شۇ جاي ۋاقتى 26-دېكابىر، لىۋان ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە داۋاملىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى كەنت ۋە شەھەر-بازارلارنى ۋەيران قىلىپ، لىۋان پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : ئىسرائىلىيە شۇ كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كانتارا قاتارلىق رايونلارغا كىردى. لىۋان ئارمىيىسى كانتارا قاتارلىق جايلاردىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسمى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى نازارەت قىلىدىغان كومىتېت مېخانىزىمى بىلەن ماسلىشىپ، ۋەزىيەتنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ.
لىۋان-ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شۇ جاي ۋاقتى 27-نويابىر سەھەردە كۈچكە ئىگە بولۇپ، توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە 60 كۈن ئۇرۇش توختىتىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلىدى. باش ئىستانسا مۇخبىرى ۋاڭ شۆجىڭ
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى