزنىيغا ئۇچۇۋاتقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى ئاقتاۋدا چۈشۈپ كەتكەن. ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، ئاقتاۋ ئەتراپىدىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىشىدە 27 ئادەم ھايات قالغان، ئايروپىلاندا جۇڭگولۇق ساياھەتچى يوق ئىكەن.
ئارقىدىنلا قازاقىستان جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئاقتاۋ ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، چۈشۈپ كەتكەن جايدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى. قازاقىستان جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى 52 نەپەر ئوت ئۆچۈرگۈچى ۋە 11 ئۈسكۈنىنى ئوت ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىغا ئەۋەتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 25-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ ئەتراپىدا ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىدا 67 يولۇچى ۋە بەش ئايروپىلان خادىمى بار ئىكەن، ئايروپىلان قۇشلار توپىغا سوقۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى