كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
21 -قىسىم
21-قىسىم
توي قىلىپ بولغانلارنىڭ غېمى (1)
گۈدۈك ئاۋازىنى ئاڭلىغان زىلالە بېشىنى بۇراپ، ماشىنا ئىچىدىكى نۇرزاتنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى كۆرۈپ:
- نۇرزات دوختۇر، بۇ يەردە تۇرىسىزغۇ. - دېدى.
- سىزمۇ شەھەرگە قايتامسىز؟ - دەپ سورىدى نۇرزات ياردەمچى شوپۇر ئورنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، - بۇ يەردە تاكسى توسۇش ئاسان ئەمەس، ماشىنىغا چىقىڭ، ئاپىرىپ قوياي، - دېدى.
زىلالە قارشى تەرەپكە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ:
- سىز بۇ يەردە خىزمەت قىلمايدىغانسىز؟- دەپ سورىدى.
نۇرزات كەينىدىكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە بىر قاراپ قويۇپ:
- بۇ... ئىشتىن سىرتقى خىزمەت دېسەممۇ بولىدۇ، سىزچۇ، بۇ يەرگە كېلىپ قاپسىزغۇ؟ - دەپ سورىدى.
- دادامنى بۇ يەرگە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ ئەكەلدىم. - دېدى زىلالە.
- ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى يامان ئەمەس، دوختۇرلارمۇ ناھايىتى كەسپىي، دادىڭىز چوقۇم تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ. - دېدى نۇرزات.
يولدا ماڭغاچ نۇرزات ناھايىتى تەبىئىي ھالدا دادىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىدى، زىلالەمۇ ئەينەن جاۋاب بەردى.
دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نۇرزاتنىڭ كۆزلىرىگە ھېسداشلىق تۇيغۇسى قوشۇلدى.
ئىككىيلەن يول بويى پاراڭلىشىپ، بىلىپ-بىلمەيلا شەھەرگە يېتىپ كەلدى.
- نەگە بارىسىز؟ - دەپ سورىدى نۇرزات.
- مېنى خالىغان يول بويىدا چۈشۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ. - دېدى زىلالە.
- ئۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي، ئىشقىلىپ مېنىڭمۇ باشقا ئىشىم يوق، - دېدى نۇرزات.
- ۋاقتىڭىز بولسا؟ - دېدى زىلالە سائەتكە قاراپ، - ئۇنداق بولسا... سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي، - دېدى.
ئالدىنقى قېتىم ئايروپىلاندا، نۇرزات ئۇنى قۇتقۇزۋالمىغان بولسا، ھازىرقىدەك ئامان-ئېسەن ئولتۇرمىغان بولاتتى.
ئەسلىدە شۇ چاغدىلا تاماققا تەكلىپ قىلماقچى بولغان، جەسۇرنىڭ ئىشى بىلەن ۋاقتى چىقمىغاچقا، ياخشىلىقنى قايتۇرىدىغان پۇرسەت تاپالمىدى.
- ئۇنداقتا تۈزۈت قىلمىدىم. - دېدى نۇرزات ئالدىدىكى يولغا قاراپ قويۇپ، ئىككى كوچىدىن ئۆتۈپ، ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ، ياندىكى ئادەتتىكى ئائىلە تائاملىرى ئاشخانىسىنى كۆرسىتىپ:
- مۇشۇ ئاشخانا بولسۇنمۇ؟ - دېدى.
زىلالە ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن يول بويىدىكى ئادەتتىكى ئاشخانىغا قاراپ، قوشۇمىسىنى سەل - پەل تۈرۈپ:
- مۇشۇ يەردىن يەمدۇق؟ - دەپ سورىدى.
قانداقلا بولمىسۇن، مېھمان قىلىدىغان ئادەم ئۇ.
قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا شۇنچە چوڭ ياردەم قىلغان تۇرسا، خىجىل بولماي يول بويىدىكى كىچىك ئاشخانىغا تەكلىپ قىلامدۇ؟!
نۇرزات ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ:
- قاراڭ، بۇ ئاشخانىنىڭ خېرىدارلىرى بەك كۆپكەن، بىر قاراشقىلا تاماقلىرىنىڭ تەمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. يۈرۈڭ، بىزمۇ بېرىپ تېتىپ باقايلى. - دېدى.
قارشى تەرەپ بۇنداق چىڭ تۇرغان يەردە زىلالە يەنە نېمە دېيەلەيتتى.
ئىككىيلەن بىللە ئاشخانىغا كىرىپ، بوش ئۈستەل تېپىپ ئولتۇردى.
زىلالە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماق تىزىملىكىنى سۇندى، نۇرزات ئۈچ خىل قورۇما بۇيرۇتۇپلا توختاپ قالدى.
زىلالەمۇ تاماق تىزىملىكىدىكى قىممەت قورۇمىلارنى تاللاپ، ئىككى تەخسە بۇيرۇتۇپ:
- نۇرزات دوختۇر نېمە ئىچىسىز؟ - دەپ سورىدى.
- ماشىنا ھەيدىگەندە ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىشكە بولمايدۇ، - دېدى نۇرزات قولىدىكى ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ، - چاينىڭ تەمى ياخشىكەن. - دېدى.
- ماڭا پۇل تېجەپ بېرەي دېمەيدىغانسىز، - دېدى زىلالە تاماق تىزىملىكىگە قاراپ، - ئىككى ئىستاكان مېۋە شەربىتى كەلتۈرۈڭ. - دېدى.
مۇلازىم ئارقا سۇپىغا بېرىپ تاماقلارنى زاكاز قىلدى، زىلالە چەينەكنى ئېلىپ نۇرزاتقا چاي قويۇپ بەرگەچ:
- سەت بولدى، ئەسلىدە سىزنى بۇرۇنلا تاماققا تەكلىپ قىلىشنى ئويلىغان، ھازىرغىچە سۆرەپ يۈردىم، - دېدى.
نۇرزات بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:
- كىچىككىنە ئىشنى ئۇنچە كۆڭلىڭىزگە ئېلىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. - دېدى.
بىردەمدىن كېيىن، تاماقلار ئۈستەلگە چىقتى.
زىلالە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېۋە شەربىتى قۇيۇپ بەردى، نۇرزات ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ:
- ئۇنداق بولسا مېۋە شەربىتى بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. - دېدى.
زىلالە ئۇنىڭ بىلەن ئىستاكاننى سوقۇشتۇرۇپ:
- رەھمەت.- دېدى.
ئىككىيلەن بىر تەرەپتىن تاماق يەپ، بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىپ، سائەت توققۇز بولغاندا ئاشخانىدىن چىقتى، نۇرزات تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپ:
- يۈرۈڭ، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي. - دېدى.
- ھاجىتى يوق، ئۆزۈم قايتىپ كەتسەم بولىدۇ. - دېدى زىلالە.
- نېمە، ئېرىڭىزنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتامسىز؟- دەپ سورىدى نۇرزات كۈلۈپ تۇرۇپ.
زىلالە يوشۇرۇنچە كۈلۈپ قويۇپ:
- ياق، مېنىڭ... يەنە باشقا ئىشىم بار. - دېدى.
ئۇنىڭ تەڭلىكتە قالغانلىقىنى كۆرگەن نۇرزاتمۇ چىڭ تۇرۇۋالماي:
- ئۇنداقتا مەن ماڭغاچ تۇراي، ئەگەر ياردەم قىلىدىغان ئىش بولسا، خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. - دېدى - دە زىلالەگە قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
زىلالە ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، تاكسى توسۇپ داچا رايونىنىڭ ئادرېسىنى ئېيتتى.
مۇشۇ كۈنلەردە،بۇ ئۆيىگە قايتىشقا كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، بىلىپ-بىلمەيلا ئۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيى دەپ قالغانىدى.
گەپ ئېغىزىدىن چىقىشى بىلەن، توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ:
- ياق، ئۇستام، مېنى كۈي سۆيەر ئۆمىكىگە ئاپىرىپ قويۇڭ! - دېدى.
ئاجرىشىشنى قارار قىلغانىكەن، تەبىئىيلا بۇرۇنقى داچىغا قايتىپ بارالمايدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ جەسۇرنىڭ ئۆيى.
مېھمانخانىدا ياتسا بىرمۇنچە ئىسراپچىلىق، بۈگۈن كەچتە مۇزىكا ئۆمىكىگە بېرىپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەتە ئامال قىلىپ كىچىكرەك ئۆيدىن بىرنى ئىجارە ئالماقچى بولدى.
تاكسى مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، زىلالە كىرا ھەققىنى تۆلەپ ماشىنىدىن چۈشتى.
يېقىندىن بۇيان، مۇزىكا ئۆمىكىدىكى ھەممەيلەن يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، پۈتكۈل مۇزىكا ئۆمىكى جىمجىت بولۇپ قالغانىدى.
ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، چاماداندىن چىش چوتكىسى قاتارلىق يۇيۇش بۇيۇملىرىنى ئالدى. سۇخانىغا بېرىپ، قول-يۈزلىرىنى يۇيۇپ قايتىپ كىردى.
يان تېلېفونىنىڭ قوڭغۇراقلىق سائىتىنى توغرىلاپ قويۇپ، چاپىنىنى كىرېسلوغا ئارتىپ، ئايىغىنى سېلىۋېتىپ، تۈگۈلۈپ كۆزىنى يۇمدى.
ئىككىنچى كۈنى ئۆمەكنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆمەكنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك مەركىزىگە كەلدى.
ئۇنىڭ ئۆي ئىجارە ئالماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاسىتىچى شىركەتنىڭ كەسپىي خادىمى كۈلۈپ تۇرۇپ كىرېسلوغا تەكلىپ قىلىپ، قولىدىكى ئۆي مەنبەسىنى تونۇشتۇردى.
ياندىكى ئىشخانىدىن شىركەت دىرېكتورى بىلەن بىللە چىققان زۆھرە كىرىسلۇدا ئولتۇرغان زىلالەنى كۆرۈپ، گۇمان بىلەن:
- زىلالە، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىز؟ - دەپ سورىدى.
زىلالەنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا، ئۇنىڭغا مەسئۇل كەسپىي خادىم كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئەسلىدە، زۆھرە خانقىزنىڭ دوستىكەنسىزدە، نېمىشقا بالدۇرراق دېمەيسىز، %20 ئېتىبار قىلىپ بېرەي! - دېدى.
زۆھرە ئىشنىڭ بىنورماللىقىنى كۆرۈپ، شىركەت دىرېكتورىغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ، زىلالەنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ:
- سىزگە نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى.
- ھېچ ئىش يوق، مەن شۇ ئۆي كۆرۈپ باقاي دېگەن. - دېدى زىلالە.
- ھېچ ئىش يوق؟ - دېدى زۆھرە ئۇنىڭغا يۇقىرى-تۆۋەن سەپسېلىپ قاراپ چىقىپ، - بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپلا سىزنى تونۇيمەن، مەندىن يوشۇرالايمەن دەپ قالدىڭىزمۇ؟ جەسۇر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئىشنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلگەن زىلالە راست گەپ قىلىپ:
- مەن... مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشماقچى، - دېدى.
زۆھرەنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ:
- ئاجراشماقچى؟ مېنى سەل ساقلاپ تۇرۇڭ. - دېدى - دە بېرىپ دىرېكتورغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلغاندىن كېيىن، چوڭ قەدەم بىلەن قايتىپ كېلىپ، زىلالەنى شىركەتنىڭ يېنىدىكى تېز تاماقخانىغا ئېلىپ باردى.
بوش ئورۇن تېپىپ، ئىككى كىشىلىك تاماق بۇيرۇتۇپ، بىرىنى زىلالەنىڭ ئالدىغا قويۇپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- زادى نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە بىر يۇتۇم مېۋە شەربىتى ئىچىپ، ئىشنى ئاددىيلا چۈشەندۈردى.
زۆھرە جەسۇرنىڭ تالاغا قاراپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، نەق مەيداندىلا ئاچچىقلاپ:
- ھۇ ئەبلەخ، مەن تېخى ئۇنى سىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن! - دېدى.
- بۇلارنى دېمەي تۇرايلى، ئىككىمىز ئەسلىدىلا نورمال ئەر-خوتۇن ئەمەستۇق. - دېدى زىلالە جەسۇرنىڭ ئىشىنى تىلغا ئېلىشنى خالىماي، ناھايىتى تېزلا گەپنى باشقا ياققا بۇراپ، - ۋاسىتىچى شىركەتنىڭ دىرېكتورى بىلەن تونۇشامسىز، ئەرزانراق ئۆي ئىجارە ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، - دېدى.
