مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 28-دېكابىر كەچتە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى بەيتلاھىيەگە جايلاشقان كامال ئادۋان دوختۇرخانىسىغا قارىتىلغان ھەرىكىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ھەرىكەت مەزگىلىدە، دوختۇرخانىدا جەمئىي 500 دىن ئارتۇق ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 240 دىن ئارتۇق ئادەم ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن «تېررورچى» دەپ بېكىتىلگەن ھەمدە قولغا ئېلىنغان.
ئەنگلىيە «*** گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 28-چېسلا ئىسرائىلىيەنىڭ كامال ئادۋان دوختۇرخانىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ تىپتىكى دوختۇرخانىنىڭ قىسمەن ئىمارەتلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىپ، تاقىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، دوختۇرخانىنىڭ بەزى تارماقلىرى ھۇجۇمدا كۆيۈپ كەتكەن ھەمدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، بۇ تەجرىبىخانا، تاشقى كېسەللىكلەر كېسەلخانىسى، قۇرۇلۇش ۋە ئاسراش تارماقلىرى، ئوپېراتسىيە ئۆيى ۋە داۋالاش ئامبىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەتلاھىدىكى يەرلىك ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، 27-چېسلادىكى ھۇجۇمدا تۇتۇپ تۇرۇلغان تېببىي خادىملار ۋە سېستىرالارنىڭ كۆپىنچىسى قويۇپ بېرىلگەن، لېكىن دوختۇرخانا باشلىقى خۇسەم ئەبۇ سافىيەنىڭ ئىز-دېرىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قولغا ئېلىنغانلاردىن باشقا، دوختۇرخانىدىكى قالغان خادىملارنى باشقا رايونلارغا تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 95 بىمار ۋە تېببىي خادىم غەززەنىڭ شىمالىدىكى ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىغا تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، نورمال يۈرۈشكە ئامالسىز قالغان، دېدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 29-چېسلا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ياردەملىشىپ بىمارلارنى غەززەنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا بىخەتەر يۆتكەپ داۋاملىق داۋالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى : ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىدا تولۇق پەرۋىش قىلىشقا كېرەكلىك ئۈسكۈنە ۋە ماددىي ئەشيالار كەمچىل بولغاچقا، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بۇ ئېغىر بىمارلارنى يۆتكەش ۋە داۋالاشتا، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق بىخەتەرلىكى ئېغىر خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ.
ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ 27-دېكابىر كامال ئادۋان دوختۇرخانىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، دوختۇرخانا ئىچىدىكى خادىملارنى چېكىنىشكە مەجبۇرلىدى ھەمدە دوختۇرخانىغا ئېغىر زىيان سالدى. دوختۇرخانىدىكى بىر قىسىم بىمارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇش، سوراق قىلىش جەريانىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان.
27-چېسلا ئەتىگەنگىچە، يەنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشتىن بۇرۇن، كامال ئادۋان دوختۇرخانىسىغا تەخمىنەن 350 ئادەم يىغىۋېلىندى. پەلەستىن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان بىر قىسىم بىمارلارنىڭ كېسىلى ئېغىر بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇۋاتىدۇ.
خاماسنىڭ ئەمەلدارى ئوساما خامدان 28-چېسلا كامال ئادۋان دوختۇرخانىسىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قوراللىق خادىملىرىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئىسرائىلىيەنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئاتالمىش گېنېرال پىلانى ئىجرا قىلىشنىڭ بىر قىسمى. «گېنېرال پىلانى» ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتالمىش خاماسنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن غەززەنىڭ شىمالىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى قوغلاپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. گەرچە نىتانىياخۇ ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننى ئېتىراپ قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندىكى بىر قىسىم تەھلىلچىلەر بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانىتى ئىلگىرى سۈرگەن، ئىسرائىلىيەنى ئەڭ ئاخىرىدا غەززە رايونىنى يۇتۇۋېلىشنى مەقسەت قىلغان پىلان دەپ قارىدى.
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى