شۇ جاي ۋاقتى 3-يانۋار ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى سەھەردە يەمەندىن ئىسرائىلىيەگە قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇۋالغان، توسۇلغان بىر قىسىم پارچىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مودىيىن رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن، ھازىر ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئالاقىدار كونكرېت ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
ئىسرائىلىيە جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى «قىزىل داۋىد قالقىنى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر، تەخمىنەن 10 ئىسرائىلىيەلىك ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە قېچىپ بېرىپ يىقىلىپ يارىلانغاندىن باشقا، باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش دوكلاتى تېخى تاپشۇرۇۋېلىنمىغان. باش ئىستانسا مۇخبىرى جاۋ بىڭ
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى