جىنايەتچىلەرنى چۆچۈتۈپ مۇقىملىقنى قوغداش لازىم

时事   2024-11-21 18:03   北京  

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: تەپتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا جىنايەتچىلەرنى چۆچۈتۈپ مۇقىملىقنى قوغداش لازىم

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى يىغىن ئېچىپ، تۈرلۈك تەپتىش فۇنكىسيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زور يامان خاراكتېرلىك جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق، تېز جازالاپ، جىنايەتچىلەرنى كۈچلۈك قورقۇتۇپ، كىشىلەر قەلبىنى خاتىرجەم قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: جىنايى ئىشلاردا كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جىنايەتچىلەرنى جازالاش بىلەن جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، قانۇن بويىچە قاتتىق بولۇش بىلەن قانۇن بويىچە كەڭچىللىك قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېغىر يامان خاراكتېرلىك جىنايەت، ئەسەبىي جىنايەت، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتلەرگە قارىتا قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، قەتئىي قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ، قاتتىق، تېز جازالاپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى ئۈنۈملۈك چۆچۈتۈش كېرەك. دېلو بېجىرىش ئارقىلىق خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش — تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە مەجبۇرىيىتى. قەتئىي قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشنىڭ ئۆزى زىددىيەت، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغانلىق ۋە ھەل قىلغانلىقتۇر. «ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى بېجىرىش»نى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ھەم قەتئىي قانۇن بويىچە ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈشتە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەپتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە چەكلىمە قويۇش، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەپتىش ھوقۇقىنىڭ قاتتىق، قېلىپلاشقان يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەم قانۇننى نازارەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۆلچەملىك بولماسلىق، نازارەت قىلىش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېڭى خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، دېلو بېجىرىش جەريانىدا زىددىيەت، ماجرالارنى ماھىيەتلىك ھەل قىلىش ئىدىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، تەپتىش قىلىش، دېلو بېجىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلاردا زىددىيەت، ماجرالارنى قانۇنچىل، ماھىيەتلىك ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زىددىيەت، ماجرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى رېئال خەۋپكە ئايلاندۇرۇش، رېئال خەۋپنى رېئال زىيانكەشلىكككە ئايلاندۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەكتەپ بىخەتەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن، مەكتەپ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتلەرگە قارىتا «قەتئىي يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئەتراپىدىكى خېيىم-خەتەرلەرنى تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

 

       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章