زۆھرە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە بىر قاراپ قويۇپ، بىلىكىنى سوزۇپ مۈرىسىدىن تۇتۇپ:
- زىلالە، بۈگۈندىن باشلاپ مەن بىلەن بىللە تۇرىسىڭىز قانداق؟ - دېدى.
- ئۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ، سىز ئۆيىڭىزدە تۇرىدىغان تۇرسىڭىز، - دېدى زىلالە.
- كىم مېنى ئۆيدە تۇرىدۇ دەيدۇ، ھازىر ئۆز ئالدىمغا ئايرىم تۇرۇۋاتىمەن، - دېدى زۆھرە ئىستاكاننى ئېلىپ، يېنىك سوقۇشتۇرۇپ، - شۇنداق بولسۇن، بىردەمدىن كېيىن ياردەملىشىپ كۆچۈشۈپ بېرەي! ئاجرىشىدىغان ئىشتىن غەم قىلماڭ، ھازىردىن باشلاپ، مەن سىزنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتىڭىز، ئاۋۋال جەسۇر بىلەن پاراڭلىشاي، ئەگەر ھەرگىز ئاجراشمايمەن دەپ تۇرۇۋالسا، ئۇنىڭ بىلەن سوتتا كۆرۈشەيلى! - دېدى.
زىلالە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:
- جەسۇر ھازىر تيەننىڭ باش دىرېكتورى، ئىشنى چوڭايتىۋەتكۈم يوق، ئەڭ ياخشىسى كېلىشىپ ھەل قىلايلى، - دېدى.
تيەننىڭ ئاران تەستە ئىزىغا چۈشتى، زىلالە ئىككىسىنىڭ ئاجرىشىش ئىشىنىڭ شىركەتكە تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمايدۇ.
- ئۇنداقتا كەچتە مەن سىزگە ياردەم قىلىپ ئاجرىشىش كېلىشىمى تۈزۈپ بېرەي، ئاندىن ئىككىمىز بىللە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلىشايلى، - دېدى زۆھرە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.
ئىككىنچى كۈنى چۈشتە، ئىككىيلەن بىرلىكتە كېلىشىمنى ئېلىپ جەسۇرنىڭ شىركىتىگە بارغان بولسىمۇ كۆرۈشەلمىدى.
ئالدى سۇپىدىكى خىزمەتچى خادىم زىلالەنى تونۇيتتى، ئۇنىڭ جەسۇرنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ سەل ھەيران قېلىپ:
- زىلالە خانىم، جەسۇر ئەپەندىنىڭ كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:
- ئۇ ماڭا دېمىدى، قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
خىزمەتچى خادىم بېشىنى چايقاپ:
- بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن. - دېدى.
زىلالە ئامالسىز زۆھرەنى ئېلىپ كېتىپ قالدى.
ئىككىيلەن بىللە لىفىت ئېغىزىغا كەلگەندە، لىفىتتىن چىققان ئەنۋەرگە ئۇچراپ قالدى.
- زىلالە خانىم، زۆھرە خانقىز، ئىككىڭلار بۇ يەرگە كېلىپ قاپسىلەرغۇ؟ - دەپ سورىدى ئەنۋەر.
- ئەلۋەتتە جەسۇر دىرېكتورنى ئىزدەپ كەلدۇق! - دېدى زۆھرە بوشقىنە خۇرسىنىپ، - ئۇ ئەبلەخ قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئەنۋەر زىلالەگە بىر قاراپ قويۇپ، بېشىنى يېنىك چايقاپ:
- مەنمۇ ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، - دېدى.
- ئېنىق بىر نەرسە دېيەلەيمەن؟! سىز ئۇنىڭ ياردەمچىسىغۇ. - دېدى زۆھرە ئەنۋەرنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ، - ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىڭ، جەسۇر باشقا ئاياللار بىلەن چۆرگۈلەپ يۈرەمدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- جەسۇر دىرېكتور قانداقسىگە بۇنداق ئىشنى قىلسۇن؟- دېدى ئەنۋەر.
زۆھرە دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ:
- بۇنداق داشقال ئەر ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ، - دېدى - دە سومكىسىدىن كېلىشىمنى چىقىرىپ، ئەنۋەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، - دېرىكتورىڭىزغا دەپ قويۇڭ، دەرھال كېلىشىمگە قول قويسۇن، بولمىسا... ئەرز قىلىنىپ خانىۋەيران بولۇشتىن ئېھتىيات قىلسۇن! - دېدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar