جەمئىي 2.7 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئەمگەك ھەققى تارقىتىلىدۇ

时事   2024-11-21 18:03   北京  

2-تۈركۈمدىكى 2025-يىللىق ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش بويىچە مەركەزنىڭ مەخسۇس سېلىنمىسىدىن جەمئىي 9 مىليارد 50 مىليون يۈەن مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى چاۋ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش سىياسىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مالىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە 2-تۈركۈمدىكى 2025-يىللىق ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش بويىچە مەركەزنىڭ جەمئىي 9 مىليارد 50 مىليون يۈەن مەخسۇس سېلىنمىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش تۈرىدىن 2000 دىن ئارتۇقنى يولغا قويۇشىنى قوللىدى.

دۆلەت تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى يەرلىكنىڭ تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن تۈردە تېز سۈرئەتتە ئىش باشلىنىپ، ئاممىنىڭ ئەمگەك ھەققىنى تېزدىن ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەر، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ناھىيەلەر، قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىنىڭ بىرقەدەر ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا نۇقتىلىق مايىللىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ئوبيېكتى، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا ئالدىن تەشكىللەپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى باشقۇرۇش، ئاسراش ئىش ئورنىنى ئېچىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەبلەغنى نۇقتىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش تۈرلىرىگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەمگەك ماھارىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ۋە 2024-يىلى ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش ئارقىلىق جەمئىي ئىشقا ئورۇنلاشقان تۆۋەن كىرىملىك ئامما 5 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، جەمئىي 66 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئەمگەك ھەققى تارقىتىلغان. دەسلەپكى مۆلچەردە كۆرسىتىلىشىچە، مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش مەخسۇس تۈرىدە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىنىدىغان بولۇپ، 2 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئەمگەك ھەققى تارقىتىش پىلانلانغان؛ ئەگەر نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش، ئىش ھەققى تارقىتىش كۆلىمى يەنە نەچچە ھەسسە ئاشىدىكەن. لى چاۋ كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يەرلىككە ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇ تۈركۈمدە مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش تۈرلىرىدە چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇش باشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەمچى ئاممىنىڭ ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章