كورىيەدە يەبە بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كىتىپ179ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا

文摘   2024-12-30 22:54   新疆  

شۇ جاي ۋاقتى 29-دېكابىر، كورېيە چېجۇ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى كورېيەنىڭ چوللانامدودىكى ۋۇئەن ئايرودرومىغا قونغاندا، ئۇچۇش يولىدىن چەتنەپ ئايرودرومنىڭ قورۇق تېمىغا سوقۇلغان. ئىككى ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن باشقا، ئايروپىلاندىكى قالغان 179 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى، بۇ كورىيەدە يۈز بەرگەن ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان ئايروپىلان ھادىسىسى. ئەنگىلىيە ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى : كورىيە ئايرودروم دائىرىلىرى قاتتىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، 179 ئادەم قازا قىلغان كورىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسىدە، ئۇچۇش يولىنىڭ ئاخىرىدىكى تام بىلەن سوقۇلۇش بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتى. 


يەر شارى ئاۋىئاتسىيە كەسپى كەسپىي ژۇرنىلى «خەلقئارا ئۇچۇش» نىڭ مۇھەررىرى داۋىد لىرمونت ئەنگلىيە «ئاسمان بوشلۇقى خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : مۇستەھكەم تامنىڭ مەۋجۇت بولۇشى «جىنايەتكە يېقىنلىشىدۇ» ھەمدە ئەگەر ئايروپىلان تامغا سوقۇلمىغان بولسا، ئايروپىلاندىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى ھايات قېلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى. 

بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسسىسى، «ئاۋىئاتسىيە بىلىملىرى»نىڭ باش مۇھەررىرى ۋاڭ يانەن قىسمەن جامائەت پىكرىنىڭ بۇ تامنى «جىنايەت لايىھەسى» دەپ ئاتىغانلىقىغا قارىتا، بۇنداق يەكۈن چىقىرىش تېخى بالدۇر دەپ قارىدى. ئۇ قىزىل يۇلتۇز خەۋەرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئايرودروم قۇرۇلۇشىدا خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۆلچەم بار، ۋۇئەن ئايرودرومىنىڭ لايىھەلىنىشى پىرىنسىپ جەھەتتە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ ئۇچۇش يولىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى بۇففېر ئارىلىقى بىر قەدەر ئىخچام، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مۇھىتى ئانچە دوستانە ئەمەس. 

لىرمونت ئىلگىرى ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىدە ئۇچقۇچى ۋە ئۇچۇش مەشقاۋۇلى بولغان ھەمدە ئىككى قېتىم ئەنگلىيە خان جەمەتى ئاۋىئاتسىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئاۋىئاتسىيە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى. ئۇ مۇنداق دېدى : «ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئويلاشقاندا، ئۇ ( ئۇچقۇچى ) قونۇشنى ناھايىتى قالتىس تاماملىدى. گەرچە ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولسىمۇ، لېكىن سىيرىلىش جەريانىدا يەنىلا مۇكەممەل بولدى. ھادىسە يۈز بەرگەن ئايروپىلاننىڭ قونۇش جابدۇقىنى چۈشۈرەلمەي، ئاخىرى يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ، تام بىلەن سوقۇلۇپ ئوت دېڭىزىغا پېتىپ قالدى. 

لىرمونت تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : «ئۇنداق قۇرۇلما ئۇ يەردە ئەسلا پەيدا بولماسلىقى كېرەك، ئۇچۇش يولىنىڭ ئاخىرىدىكى 200 مېتىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ئارىلىق ئىچىدە مۇستەھكەم جىسىم ئورنىتىش مەن ئەزەلدىن ھېچقانداق جايدا كۆرۈپ باقمىغان نەرسە.» 

كورېيە دۆلەت زېمىن قاتناش مىنىستىرلىقى 30-چېسلادىكى قىسقا خەۋىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئۇچۇش يولىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىن بېتون سىرتقى تامغىچە بولغان ئارىلىق 251 مېتىر، بۇ تام يۆنىلىش سىگنال ئەسلىھەلىرىنىڭ بىر قىسمى. 

لىرمونتنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆپ ساندىكى ئايرودروملاردىكى يول باشلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ تىرەك قۇرۇلمىسى زەربىگە ئۇچرىغاندا ئېگىلىدۇ، قاتلىنىدۇ ياكى ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. مەسىلەن، 2016-يىلى ئىنچون ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئايروپىلان يول باشلاش ئەسلىھەسىگە سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ھېچكىم يارىلانمىغان. كورېيە دۆلەت زېمىن قاتناش مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋۇئەن ئايرودرومىنىڭ يول باشلاش ئەسلىھەلىرى 2 ~ 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى توپا گۇندىسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، 30 ~ 40 سانتىمېتىر بېتونغا كۆمۈلگەن. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇنىڭ سەۋەبى ۋۇئەن ئايرودرومىنىڭ ئۇچۇش يولىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى يەر يۈزى يانتۇ بولۇپ، سىگنال بەلگىسىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، توپا گۇندىسى ئارقىلىق سەۋىيەنى ساقلاشقا توغرا كېلىدىكەن. لېكىن بۇ خىل لايىھە ئايروپىلان ئۇچۇش يولىدىن بۆسۈپ چىققاندا، ئۇنى بېسىپ چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. 

لىرمونتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر ئايروپىلان تامغا سوقۇلمىغان بولسا، رېشاتكىدىن ئۆتۈپ، يولدىن ئۆتۈپ، ئاخىرى يېقىن ئەتراپتىكى ئېتىزدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : «ئەگەر ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدىغان ھەمدە توختىتىدىغان يېتەرلىك بوشلۇقى بولسا، مېنىڭچە ھەممە ئادەم ھايات قېلىشى مۇمكىن... ئۇچقۇچىلار بىخەتەرلىك رېشاتكىسىدىن ئۆتكەندە ئازراق يارىلانشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئۇچقۇچىلارنىڭمۇ ھايات قېلىشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىمەن.» 

ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسسىسى سالى گېدىنمۇ سىرتقى تامنىڭ ئورنىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى : «ئايروپىلان ئىزچىل يۇقىرى سۈرئەتنى ساقلاپ تۇرىدىغاندەك قىلىدۇ، ئۇچۇش يولىنىڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئاپەت بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن.» 

بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسسىسى، «ئاۋىئاتسىيە بىلىملىرى»نىڭ باش مۇھەررىرى ۋاڭ يانەن توپا گۇندىسى ۋە بېتون تامنى ئورنىتىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى : ئەسۋابنىڭ قونۇش سىستېمىسى سىگنال بەلگىسى ئايرودرومنىڭ زۆرۈر يول باشلاش ئۈسكۈنىسى، ئۇنىڭ ئورنى ۋە ئېگىزلىكى تېخنىكا ئېھتىياجى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەمما ۋۇئەن ئايرودرومىنىڭ بۇ ئەسلىھەسى ئۇچۇش يولىنىڭ ئاخىرىدىن ئانچە يىراق ئەمەس، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بوشلۇقىدا قالدۇرۇلغان يېتەرلىك ئەمەس، ئۇچقۇچىلارغا بولغان رايىشچانلىقى ئانچە دوستانە ئەمەس. ئۇ كەلگۈسىدە سىگنال بەلگىسىنى لايىھەلەشتە ئەۋرىشىم قۇرۇلما قاتارلىق ئەلالاشتۇرۇش لايىھەسىنى قوللىنىپ، چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالدىكى فىزىكىلىق توسالغۇلارنى ئازايتىش تەكلىپىنى بەردى. 

بۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ يانەن يەنە ئايروپىلاننىڭ قونغان چاغدىكى يەرگە تېگىش ئورنىمۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەگەر ئايروپىلان ئۇچۇش يولىنىڭ ئالدىدىكى بىر بۆلەكتە يەرگە تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ۋە توختاپ قېلىش ئارىلىقى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئايروپىلان توختاپ قالماسلىق سەۋەبىدىن ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق، ئەگەر ئايروپىلان ئۇچۇش يولىدىن بۆسۈپ چىققاندا توسالغۇغا ( مەسىلەن، قورۇق تام ) سوقۇلمىسا، ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتى نىسبەتەن يېنىكرەك بولۇشى مۇمكىن. 


كورېيە دۆلەت زېمىن قاتناش مىنىستىرلىقى 30-چېسلا ۋەقەگە ئالاقىدار گۇمانلارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋۇئەن ئايرودرومىنىڭ ئۇچۇش يولىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدا قونۇشقا باشلىغان، يەنى ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ئايروپىلان گەۋدىسى قونۇش ھالىتىدە 1600 مېتىر ئەتراپىدا ئىلگىرىلىگەندە، ئۇچۇش يولىنىڭ ئاخىرىدىكى بېتوندىن ياسالغان مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە ئايرودرومنىڭ سىرتقى تېمىغا سوقۇلغان. كورېيە دۆلەت زېمىن قاتناش مىنىستىرلىقى ئۇچۇش يولى بەك قىسقا بولغانلىقتىن ئۆلۈش-يارىلىنىش كۆپەيدى دېگەن ئەيىبلەشكە رەددىيە بېرىپ، ۋۇئەن ئايرودرومى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە لايىھەلەنگەن ئايرودروم، ئۇچۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2800 مېتىر، ۋەقەنى ئايرودرومنىڭ ئۇچۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يېتەرلىك بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، دېدى. 

ئۇچۇش يولىنىڭ ئاخىرىدىكى بېتون مۇداپىئە ئەسلىھەسىگە قارىتا، كورىيە دۆلەت زېمىن قاتناش مىنىستىرلىقى بۇ ئەسلىھە كورىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئايرودروملاردا ئومۇميۈزلۈك بار ئەسلىھە، ۋۇئەن ئايرودرومىدىكى بۇ ئەسلىھە ئۇچۇش يولىنىڭ بىخەتەر رايونىنىڭ ئەتراپىغا تەخمىنەن 251 مېتىر يىراقلىقتا دېدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەسلىھە ئايروپىلاننى ئايرودرومنىڭ ئۇچۇش يولىغا كىرىشكە يېتەكلەيدىغان ئانتېننا ئەسلىھەسى بولۇپ، بېتون سۇپىسىغا يەنە ئانتېننا ئورنىتىلغان، لېكىن بۇ ئەسلىھە ئادەتتە مېتال قۇرۇلما بولۇپ، يەر يۈزىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك، شۇڭا بەزى جامائەت پىكرى بۇ ئەسلىھە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە چېجۇ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بۇ ئەسلىھەگە سوقۇلۇپ پارتلاش ۋە ئوت كېتىش سەۋەبىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ كۆرسەتتى. 

كورىيە دۆلەت زېمىن قاتناش مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ مۇداپىئە ئەسلىھەسىگە ئالاقىدار تەسىس قىلىش بەلگىلىمىسى بار، كورىيە دۆلەت زېمىن قاتناش مىنىستىرلىقى بۇ ئەسلىھەنى تەسىس قىلىش بەلگىلىمىسى ۋە چېجۇ ئاۋىئاتسىيە ھادىسىسى بىلەن بولغان باغلىنىشچانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. 

كورىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ئۇچۇش يولىنىڭ بېشىدا ئوچۇق يەر قاتارلىق يېتەرلىك بۇففېر رايونى بولسا، زىياننى ئازايتقىلى بولىدىكەن. خۇشى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوت ئۆچۈرۈش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى گۇڭ خېچېڭ ( ئاھاڭ تەرجىمىسى ) مۇنۇلارنى بىلدۈردى : «جىددىي قونغاندا، ئادەتتە نورمال قونۇشتىن 1.5 ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە كۆپ بولغان سىيرىلىپ مېڭىش ئارىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» 

ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، كورېيە ۋۇئەن ئايرودۇرۇمى ئۇچۇش يولىنى 360 مېتىر ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، نىشان كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملاش ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايرودروم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە «ئۇچۇش يولىنى ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاش» سادالىرى ياڭرىغان بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ يېتىشمىگەچكە، ھازىرغىچە كەينىگە سۈرۈلۈپ كەلگەن. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سەۋەبىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاچقۇچى ۋەقە يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ «قارا قۇتىسى» بولۇپ، ئۇ ھەيدەش بۆلۈمچىسىدىكى ئاۋاز خاتىرىلىگۈچ ۋە ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتىنى خاتىرىلىگۈچتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. 

كورىيەدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋاز خاتىرىلەش ئەسۋابى مۇكەممەل ئىكەن، لېكىن ئۇچۇش خاتىرىلەش ئەسۋابىنىڭ سىرتقى قىسمى بۇزۇلغان. ئەگەر كورېيەنىڭ تەھلىل قىلىشىدا قىيىنچىلىق بولسا، ئۇنى ئامېرىكا دۆلەتلىك تىرانسپورت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ تەھلىل قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن. كورىيە دۆلەت زېمىن قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا ئۈچ يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章