پىتنە-ئىغۋا تارقاتقۇچىلار قانۇن بويىچە جازالاندى
يېقىندا، تورداشلارنىڭ پاش قىلىشىغا قارىغاندا، ئۇچتۇرپاندىكى بىر قىسىم تورداشلار بەزى بىر تور سۇپىلىرىدا مۇنداق «ئادەم ئىزدەش ئېلانى»نى تارقاتقان: «ۋاڭ XX نىڭ بەش ياشلىق ئوغلى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن 2-مەكتەپ ئەتراپىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ كېتىلدى، ئۇچۇرنى تارقىتىپ قويۇڭلار، بىر قېتىم تارقاتساڭلار 200 يۈەن قىزىل بولاق ئېرىشەلەيسىلەر... »
گۇڭئەن تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ئۇچۇردىكى ۋاڭ فامىلىلىك شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن شەھىرىدىن بولۇپ، ئۆيىدە بەش ياشلىق ئوغلى يوق ئىكەن، بالىنىڭ ئالداپ كېتىلىش ئەھۋالى تېخىمۇ مەۋجۈت ئەمەسكەن. بۇ پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى ئۆز تەۋەسىدە تارقالغاندىن كېيىن، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك پارتكوم ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى دەرھال بىر تەرەپ قىلىپ، پىتنە-ئىغۋا تارقاتقۇچىلارنى قانۇن بويىچە جازالىدى.
مەزمۇن «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات
ھەمبەھىرلىنىڭ