كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى 3-تەرەپ بىلەن قارشىلاشمايدۇ

文摘   2024-12-26 20:39   新疆  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «تىرامپنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە تەھدىت سالغانلىقى»غا ئىنكاس قايتۇردى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، 3-تەرەپ بىلەن قارشىلاشمايدۇ 

12-ئاينىڭ 3-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ترامپنىڭ ئەگەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دوللارنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان پۇل بەرپا قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچمىسە، ئامېرىكا ئۇلاردىن100 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

 بۇنىڭغا قارىتا، لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، 3-تەرەپ بىلەن قارشىلاشمايدۇ، مەقسىتى ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章