مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 25-قىسىم_ ئاجرىشىشقا قوشۇلىمەن

文摘   小说   2024-09-28 14:38   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  



دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ



داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  60  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716

24232221



مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

25 -قىسىم

   


25-قىسىم ئاجرىشىشقا قوشۇلىمەن (1)


ئىككىنچى كۈنى سەھەردە زىلالە سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە  دادىسىنى يوقلاپ بېرىپ ئاكىسىنىڭ دېلوسىنى قايتا سوت قىلىش خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشنى ئويلىدى.

يېڭى يىلغا ئاز قالغاندا، ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق بولۇۋاتاتتى.

بۈگۈنمۇ ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، قۇياشنى كۆرگىلى بولمىدى، كۈل رەڭ بۇلۇت بىلەن  تۇمان ئارىلىشىپ، ھەممە نەرسە تۇتۇق كۆرۈنەتتى.

زىلالە چىڭ يۆگىنىپ سىرتقا چىقىپ، دېرىزە سىرتىدىكى سوغۇق شامالدا قېقىلىپ،  ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يۆتىلىپ كەتتى.

يول بويى تۈگۈلۈپ ئاپتوبۇس بېكىتىگە كېلىپ،  بىر نەچچە مىنۇت ساقلىغان بولسىمۇ، ئاپتوبۇس كەلمىدى.

 ماشىنا توسۇپ بېرىش-بارماسلىقنى ئويلىشىۋاتقاندا، تونۇش دېڭىز كۆكى رەڭلىك دالا ماشىنىسى كېلىپ يول بويىدا توختىدى.

ماشىنىنىڭ دېرىزىسى سىيرىلىپ چۈشۈپ، جەسۇرنىڭ يۈزى كۆرۈندى.

شوپۇرنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغان جەسۇر بۇرۇنقىدەكلا كېلىشكەن ھالىتىنى ساقلاپ قالغانىدى.

ئەمما ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن بولسا كېرەك، قوشۇمىسى  سەل تۈرۈلگەن بولۇپ، بىر ئاز ياداڭغۇ ۋە ھارغىن كۆرۈندى، ئاۋازىمۇ بوغۇلۇپ:

- ماشىنىغا چىقىڭ،  ئاپىرىپ قوياي. - دېدى - دە  قولىدىكى ھۆججەت خالتىسىنى پۇلاڭلىتىپ، - سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان ئىش بار.  - دېدى.

زىلالەمۇ  ئۇنىڭدىن قېچىپ يۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

بىر ھازا ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئاخىرى  ئىشىكنى ئېچىپ، ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇردى.

ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىغانلىقىنى كۆرگەن جەسۇر ماشىنىنى قايتىدىن قوزغاتتى.

 يول بويى ھېچكىم  گەپ قىلمىدى.

ماشىنىنىڭ ئىچى جىمجىتلىقتىن ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلدى.

زىلالە بېشىنى ئاستا بۇراپ، شوپۇر ئورنىدىكى جەسۇرغا قارىدى.

نەچچە قېتىم گەپ قىلاي دېسىمۇ،  نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى.

ماشىنا شەھەر رايونىدىن چىقىپ، شەھەر ئەتراپىغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا بۇرۇلدى.

 جەسۇر ئاخىر ئېغىز ئېچىپ:

  - ئاجرىشىشقا قوشۇلىمەن.  - دېدى.

بۇ كۈنلەردە زىلالە ئىزچىل ئۇنىڭ مۇشۇ  گېپىنى ساقلاپ كەلگەن.

ئەمدىلىكتە ئاغزىدىن چىقارغاندا،  قەلبىدە خىيالىدىكىدەك خۇشاللىق يوق، ئەكسىچە دېگىلى بولمايدىغان بېسىم پەيدا بولۇپ:

 - رەھمەت. - دېدى.

جەسۇر لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ:

 - سىز تېخى باشقا گەپ قىلىشنى ئۆگىنەلمىدىڭىزمۇ. - دېدى. 

زىلالە  بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ، خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاستا ئېغىز ئېچىپ:

 - كەچۈرۈڭ.  - دېدى.

گەپنى دەپ بولۇپ، ئازراق پۇشايمان قىلدى.

جەسۇر بۇ ئىككى جۈملە گەپنىڭ ھېچقايسىسى  ياخشى كۆرمەيدۇ.

زىلالە باشقا پاراڭ تېمىسى تېپىشقا تىرىشتى، ئەمما كۆپ ئويلانغاندىن كېيىن، يەنىلا نېمە دېيىشنى بىلەلمىدى.

ماشىنا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن بۇرۇلۇپ، ناھايىتى تېزلا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ ئەتراپىغا كەلدى.

ماشىنىنى يول بويىغا توختاتقان جەسۇر ھۆججەت خالتىسىنى سۇنۇپ:

- ھۆججەتكە  ئىمزا قويۇپ بولدۇم، سىز ئىمزا قويۇپ، بىر نۇسخىسىنى ماڭا بېرىڭ.  - دېدى.

زىلالە ھۆججەت خالتىسىنى ئېلىپ، ئىچىدىن ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسى ۋە قەلەمنى ئالدى.

 مەزمۇننى تەپسىلىي كۆرمەي، ئەڭ ئاخىرقى بەتنى ئېچىپ، ئىمزا قويۇشقا تەييارلىق قىلدى.

جەسۇر ئۇنىڭ قەلەمنى سىقىمداپ تۇتقان ئوڭ قولىغا قاراپ، بېشىنى يانغا بۇراپ:

 - مەزمۇنىنى كۆرۈپ باقمامسىز؟  - دېدى.

 - ھاجىتى يوق، سىزگە ئىشىنىمەن. - دېدى زىلالە.

ئىككىيلەننىڭ تويىمۇ ئەسلىدىنلا توختام بويىچە قىلىنغان، مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈش مەسىلىسىگىمۇ چېتىلمايدۇ.

ئۇنىڭ قولىدا تىيىن چاغلىق بايلىق يوق، ئەنسىرەيدىغان نېمىسى بار؟

ئەينى چاغدا ئىككىيلەن توي قىلىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىغاندىن تارتىپ، ھازىرقى ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىغانغا قەدەر، زىلالە ئۇنىڭدىن ئاغرىندى، خاپا بولدى...

ئەمما قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن يەنىلا جەسۇرنىڭ توختام ئىشىدا  ئۆزىنى تەڭلىكتە قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ئۇنىڭ ناچار ئادەم ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.

 <سىزگە ئىشىنىمەن> دېگەن گەپنى ئاڭلىغان جەسۇرنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.

زىلالە ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىنى ئېچىپ، ھۆججەتتىكى جەسۇر ئىمزا قويغان ئىسىمغا قارىۋەتكەندىن كېيىن،  ئوڭ قولىنى  ئۆزى ئىمزا قويىدىغان ئورۇنغا يۆتكىدى.

كۆز ئالدىدا ئىختىيارسىز  تويلىشىش كىنىشكىسى ئالغان كۈنى  كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويغان چاغدىكى مەنزىرە پەيدا بولدى.

توي قىلىپ ئاجرىشىشقىچە قىسقىغىنا بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپتۇ.

بۇ ئەر ئۇنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن رەڭدار ئىزلارنى قالدۇردى.

مانا ئەمدى ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويماقچى بولۇۋاتىدۇ... ئۇنىڭدا يەنىلا ئىختىيارسىز باشقىچە كەيپىيات پەيدا بولدى.

بۇ خىل كەيپىياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە زىلالە ئۆزىمۇ ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ.

جەسۇرنىڭ نەزىرى  قەلەمنىڭ ئۇچىغا تىكىلگەن بولسىمۇ، چىرايىدا ئانچە كۆپ ئىپادە كۆرۈلمىدى.

زىلالە ئاخىرى بارمىقىنى مىدىرلىتىپ، ھۆججەتكە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازماقچى بولدى.

جەسۇر توساتتىن ئوڭ قولىنى سوزۇپ يېرىمىغا كەلگەندە، خۇددى ئوتتا  كۆيگەندەك ئىتتىك تارتىۋالدى.

زىلالە ئالدىدىكى ھۆججەتكە قاراپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ بۇ  ھەرىكىتىگە دىققەت قىلمىدى.

ئىككى پارچە ھۆججەتكە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، بىر پارچىسىنى ئۆزىنىڭ سومكىسىغا، يەنە بىر پارچىسىنى ھۆججەت خالتىسىغا سېلىپ :

- ئۇنداقتا... مەن كىرىپ كەتتىم، - دېدى.

جەسۇر گەپ قىلمىدى.

زىلالە  ئىشىكنى ئىتتىرىپ، سومكىسىنى مۈرىسىگە ئېسىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، كېلىشىمنامە قاچىلانغان ھۆججەت خالتىسىنى ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا قويدى.

بېشىنى كۆتۈرۈپ، شوپۇر ئورنىدىكى جەسۇرغا قاراپ، لەۋلىرىنى  مىدىرلىتىپ، ئاخىرى يەنىلا ھېچنېمە دېيەلمەي كەينىگە بۇرۇلۇپ  سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدى.

 - زىلالە! 

 كەينىدە تۇيۇقسىز جەسۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

زىلالە كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ قاچانلاردا ماشىنىدىن چۈشكەنلىكىنى بىلمەي قالدى.

 قىش كۈنلىرى شەھەر ئەتراپى رايونى ئادەتتىن تاشقىرى تۇمانلىق بولاتتى.

 ئەرنىڭ قارا رەڭلىك پەلتوسى تۇمانلىق قىش ئاسمىنىغا قوشۇلۇپ، شۇنچىلىك ئورۇق كۆرۈندى.

زىلالەنىڭ گېلى بوغۇلۇپ، كۆز چانىقى ئىختىيارسىز قىزىرىپ نەمدەلدى.

ئەمما يەنىلا كەيپىياتىنى تىرىشىپ كونترول قىلىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

 -  يەنە باشقا ئىش بارمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

جەسۇر ماشىنا ئىشىكىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىگە يىراقتىن قاراپ ، ئاخىر چىداپ تۇرالماي،  يۈگۈرۈپ كېلىپ باغرىغا باستى.

زىلالە چۆچۈپ قېتىپ قېلىپ مىدىرلىيالمىدى.

جەسۇر بىلىكىنى  تېخىمۇ چىڭىتىپ باغرىغا چىڭ باستى ۋە سەل بوغۇق ھەم پەس ئاۋازدا:

 - مەيلى ماڭا ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ، مەن يەنە بىر قېتىم دەيمەن، باشتىن-ئاخىر سىزگە ئاسىيلىق قىلىپ باقمىدىم. ئەگەر ئىلگىرى سىزگە ئازار بەرگەن بولسام، كەچۈرۋېتىڭ، - دېدى. 

 يۈزى زىلالەنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى ئارىسىغا كۆمۈلۈپ قالغان جەسۇر چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ،  بىردىنلا قولىنى قويۇۋېتىپ، بۇرۇلۇپ ماشىنىغا چىقتى.

دېڭىز كۆكى رەڭلىك ماشىنا ئاستا-ئاستا كەينىگە بۇرۇلدى، خۇددى بىر كىم بىلەن قېيدىشىپ قالغاندەك، بىردىنلا گۈركىرەپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ يىراقلارغا يۈرۈپ كەتتى.

قارشى تەرەپنىڭ ماشىنىسىنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن زىلالەنىڭ يۈرىكىمۇ خۇددى كىسىلگەندەك بىئارام بولدى.

ھازىردىن باشلاپ، ئۇلار  ناتونۇش ئادەملەرگە ئايلاندى.

 ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئالاقە بولمايدۇ، بۇ چاغدا  بۇرۇنى ئېچىشىپ، كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز تاراملاپ تۆكۈلدى.

تاكى دېڭىز كۆكى رەڭلىك ماشىنا كۆرۈنمىگەندە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، بۇرۇلۇپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە قاراپ ماڭدى.

ئۇدۇل دادىسى ياتقان كېسەلخانىغا كەلدى.

لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش كۈلۈمسىرەپ :

- دادا، سىزگە بىر خۇش خەۋەر ئېيتاي، ئاكامنىڭ دېلوسى قايتا سوت قىلىنىدىغان بولدى.  - دېدى.

چوكا بىلەن پۇرچاق قىسىشنى مەشىق قىلىۋاتقان ئوسماننىڭ بارماقلىرى  تىترەپ، پۇرچاق پولغا چۈشۈپ:

 - راستمۇ؟  - دېدى.

زىلالە كېلىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ پۇرچاقنى ئېلىپ تەخسىگە قويدى ۋە قولىنى سوزۇپ، دادىسىنىڭ تاتىرىپ كەتكەن قوللىرىنى چىڭ سىقىپ:

 - ئادۋوكات ئاكامنىڭ يېڭىش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. باھار بايرىمىدا سىزمۇ ئۆيگە قايتالايسىز، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىمىز.  - دېدى.

ئوسماننىڭ قوللىرىمۇ، لەۋلىرىمۇ تىترىدى،  بىر جۈپ ئورا كۆزلىرى ياشقا تولۇپ:

 - بولىدۇ، بولىدۇ.... تۈگرە تۈگەيلى، بايراملىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرەيلى، يەنە  مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىمىز.  بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە... بىللە بارايلى!   - دېدى.

قولىنى سوزۇپ دادىسىنى قۇچاقلىۋالغان زىلالە كۈچەپ بېشىنى لىڭشىتىپ:

 - ھىم، بىللە بارىمىز. - دېدى. 

ئاتا-بالا ئىككىسى بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ، تەڭلا يىغلاپ تاشلىدى.









 

 

 

、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章