دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

文摘   2025-01-01 22:47   新疆  


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2025-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى


يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2025-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2025-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر! ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتتى، يېڭى بىر يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەن بېيجىڭدا كۆپچىلىككە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن!

2024-يىلى، بىز بىرلىكتە تۆت پەسىلنى باشتىن كەچۈردۇق، بىرلىكتە بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن گۈزەل ھەسەن-ھۈسەننى كۈتۈۋالدۇق، ھەربىر پەيت بۇ ئالاھىدە بىر يىلغا نەقىشلەندى، بۇ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ.

بىز ئىچكى-تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن تەسىرگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، بىر قاتار سىياسەت «بىرىكمە تەدبىرى»نى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلاندى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 130 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئاشلىق ھوسۇلى 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، جۇڭگو قاچىسىغا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئاشلىقى قاچىلاندى. رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ماس ھەمتۈرتكە بولۇپ، ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىدى. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، گۈزەل جۇڭگو مەنزىرىسى تەدرىجىي نامايان بولدى.

بىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى بەس-بەستە بارلىققا كەلتۈردۇق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 10 مىليوندىن ئاشتى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. چاڭئې 6-نومۇر تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئالدى، مېڭشياڭ ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى ئوكياننىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، شېنجېن-جۇڭشەن كۆۋرۈكى دولقۇن يېرىپ ئۇپۇققىچە سوزۇلدى، جەنۇبىي قۇتۇپ چىنلىڭ پونكىتى مۇزلۇقتا قەد كۆتۈردى، بۇلار جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىپ بۈيۈك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

بۇ يىل، مەن يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. تيەنشۇينىڭ خۇانيۇ ئالمىسى ھەم چوڭ، ھەم قىزىل ئىكەن، دۇڭشەندىكى ئاۋجياۋ كەنتىدە بېلىقچىلىق كېمىلىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن لىق تولۇپتۇ. مەيجىشەن تېغى تاش غارىدىكى «شەرق تەبەسسۇمى» مىڭ يىلدىن ھالقىپتۇ، ليۇچىشياڭ كوچىسىدىكى ئۆزئارا يول قويۇش ئائىلە ئىستىلى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپتۇ. تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن، يىنچۇەندىكى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىكەن. كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، «ياشانغانلار-بالىلار»، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم. بىر يىلدىن بۇيان، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلدى، ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى، بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى باشقا جايدا داۋالىنىشنى قولايلاشتۇردى، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى... كۆپچىلىكنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى.

پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى باتۇرلۇق بىلەن 1-لىكنى تالىشىپ، چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياش بىر ئەۋلادنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جەسۇر قىياپىتىنى نامايان قىلدى. دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى تەبرىكلەندى، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى يېڭى سالاپىتىنى نامايان قىلدى. كەلكۈن-ھۆلچىلىك، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ئالدىدا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىدا ماڭدى، كۆپچىلىك ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. سانسىزلىغان ئەمگەكچى، قۇرغۇچى، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. مەن دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردىم، شەرەپ ئۇلارغا مەنسۇپ، شۇنداقلا ھەر بىر دادىل، مەسئۇلىيەتچان كۈرەش قىلغۇچىغا مەنسۇپ.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، ئاسىيا − تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپ سورۇنلىرىدا جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشتۇق.

بىز يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، جۇمھۇرىيىتىمىزدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن نەزەر سالدۇق. 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئىزچىل ئىلگىرىلىدۇق، «جۇڭگو» دېگەن خەت «خېزۇن جامى»نىڭ تەكتىگە ئويۇلغان، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر بىر خۇاشيا پەرزەنتىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىغان. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇرغىسى چېلىندى. بىز ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر دولقۇنىغا ئەگىشىپ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇقەررەر ھالدا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش داۋامىدا تېخىمۇ كەڭ مەنزىل ئاچىدۇ.

2025-يىلى، بىز «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئومۇميۈزلۈك تاماملايمىز. تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىشىمىز كېرەك. ھازىر، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى بەزى يېڭى ئەھۋاللارغا دۇچ كەلدى، تاشقى مۇھىت ئېنىقسىز بولۇش خىرىسى بار، كونا-يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىش بېسىمى بار، لېكىن بۇلارنى تىرىشىش ئارقىلىق يەڭگىلى بولىدۇ. بىز ئەزەلدىن بوران-چاپقۇنلاردا چېنىقىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا زورايغان، كۆپچىلىك تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

ئائىلە ئىشلىرى، دۆلەت ئىشلىرى، جاھاننىڭ ئىشلىرىدا، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. ھەممە ئائىلە بالىلارنىڭ ياخشى تەربىيەگە ئېرىشىشىنى، ياشانغانلارنىڭ ياخشى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىنى، ياشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئاددىي ئارزۇ-ئىستەكلەر دەل گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشتۇر. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىجىل تۈردە ئىناق، سىغدۇرۇشچان كەيپىيات يارىتىپ، پۇقرالارنىڭ يېنىدىكى چوڭ ئىش، ئۇششاق ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تەبەسسۇمىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشىمىز، قەلبىنى تېخىمۇ ئىللىتىشىمىز كېرەك.

ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىگە 25 يىل بولغان پەيتتە، مەن يەنە بىر قېتىم خاۋجياڭ دەرياسى بويىغا باردىم، يېڭى تەرەققىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەر كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. بىز «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرى، ھېچكىممۇ بىزنىڭ قان-قېرىنداشلىق مېھرىمىزنى ئۈزۈۋېتەلمەيدۇ، ھېچكىممۇ ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ!

دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ قورساق بولۇپ ئارازلىق ۋە توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىزگە، چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، دوستانە ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇپ، دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

ئارزۇ گەرچە يىراق بىلىنسىمۇ، ئىنتىلسەكلا چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز؛ مەنزىلگە يېتىش مۈشكۈل بولسىمۇ، قەتئىي داۋاملاشتۇرساقلا چوقۇم يېتەلەيمىز. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ھەر بىر ئادەم باش رولچى، ھەر بىر ئۈلۈش ئەجىر ناھايىتى قىممەتلىك، ھەربىر دەستە نۇر يارقىن چاقنايدۇ. تاغ-دەريالار گۈزەل تۈسكە كىردى، يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان چىراغ ھەممە ئائىلىنى يورۇتتى. بىز تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋالايلى. ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر ۋاقىت تىنچ-ئامان بولۇشى، ھەر بىر يىلىنىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشى، گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن! كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا، شاد- خۇراملىققا چۆمۈشىگە، مەڭگۈ خاتىرجەم ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن!



مەنبە: ئانار بۇلۇت


ىنجاڭ گېزىتى


·تەۋسىيە·



ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلار بىرتەرەپ قىلىندى

 نى بېسىپ كۆرۈڭ«阅读原文» ئاستىدىكى 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章