دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلدى: ئىغىۋا

文摘   2024-12-30 22:54   新疆  

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: ئەزەلدىن جەمئىيەتتىكى ھېچقانداق كىشىگە «ئېلېكتىرونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى»نى قوزغىتىش ھوقۇقى بېرىلمىدى

مۇخبىرنىڭ دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا تاراتقۇلار بەزى جىنايەت شايكىلىرىنىڭ «كەنتنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە» ئېلېكتىرونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى قوزغىتىش نامى بىلەن، چەت- يىراق كەنتلەرنى تاللاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ھەدەپ ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ھېساب يۆتكەش، پۇل يۇيۇش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى كەسكىن بايانات ئېلان قىلدى، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:   

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلار ئەزەلدىن جەمئىيەتتىكى ھېچقانداق كىشىگە ئاممىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى (توغرا نامى «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى» ياكى «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كودى»)نى قوزغىتىش خىزمىتىنى ئىشلەش ھوقۇقى بېرىپ باقمىغان. كەڭ ئاممىنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىنى، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى قوزغىتىش نامى بىلەن شەخسىي ئۇچۇر توپلىشىغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەي، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى سورايمىز. ئالاقىدار يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان، شۇ جايدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىغا ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلىشىڭلارنى ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرىغا پاش قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

پاش قىلىش تېلېفونى: 89061396-010    89061397-010

پاش قىلىش خەت ساندۇقى:ybdjqzpb@nhsa.gov.cn




مەنبە: ئانار بۇلۇت


Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章