“好好吃饭的人,都不简单!”
«تاماقنى ئوبدان يەيدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاددىي ئەمەس!»
ღ ღ ღ
《礼记》里说,饮食男女,人之大欲存焉。
«يوسۇننامە»دە يېمەك-ئىچمەك ۋە جىنسىيەتكە بولغان ئىستەكنىڭ ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىستىكى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
关于吃,并非我们所认为的柴米油盐,这里面,其实还大有学问。
بۇ يەردىكى يېيىش بىز ئويلىغان ئادەتتىكى ئوزۇقلىنىشنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە چوڭقۇر بىلىم يوشۇرۇنغان.
看一个人如何吃饭,就能大致看出他的生活方式和品质,甚至是为人的修养,处事的状态,以及其中所浸透的人生价值观。
بىر ئادەمنىڭ تاماق يېيىشىگە قاراپلا ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىنى، ھەتتا باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندىكى ساپا، ئىش بېجىرىش ھالىتى، شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن كىشىلىك تۇرمۇش قىممەت قارىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ღ ღ ღ
曾经的你,是不是这样的:经常饱一顿饿一顿,想吃时才吃,不想吃时就不吃,甚至拿自己的身体跟不开心的人和事赌气。
ئىلگىرى سىز دائىم بىر ۋاق تاماقنى ئوبدان يېسىڭىز، يەنە بىر ۋاقتا ئاچ يۈرىدىغان، قورسىقىڭىز ئاچقاندا يەپ، ئاچمىسا يېمەيدىغان، ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىنى دەسمايە قىلىپ، خاپا يۈرگەن ئادەم ۋە دوقال تۇرۇۋالغان ئىشلارغا قېيدايدىغان ئادەممىتىڭىز؟
而现在的你,却是这样的:还没到饭点,就张罗着待会儿吃什么。有时不饿,但也会勉强自己多少也要吃点。
بىراق، سىز ھازىر مۇنداق: تېخى تاماق ۋاقتى بولماي تۇرۇپلا سەل تۇرۇپ نېمە يېيىشنىڭ غېمىگە چۈشىسىز. بەزىدە قورسىقىڭىز ئاچمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىڭىزنى زورلاپ تۇرۇپ ئاز-تولا بىر نەرسە يەيسىز.
因为面对艰难的工作,繁重的任务,巨大的压力,你唯有好好吃饭,才能打起十二分的精神,精力充沛地去做事。
چۈنكى، قىيىن خىزمەت، ئېغىر ۋەزىپە، غايەت زور بېسىمغا يۈزلىنىش ئۈچۈن سىز پەقەت ئوبدانراق تاماق يېگەندە ئاندىن روھلىنىپ، ئىشلارنى جۇشقۇن كەيپىياتتا قىلالايسىز.
而这样的转变,表面上,是你开始注重自己的身体,开始爱惜自己,懂得了照顾自己。更深层次来说,这是成熟的一种体现。
بۇ خىل ئۆزگىرىش يۈزەكى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىش، ئۆزىڭىزنى سۆيۈش، ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى بىلىشكە باشلىغانلىقىڭىزدۇر.
因为你身上的担子,越来越重,你的责任,越来越大,你再也不敢任性,不敢放肆,不敢透支身体。
چۈنكى، سىزنىڭ زىممىڭىزدىكى يۈك بارغانسېرى ئېغىرلايدۇ، مەسئۇلىيىتىڭىز بارغانسېرى چوڭىيىدۇ، بوينى قاتتىقلىق، بىشەملىك قىلىشقا، سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلمەسلىككە جۈرئەت قىلالمايسىز.
你还要依靠它,努力工作,努力生活,努力去撑起你必须要撑起的天。
سىز يەنە ئۇنىڭغا تايىنىپ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىڭىز، تىرىشىپ ياشىشىڭىز، كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك يۈكنى تىرىشىپ كۆتۈرۈشىڭىز كېرەك.
