يېڭى يىلغا كىردۇق يېڭىچە، قېلىن قار ياغىدۇ نەچچە كۈنگىچە

文摘   2024-12-31 21:28   新疆  

يېڭى يىلغا كىردۇق يېڭىچە، قېلىن قار ياغىدۇ نەچچە كۈنگىچە

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە (2024-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە) پۈتۈن شىنجاڭدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى جانلىنىپ، ئۈچ قېتىملىق ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، لېكىن كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاجىز بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى يىل مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە روشەن سوغۇق ھاۋا ھەرىكىتى بولمايدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكىدىن سەل يۇقىرى بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكىدىن سەل تۆۋەن بولىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مېتىئورولوگىيە ئىستانسىسى بۇ ھەپتە تاغلىق رايونلاردا ئالاھىدە قېلىن قار يېغىپ، بوران ئېغىزىدا شامال كۈچى كۈچىيىپ، بورانلىق قار ۋە تۇمان قاتارلىق پاسسىپ ھاۋارايىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈپ، قاتناش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، ساياھەتچىلىك قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى.

يېڭى يىل مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالى، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ غەربى قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قىسمىدا ئازراق قار ياغىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال قار يېغىپ قېلىن قارغا ئۆزگىرىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 9-8 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ.

1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال قار يېغىپ قېلىن قارغا ئۆزگىرىدۇ، قىسمەن جايلاردا ناھايىتى قېلىن قار ياغىدۇ؛ شامال ئېغىزىدا 11 بالدىن 12 بالغىچە شامال چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا بورانلىق قار ياغىدۇ.

1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىدە ئازراق قار ياغىدۇ، قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال قار يېغىپ قېلىن قارغا ئۆزگىرىدۇ، قىسمەن جايلاردا ناھايىتى قېلىن قار ياغىدۇ.

12-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى قاردا قاتناشقا قوماندانلىق قىلماقتا.

ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ۋە 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلار ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئارىلاپ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ ياكى قار ياغىدۇ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىققاندا بىخەتەرلىككە، ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، سوغۇقتىن ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، نەپەس سىستېمىسى ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ھەزەر ئەيلىشىنى ئەسكەرتىمىز.





مەزمۇن «شىنجاڭ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات




ھەمبەھىرلىنىڭ

تەۋسىيەلەر


01

ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا پىسخىك ھالىتىنى قانداق تەڭشىشى كېرەك

02

ئەتلەستىن تىكتىم ئەستەر، ھەممىدىن ياخشىسى قەشقەر

03

ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇماي قوشۇمچە ھەققى يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ


ئاستىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章