كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
23 | 22 | 21 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
24 -قىسىم
24-قىسىم ئۈچىنچى شەخس بولۇش ئەڭ نومۇسسىزلىق! (2)
يېرىم كېچە بولغاندا قار يېغىشقا باشلىدى.
ئەكبەر ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ داچا رايونىغا قايتىپ كەلدى، چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى.
بۇ بىر نەچچە كۈندە بىر تەرەپتىن زىبارەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلدى، بۈگۈن يېڭى يىل بولسىمۇ، ئارام ئالغۇدەك ۋاقتى يوق، شۇ تاپتا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچاپ كەتكەنىدى.
ئۇ ماشىنىنى ماشىنا ئىسكىلاتىغا ئەكىرىش جەريانىدا ئىشىككە يېقىن يەردىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان قار ئادەمنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىلىكىدە تورمۇزنى دەسسىدى.
تەپسىلىي قاراپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئادەمنىڭ سايىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى.
ئۇ ئادەم قارىغاينىڭ سايىسىدا تۇراتتى، ئۈستى-بېشىغا قار يىغىلىپ قارا رەڭلىك كىيىمى كېچە قاراڭغۇسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەنىدى.
ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ قولىدىكى تاماكا قالدۇقىنىڭ ئۆچمىگەن ئوتى بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگىلىمۇ بولمايتتى.
ئەكبەر ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، بىر نەچچە قەدەم يېقىنلاشقاندىن كېيىن، قارشى تەرەپنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرۈپ:
- جەسۇر ؟ - دېدى.
جەسۇر قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىنى قولىدا بېسىپ ئۆچۈردى.
بېشى ۋە مۈرىسىنى سىلكىپ، قولىدىكى ماتېرىيالنى ئۇنىڭغا سۇندى.
ئەكبەر كونۋېرتنى ئېلىپ، يول چىرىغىنىڭ نۇرىدا كۆرۈپ ھەيران قېلىپ:
- بۇلارنى نەدىن تاپتىڭىز؟- دەپ سورىدى.
- نەدىن تاپقانلىقىم مۇھىم ئەمەس. - دېدى جەسۇر مۇزدەك قولىنى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، - بۇلارنىڭ ئۆمەرنىڭ دېلوسىنى ئاغدۇرۇشىغا ياردىمى بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- نەچچە كۈندىن بېرى ئازراق ئىسپات تاپتىم، بۇ ماتېرىياللارنى قوشقاندا، چوقۇم ئاغدۇرىغىلى بولىدۇ، - دېدى ئەكبەر بېشىنى كۆتۈرۈپ، جەسۇرنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ، - كىرىپ پاراڭلىشايلى، سىرت سوغۇق. - دېدى.
- ھاجىتى يوق. - دېدى جەسۇر ناھايىتى سۇس تەلەپپۇزدا.
خۇددى ئاسماندا لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردەك، ھېچقانچە تېمپېراتۇرىسى يوق ئىدى.
- كىرگۈڭىز بولمىسا مەيلى. - دېدى ئەكبەر ئۆزىنى تېخى كەچۈرمىگەنلىكىنى بىلىپ، ئارتۇقچە زورلىماي:
- خاتىرجەم بولۇڭ، ئۆمەرنىڭ دېلوسىنى چوقۇم تېزدىن بىر تەرەپ قىلىپ، دېلونى قايتا سوت قىلىشقا تىرىشىمەن - دېدى.
- ئەسلىدىمۇ بۇ ئىشتا ئۇنىڭغا قەرزىڭىز بار ئىدىڭىز. - دېدى جەسۇر ئەگىپ ئۆتۈپ، قارنى دەسسەپ چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن يىراقلىدى.
ئەكبەر كەينىگە بۇرۇلۇپ، قېلىن قار ئىچىدە كېتىۋاتقان ئېگىز، ئورۇق گەۋدىگە تىكىلىپ، چاقىرماقچى بولۇپ، لەۋلىرىنى ئاچتى - يۇ ئاۋازىنى چىقىرالمىدى.
جەسۇرنىڭ كېتىۋاتقان سايىسىگە ۋە قولىدىكى ماتېرىياللارغا قاراپ، پەلەمپەيگە چىقىپ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ ياردەمچىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ:
- ئەتىكى بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەتە ئەتىگەندە، مېنى ئالغىلى كېلىڭ. - دېدى.
مېھمانخانىغا كىرىپ، پەلتوسىنى سېلىۋېتىپ، ئايىغىغا قاراپمۇ قويماي، ئالدىراپ-تېنەپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى.
قولىدىكى ماتېرىياللارنى ئېچىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئەستايىدىل كۆرۈپ، كومپيۇتېرنى ئېچىپ، يېڭى بىر ھۆججەت قۇردى.
كەسكىنلىك بىلەن:‹ تيەننىڭ ياتاق بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش دېلوسىنى قايتا سوت قىلىش ئىلتىماسى> دەپ يازدى.
ھەر يىلى بايرام مەزگىلىدە، مۇزىكا ئۆمىكى ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.
يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىدىن كېيىن، يەنە ھەر خىل ئويۇنلار قويۇلىدۇ.
زىلالە ئىسكىرىپكا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئوركېستىرنىڭ ئالقىشلىق مۇزىكانتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن ئالدىراش بولدى.
رەپىتىس قىلىشتىن باشقا ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىدا ياكى ئويۇن قويۇش يولىدا مېڭىۋاتقان دېسىمۇ مۇبالىغە قىلغان بولمايتتى .
مەكتەپتىكى ئوقۇشىمۇ مەۋسۇم ئاخىرىغا كىردى، مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تۆتىنچى يىللىقى باشقا ئىنستىتۇتلارغا ئوخشىمايدۇ، ئىمتىھان كۆپ ئەمەس، بىراق مەۋسۇم ئاخىرىدىكى باھالاش ئىنتايىن مۇھىم.
توپتوغرا بىر ھەپتىنى زىلالە خۇددى پۇرژىنا ئۈستىگە چىقىپ قالغاندەك ئالدىراشلىق بىلەن ئۆتكۈزدى.
ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى، مەكتەپكە قايتىپ ئىمتىھان بېرىپ بولغاندىن كېيىن، كەچتە يەنە تىياتىرخانىغا بېرىپ ئويۇن قويدى، زۆھرە بىلەن ئىجارە ئالغان ياتاق بىناسىغا قايتىپ كەلگەندە، يېرىم كېچە بولۇپ قالغانىدى.
زۆھرەنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، زىلالە ئىشىكنى يېنىك ئېچىپ كىردى.
ساپادا ئولتۇرغان ئەكبەرنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز توختاپ قېلىپ:
- ئەكبەر ئاكا ... شۇنچە كەچتە كېلىپ قاپسىزغۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئەكبەر ئۇنىڭ ئۈستى - بېشىغا يۇقىرى-تۆۋەن سەپسېلىپ، قىزنىڭ توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن يۈزىگە كۆزى چۈشكەندە قوشۇمىسىنى تۈردى، كۆزلىرىدىن خىجىللىق بالقىپ:
- مەن... سىزنىڭ زۆھرە بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى بۈگۈن بىلدىم، - دېدى.
زىلالە قولىدىكى ئىسكىرۇپكا بىلەن سومكىنى قويۇپ:
- بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- زىلالە، ئەكبەر ئادۋوكات بۇ قېتىم ئالەمشۇمۇل خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى. - دېدى زۆھرە كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، - ئاكىڭىزنىڭ دېلوسى قايتا سوت قىلىنىشقا ئاز قالدى. - دېدى.
- راستمۇ؟ - زىلالە سەل ئېنىقسىز ھالدا ئەكبەرگە قارىدى.
ئەكبەر سومكىسىدىن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئېلىپ سۇندى.
زىلالە پەلەينى سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئىككى قولى بىلەن ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئالدى.
نېپىز A 4 قەغىزىدە جەمئىي ئۈچ قۇر خەت بار بولۇپ، بۇ دېلونى قايتا سوت قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ئىدى.
زىلالە ئاددىيغىنە ئۈچ قۇر خەتنى تۆت-بەش قېتىم كۆردى، ئاندىن ئاستىدىكى قىپقىزىل سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ چۈش كۆرمىگەنلىكىگە ئىشەندى.
- بۇ دېلو چوڭ دېلو بولغاچقا، يۇقىرىدىكىلەر ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، شۇڭا ئىمكانقەدەر بالدۇر قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلدۇق، كېلەر ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى سوت ئېچىلىدۇ. - دېدى ئەكبەر كۈلۈپ تۇرۇپ، - ئالدىنقى كۈنلەردە، بارلىق ماتېرىيال ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى رەتلەپ بولدۇق، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزۈم سوتقا چىقىپ، ئۆمەرنى ئاقلايمەن ، - دېدى.
- رەھمەت، - دېدى زىلالە ئۇقتۇرۇشنى تۇتقان قوللىرى تىترەپ، - ياردىمىڭىزگە رەھمەت، مېنى سەل ساقلاپ تۇرۇڭ. - دېدى - دە ياتاق ئۆيگە كىرىپ، تارتمىدىن ئىلگىرى ئېرىشكەن مۇكاپات چېكىنى ئېلىپ چىقىپ، ئەكبەرنىڭ ئالدىغا سۇنۇپ، - بۇ سىزنىڭ ئادۋوكاتلىق ھەققىڭىز. - دېدى.
- بولمايدۇ، بۇنى ئالسام بولمايدۇ. - دېدى ئەكبەر ئېلىشىنى ئويلاشماي، چەكنى ئىتتىرىپ، - بۇ... ئەسلىدىمۇ مېنىڭ سىزگە بولغان قەرزىم، - دېدى.
زىلالە ئۇنىڭ گېپىدىن زىبارەنىڭ ئىشىنى دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولىدۇ، ئومۇمنىڭ ئىشىنى شەخسىي مۇناسىۋەتكە ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، سىز ئاكامنىڭ ئادۋوكاتى، مەن ئەسلىدىمۇ ئادۋوكاتلىق ھەققى تۆلىشىم كېرەك، - دېدى.
ئەكبەر تېخىمۇ خىجىل بولۇپ:
- زىلالە، مەن.... سىز بىلەن ئايرىم پاراڭلاشسام بولامدۇ؟ - دېدى.
ئۇنىڭ زىبارەنىڭ ئىشىنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلگەن زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:
- كەچۈرۈڭ، سەل چارچاپ قالدىم، ئەگەر ئاكامنىڭ ئىشى بولمىسا، بالدۇرراق ئارام ئالاي، - دېدى.
ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىكى رەت قىلىشنى ئاڭلىغان ئەكبەر خىجىللىق بىلەن بېشىنى چايقاپ:
- ئەمىسە مەن ماڭغاچ تۇراي... - دېدى.
چەكنى ئۈستەلگە قويۇپ، بۇرۇلۇپ كەتمەكچى بولدى.
زىلالە كەينىدىن قوغلاپ كېلىپ، پۇل چېكىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ:
- ئەگەر بۇ چەكنى ئالمىسىڭىز، سوتقا چىقىشتىن بۇرۇن باشقا ئادۋوكات تاپسام بولىدۇ، - دېدى.
ئەكبەر قولىدىكى چەككە، ئاندىن زىلالەنىڭ چىرايىغا قارىدى.
ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان، زىلالەنىڭ مىجەزىدە چەكنى ئالمىسا، راستتىنلا باشقا ئادۋوكات تېپىشى مۇمكىن.
ئۆمەرنىڭ ئىلگىرى نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ئىشى پۈتۈنلەي زىبارەنىڭ خاتالىقىدىن توختاپ قالغان.
بۇ قېتىمقى سوتتا، قانداقلا بولمىسۇن ئارتۇقچە ئىش يۈز بېرىشكە بولمايدۇ.
ھازىر، ئۇ ئۆمەرگە ياردەم بېرىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى ئادەم.
ئەگەر زىلالەگە بارلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتسا، چوقۇم ئۇنىڭ سوتقا چىقىشىنى رەت قىلىدۇ.
جەسۇرنىڭ بۇ ماتېرىياللارنى تېپىشىمۇ ئاسان ئەمەس، ئادۋوكات تۇرۇپ دېلودا يەنە چاتاق چىقارسا بولمايدۇ.
ئەكبەر چىشىنى چىشلەپ، چەكنى سومكىسىغا تىقىپ:
- ماقۇل، ئەمىسە بىز... سوت ئېچىلغاندا كۆرۈشەيلى. - دېدى.
- زىلالە، ئەمدى قايتىپ كەلدىڭىز، پەسكە چۈشمەڭ، ئەكبەر ئادۋوكاتنى مەن ئۇزىتىپ قوياي. - دېدى زۆھرە پەلتونى ئېلىپ، ئەكبەرنى ئېلىپ پەسكە چۈشۈپ:
- ئەكبەر ئادۋوكات ئۆمەر ئاكامنىڭ دېلوسىدا يېڭىش نىسبىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سوراپ باقسام بولامدۇ؟ - دېدى.
- قولىمىزدىكى ئىسپاتقا ئاساسلانغاندا، يېڭىش نىسبىتى 90 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى ئەكبەر.
- ئۇنداق بولسا ياخشى. - دېدى زۆھرە پەلتوسىنى ھىملاپ، - يەنە بىر ئىشىنى سوراپ باقسام، زىلالەنىڭ جەسۇر بىلەن ئاجراشماقچى بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ - دېدى.
ئەكبەر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىپ:
- نېمە دېدىڭىز، ئۇلار ... ئاجرىشىپ كېتەمدىكەن؟ - دېدى .
- قارىغاندا، سىزمۇ بىلمەيدىكەنسىز - دە، - دېدى زۆھرە قەھرىتان سوغۇق كېچىدە سوغۇق كۈلۈپ بېشىنى چايقاپ، - مەنغۇ راست گەپ قىلىشتىن قورقمايمەن، ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا دەل سىڭلىڭىز زىبارە سەۋەب بولدى.
ئەكبەر ئادۋوكات، مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن، كەسپىي ساپايىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن، ئادىمىيلىكىڭىزگە قايىلمەن.
زىلالە سىزنىڭ ئۆمەر ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىڭىزغا رەھمەت ئېيتىدۇ، شