كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
22 | 21 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
23 -قىسىم
23-قىسىم ئۈچىنچى شەخس بولۇش ئەڭ نومۇسسىزلىق! (1)
كارۋاتتىكى تېخى ئوخلىمىغان ئوسمان بېشىنى بۇراپ، نەزىرىنى جەسۇرغا تىكىپ:
- زىلالە، ئۇ كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- دادا، ئۇ... ئۇ مېنىڭ دوستۇم. - دېدى زىلالە مۇلايىملىق بىلەن دادىسىغا تەسەللىي بېرىپ، - ئەمىسە ياخشى ئارام ئېلىڭ، مەنمۇ قايتاي، باشقا كۈنى سىزنى كۆرگىلى كېلىمەن ، - دېدى.
دادىسى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ:
- مەن سىزگە دېدىمغۇ، ئارىمىزدا پاراڭلاشقۇدەك ئىش يوق. يا ئاجرىشىش كىلىشىمىگە قول قۇيۇڭ، يا بولمىسا قانۇن تەرتىپى بويىچە مېڭىپ ھەل قىلسام بولىدۇ، - دېدى.
- زىلالە! - دېدى جەسۇر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، يولىنى توسۇپ، - مېنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، ھەممىنى ئېنىق چۈشەندۈرەلەيمەن. - دېدى.
- زىلالە، ئۆيىڭىزگە قايتامسىز؟ - يىراقتىن نۇرزات ئاچقۇچنى قولىدا تۇتۇپ، مېڭىپ كەلدى.
زىلالەنىڭ ئالدىدا تۇرغان جەسۇرنى كۆرۈپ، قەدىمىنى توختىپ:
- جەسۇر ئەپەندى؟ ! - دېدى.
نۇرزاتنى تونۇغان جەسۇر نارازى بولۇپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، قولىنى سوزۇپ زىلالەنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ:
- ماڭايلى. - دېدى.
- جەسۇر! - دېدى زىلالە بىلىكىنى سىلكىپ، كەينىگە ئىككى قەدەم داجىدپ، - گەپنى ناھايىتى ئېنىق قىلدىم، ئەمدى سىز بىلەن بىللە قايتمايمەن. - دېدى.
جەسۇر داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭدى، نۇرزات چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن يۈگۈرۈپ كېلىپ، زىلالەنى قوغداپ:
- جەسۇر ئەپەندى، زىلالەنىڭ گېپىنى ئاڭلىغانسىز، سىزنىڭ ئۇنى زورلاش ھوقۇقىڭىز يوق. - دېدى.
جەسۇر دىمىقىنى قېقىپ:
- بۇ بىز ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئىش، سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. نېرى تۇرۇڭ! - دېدى.
نۇرزات يولنى بوشاتماي، ئەكىسچە قولىنى سوزۇپ:
- زىلالە مېنىڭ دوستۇم، شۇڭا بۇ ئىش مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشىڭىزغا قاراپ تۇرالمايمەن، - دېدى.
- مەن يەنە بىر قېتىم دەي، - دېدى جەسۇر قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ، - نېرى تۇرۇڭ! - دېدى.
- بولمايدۇ، - دېدى نۇرزات.
- ماقۇل، ئەمىسە مەن بىر كۆرۈپ باقاي قانچىلىك ۋاقىت ئۆرە تۇرالايسىزكىن؟ ! - دېدى جەسۇر ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، بىر مۇشت ئاتتى.
- جەسۇر! - زىلالە ئېتىلىپ كېلىپ، جەسۇرنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ، توسماقچى بولدى.
بۇ ئىش ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىشى، نۇرزات بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ئەگەر نۇرزات بۇ ئىش سەۋەبلىك يارىلانسا، بۇ ئۇنىڭ خاتالىقى.
جەسۇر ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى سېزىپ، ئىختىيارسىز قولىنى يىغىشتۇرماقچى بولغاندا، كېچىككەنىدى.
