مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 26-قىسىم_ ئاجرىشىمەن

文摘   小说   2024-09-29 14:30   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  



دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ



داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  62  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221



مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

26 -قىسىم

   

 

      

26-قىسىم  ئاجرىشىشقا قوشۇلىمەن (2)


زىلالە ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ زۆھرە بىلەن سودا سارايغا بېرىپ، ئۆمەرگە بىر قۇر يېڭى كىيىم سېتىۋالدى.

كاستۇم-بۇرۇلكىدىن باشقا كۆڭلەك، گالىستۇك، پايپاق ھەممىنى يېڭىدىن سېتىۋالدى.

بۇ پەقەت سوتتا سوتچىغا ياخشى تەسىر بېرىش ئۈچۈنلا ئەمەس.

ھەش-پەش دېگۈچە، سوت ئېچىلىدىغان كۈن بولدى.

زىلالە بىلەن ئەكبەر بىللە ماڭدى  .

ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ كۆرۈشىدىغان كۈنى بولمىغاچقا زىلالە ئۆمەر بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى، شۇڭا خىزمەتچى خادىملارغا كىيىم-كېچەكلەرنى  تاپشۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى.

ئارقىدىن، بىر نەچچە ئادەم بۆلۈنۈپ ماشىنىغا چىقىپ، ئۆمەرنى   ئېلىپ ماڭغان ماشىنىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ سوت مەھكىمىسىگە كەلدى.

بۇ دېلو ئىنتايىن چوڭ بولغاچقا، بۇ قېتىمقى سوت ئېچىشمۇ ھەر ساھە زاتلىرىنى جەلپ قىلدى.

نۇرغۇن ئۆي سېتىۋالغۇچىلار سوت  سىرتىدا <تيەننىڭ پۇلىمىزنى قايتۇرۇپ بەرسۇن> ، < قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇلىمىز قايتۇرسۇن> دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ،  ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدى.


ئۆمەر ئولتۇرغان ماشىنىنى  ساقچىلار قوغداپ، بىۋاسىتە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىردى.

زىلالە بىلەن ئەكبەرنىڭ ماشىنىسىنىڭ بۇنداق ھوقۇقى يوق.

زىلالە ماشىنىدىن چۈشىشىگىلا كىشىلەر ئۇنى ئورىۋالدى.

تاراتقۇلارمۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ، تېلېكامېرا ۋە  مىكروفوننى توغرىلاپ:

- زىلالە خانقىز، سىزنىڭچە ئاكىڭىزنىڭ يېڭىش نىسبىتى قانچىلىك؟ 

 -  سىرتتىكىلەر، سىلەرنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆمەرنىڭ دېلوسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ دېيىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا دەيدىغان قانداق گېپىڭىز بار؟ 

 - ئۆمەر خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن دەپ ئېتىراپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ، تيەننىڭ شىركىتىنىڭ ئۆيىنى سېتىۋالغۇچىلارغا قانداق چۈشەنچە بەرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر؟  - دەپ سوراشتى.

كۆپچىلىكنىڭ سوئالىغا قارىتا، زىلالەمۇ ئۆزىنى قاچۇرماي:

- ئاكامنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىگە، قانۇننىڭ  ھەققانىي ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.  - دېدى.

ئەتراپتىكى ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، دەرھاللا ۋارقىرىشىپ:

- قۇرۇق گەپ، سىلەر پۇل تاپساڭلا بولدى، بىز  بىلەن كارىڭلار بولمايدۇ! 

 - سىلەرنىڭ پۇلۇڭلار كۆپقۇ، قان-تەر سىڭدۈرگەن پۇلىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار...

 - شۇنداق، ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن تاپشۇرغان پۇلىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار!  - دېيىشتى.

ئەكبەر ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، ياردەمچىسى بىلەن ئالدىراش يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇلارنى ئايرىۋەتمەكچى بولۇپ:

- كۆپچىلىك ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىڭلار، يول بېرىڭلار! - دېدى.

 - بۇ ئۆمەرنىڭ ئادۋوكاتى،  ھېلىقى قارا نىيەت لايىھەلىگۈچىنى ئاقلىماقچى! 

كىشىلەر توپى ئارىسىدا، كىمدۇر بىرى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدى.

كۆپچىلىك دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، ئەكبەرنى تەرەپتىن - تەرەپتىن تارتتى، نەق مەيدان بىردىنلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

زىلالە ئەكبەرنى قوغداشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن  ئۆي سېتىۋالغۇچى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى.

 - زىلالە! 

زىلالەنى بىر نەچچە ئادەم تارتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ :

- ئەبلەخ، ئۇنى قويۇۋېتىڭلار! - دەپ ۋارقىرىدى.

ئۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى بولسۇن؟

ئۆي سېتىۋالغۇچىلار كۆپچىلىكنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشىغا ئۇچراپ، ئاچچىقىنى  زىلالەدىن چىقارماقچى بولۇشتى.

 - ئۇنى تۇتۇڭلار! 

 - بۇ ئوسماننىڭ قىزى! 

 - زىلالە! 

ئەكبەر يەنە بىر قېتىم ئېتىلىپ بارماقچى بولغان بولسىمۇ، كۈچى يەتمىدى.

- قويۇۋېتىڭلار... مېنى قويۇۋېتىڭلار! 

زىلالە قاتتىق تىركەشتى،  پۇتلىشىپ كەتكىنىنى بىلمىدى، ئېگىز پاشنىلىق ئايىغى  مايماق كېتىپ، كىشىلەر توپى ئارىسىغا يىقىلىپ چۈشتى.

ئادەم كۆپ، قالايمىقانچىلىك بولغاچقا دەسسىلىپ كېتىش خەۋپى بار ئىدى.

بىر ئادەم توساتتىن كىشىلەر توپىغا قىستىلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ باغرىغا باستى.

زىلالەنىڭ بېشى قاتتىق كۆكرەككە چاپلىشىپ، تونۇش پۇراق دىمىقىغا ئۇرۇلدى.

زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، تونۇش چىراينى  يەنى  كۆز ئالدىدىكى جەسۇرنى كۆرۈپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى.

 ئۇمۇ كەپتۇ - دە ؟

بۇ چاغدا، ئەنۋەر  بىر نەچچە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسىنى ئېلىپ كەلدى.

كۆپچىلىك بىرلىكتە كونتروللۇقىنى يوقاتقان كىشىلەر توپىنى ئايرىدى، جەسۇر ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر قولىدا زىلالەنى قۇچاقلاپ، يەنە بىر قولىدا ئىتتىرىپ يول ئاچتى!


ئەكبەر قاتارلىقلارمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە پەلەمپەيدىن چىقىپ، سوت مەھكىمىسى بىناسىغا كىردى، بۇنىڭ بىلەن  ئاۋارچلىقتىن قۇتۇلدى.

ئەكبەر زىلالەنى قۇچاقلاپ تۇرغان جەسۇرنى كۆرۈپ، ھەيرانلىق ئىلىكىدە:

 - سىزمۇ كەلدىڭىزمۇ؟ - دېدى.

 -  تيەننىڭ شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك دېلو بولغاندىكىن،  ئەلۋەتتە كېلىپ كۆرۈپ باقىمەندە ، - دېدى جەسۇر زىلالەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغان بىلىكىنى بوشىتىپ، پەلتوسىنى ئوڭشىشىغا ياردەملەشتى.

چاچلىرىنىڭ سەل قالايمىقان بولۇپ كەتكىنىگە دىققەت قىلغان جەسۇر ناھايىتى تەبىئىي يوسۇندا ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ  تۈزەشتۈرۈپ:

 - بىرەر يېرىڭىز يارىلانمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقىدى.

- سوت ئېچىلىدىغان ئىشنى سىرتقا ئېلان قىلمىغان تۇرساق، نېمىشقا بۇنچە كۆپ ئادەم كېلىدۇ؟ - دېدى  ئەكبەرنىڭ ياردەمچىسى، تەلەپپۇزىدىن گۇمانلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى.

جەسۇر بېشىنى كۆتۈرۈپ، سوغۇققىنە دىقىمىنى قېقىپ:

 - ئەلۋەتتە بەزىلەر بۇ دېلونىڭ ئاغدۇرۇلۇشنى خالىمايدۇ.  - دېدى.

