شىنجاڭلىقلار دىققەت! 2000 يۈەندىن ئاشمىغان تولۇقلىما بېرىلىدۇ

时事   2024-11-15 15:30   北京  

شىنجاڭدا ئۆي جاھازىلىرى، ئاشخانا-تازىلىق ئەسلىھەلىرى يېڭىلىنىدۇ

تولۇقلىما بېرىلىدىغان تاۋارلار تۈرىدىن يەنە 26سى كۆپەيتىلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە: ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يېقىندا «ئۆي جاھازىلىرى، ئاشخانا-تازىلىق ئەسلىھەلىرى تولۇقلىمىسى تۈرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، ئۆي جاھازىلىرى، ئاشخانا-تازىلىق ئەسلىھەلىرى تولۇقلىما تۈرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، 15 تۈردىكى ئۆي جاھازىلىرى تاۋارلىرى، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان 11 تۈردىكى تاۋارنى كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مۇناسىپ تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى.

بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئۆي جاھازىلىرى تاۋارلىرى: پرويېكتور، قەھۋە دەملىگۈچ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىچىملىك سۇدان، تاماق ئېتىش ماشىنىسى (ئەقلىي ئىقتىدارلىق قورۇما قورۇش ماشىنىسى، پۇرچاق سۈتى چىقىرىش ماشىنىسى، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىش ماشىنىسى، مېۋە سىقىش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاشپەزلىك ماشىنىسى (خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى، ساندۋىچ ماشىنىسى، ناشتىلىق ماشىنىسى، گۆش چاناش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دېزىنفېكسىيە ئىشكاپى، چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ، ھاۋا تازىلىغۇچ، توك دوخوپكىسى، توك قازان، يۇقىرى بېسىملىق قازان، توكلۇق ئىسسىتقۇچ (ئىسسىق شامال چىقارغۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، چىراق، تام قەغىزى (تام رەختىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىيىم يېيىش جازىسى.

يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئۆي جاھازلىرى ۋە ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان تاۋارلار: ئېلېكتىرلىك چاقلىق ئورۇندۇق (ئېلېكتىرلىك ماڭىدىغان چاقلىق ئورۇندۇق، ئېلېكتىرلىك پەلەمپەيگە چىقىدىغان چاقلىق ئورۇندۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، نەپەسلەندۈرگۈچ (ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يىقىلىپ چۈشۈشنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ئەسۋابى، نەپەسلىنىش-يۈرەك رىتىمىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى، بەدەننى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئەسۋابى، كارىۋاتتا ياتىدىغانلارنىڭ تەرەت قىلىشىنى پەرۋىش قىلىش ئۈسكۈنىسى، ئاۋدىفون، قان بېسىمىنى ئۆلچىگۈچ، قان شېكىرىنى ئۆلچىگۈچ، قاندىكى ئوكسىگېننى ئۆلچىگۈچ، نازارەت قىلىپ ئۆلچەش قول سائىتى قاتارلىق 11 تۈردىكى ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان تاۋارلار.

تولۇقلىما ئۆلچىمى جەھەتتە، شەخسىي ئىستىمالچىلار بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى تولۇقلىما دائىرىسىدىكى ئۆي جاھازلىرى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرى، ئۆي جاھازلىرى تۈرى ۋە ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان تاۋارلارنى سېتىۋالسا، ھەر بىر تاۋارنىڭ سېتىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ. ھەر بىر ئىستىمالچى بۇ ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن تاۋارلارنى سېتىۋالسا، ھەربىر چوڭ تۈردىكى ھەربىر تۈرلۈك تاۋاردىن بىرىگە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ھەربىر تاۋارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما سوممىسى 2000 يۈەندىن ئاشمايدۇ (2000 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2024-يىلى ئۆي جاھازىلىرى، ئاشخانا-تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاشنى قوللاش بويىچە تولۇقلىما بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» ھۆججىتىدە يېزىلغان 23 تۈردىكى ئۆي جاھازلىرى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازلىرى تۈرى ۋە ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان تاۋارلارغا قارىتا، مەزكۇر ھۆججەت ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ تولۇقلىما ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، ئوخشاشلا ھەربىر تاۋارنىڭ سېتىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.


       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章