گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 54-قىسىم _ ئەقىللىك بولسۇن

文摘   小说   2024-09-27 13:59   新疆  

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 




دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ





داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  88  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40
494847 46 45

535251
50









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

54-قىسىم

 



54 -قىسىم

ئەقىللىك بولسۇن

ئىككىنچى كۈنى دىلارە ئۇيقۇسىنى قاندۇرۇپ تەبىئىي ئويغانغاندا، تور قىزىپ كەتكەنىدى.

تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئىش توردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۈتۈلمىگەن  چوڭ زەربە ئېلىپ كەلدى، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى ھەزىم قىلىشىغا ۋاقىت كېتەتتى.

 باشلىقلار يىغىنىدا، ئىليار كىچىك ئاقپشماقتىن مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسىغا ئايلاندى، ئىليارنىڭ باشلىقلار يىغىنىدىكى ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى،  بوۋاينىڭ شۇ چاغدىكى كەيپىياتى، شۇنداقلا دىلارەنىڭ ئايرودۇرۇمدا نەق مەيداندا توردىكى قالايمىقان گەپ قىلغانلارنىڭ ئەدىپىنى بەرگەنلىكى، ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تۈنۈگۈن قولغا ئېلىنغان ئاشۇ ئېكران كەيدىنىكى كۇنۇپكا پالۋانلىرىنىڭ ئاقىۋىتى... ھەممىسى ئاشكارىلىنىپ، تورنى پالەچ قىلىپ قويدى. 

ھەممە ئىشلار بىر يەرگە جەم بولغاندا، تورداشلار  نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قېلىشتى.

بىر نەچچە تېمىنىڭ تارقىلىشى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ بولدى.

بىر كېچە ئارام ئالغاندىن كېيىن، دىلارەنىڭ كەيپىياتى خېلىلا ياخشىلىنىپ قالدى.

توردىكى ئاشۇ قالايمىقان گەپلەرنى ھازىر كۆرۈپمۇ چىرايىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى.

ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ سالماقلىق بىلەن دوختۇرخانىغا بارماقچى بولدى.

ئىليار ئۇنى خېلى ئۇزۇن كۆزىتىپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن،  ئۆزى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

دوختۇرخانا خېلى بۇرۇنلا تاراتقۇلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ھەممەيلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولۇشتى.

دىلارە قاتارلىقلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇلارنى ئورىۋېلىپ:

- دىلارە باش دىرېكتور

- ئىليار باش مۇدىر...- دېيىشىپ، بىر مۇنچە سوئال سورىدى.

ئەمما ئۇلارنىڭ بارلىق سوئاللىرىغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بېرىلمىدى.

ئىككىيلەن سوغۇققان قىياپەتتە، چىرايدا ھېچقانداق ئىپادە يوق  يادەمچىلەرنىڭ قوغدىشى ئاستىدا دوختۇرخانىغا كىردى.

ھېلىقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى  بىر كىچىك قىزچاق بولۇپ  بۈگۈن ئەتىگەن سائەت تۆت-بەشتىن ئاشقاندا ھوشىغا كېلىپ، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىلغانىدى.

ئاتىكەم دىلارەگە دوختۇرلار ئىشلىتىدىغان قوغداش كىيىمى كىيدۈرۈپ، تولۇق ، ھىم ئەتكەندىن كېيىن، ئاندىن كېسەلخانىغا كىرگىلى قويدى.

قىزچاق دىلارە بىلەن ئىليارنى كۆرۈپلا،  كۆزلىرى يوغىناپ كەتتى، ئاندىن كېسەل كارىۋىتىدىن قوپماقچى بولدى، نەتىجىدە دىلارە بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ مۈرىسىنى يېنىك بېسىپ:

- بولدى، بولدى، جىم يېتىڭ، - دېدى.

 ئاۋازى ناھايىتى يېنىك بولسىمۇ، لېكىن بىر خىل رەت قىلغىلى بولمايدىغان كەسكىنلىك بار ئىدى.

 قىزچاق  يەنىلا مىدىرلىماي، بىر جۈپ كۆزىنى پارقىرىتىپ دىلارەغا قاراپ ياتاتتى.

ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئاز قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرى ئېچىلىپ يۇمۇلدى، خېلى ئۇزۇنغىچە تىترەپ، گەپمۇ قىلالماي،  ئالدى بىلەن كۆز ياشلىرى كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىن تاراملاپ ئاقتى.

دىلارە لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، قەددىنى رۇسلاپ، كارىۋاتتا ياتقان، ئەمدىلا قۇرامىغا يەتكەندەكمۇ  ياكى يەتمىگەندەكمۇ كۆرۈنىدىغان قىزچاققا قاراپ، پەس ئاۋازدا :

 - بىزنىڭ سەۋەبىمىز تۈپەيلى ھازىرقىدەك ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىققانلىقىدىن ناھايىتى خىجىلمەن، سىزنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا ۋە ئىشەنگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، راستتىنلا كۆپ رەھمەت، بىز ئەزەلدىن تونۇشمايمىز، شۇنداق تۇرۇقلۇق سىزنىڭ  مۇتلەق ئىشەنچىڭىزگە ئېرىشەلىدۇق، مەن بەك تەسىرلەندىم. لېكىن، سىز ئاسانلىقچە ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىڭىزنى دوغا تىكىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىپ، ياشلىقىڭىزنى ئىسراپ قىلماسلىقىڭىز  كېرەك، سىزنىڭچە ئاشۇ كىشىلەر مۇشۇنداق قىلىشىڭىزغا ئەرزىمدۇ؟  - دېدى.

قىز كارىۋاتتا يېتىپ بېشىنى چايقىدى، ئەمما كۆز ياشلىرى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتكەندەك قىلاتتى.

دىلارە ئۇنىڭغا جىمجىت قاراپ تۇرۇۋېتىپ:

-  بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەم ئۆزىدەك مۇھىم ئەمەس، بىلەمسىز؟ بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئارقىلىق ئەڭ گۈزەل ئۇچرىشىش ۋە تۇرمۇشقا ئېرىشىمىز كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھاياتىڭىزدىكى بىردىنبىر ۋەزىپە كۆڭۈلدىكىدەك ئۆزىڭىز بولۇپ ياشاش. - دېدى. 

ئەمەلىيەتتە بۇلارنى، ئىلگىرى ئۇ ئۆزىمۇ چۈشەنمىگەن نەرسىلەر ئىدى.

ئۇ چاغلاردا،  ئەزەلدىن ئۆزى ئۈچۈن ياشاشنى ئويلاپ باقمىغان، پەقەت بەدەل تۆلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىسىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان.

ئۇنىڭغا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغىنى ئۇ ئىشلار ئەمەس، دەل ئۇنىڭ يېنىدىكى جىمجىت ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان ئەر.

ئۇنىڭ ئىليار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىللە تۇرغۇسى بار،  ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايالى بولغۇسى بار، شۇڭا ئىزچىل شۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

بەخت ساقلاشتىن ئەمەس، بەلكى تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.

قىزچاق بېشىنى لىڭشىتتى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى، بىر جۈپ تاتىرىپ كەتكەن لەۋلىرى ئۇزاققىچە تىترىگەندىن كېيىن، ئاخىر ئاستا ئېغىز ئېچىپ:

- بىلدىم... ئەگەر ئاچام سىز بىلەن بالدۇرراق ئۇچرىشالىغان  بولسا، مەندىن بالدۇرلا ئايرىلىپ كەتمەيتتى ... - دېدى.

دىلارە ئۇنىڭ يىغلاپ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى كۆرۈپ، گېلى ئېچىشىپ، كۆز چانىقى بارا-بارا قىزىرىپ كەتتى.

بەلكىم ھامىلىدار بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك، كەيپىياتى ئاسانلا تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى.

- ئاچام دەسلەپتە توردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان سۆزلىرىگە چىداپ تۇرالماي ئەخمىقانە ئىش قىلغان. - دېدى قىزچاق.

دىلارەنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ كەتتى.

قىزچاق قولىنى سوزۇپ، يۈزلىرىدىكى ياشلىرىنى سۈرتۈپ:

- ئاچام ئەمدىلا نامى چىقىشقا باشلىغان تور دىكتورى، پەقەت ئازراق نامى چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا بەزىلەر ئۇنىڭ چىرايىنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى، يەنە ئەرلەرنىڭ يوشۇرۇن مەنىلىك قىلىپ قىلغان  مەسخىرىلىك گەپلىرىمۇ بار، مەن ئۇنىڭ ئاشۇ گەپ-سۆزلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمەن، ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ كىرىمى بار ، ئۆزىنى تامامەن باقالايدىغان تۇرۇپ، ئۆزىنى بارغانسېرى بەختسىز ھېس قىلىدىغان بولۇۋالدى، دەسلەپتە ئۇ بىزدىن ئاچچىقىنى چىقاردى، لېكىن بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز   ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرى  بۇ دۇنياغا بولغان گۇمان ۋە ئۆزىگە بولغان گۇمان بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ،  مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى بۇنداق كەمسىتكەنلىكىدىن نەپرەتلىنىمەن، لېكىن تېخىمۇ كۆپ بولغىنى قايغۇ ۋە تەن بەرمەسلىك .

 لېكىن ئۇ مۇشۇنداقلا بىزنى تاشلاپ كەتتى، ئاشۇ كىشىلەر ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەي، يەنىلا ئېكراننىڭ كەينىگە مۆكۈۋېلىپ خالىغىنىنى قىلىپ،  داۋاملىق باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتى. مېنىڭ تەن بەرگۈم كەلمىدى، ئاچام بىكاردىن-بىكار كېتىپ قالسا بولمايدۇ، يەنە ئاساسسىزلا سىلەرنى ئۇنداق ھاقارەتلىسە بولمايدۇ، مەن سىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىڭلارنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا ئەگەر مېنىڭ قىلغانلىرىم كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالىسا، ھەتتا  ئاشۇ بولمىغۇر كىشىلەرنى جازالىيالىسا ياكى بۇ جەھەتتىكى بەلگىلىمىلەر  مۇكەممەللەشتۈرۈلسە، ئۇنداقتا ئاچام بىكار بەدەل تۆلىگەن بولمايدۇ، مەنمۇ جايىدا ئىش قىلغان ھېسابلىنىمەن. - دېدى. 

دىلارە كۆزىنى چوڭقۇر يۇمدى، ئاخىرىدا بۇ كىچىككىنە قىزچاققا ئىچى ئاغرىدى.

-  بىراق ھازىر ياخشى بولدى،  خەۋەرنى كۆردۈم، ئاخىرى  بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، سىلەرگە قوپاللىق بىلەن ھاقارەت قىلغانلارمۇ جازالىنىدۇ،   بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدۇ.   - دېدى قىزچاق.

دىلارەنىڭ چىرايى ئانچە ئېچىلمىدى، ئىليار ئۇنىڭدا چاتاق بارلىقىنى سەزگەندەك بولۇپ، ئالدىغا بېرىپ ئۇنى يېنىغا تارتتى.

دىلارە گەپ قىلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ، ئارقىندىلا كۆزىنى يۇمۇپ:

- ئەرزىمدۇ؟ - دېدى.

 يېنىك، ئېغىر ھەم سوغۇق بىر ئېغىز گەپ بىلەن قايتۇرۇپ سورىدى.

ھېلىقى قىزنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە ئاستا-ئاستا قېتىپ دىلارەغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:

- مەن ئەمدى بۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، - دېدى. 

دىلارە كۆزىنى ئېچىپ ئۇنىڭغا قارىدى،  قىزچاقنىڭ چىرايىدىن قورقۇنچ چىقىپ تۇراتتى.

ئىليار ئۇنى بىۋاسىتە كېسەلخانىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇدۇل شەھەر سىرتىدىكى داچىغا ئېلىپ كەلدى.

