مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز36-قىسىم - مېنى نېمە چاغلاپ قالدىڭىز؟

文摘   小说   2024-07-28 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 50-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

36-قىسىم

 

36-قىسىم مېنى نېمە چاغلاپ قالدىڭىز؟


 ئۇنداقتا ياخشى بولدى. - دېدى دىليار كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ  

-  مەربىيە، ئەمىسە  زىلالەنى سىزگە تاپشۇراي، بىر ئۇستازنىڭ شاگىرتلىرى ئىكەنسىلەر، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ، - دېدى. 

- خاتىرجەم بولۇڭ، ئۆمەك باشلىقى. - دېدى مەربىيە كەسكىنلىك بىلەن ماقۇل بولۇپ، -  ھەمساۋاق سىڭلىمغا ئوبدان كۆڭۈل بۆلىمەن! - دېدى. 

دىليار قاتارلىقلار بىرنەچچەيلەن كېتىپ قالدى، مەربىيەمۇ چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى يىغىشتۇرۇپ:

- زىلالە، مەنمۇ سىزگە بىر بېلەت تاشلىدىم، رەھمەت ئېيتىپ قويمامسىز، - دېدى.

- كۆرۈشمىگىلى نەچچە يىل بولدى، سىزنىڭ ئىككى يۈزمىچىلىك  ماھارىتىڭىز تېخىمۇ كامالەتكە يېتىپتۇ، - دېدى زىلالە. 

زىلالەنىڭ تىللىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مەربىيە مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويۇپ:

- بولدى،  ئالدىمدا  كاتتا ئائىلىنىڭ چوڭ خانقىزىلىق كىبىرىڭىزنى كۆرسىتىپ بەرمەڭ، مېنى ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنى بىلمەيدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟  - دېدى مەربىيە قولىنى قوۋۇشتۇرۇپ، نېمىنى دېيىشىنى خالىمىسا، شۇنى ئاشكارىلاپ، - دادىڭىزغۇ كېسەل كارىۋىتىدا يېرىم جان بولۇپ يېتىپتۇ، لېكىن  ئاكىڭىزدەك داڭلىق ئارخىتېكتور تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ناچار مۇھىتقا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟  - دېدى.

زىلالە چىرايىنى ئۆزگەرتمەي:

 - ئۆيۈمنىڭ ئىشىدىن ئارتۇقچە غەم قىلماڭ. - دېدى. 

ـ  شۇنداقمۇ؟   ئۇنداقتا... قەيسەرچۇ؟ - دېدى مەربىيە.

زىلالەغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ:

- سىز چوقۇم بىلمەيسىز، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىز ئىزچىل بىللە، جۈملىدىن.... سىلەر توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ھېلىقى كۈنى كەچتىمۇ.  - دېدى.

بۇ بىر ئېغىز گەپ ئاخىرى زىلالەغا تەسىر قىلدى.

خاپا بولمىدى، بەلكى تاسادىپىيلىق ھېس قىلدى.

ئۇ قەيسەرنىڭ سىرتتا تېپىۋالغان ئادىمى بارلىقىنى ئويلاپ باققان، ئەمما مەربىيە ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئويلىمىغانىدى.

 زىلالەنى ھەسەت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان مەربىيە مەمنۇنلۇق بىلەن ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ:

- قەيسەر سىزنى قوغلاشتى، لېكىن  بۇ  كاتتا ئائىلىنىڭ چوڭ خانقىزى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن خالاس، ئۇ ھازىر سىزگە قاراپمۇ قويمىغاندۇ؟  - دېدى.

- سىزچۇ؟ - دېدى زىلالە يان تەرەپكە قارىۋېتىپ، -  راستتىنلا  باي ئائىلىگە ياتلىق بولىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟  - دېدى .

- ھىم! -  دېدى مەربىيە دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ،  ـ قەيسەرنىڭ كۆڭلىنى تۇتالمىغانلىقىڭىز،  مېنىڭمۇ قىلالمايدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.  - دېدى.

ـ  شۇنداقمۇ؟ - دېدى  زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ، - ئۇ سىزنى شۇنداق ياخشى كۆرگەندىكىن،  تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۈيئوغلى بولماقچى بولغان ئىشنى  ئېيتىپ بەرگەندۇ؟  - دېدى. 

بۇ قېتىم مەربىيەنىڭ چىرايى قارىداپ:

ـ  نېمە دېدىڭىز؟  - دېدى.

زىلالە يېنىك كۈلۈپ قويدى.

 قەيسەرنىڭ مەربىيەگە چىن كۆڭلىدىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ بولغانىدى.

ئۇنىڭدەك يۇقىرىغا يامىشىشنىلا ئويلايدىغان ئادەم، مەربىيەگە ئوخشاش، بىرىنچىدىن كەمبەغەل، ئىككىنچىدىن  ھوقۇقى يوق ئايال بىلەن توي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

- خەۋەر  كۆرسىڭىزلا بىلىپ قالىسىز، - دېدى زىلالە مەربىيەنى دوراپ، ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ،  - قارىغاندا، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بەك يۇقىرى چاغلاپ قاپسىز، ھەمساۋاق ئاچا!  - دېدى - دە  كەينىگە بۇرۇلۇپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ مۇزىكا زالىدىن چىقىپ كەتتى.

مەربىيە يانفونىنى ئېلىپ،ئىزدەپ باقتى.  .

دەرۋەقە،  زىياپەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆردى.

قەيسەر  تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يېنىدا ، مەغرۇر قىياپەتتە گۈزەلنۇرنىڭ بېلىنى چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى.

 ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقىدىنلا بىر قاراپلا مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.

ئۆمەرنى قوغلىشىش ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، مەربىيە زىلالەدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، قەستەن قەيسەرنى ئازدۇردى.

بۇ بىر نەچچە يىلدا، قەيسەر ئىزچىل ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى.

ئەسلىدە زىلالەنىڭ ئائىلىسى ۋەيران بولسا، قەيسەرنىڭ خانىمى بولالايمەن دەپ ئويلىغان.

ئويلىمىغان يەردىن، قەيسەر ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي، يەنە بىرى بىلەن تېپىشىۋاپتۇ.

-قەيسەر!  - مەربىيە يان تېلېفونىنى سومكىسىغا سېلىپ، مۇزىكا زالىدىن چىقىپ، ماشىنىنى ھەيدەپ قەيسەر ئۇنىڭغا ئىجارىگە ئەپ بەرگەن ئۆيگە قاراپ ماڭدى.

 قەيسەر كىرىسلۇدا ئولتۇرۇپ،   خەۋەر كۆرۈۋاتاتتى.

ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، تېلېفوننى بىر تەرەپكە تاشلىدى.

مەربىيەنى قوينىغا تارتىپ،  كىچىك سوۋغات قۇتىسىنى مەربىيەنىڭ پوپايكىسىنىڭ چوڭقۇر V ياقىسىغا تىقىپ:

- سىزنىڭ سوغىتىڭىز!  - دېدى.

ئۆرۈلۈپ مەربىيەنى كىرېسلوغا باستى،  قولى بىۋاسىتە كىيىمىنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇدى.

مەربىيە ئادەتتىكىگە ئوخشاش تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرمىدى.

ئەكسىچە ئۇنى ئىتتىرىپ، يان تېلېفون خەۋەر تور بېتىنى ئېچىپ:

-بۇ قانداق ئىش؟  - دەپ سورىدى.

قەيسەر يان تېلېفونغا سىنچىلاپ قارىدى، ئەمما  ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمىغان قىياپەتتە:

- نېمە ؟؟  - دېدى.

- سىز ۋە تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قىزى! - دېدى مەربىيە ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ،   -بۇرۇن سىزنىڭ زىلالە بىلەن بىللە بولۇشىڭىزنى، تيەننىڭ شىركىتى ئۈچۈن دەپ چۈشەنسەم.  ھازىر شىركەتنىمۇ قولغا چۈشۈرۈپ بولدىڭىز، نېمىشقا يەنە باشقىلار بىلەن قالايمىقان ئارىلىشىسىز . قەيسەر، سىز مېنى نېمە چاغلاپ قالدىڭىز؟  - دېدى.

بايا گۈزەلنۇر بىلەن بىللە بولغاندا، قارشى تەرەپنىڭ كاتتا كىشىنىڭ قىزىلىق سالاھىيىتى بولغاچقا،  ھەددىدىن ئاشالمىدى.

مەربىيەنى ئالايىتەن ئىزدەپ كېلىشىمۇ،  ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى.

مەربىيەنىڭ زىلالەنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ، زىلالە بىلەن جەسۇرنىڭ يېقىنچىلىق قىلغان ھالىتى يادىغا كېلىپ قالدى.

قەيسەرنىڭ ياخشى كەيپىياتى بىردىنلا يوققا چىقتى.

 مەربىيەنى كىرېسلوغا ئىتتىرىۋېتىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ بىر كاچات سېلىپ:

- ئۆزىڭىزنى نېمە چاغلاپ قالدىڭىز؟ مېنىڭكىنى يەپ، مېنىڭكىنى ئىچىپ، مەن بەرگەن ئۆيدە تۇرۇپ، مەن بەرگەن ماشىنىنى ھەيدىگەن ئادەم مەن باققان  ئىت، يا گەپ ئاڭلاڭ، يا كۆزۈمدىن يوقۇلۇڭ! - دېدى. 

 تاسمىسىنى يېشىپ، مەربىيەنىڭ چېچىدىن  تۇتۇپ ئالدىغا تارتتى.  كىيىمىنى يىرتىپ، تۈزۈت قىلماي بېسىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن ئاچچىقىنى چىقىرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تىللاپ:

- سىلەر ئاياللار ھەممىڭلار يارىماس... ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز... تېخى مېنى باشقۇرماقچىمۇ... سىز دېگەن مەن باققان ئىت ... پەسكەش قانچۇق... - دېدى.

مەربىيە ھەم ئازابلاندى، ھەم ھاقارەتلەندى، ئىككى قولى بىلەن كىرىسلۇنى چىڭ تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

قەيسەر ئۇنىڭ گەپ ئاڭلايدىغان، كارىۋاتتا ئېچىلىپ-يېيىلىپ ماسلىشىپ بېرىدىغان، سىرتتىكى ئاياللارغا قارىغاندا ئەرزان ھەم پاكىز تەرىپىنى ياخشى كۆرىدۇ.

 كەيپىياتى ياخشى چاغدا، مەربىيەنى بەزلەپ قويىدۇ.

مەربىيە پەقەت ئۇنىڭ بىردەملىك مۇلايىملىقىنى، قارشى تەرەپنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغانىدى.

بايىقى بىر تەستەك مەربىيەنى پۈتۈنلەي ئويغاتتى.

ئۇ ئاخىرى قەيسەرنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ زىلالەغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدى.

چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى نامدا ئاشىق-مەشۇقلاردىن ، ھەتتا خەلقىئالەمنىڭ ئالدىدا توي قىلىشقا  پۈتۈشكەن بىر جۈپلەر.

ئەمما ئۇچۇ؟! باشقىلارغا ئۇچۇق - ئاشكارا قىز دوستۇم دەپ تۇنۇشتۇرۇلمايدىغان، ئېھتىياجى چۈشسە كېلىدىغان، ئۇرغۇسى كەلسە ئۇرىدىغان ئاشنىسى.

بۇ بىر نەچچە يىلدا، مەربىيە ياخشى ئۆيدە تۇرۇشقا، ئېسىل ماشىنا ھەيدەشكە، قەيسەرنىڭ كارتىسىنى بەتخەجلىك بىلەن سۈرتۈشكە ئادەتلىنىپ قالدى، ھەر ئايلىق چىقىمى يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىگە تەڭ . 

ئەگەر  راستتىنلا غەيرەتكە كېلىپ قەيسەردىن ئايرىلسا،  ھېچنېمىسى قالمايدۇ.

ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتىدىكى خىزمىتىدىن تاپقان ئازغىنە كىرىمى ئۇنىڭ ھازىرقى ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدۇ.

ئۇ ئەمدى بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتالمايدۇ، بىرلىشىپ ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى مېترودا قىستىلىپ يۈرۈشنى خالىمايدۇ، نامراتلىقتا داڭلىق ماركىغا ئوخشىتىپ ياسالغان ماللارنى سېتىۋالغۇسى ئەسلا يوق.

ياتاق بىناسىدا، مەربىيە دەرد-ئەلەمگە ۋە خورلۇققا بەرداشلىق بېرىپ قاتتىق ئازابلاندى.

مەلۇم بىر ئاشخانىدا ئولتۇرغان زىلالە  مېۋە شەربىتى ئىستاكانىنى زۆھرەنىڭ ئىستاكانىغا تەگكۈزۈپ:

ـ  سىزنىڭ رەسمىي ھالدا ئادۋوكات بولغانلىقىڭىزنى،  كەلگۈسىدىكى ئالقىشلىق ئادۋوكات بولۇشىڭىز ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى باسقانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، - دېدى. 

زۆھرە بۈگۈن كەچتە ئۇنى پىراكتىكا ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسىنى ئوڭۇشلۇق ئالغانلىقىنى تەبرىكلەشكە چاقىرىغانىدى.

- رەھمەت!  - دېدى زۆھرە بىر يۇتۇم  ئىچىپ،   ئاخىرى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتىم، كەچتە سىرتقا چىقىپ ئويناپ كېلەيلى، جەسۇر قوشۇلماي قالماس؟ - دېدى. 

ئۇنىڭ جەسۇرنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ، زىلالەنىڭ كەيپىياتى سەل چۈشكۈن بولۇپ قالدى.

- نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى زۆھرە چىرايىغا گۇمان بىلەن قاراپ،  يۈز تۇرانە ئىمتىھان مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

-سەل چارچاپ قالدىم.  - دېدى زىلالە قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ،   سىز مېنى ئۇدا نەچچە كۈن مېھمان قىلدىڭىز، ئالدىن دەپ قوياي، بۈگۈن كەچتىكى تاماقنىڭ پۇلىنى مەن تۆلەيمەن! -  دېدى! 

زۆھرە زىلالەنىڭ تاماق يەتكۈزۈش ئىشىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى، شۇڭا پەرۋاسىزلا قولىنى پۇلاڭلىتىپ:

-قاچان ئۇدا مېھمان قىلدىم، بىز يەنە قاچانغىچە سېنىڭ مېنىڭ دەپ ئايرىپ ئولتۇرىمىز؟  - دېدى.

زىلالە ئەمدىلا گەپ قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا تېلېفونى تۇيۇقسىز تىترەپ كەتتى.

ئېكراندا  ناتونۇش تېلېفون كۆرۈندى، ئۇ گۇمانلانغان ھالدا تېلېفوننى ئالدى.

ـ  مەن تاماق يەتكۈزگۈچى، ئۆيىڭىزدە ئادەم يوقمۇ؟ - دېدى قارشى تەرەپ. 

زىلالە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ:

 ـ خاتالىشىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ - دېدى. 

  خۇاتىڭ A بىنا 3901 - ئۆي، زاكاز قىلغۇچىنىڭ ئىسمى زىلالە...  سىزنىڭ ئۆيىڭىز ئەمەسمۇ؟  - دېدى قارشى تەرەپ.

زۆھرە ھازىر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا  تاماق يەۋاتىدۇ، ئۆيىنىڭ ئادرېسىغا تاماق بۇيرۇتۇپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس.

زۆھرە بولمىسا ، ئۇنداقتا بىر نەچچە كۈندىن ياقى زادى كىم سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇپ بېرىۋاتىدۇ.

زىلالەنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ كەتتى.

ئەجەبا ... جەسۇرمۇ؟ !





 






 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章