مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 39-قىسىم_ ئەڭ ئاجىز تەرىپى

文摘   小说   2024-10-07 14:10   新疆  
8

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  



دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ






داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  78  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231


383736








مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

39 -قىسىم

   

 



39-قىسىم 

ئەڭ ئاجىز تەرىپى





شۇ كۈنى كەچتە، جەسۇرنىڭ  زىلالەنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىش يولىدىمۇ كەيپىياتى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى.

ئۇنىڭ  قانداشلىق مۇناسىۋىتىلا بار دادىسىغا نىسبەتەن غەزەپ - نەپرەتتىن باشقا ھېچقانداق ھېسسىياتى يوق ئىدى.

ئويلاپ باقسا، دادا-بالا ئىككىسىنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشى، ئاپىسىنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى ئىكەن.

ئەركىننىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشىغا قارىتا جەسۇر  ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ، قىلالايدىغىنى قىلچە پەرۋا قىلماسلىق.

چوڭقۇر خىيالغا پاتقان جەسۇر يول بويى  ھېچنېمە دېمىدى.

داچىغا يېتىپ كېلىپ، ئىككىيلەن بىللە ماشىنىدىن چۈشۈپ، مېھمانخانىغا كىردى.

زىلالە ئۇنىڭ غەلىتە بوپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قولىدىن تۇتۇپ تارتىپ:

 -   بىرەر ئىش بولدىمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

جەسۇر بېشىنى يېنىك چايقاپ، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن يەنە بېشىنى لىڭشىتىپ:

 - بۈگۈن  كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىر ئادەم ئىشخانامغا ئىزدەپ كەپتۇ،  -  دېدى.

زىلالە يان تەرەپتىن  ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىپ:

 - ئەگەر دەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، مەن سىزنىڭ ئاڭلىغۇچىڭىز بولسام بولىدۇ؛  خالىمىسىڭىز،  ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرۇشۇپ بېرەي، - دېدى.  

     جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ، -بولدى.  ئەتە يەنە ئويۇن قويىسىز،   كېچىكىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن، - دېدى جەسۇر.    

 - بۇ گەپچە...ئاڭلىغۇچىڭىز بولۇشۇمنى   خالايسىز شۇنداقمۇ - دېدى زىلالە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ. 

ئاندىن بوتۇلكا بىلەن ئىستاكاننى بىللە ئېلىپ كېلىپ، بىرنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ يېنىدا ئولتۇرۇپ؛

  - ئەمدى باشلىسىڭىز بولىدۇ!  -  دېدى.

قىزنىڭ  ئوماق ھەم ئىللىق چىراي ئىپادىسىنى كۆرگەن جەسۇر  باغرىغا بېسىپ، يوغان قوللىرى بىلەن  ئۇزۇن چاچلىرىنى سىيلاپ:

 - سىز ئەركىن دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

زىلالە كۆزىنى كۆتۈرۈپ:

- دېمەكچى بولغىنىڭىز دادىڭىزمۇ؟  -  دېدى.

 - ئۇ مېنىڭ دادام ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەن ئۇنىڭ دادام ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان ھەم مەڭگۈ ئېتىراپ قىلمايمەن.  - دېدى جەسۇر.  قولىدىكى ئىستاكانمۇ يېنىك سىلكىنىپ كەتتى.

مۇز كەھرىۋا رەڭلىك ئىچىملىك ئىچىدە تەۋرىنىپ، ئىستاكان دىۋارىغا ئۇرۇلۇپ، جاراڭلىق سوقۇلغان ئاۋاز چىقاردى.

بىر ئازدىن كېيىن، جەسۇر ئوڭ قولىدا ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ بىر يۇتۇم ئىچىپ:

- مەن ئۇنىڭغا ئۆچ!  -  دېدى.

جەسۇرنىڭ ئاپىسى ئەركىن بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىدا، داڭلىق پىيانىنوچى ئىدى.

ئەركىن بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن ھەتتا ئاتا ئانىسى بىلەن   ئازارلىشىپ  قالغاچ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن..

ئەركىننىڭ  ئائىلە قۇرۇپ بولغان ئەر ئىكەنلىكىدەك بۇ    ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلگەن چاغدا، جەسۇر قورسىقىدا يەتتە ئايلىق بولۇپ بولغانىدى.

جەسۇرنىڭ ئاپىسىنىڭ  شەكىلگە كىرىپ بولغان  كىچىككىنە ھاياتلىقنى  ئالدۇرۋېتىشكە كۆزى قىيمىدى.

ئەركىندىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن،  قورسىقىدىكى بالىسىنى ئېلىپ جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى، پىيانىنو چېلىشقا تايىنىپ، جەسۇرنى تۇغۇپ چوڭ قىلدى.

جەسۇرنى  ياخشى بېقىش ئۈچۈن، بىر كۈندە بىر نەچچە ئورۇندا خىزمەت قىلاتتى.

ئۇزۇن مەزگىللىك جاپالىق خىزمەت زىيادە چارچاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئاپىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، جەسۇر ئون يېشىدىن باشلاپلا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا باشلىغان.

قوشنىلارنىڭ چىملىقنى  قىرقىپ، گۈللىرىنى چاتاپ بېرىش، گېزىت توشۇش، لىمون سۈيى سېتىش، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش... ئۇنىڭ دائىملىق ئىشى ئىدى.

ئەمما، ئاخىرىدا يەنىلا ئاپىسىنى تۇتۇپ قالالمىدى.

ئاپىسى جان ئۈزۈش ئالدىدا، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوغلىنىڭ ھامىيسى بولمىغانلىقتىن پاراۋانلىق ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىلىشىدىن ئەنسىرىدى.

ئىلاجسىزلىقتىن ئەركىن بىلەن قايتا ئالاقىلىشىپ، ئوغلىنى ئۇنىڭ بېقىشىغا تاپشۇردى.

شۇ چاغدا ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن جەسۇر دادىسىنى تۇنجى قېتىم كۆردى.

 - ئۇ چاغدا... - دېدى جەسۇر بېشىنى يېنىك چايقاپ، -  مەن ئۇنىڭ ئاپام ئېيتقاندەك ۋاپات بولغان  بولۇشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلغانتىم ، - دېدى. 

ئاپىسى ئوغلىنى ئازابلاپ قويۇشنى خالىمىغاچقا،  توختىماي بەزلەپ، ئۆزىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان دادىسىنىڭ بارلىقىنى، پەقەت كېسەل سەۋەبىدىن بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

كىچىك بالىلار  ئاپىسىغا تولۇق ئىشىنىدۇ، ئۇمۇ شۇنداق قىلدى.

ئۆزگەرمەس پاكىت رەھىمسىزلىك بىلەن يىرتىلىپ، جەسۇر ئۆزىنىڭ تويسىز تۇغۇلغان بالا، دادىسىنىڭ  ئالدامچى ئىكەنلىكىنى بىلدى.

زىلالە ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرمىدى، چۈنكى ئۇ بۇ ۋاقىتتا قىلغان ھەرقانداق گەپنىڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇنىڭغا  پەقەت ئازراق ئىچىملىك قۇيۇپ بەردى.

جەسۇر ئىچىملىك ئىچكەچ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئىشىنى داۋاملىق سۆزلىدى.

ھەممەيلەن جەسۇرنى كىچىكىدىن باشلاپ ئەركىن بېقىپ چوڭ قىلدى، ئەركىنگە تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشكەن، دەپ قارايدۇ.

پەقەت جەسۇرنىڭلا ئۆزىگە ئايانكى، ئۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەركىننىڭ بىر تىيىن  پۇلىنىمۇ خەجلەپ باقمىدى.

ئەركىن تەرىپىدىن  ئېلىپ كېتىلمەكچى بولغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ پۇلىنى جەسۇر ئۆزىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا سېتىۋالغان.

بۇ ئۇنىڭ جەسۇر بىلەن  كېلىشكەن شەرتى ئىدى.. يەنى ئەركىن ئۇنىڭغا <سېنى ئۆزۈم تۇرۇۋاتقان شەھەرگە قايتۇرۇپ كېتىپ، ۋەسىيىڭ بولسام بولىدۇ، لېكىن، ھەرقانداق ئورۇن ۋە سورۇندا دادا دەپ چاقىرىشىڭغا، يەنە مەندىن بىر تىيىن پۇل تەلەپ قىلىشىڭغا بولمايدۇ > دېگەنىدى.

ئەركىن ئەسلىدە كىچىككىنە بىر بالا  بىر مەزگىللىك قېيداۋاتىدۇ، يامان ئۆگىتىپ قويسام بولمايدۇ. ئىشقىلىپ ھامان بىر كۈنى بېشىنى ئىگىپ  ئالدىمغا كېلىدۇ دەپ ئويلىغانىدى.

بىراق، جەسۇر ئۇنداق قىلمىدى.

بېشىنى ئىگىپ كەلمەكتە يوق، ئەكسىچە يەنە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى.

بۇ ئىشلارنى ھازىر سۆزلەپ بەرسە،  بەلكىم  ئادەمنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ھېكايە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

زىلالە ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنگە كېلىشىنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.

ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ باققان دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن؟

زىلالە ئۇنىڭغا يەنە يېرىم ئىستاكان ئىچىملىك قۇيۇپ بېرىپ:

  - ئەڭ ئاخىرقى يېرىم ئىستاكان، يەنە ئىچسىڭىز مەست بولۇپ قالىسىز، - دېدى.

جەسۇر يۈزىنى يانغا قىلىپ، ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ:

- بىلەمسىز زىلالە، مەنمۇ بەزىدە ئۆزۈمگە ئۆچ بوپكېتىمەن، ئەگەر... ئەگەر مەن بولمىغان بولسام، ئاپام چوقۇم ئىنتايىن داڭلىق مۇزىكانتقا ئايلىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشكەن بولاتتى... چوقۇم شۇنداق بولاتتى، - ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلغاندا، بېشىنى چايقاپ، قوشۇمىسىنى تۈردى، چىرايىدىن پەرىشان ۋە ئامالسىزلىق چىقىپ تۇراتتى.

ھازىرغىچە ئاپىسىنىڭ  كۆز يۇمغانلىقىنى قوبۇل قىلالماي، ئازاب ئىچىدە پىلتىگە چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ ئازابلىناتتى.

بۇ جەسۇرنىڭ تۇنجى قېتىم زىلالەنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپىنى كۆرسىتىشى.

زىلالە ئىچى ئاغرىغان ھالدا قۇچاقلاپ، ئالىقىنىنى سوزۇپ،   قىسقا چېچىنى ئاستا سىيلاپ:

- ئۇنداق بولمايدۇ، مەنمۇ ئايال كىشى، ئاپىڭىزنى چۈشىنىمەن، ئۇ چوقۇم سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ كۈنلەر ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ خۇشال كۈنلەر. - دېدى.

جەسۇر يۈزىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە قويۇپ، بېشىنى چايقاپ:

 - ياق، مەن بولمىغان بولسام، ئۇ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا، تېخىمۇ ياخشى پەرزەنتكە ئىگە بولاتتى.

مەن ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغان باش جىنايەتچى... زىلالە... بىلەمسىز؟

بەزى ئىشلاردا... مەيلى سىز قانچىلىك تىرىشسىڭىزمۇ ئورنىنى تولدۇرالمايسىز.

مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئۆزى بىر خاتالىق. - دېدى.

ئىچىملىك تەسىر قىلدىمۇ جەسۇر بۇ گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىن گەپ قىلماي، ئۇنىڭ بېلىدىن قۇچاقلاپ ئۇيقۇغا كەتتى.

زىلالە ئەسلىدە ئۇنى يۆلەپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئەپچىقماقچى  بولغان، لېكىن زادىلا يۆلىيەلمىدى، شۇڭا ئەدىيالنى ئېلىپ ئۈستىگە يېپىپ قويدى.

ئۇنىڭ يېرىم كېچىدە بىئارام بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەدىيالدىن يەنە بىرنى ئېلىپ كېلىپ، كىرىسلۇنىڭ يېنىدا ئۇخلىدى.

ھېلىمۇ ياخشى، جەسۇر مەست بولۇپ قالسا جىمجىت ئۇخلاپ قالىدىغان تىپلاردىن ئىكەن.

بىرەر قېتىممۇ قۇسمىدى.  تاڭ ئاتقاندا زىلالە قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ ئاۋازىدىن ئويغانغاندا، جەسۇر يەنىلا كىرىسلۇدا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.

زىلالە ئۇنىڭغا دەخلى قىلماستىن ئاستا ئورنىدىن تۇردى.

ئاشخانىغا كىرىپ شۈۋگۈرۈچ قاينىتىپ، ئىسسىق ساقلاش قاچىسىغا ئېلىپ، باغاقچىگە خەت يېزىپ ئۈستىگە چاپلاپ قويدى.

ئاندىن ئىسكىرۇپكىسىنى كۆتۈرۈپ مەشىق مەيدانىغا بېرىپ، كەچلىك ئويۇنغا تەييارلىق قىلدى.

شۇ كۈنى كەچتە ئويۇن ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى.

زىلالە كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە سەھنىدىن ئارقا سەھنىگە چۈشتى.

ئايگۈل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ،   ئويۇن قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى سورىدى، ئىككىيلەن خۇشال پاراڭلىشىۋاتقاندا، بىر خىزمەتچى تۇيۇقسىز كېلىپ:

 - كەچۈرۈڭلار، قايسىڭلار زىلالە خانقىز بولىسىلەر؟  -  دەپ سورىدى.

زىلالە قەدىمىنى توختىتىپ:

 - مەن شۇ، بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى؟  - دېدى.

- بىر ئەپەندى سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەن، ئۇ ئەزىز مېھمانلار زالىدا سىزنى ساقلاۋاتىدۇ.  - دېدى خىزمەتچى خادىم جاۋابەن.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا تاماشىبىنلار مۇزىكانتلار بىلەن ئۇچراشماقچى بولسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا سەھنىگە  چىقىپ گۈل تەقدىم قىلىدۇ ياكى سوۋغاتنى ئارقا سەھنىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ئەزىز مېھمانلار زالىغا بېرىپ مۇزىكانتلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلار ئادەتتە بىر بولسا باي، يا بولمىسا ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئادەملەر. بۇنداق ئادەملەرنى رەنجىتىشكە بولمايدۇ.

ئايگۈل بۇ ئادەمنى جەسۇر دەپ قاراپ، زىلالەنىڭ بىلىكىگە نۇقۇپ:

 - تازىمۇبىر... جەسۇر دىرېكتور ھەر كۈنى بىزگە مۇھەببىتىڭلار كۆز - كۆز قىلىشنىلا بىلىدۇ.  بىزدەك بويتاقلارنى پەقەتلا ئويلاپ قويمايدۇ، - دېدى.

 - قايتىپ بارغاندا سىزنى مېھمان قىلاي، -  زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ  جاۋاب بېرىپ، ئىسكىرىپكىنى كۆتۈرۈپ ئەزىز مېھمانلار زالىغا كەلدى.

ئۇ ئىشىك سىرتىدا تۇرغان ئېگىز قارا كىيىملىك ئىككى ياردەمچىنى كۆرۈپ، سەل چۆچىدى.

جەسۇرنىڭ مىجەزىدە بۇنداق داغدۇغا قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

جەسۇر ئەمەسكەن، بۇ ئەپەندى زادى كىمدۇ؟

ئۇ ئەمدىلا سورىماقچى بولغاندا، ياندىكى ياردەمچى ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئېچىپ:

- زىلالە خانقىز بولامسىز،  ئەپەندىم سىزنى ساقلاۋاتىدۇ. - دېدى.


 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章