还记得在《许三观卖血记》里,许三观每次抽完400毫升的血,都会奢侈地去胜利饭店,吃一盘热气腾腾的炒猪肝,二两刚好温热的黄酒。然后立马恢复了元气,又继续像个正常人一样,可劲地去挣钱养家。
ئېسىمدە قېلىشىچە، «شۈ سەنگۈەننىڭ قېنىنى سېتىش خاتىرىسى»دە شۈ سەنگۈەن ھەر قېتىم 400 مىللىلېتىر قان بېرىپ بولغاندىن كېيىن، راھەت-پاراغەتنى كۆزلەپ غالىبىيەت ئاشخانىسىغا بېرىپ، ھورى ئۆرلەپ تۇرغان بىر تەخسە چوشقا جىگىرى يەيدىكەن، جايىدا ئىللىتىلغان سېرىق ھاراقتىن ئىككى سەر ئىچىۋالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھاياتىي كۈچى دەرھال ئەسلىگە كېلىپ، نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش تىرىشىپ پۇل تېپىپ، ئائىلىسىنى باقىدىكەن.
有个成语叫做“身不由己”,是说,一个人的行为不由自己做主,当然也可以解释为:
«ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولالماسلىق» دېگەن تۇراقلىق ئىبارىنىڭ مەنىسى شۇكى، بىر ئادەم ئىش-ھەرىكىتىگە ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلالمايدۇ. بۇنى يەنە مۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇ:
一个成年人的身体,并非仅仅属于他自己,更多时候,是属于事业,家庭,以及需要照料的老人和孩子。
قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ بەدىنى يالغۇز ئۇنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە بولماستىن، كۆپ ۋاقىتلاردا كەسپى، ئائىلىسى، شۇنداقلا يەنە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىشقا موھتاج قېرى-چۈرىلەر ۋە بالىلارغىمۇ تەۋە بولىدۇ.
不吃饭,是一种高调的任性。但好好吃饭,却是一种低调的承担。
تاماق يېمەسلىك بىر خىل پوچىلىق بىلەن قىلىنغان بوينى قاتتىقلىق. بىراق، تاماقنى ئوبدان يېيىش بىر خىل ئاددىي ھالەتتىكى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتۇر.
ღ ღ ღ
有一位学僧曾问禅师:“和尚最近怎么用功?”
راھىبلىقنى ئۆگىنىۋاتقان بىرەيلەن چەن مەزھىبىنىڭ راھىبىدىن: «راھىب يېقىندىن بۇيان قانداقراق تىرىشىۋاتىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
禅师答:“饥来吃饭困来眠。”
چەن مەزھىبىنىڭ راھىبى: «تاماق پىشسا تاماق يەيدۇ، ئۇيقۇسى كەلسە ئۇخلايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
学僧不解又问,“平常人不也吃饭睡觉?这也叫修行吗?”
راھىب بۇنى چۈشەنمەي، يەنە: «ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ تاماق يەپ، ئارام ئالىدىغۇ؟ بۇمۇ ئىستىقامەت بىلەن شۇغۇللىنىش دېيىلەمدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
禅师又答:“平常人吃饭时千般计较,不肯乖乖吃饭;睡觉时百般思索,不肯乖乖睡觉。”
چەن مەزھىبىنىڭ راھىبى: «ئادەتتىكى ئادەملەر تاماق يېگەندە بەك كۆپ نەرسىگە ئېتىبار بەرگەنلىكتىن، ياۋاشلىق بىلەن تاماق يېگىلى ئۇنىمايدۇ؛ ئۇخلىغاندا ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ، ياۋاشلىق بىلەن ئۇخلىمايدۇ» دەپتۇ.
你是否有这样的感受,如今很多人,无论是吃饭,还是做事,总是心不在焉,无法在当下真正做到专注。
سىزدىمۇ مۇشۇنداق تۇيغۇ بارمۇ؟ ھازىر نۇرغۇن ئادەم مەيلى تاماق يېسۇن، مەيلى بىرەر ئىش قىلسۇن، كۆڭلى ھامان بىر يەردە ئەمەس، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىغا پۈتۈن زېھنىنى بېرىشكە ئامالسىز.
比如即便在进餐时,你的心里,还装满了那些没有做成的事,已经离开的人,算不清的账目,挽不回的损失等。
مەسىلەن، سىز تاماق يەۋاتقان بولسىڭىزمۇ كاللىڭىزغا قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىڭىز، بۇرۇنلا ئايرىلىپ كەتكەن كىشىلەر، ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدىغان ھېسابات، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان قاتارلىقلار لىق تولغان بولىدۇ.
其实人生不如意之事,十之八九。如果一个人,总是无法及时从中跳脱出来,就会活得特别累。
ئەمەلىيەتتە، ھاياتتا ئىشلارنىڭ %90-%80ى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. ناۋادا، ئادەم بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىپ چىقىرالمىسا، ياشاش جەريانىدا بەكلا چارچاپ كېتىدۇ.
而真正智慧的人,懂得人生的每一步,哪怕是吃饭这等看起来无关轻重的小事,也值得用心对待。
ھەقىقىي پاراسەتلىك ئادەملەر ھاياتنىڭ ھەربىر قەدىمى، ھەتتاكى تاماق يېيىشتىن ئىبارەت ئانچە زۆرۈر بولمىغان بۇ كىچىك ئىشنى كۆڭلىدىن چىقىرىپ مۇئامىلە قىلىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ قارايدۇ.
有的人,遇到点麻烦和困难,就寝食难安。而有的人,即便面对疾风骤雨,也能风平浪静地安心吃下一日三餐。
بەزىلەر ئاۋارىچىلىق ۋە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، تاماق يېيىش ۋە ئارام ئېلىشتا قىينىلىدۇ. بىراق، يەنە بەزىلەر قاتتىق بوران-چاپقۇنلۇق يامغۇز يېغىۋاتسىمۇ، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنى جىمجىت ئولتۇرۇپ يېيەلەيدۇ.
有太多时刻,我们拿不起、放不下、忘不掉,把太多烦恼、忧愁、不如意放在心中,纠缠不清、无法挣脱、庸人自扰。
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز ئېرىشەلمەيمىز، ۋاز كېچەلمەيمىز، نۇرغۇن باش ئاغرىقى، غەم-قايغۇلار، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى قەلبىمىزدە ساقلاپ، ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ چىقمايمىز، قۇتۇلۇشقا ئامال قىلالمايمىز، چاكىنىلارچە ئۆزىمىزگە تەمەننا قويىمىز.
但一个人,如果能在面对大事时,还可以镇定自若地好好吃饭,证明他有过人的能力。如果遇事就焦躁,通常走得也不会太远。
ناۋادا، بىر ئادەم چوڭ ئىشلارغا يولۇققاندىمۇ، يەنىلا تەمكىن ئولتۇرۇپ ئوبدان تاماق يېيەلىسە، ئۇنىڭ باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان ئىقتىدارى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ناۋادا، بىر ئىشقا يولۇقسىلا سەۋر قىلالمىسا، ئادەتتە ئانچە يىراققا بارالمايدۇ.
ღ ღ ღ
سۇ دوڭپونى ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى سەۋەبلىكمۇ ئىزچىل ياقتۇرۇپ كەلدىم.
ئۇنىڭ ئەدەبىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما مەنسەپ تۇتۇش يولى تولىمۇ ئەگرى-توقاي بولغان، كۆپ قېتىم پالانغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەم بولۇش خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىگەن ئىدى.
ئۇ يۈەنفېڭنىڭ ئۈچىنچى يىلى خۇاڭجۇغا پالاندى. ئەينى چاغدا ئۇ يەرنىڭ كىلىماتى ناچار، شارائىتى ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما «خۇاڭجۇغا تۇنجى قېتىم بېرىش»نى يېزىپ چىققان.
گەرچە، پېشانىسى كۆپ قېتىم تەتۈر كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان، ساداقەتمەنلىك جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان قىزغىن مۇھەببىتىگە تەسىر يەتكۈزەلمىگەن.
在现实生活中,许多人如果遇到不顺心的事,即便可以强迫自己简单吃几口,也没有心思去体味饭菜的真滋味,甚至把香甜的东西,也吃出酸苦的味道。
رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەم كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا، گەرچە ئۆزىنى ئاددىي تاماقتىن بىر نەچچە كاپام يەۋېلىشقا مەجبۇرلىيالىسىمۇ، ئەمما تاماقنىڭ ھەقىقىي تەمىنى تېتىيالىغۇدەك ھەپسىلىسى بولمايدۇ، ھەتتا تاتلىق يېمەكلىكمۇ ئاچچىق تېتىيدۇ.
环境我们是无法去改变的,但是我们以怎样的心态去面对,却是自己可以掌握的。
بىز مۇھىتنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز. بىراق، ئۇنىڭغا قانداق روھىي ھالەتتە يۈزلىنىشنى ئۆزىمىز كونترول قىلالايمىز.
人一旦放宽心,世界也就宽了。一旦想得开,路子也就开了。一旦拥有海一般的度量,自然就能做到波澜不惊。
ئادەم كەڭ قورساق بولسا، دۇنيامۇ كېڭىيىدۇ. ئىشلار كاللىدىن ئۆتسە، يوللارمۇ ئېچىلىدۇ. كۆڭلى-كۆكسىمىز دېڭىزغا ئوخشاش كەڭ بولغاندا، تەبىئىيلا چىققان دولقۇنلاردىن ھەيران قالمايمىز.
重要的从来不是我们有着怎样的境遇,而是我们是否有一颗豁达的心,去包容,去消解,去接纳这一切不完美。
مۇھىمى بىزنىڭ قانداق شارائىتقا ئېرىشىشىمىز بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ مەرد قەلبىمىز بولغانلىقى، كەڭ قورساق بولالىشىمىز، يوقىتالىشىمىز، مۇشۇنداق بارلىق مۇكەممەلسىزلىكلەرنى قوبۇل قىلالىشىمىزدۇر.
ღ ღ ღ
其实人这一生,无论贫穷还是富裕,都会经历许多苦和难。
ئەمەلىيەتتە، ئادەم بۇ ھاياتتا مەيلى نامرات بولسۇن، مەيلى باي بولسۇن، ھامان نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ.
也许如今的你,还不足以应付这一切,但只要不断学习,进步和提升,我们终将成为更好的自己。
ناۋادا، بۈگۈنكى سىزنىڭ بۇلارغا تاقابىل تۇرغۇدەك ماجالىڭىز بولمىسا، توختىماي ئۆگىنىش، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاخىرىدا تېخىمۇ ياخشى ئۆزىڭىزگە ئايلىنالايسىز.
所以不必急躁,也不必慌张,更不必惴惴不安。
شۇڭا، ئالدىراقسانلىق قىلىشىڭىز، ھودۇقۇشىڭىز، تەشۋىشلىنىشىڭىز ھاجەتسىز.
饭要一口一口吃,路要一步一步走,耐心一点, 沉着一点,平和一点,你总要相信,没有什么,是过不去的坎。
تاماقنى بىر كاپام، بىر كاپامدىن، يولنى بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ماڭىمىز، سەۋرچانراق، ئېغىر بېسىقراق، مۇلايىمراق بولسىڭىز، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، يەڭگىلى بولمايدىغان ھېچقانداق قىيىنچىلىق بولمايدۇ.
好好吃饭,好好过日子,好好去感受这美好的一生!
تاماقنى ئوبدان يەڭ، كۈنلىرىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ، بۇ گۈزەل ھاياتتىن قانغۇدەك ھوزۇرلىنىڭ!
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: تۇغقاندارچىلىق مېھرىمىز سۇسلاپ قالمىسۇن
◇ خەيرلىك كەچ: بۇ تەپسىلاتلاردىن بىر ئادەمنى چۈشىنىشكە بولىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئۆزى قالتىس تالانتتۇر
◇ خەيرلىك كەچ: ئاقكۆڭۈل ئادەم چوقۇم بەختلىك بولىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: بىر كېچىدىلا بىر ئائىلىنىڭ «تۈۋرۈكى» بولۇپ قالىسىز
◇ خەيرلىك كەچ: نامرات يىگىتكە ياتلىق بولغان قىز ساۋاقدىشىم
◇ خەيرلىك كەچ: ئورۇقلىغاندىن كېيىن، خامۇشلۇق كېسىلىمدىن ساقايدىم
◇ خەيرلىك كەچ: بىر ئادەمدىن بىزار بولۇشنىڭ تەننەرخى بەك قىممەت
◇ خەيرلىك كەچ: بارلىق تىرىشچانلىقلىرىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈندۇر
◇ بەكلا يېقىنلىشىپ كېتىش ئاپەتكە ئايلىنىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئۆزىڭىزگە تەلەپنى يۇقىرىراق قويۇڭ
◇ خەيرلىك كەچ: ھېچكىم تۇغما خۇش پېئىل ئەمەس
◇ يالغۇزلۇق قىزلارنى مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