يولدىكى سۈكۈت ۋە جىمجىتلىقتا، دىلارە ئۆزى ئىسسىق ساقلاش ئىستاكاننى چىقىرىپ سۇ ئىچتى، ھەتتا يانفونىنى ئېچىپ خالىغانچە بىر  ئويۇنىنى چۈشۈردى، ھەتتا ماشىنادىكى مۇزىكىنىمۇ ئاچتى.

لېكىن ھەممە ئىشلار يەنىلا قولاشمىغاندەك بىلىندى.

ئۇ قارىماققا ھېچ ئىش بولمىغاندەك خۇشال كۆرۈنەتتى، لېكىن ئىليارنىڭ چىرايى بارغانسېرى سەتلىشىپ كەتتى.

داچىغا كەلگەندىن كېيىن، ئىليار ماشىنىدىن چۈشۈپ، دىلارەنى كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ، داچىغا چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن كىردى.

دىلارە ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ھەيران قالدى، لېكىن يەنىلا ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەردى.

ئۇ ئاخىرى سافاغا قويۇلدى، ئىليار ئۇنىڭ شىلەپىسى بىلەن شارپىسىنى ئېلىۋېتىپ،  ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، كەسكىنلىك بىلەن:

- دىلارە، ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلەمسىز؟ - دېدى. 

دىلارەنىڭ گاڭگىرىغان چىرايى بارا-بارا قېتىپ قالدى، ئىليار ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

- بۈگۈنكى بارلىق ئىشلارنىڭ سىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، بىلەمسىز؟ ئەنسىرىمەڭ، ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىشىڭىزنىڭ  ھاجىتى يوق، سىز قىلماقچى بولغان ئىشنى مەن بىر تەرەپ قىلالايمەن، سىز ئەزەلدىن مېنىڭ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيسىز؟  - دەپ سورىدى.

دىلارە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

- مەن ئۇنداق ئويلىمىدىم... - دېدى.

- ئۇنداقتا سىز ھازىر يەنە نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىسىز؟ - دەپ سورىدى ئىليار. 

دىلارە لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئاستا بېشىنى ئىليارنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ:

- بىلمەيمەن، ئىلگىرى بەزى گەپلەرنى كۆرۈپ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتىم، لېكىن ھازىر قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيمەن، ئىلگىرى  ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن گەپلەرنى ھازىر ئويلىسام زادىلا چىدىيالماي قېلىۋاتىمەن... كىيىن بىز ياكى ئائىلىمىزدىكىلەر مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن، ھەممەيلەن ھەتتا شۇ قىزچاقنىڭ ئاچىسىغا ئوخشاش ئۆزىمىزدىن گۇمانلىنىپ قېلىشىمىز، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىمىزگە دۈشمەنلىك بىلەن قاراۋاتقاندەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن، مەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارغا يولۇقۇشىنى خالىمايمەن، ناۋادا ئۇلار بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمىسە ... - دېدى.

- بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز. - دېدى ئىليار  چېچىنىڭ ئۇچىغا سۆيۈپ تۇرۇپ، - ھېچكىم ئۇ باسقۇچقا بېرىپ قالمايدۇ، بىز ھەممىمىز سىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز، سىزنى تاشلاپ كېتىشكە قانداقمۇ چىدايمىز؟   بالىلىرىمىز ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىلەرگە تەنقىد قىلىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ - دېدى. 

دىلارە بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى، ئىليار شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، لېكىن قۇلىقىدا ئاڭلاپ قويدى.

- شۇڭا سىز ھازىر كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ساغلام چوڭ قىلىڭ، سىزگە ئوخشاش چىرايلىق، كېلىشكەن ھەم ئەقىللىك بىر جۈپ بوۋاق تۇغۇڭ، كېيىن ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت چەكسىز ماختاش ۋە ھەۋەس بولىدۇ، - دېدى ئىليار. 

دىلارە ئاستا-ئاستا قەددىنى رۇسلاپ، ئۇنىڭغا قاراپ:

- ئۇلار ئەڭ ياخشىسى سىزدەك ئەقىللىك بولسۇن.  - دېدى .















 

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章