 - چوقۇم قەيسەر دېگەن داشقالنىڭ قىلغان ئىشى، - دېدى زىلالە ئاچچىقىدا ئاغزىنى بۇزۇپ.

 - ھازىر بۇلارنى دېيىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس.  - دېدى ئەكبەر سائەتكە قاراپ،  - ماڭايلى،    باشقا ئىشلارنى كېيىنرەك دېيىشەيلى، - دېدى. 

بىر نەچچە ئادەم بىرلىكتە ئۈستۈنكى قەۋەتكە كېلىپ  ئىشىكنى ئاچتى.

ئەكبەر ياردەمچىسىنى ئېلىپ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىق ئورنىغا كەلدى، زىلالە، جەسۇر، ئەنۋەر سىرتتىن قاتناشقۇچىلار ئورنىدا ئولتۇردى.

سائەت 9 دا، سوتچى بىلەن ئەيىبلىگۈچى سوتقا كىردى، ئارقىدىن جاۋابكار ئۆمەرمۇ سوتقا ئېلىپ چېقىلدى.

ئۆمەر بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئاتايىتەن چاچ - ساقاللىرىنى ياسىتىپ،  ئۇچىسىغا يېڭى كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇزاقتىن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇرغانلىق ئىزناسىنى كۆرگىلىمۇ بولمايتتى.

 سەل ئورۇقلاپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ۋۇجۇدىدىن  سالاپەت يېغىپ تۇراتتى.

ئۆمەر سوتچىغا يۈزلىنىپ، ئالدىرىماي ئۆزىنىڭ سۆزىنى بايان قىلدى.

 - تيەننىڭنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ لايىھەسىدە   لايىھە چېرتيوژىمدا قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار قائىدىلەرگە خىلاپ ھېچقانداق مەسىلە يوق، مەنمۇئىشتىن ئىنتايىن قايغۇردۇم. لېكىن يەنىلا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەردى.  مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مەن ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم، سوتچىنىڭ بۇ دېلونى قايتا سوت قىلىپ، ھەقىقىي باش جىنايەتچىنى تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. - دېدى.

سوتچى بېشىنى لىڭشىتىپ، ئەيىبلىگۈچى تەرەپكە قاراپ:

 - ئەيىبلىگۈچى،  ئۆز بايانىڭىزنى سۆزلەڭ، - دېدى. 

ئەيىبلىگۈچى بېشىنى لىڭشىتىپ:

 - بىز ئۆمەرنىڭ لايىھەلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تيەننىڭ ياتاق بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش دېلوسىدا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايمىز. چۈنكى بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى پۈتۈنلەي لايىھەدىكى خاتالىق. بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەن گۇۋاھچىنىڭ سوتقا چىقىشىنى تەلەپ قىلىمەن.  - دېدى.


زىلالە قاتارلىقلار تەڭلا بېشىنى بۇراپ، قەيسەرنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، چەبدەس قەدەم ئېلىپ كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆردى.

ئۇنى كۆرگەن زىلالە ئاچچىقىدا مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى.

جەسۇر قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ بېغىشىدىن تۇتۇۋېلىپ:

 - ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ!  - دېدى.

زىلالە ئۆزىنىڭ ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ، غەزەپ ئوتىنى بېسىپ جايىدا ئولتۇردى.

جەسۇر دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ، تەسەللى بېرىپ:

 - ئەكبەرگە ئىشىنىڭ،  ئۇتتۇرۇپ قويمايمىز. - دېدى.

 ئەرنىڭ ئالىقىنىدىن كېلىۋاتقان ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغان زىلالە يان تەرەپكە بۇرۇلۇپ، جەسۇرنىڭ كۆزىگە قارىدى.

بۇ بىر جۈپ كۆز بۇرۇنقىدەكلا،  ئىللىق ھەم چوڭقۇر ئىدى.

ئىككى جۈپ كۆز ئۇچراشقان شۇ دەقىقىدە جەسۇرنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ، كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، قولىنى تېز سۈرئەتتە تارتىۋالدى.






 

 

 

、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章