ئۇدۇلدىن كەلگەن مۇشتنىڭ تەسىرىدە زىلالە دەلدەڭشىپ، كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ، قاتتىق يىقىلىپ چۈشتى.
- زىلالە! - جەسۇرنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، بىلىكىدىن يۆلەپ، - سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟- دەپ سورىدى.
- زىلالە! - نۇرزاتمۇ ئېتىلىپ كېلىپ، جەسۇرنى ئىتتىرۋېتىپ، زىلالەنى يەردىن يۆلەپ تۇرغۇزدى.
ئاندىن جەسۇرغا بۇرۇلۇپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- مەن ئاخىرى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سىزدىن ئاجراشماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندىم. زىلالە ماڭايلى. - دېدى.
زىلالەنىڭ يەردە ياتقان سومكىسىنى ئېلىپ بېلىكىدىن يۆلەپ لىفىتقا ئېلىپ چىقتى.
- زىلالە! - جەسۇر كەينىدىن قوغلاپ كېلىپ، لېفىت يېپىلىشتىن بۇرۇن ئىشىكىنى توسۇۋېلىپ، - كەچۈرۈڭ، مەن... قەستەن قىلمىدىم، سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى.
- جەسۇر، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قويۇۋېتىڭ بولامدۇ؟ - دېدى زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، تاتىرىپ كەتكەن چىرايى ھارغىنلىققا تولۇپ، - شۇنچىلىك چارچىدىم، ھازىر سىزنى پەقەتلا كۆرگۈم يوق! - دېدى.
جەسۇر لىفىت ئىشىكىدىكى قولىنى ئاستا بوشاتتى، كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى.
ئۇنى پەقەتلا كۆرگۈسى يوقكەن؟ !
زىلالە بېشىنى ساڭگىلىتىپ، ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى.
لىفىت ئىشىكى قايتىدىن يېپىلىپ، بىر جۈپ ئەر-ئايال ئىككى پاراللېل ئوخشاش بولمىغان دۇنياغا ئايرىلدى.
نۇرزات كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا زىلالەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ:
- ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ، كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ لېفىت تېمىغا يۆلىنىپ:
- كەچۈرۈڭ، نۇرزات دوختۇر، سىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردىم، - دېدى.
نۇرزات كۈلۈپ قويۇپ:
- ھەممىمىز دوست، بۇنداق تۈزۈت قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، - دېدى.
بىردەمدىن كېيىن، لىفىت بىرىنچى قەۋەتكە يېتىپ كەلدى.
ئىككىيلەن بىرلىكتە لىفىتتىن چىقتى، نۇرزات تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ:
- يۈرۈڭ، سىزنى ئاپىرىپ قوياي. - دېدى.
زىلالە ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ، دېرىزىدىن يان تەرەپكە قارىدى، يول بويى گەپمۇ قىلمىدى.
نۇرزات ئۇنى زۆھرە بىلەن ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئولتۇراق رايونغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، بىناغا چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئاندىن ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
ئىككىيلەن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى دېڭىز كۆكى رەڭلىك ماشىنىغا دىققەت قىلمىدى.
شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان جەسۇر تاماكا چېكىپ، ماشىنا دېرىزىسى ئارقىلىق بىنا ئۆيگە تىكىلىپ قارىدى.
كارىدوردىكى چىراغلار بىر-بىرلەپ يورۇپ، ئۈچىنچى قەۋەتتە توختىدى.
بىردەمدىن كېيىن، ئۈچىنچى قەۋەتنىڭ بىر تەرىپىدىكى ياتاق ئۆينىڭ چىرىغى يورىدى.
بىرەيلەن بالكونغا چىقىپ، قۇرۇپ بولغان كىيىملەرنى ئېلىپ ماڭدى، ئون نەچچە مېتىر ئارىلىق بولسىمۇ، جەسۇر يەنىلا بىر قاراپلا زىلالە ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالدى.
ئوڭ قولىنى سوزۇپ، ياردەمچى شوپۇر ئورنىدىكى ماتېرىيال خالتىسىنى ئالدى.
يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، زىلالەنىڭ ئايرىمخانىسىنى ئېچىپ:
< كەچۈرۈڭ، بايا قەستەن قىلمىدىم. ئاكىڭىزنىڭ دېلوسىنى ئاغدۇرغىلى بولىدىغان ئىسپاتنى تاپتىم، سىز بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغىنىممۇ دەل مۇشۇ ئىش> دەپ يازدى.
بارماقلىرى يوللاش كۇنۇپكىسىدا بىردەم تۇرۇپ قېلىپ، كۆز ئالدىدا يەنە بىر قېتىم زىلالەنىڭ چىرايى، لېفىتتا دېگەن گەپلىرى ياڭرىدى.
<جەسۇر، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قويۇۋېتىڭ بولامدۇ؟
شۇنچىلىك چارچىدىم، ھازىر سىزنى پەقەتلا كۆرگۈم يوق!>
بارماقلىرى كۈچسىز ھالدا يوللاش كۇنۇپكىسىدىن ئاجراپ، يان تېلېفون بىلەن ھۆججەت خالتىسىنى ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا تاشلىدى، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيگە قارىۋەتكەندىن كېيىن، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ماشىنىنى قوزغاتتى.
دېڭىز كۆكى رەڭلىك ماشىنا كەينىگە بۇرۇلۇپ، زىلالە ئىجارىگە ئالغان مەھەللىدىن ئاستا چىقتى.
زىلالە ئاپتاپقا سېلىنغان كىيىملەرنى كىيىم ئىشكاپىغا ئېسىپ قويۇپ، بۇرۇلۇپ پەردىنى ياپماقچى بولدى.
تاسادىپىي پەستىكى دېڭىز كۆكى رەڭلىك دالا ماشىنىسىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.
جەسۇرنىڭ ماشىنىسىمۇ؟
سىنچىلاپ قاراپ بولغۇچە دېڭىز كۆك رەڭلىك ماشىنا ئولتۇراق رايوندىن چىقىپ كەتتى.
زىلالە بېشىنى چايقىدى.
چوقۇم خاتا كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ.
ئېغىر ھاردۇق يەتكەن زىلالە ياستۇققا بېشىنى قويۇپ، ئىختىيارسىز سول قولىنىڭ نامسىز بارمىقىنى سىلىدى.
ئۈزۈكنى ئېلىۋەتكىلى بىر نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆنەلمىدى.
بارمىقىدىكى سۇس ئۈزۈك ئىزلىرىغا قاراپ، ئاڭسىز ھالدا جەسۇر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ كۈنلەر كۆز ئالدىغا كەلدى.
يامغۇرلۇق كېچىدە..جەسۇر. زىلالەنىڭ قولىدىكى قەيسەرگە تەڭلەنگەن ئۆتكۈر نەرسىنى تارتىۋالدى...
مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە، پىئانىنو ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇزىكا ئورۇنلىدى.
تاغلىق كەنتتە ئۇلار بىرلىكتە بازارغا بېرىپ دالا تامىقى سېتىۋالدى.
ئەگەر جەسۇر بولمىغان بولسا، تەرەپ - تەرەپتىن كېلىۋاتقان قېيىنچىلىق ۋە بېسىمغا ھازىرغىچە بەرداشلىق بېرەلمەيتتى.
ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگەن، يار-يۆلەكسىز قالغان كۈنلەردە، جەسۇر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.
بەك كۆپ ئادەمگەرچىلىك قەرزىگە بۇغۇلدى.
زىلالە ئىككى قولى بىلەن ئىڭىكىنى يۆلەپ:
- جەسۇر، شەخسىيەتچىلىكىمنى كەچۈرۈڭ، مەن ... سىزنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن تېپىشىۋېلىشىڭىزغا پەرۋا قىلماي تۇرالمايمەن. - دېدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar