گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 53-قىسىم _ ياخشى يۈزلىنىش

文摘   小说   2024-09-26 13:59   新疆  

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 




دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ




داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  86  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40
494847 46 45


5251
50









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

53-قىسىم

 

 

53-قىسىم

ياخشى يۈزلىنىش

تەبىئىيلا دىلارەنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىمايدىغانلارمۇ، قارشى پىكىردە بولغانلارمۇ كۆرۈلدى.

ئەكرەم قول ئاستىدىكىلەرگە ھېلىقى بىر نەچچەيلەننى بىر-بىرلەپ ئېلىپ كېتىشنى تاپىلاپ، دىلارە بىلەن ئىليارنى ئېلىپ ئايرودۇرۇمنىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭدى.

تاراتقۇلار   تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ:

- ئىليار ئەپەندى، سىز ۋە بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ كەلگۈسى پىلانىڭلار نېمە؟ 

- ئەگەر بوۋاي يۇمشاق قوللۇق قىلسا، سىز ئۇنى كەچۈرەمسىز؟ 

- دىلارە باش دىرېكتور،  ئۆزىڭىزنىڭ ئىليار ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قانداق قارايسىز؟   - دەپ سورىدى.

ئىليار بىلەن  بوۋاينىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى، نېمىلا دېگەن بىلەن تاراتقۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى يەنىلا ناھايىتى چوڭ.

لېكىن ئۇلارنىڭ سوئالى جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.

ئايرودۇرۇمدىن چىقىپ ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن، دىلارە ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

- بولمايدۇ!  - دېدى ئىليار قەتئىيلىك بىلەن.

ئەكرەم ماشىنىنى قوزغىتىپ:

- خانىم خاتىرجەم بولۇڭ، ھېلىقى ئادەم خەتەردىن قۇتۇلدى،  ھازىر بارسىڭىزمۇ  بىلمەيدۇ ، تېخى ھوشىغا كەلمىدى. بۈگۈن بەك كەچ بولۇپ كەتتى، ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ، سىز يەنىلا ياخشى ئارام ئېلىڭ،  دوختۇرخانىغا ئەتە بارسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. - دېدى. 

ئەكرەمنىڭ ھېلىقى ئادەمنى خەتەردىن قۇتۇلدى دېگىنىنى ئاڭلاپ، دىلارەنىڭ چىرايى بارا-بارا ياخشىلىنىپ، سەل تارتىشىپ قالغان بەدىنى ئاستا-ئاستا يۇمشاپ:

- ئۇنچىلىك بولغان بولسا ياخشى.  - دېدى.

ھېچ ئىشنى خاتا قىلمىغان بىر ئادەمنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى، يەنە كېلىپ ئۇلارنى ئاقلايمەن دېگەنلىكىنى دېمەيلا قويايلى، ئەگەر ئۇ  راستتىنلا مۇشۇنداق يات ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلسا، ئۇنداقتا  دىلارە ھەرگىز ئۆزىنى كەچۈرەلمەيدۇ.

ئۇ گەرچە ئۆزىنى ياخشى ئادەم ئەمەس دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ، ھەم قارىغۇلارچە يامان ئىشلارغا چېتىۋالمايدۇ.

ئىليار ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۇنى باغرىغا بېسىپ، مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ:

- بۇ ئىشنى مەن ھەل قىلىمەن،  يىغىنىغىمۇ قاتنىشىپ بولدۇق. سىز ئەمدى ئۆيدە ھامىلىنى ياخشى بېقىشىڭىز كېرەك. - دېدى.

دىلارە بېشىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە قويۇپ، ئېغىر  نەپەس ئېلىپ:

- ھىم...  پەقەت ئۇ بالىغا ھېچ ئىش بولمىسىلا، مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن، - دېدى.

ئۇلارنى يېقىن ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايون بىناسىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كىيىن ئەكرەمنىڭ بۈگۈنكى خىزمىتى ۋاقتىنچە ئاخىرلاشتى.

تورنىڭ ھەممە يېرىنى ئىليار بىلەن دىلارەنىڭ خەۋىرى قاپلىدى.

ئىككى ئادەمنىڭ سالاھىيىتى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئاشكارىلىنىپ ئىلگىرىكى پەيدا بولغان دىلارە ئىليارغا ماس كەلمەيدۇ، كېيىنكى پەيدا بولغان ئىليار دىلارەنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ دېگەندەك ئىنكاس - مەزمۇنلار ھازىر پۈتكۈل توردىن يوقالدى.


ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۈمىدكە تولغان تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن ئاشۇ ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىكلەر ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

ياتاق بىناسىغا قايتىپ كەلگەندە، ئاتىكەم ئىشىك ئالدىدا بىر نەچچە ئادەم بىلەن ساقلاپ تۇراتتى.

ئۇلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ،  چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، دىلارەگە قاراپ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.

ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئاتىكەم بىر نەچچە ئادەمنى باشلاپ دىلارەنى ھەر تەرەپلىمە ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى.

ئەڭ ئاخىرىدا دىلارەنىڭ ئالدىدا سۈرلۈك قىياپەتتە:

- ئىككى ھامىلىنىڭ يۈرەك رىتىمى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تېزلىشىپ كېتىپتۇ... - دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان دىلارە تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ:

- بۇ نېمە ئىش بولغىنى؟ - دەپ سورىدى. 

ئاتىكەمنىڭ  چىرايى سوۋۇپ،   ئاۋازىنى سەل يۇقىرى كۆتۈرۈپ:

-  كەيپىياتىڭىزنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان. - دېدى. 

دىلارە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، قولىنى سەل-پەل تومپىيىپ چىققان قورسىقىغا قويدى، چىرايى تاتىرىپ كەتتى.

ئاتىكەم بۇنى سەزمىگەندەك، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :

- ھامىلە ئاپىسىنىڭ كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن، بولۇپمۇ ئاچچىقلىنىشتىن ئەڭ قورقىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئاچچىقلانسا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، ئەگەر  ئاچچىقلانسىڭىز، قورساقتىكى بالا سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى ھېس قىلىپ، خۇشال بولالمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ساق-سالامەت تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ، بەلكىم  غەمكىن، خىيالچان  بوۋاق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ ھامىلىدار ئاياللار ئاچچىقلانسا، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىپ، بوۋاقنىڭ يۈرەك سوقۇشىمۇ تېزلىشىپ، ئاسانلا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا، ھامىلىنىڭ غەيرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئۆزلۈكىدىن بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ.

ھامىلىدار ئايالنىڭ كەيپىياتى زادى قانچىلىك مۇھىم، بۇ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلە، بولمىسا ئاياللارنىڭ ئون ئايلىق خانىشلاردەك كۈتۈنىدىغان ئىمتىيازى بىكارغا كەتمەمدۇ. ئەگەر بالىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن غەمكىن بولۇپ قېلىشىنى، ھەتتا ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى ئويلىسىڭىز، كەيپىياتىڭىزنى داۋاملىق بۇزۇڭ، بۈگۈن سىزگە ئېنىق دەپ قوياي، ھازىر ئىككى بالىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ناھايىتى تېز، ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇنداقتا ھەممە ئىشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇڭ.  - دېدى.

 سۆزلەۋېتىپ، ئاتىكەم ئىككى قولىنى ئاق خالاتنىڭ ئىچىگە تىقىپ، دىلارەغا سالماقلىق بىلەن تىكىلىپ:

- خانىم، سىز چوقۇم مۇھىم بىلەن مۇھىم ئەمەسنى ئېنىق ئايرىشىڭىز كېرەك، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى قىسقىغىنا ئۈچ ئاي ئىچىدە قانچىلىك ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىڭىزنى، بالىڭىز ئۈچۈن نېمى قىلىپ بەرگىنىڭىزنى ئويلاپ بېقىشىڭىز كېرەك؟ ئەمدى كاللىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۇلارغا قويمىسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن... پۇشايمان قىلغان ۋاقىتىڭىز كۆپ بولىدۇ.  - دېدى.

دىلارە لېۋىنى چىڭ چىشلىدى، چىرايىدىن ئەندىشە ۋە جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

- ھازىرچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ بىرەر ئىش بولارمۇ؟ - دەپ سورىدى.

-  ئازراق ھامىلىنى تىنچلاندۇرۇش دورىسى يېزىپ بېرىمەن، لېكىن  سىز  يەنە... - دېدى ئاتىكەم. 

- بىلدىم، مەن چوقۇم ئۆيدە خاتىرجەم كۈتۈنىمەن. باشقا ئىشلار بىلەن ئەمدى كارىم  بولمايدۇ. - دېدى دىلارە. 

ئاتىكەم لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ھەممە نەرسىنى يىغىشتۇرۇپ بولغان بىر نەچچە ياردەمچىسىگە قارىغاچ، بىر چەتتىكى چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەن ئىليارنى كۆرۈپ قېلىپ:

- ئىليار ئەپەندىم، مەن ھازىر   ئازراق دورا يېزىپ بېرىمەن، دورا  ماشىنامدا، سىز مەن بىلەن بىللە چۈشۈپ ئېلىۋالامسىز، يولدا ماڭغاچ خانىمىڭىزنىڭ ئەھۋالنى يەنە بىر قېتىم دەپ بېرەي، سىز ئەر ۋە دادا بولغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار... - دېدى.

ئىليار قوشۇمىسىنى سۈزۈپ قويدى، ئەمما گەپ قىلماي، ئۈن-تىنسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاتىكەم بىلەن بىللە ئۆيدىن چىقتى.

ئاتىكەم ماشىنانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ماشىنادىكى نەرسە ساقلاش ساندۇقىدىن ئىككى قۇتا دورا بوتۇلكىسىنى ئالدى، ئاندىن  بىر دورا بوتۇلكىسىدىكى دورىنى  يەنە بىر قۇرۇق بوتۇلكىگە تۆكتى.

ئاغزىنى تولغاپ چىڭ ئەتكەندىن كېيىن ئىليارغا بەردى.

ئىليار قولىغا ئېلىپ:

- بۇ نېمە؟  - دەپ سورىدى.

-  ھامىلە ئاسراش دورىسى ، - دېدى ئاتىكەم. 

ئىليار ئۇنىڭغا سوغۇققىنە تىكىلىپ قارىدى، ئاتىكەم  ئۇھ تارتىپ:

-  ھامىلىدارلار كۆپ خىل ۋىتامىن تابلىتى، - دېدى.

ئىليار بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى.

- بايا دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت، لېكىن  مۇبالىغە قىلىپ ئاشۇرۇۋەتتىم. مېنىڭچە ئۇنىڭ بىكار بولالمايدىغان مىجەزى بىلەن ئېغىرراق قورقۇتۇپ قويمىسام،  ئادەمنى ھەرگىز خاتىرجەم قىلمايدۇ. قايتىپ بېرىپ ئۇنى ئوبدان بەزلەڭ،  دىققىتىنى چېچىپ، كۆپرەك ئۆزىنى، بالىنى ئويلىسۇن. بۇ ۋىتامىنلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن ماڭا خەۋەر قىلىڭ، يەنە تەييارلاپ بېرەي، - دېدى ئاتىكەم. 

ئاتىكەمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، ئىليارنىڭ سۈرلۈك چىرايىمۇ ئاستا-ئاستا ياخشىلاندى، ئۇ قولىدىكى دورا بوتۇلكىسىغا قاراپ، سەل-پەل كۈلۈمسىرەپ:

- بۇ قېتىم ياخشى قىلدىڭىز.  - دېدى.

ئاتىكەممۇ لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  رازى بولغاندىكىن، دوختۇرخانىمىزغا بىر قىسىم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىئانە قىلىشنى ئويلىشىپ باقامسىز؟ يېقىندا  بىر تۈركۈم يېڭى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چىقتى... - دېدى . 

- بالا تۇغۇلغاندا بىر گەپ بولسۇن، - ئاتىكەمگە كۆپ سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەي، ئىليار ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى.

ئاتىكەم دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، لەۋلىرىنى يۇمۇپ،  ئاچچىقى كەلگەن ھالدا:

- كەتتىم! - دەپلا  ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.

رەزىل سودىگەر!

بالىنى تۇغالىغاندا بىر گەپ بولسۇن؟

ئۇ  ئايالىنىڭ ئادەمنى زادى قانچىلىك خاتىرجەم قىلمايدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟

 ھەم نازۇك ھەم خىيالىغا كەلگەننى قىلىدىغان ھامىلىدار ئايالغا قاراش ئاسانمۇ!

ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ شەخسىي دوختۇرى بولۇش ئۇدا ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە تۇرۇپ بىر نەچچە ئوپېراتسىيە قىلغاندىنمۇ بەك چارچاپ كېتىدۇ ئادەم.

ئىليار ياتاق بىناسىغا قايتىپ كەلگەندە، دىلارە ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ، ساپادا تۈگۈلۈپ بىر تەرەپتىن چاي ئىچكەچ، بىر تەرەپتىن تەمكىن قىياپەتتە تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى.

ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئالدىراپ - تېنەپ:

-  دورىنى ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

ئىليار ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، قولىدىكى دورا بوتۇلكىسىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ:

- بەك جىددىيلىشىپ كەتمەڭ، ئاتىكەم ھېچ ئىش يوق دېگەندىكىن، چوقۇم ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئۇ سىزنى بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلسۇن دەيدۇ.  - دېدى.

دىلارە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ دورا بوتۇلكىسىدىكى چۈشەندۈرۈشكە قاراپ، ئىككى تال دورىنى تۆكۈپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ:

- ھازىر ئىچسەم بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى.

ئىليار دورىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بېشىنى لىڭشىتىپ:

- بولىدۇ، بىر كۈندە ئۈچ قېتىم. بۈگۈن بالىنىڭ ئەھۋال مۇقىم ئەمەس، ئاۋۋال ئىككى تال ئىچىپ تۇرۇڭ، - دېدى. 

دىلارە دورىنى ئاغزىغا سېلىپ، سۇ بىلەن يۇتتى.

ئۇ كۆزىنى يۇمدى، باشقا غەلىتە سېزىم يوقتەك ھېس قىلىپ، ئاندىن كۆزىنى ئاستا ئاچتى.

قولىنى قورسىقىغا قويدى، چىرايىدىن يەنىلا خۇشاللىق ئالامىتى كۆرۈنمىدى.

- بۇ قېتىم ياۋاشلىق بىلەن ئۆيدە كۈتۈنەمسىز؟ - دېدى ئىليار. 

دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ:

- چوقۇم ياۋاشلىق بىلەن ئۆيدە ئولتۇرىمەن، - دېدى. 

- بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتتىن باشقا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ ياكى ۋاقىتلىق باشقا قىزىقىشلارنى يېتىلدۈرسىڭىزمۇ  ھامىلە تەربىيەسى بېرىش ھېسابلىنىدۇ.  - دېدى ئىليار.

دىلارەنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىنىڭ قارىماققا يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن بايا ئايرۇدۇمدىكى  غەزەپلەنگەن ھالىتىگە سېلىشتۇرغاندا، كەيپىيات ئۆزگىرىش بەك تېز بولۇپ كەتتىمۇ قانداق.

ئۇ ئېنىقلا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. 

ئاتىكەمنىڭ گېپىدىن قورقۇپ،  ھازىرچە  ھەرقانداق ئىشتىن ئەنسىرەشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ.

لېكىن بۇ خىل ئۆزلۈك ئېڭى ئارقىلىق كونترول قىلىنغان كەيپىيات، راستتىنلا ياخشىلانغان ھېسابلىنامدۇ؟

دىلارەنىڭ سەزگۈر ۋاقتىدا،ئىليار بىۋاسىتە ئۇنى ئاشكارىلاپ قويسا بولمايدۇ.







 

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章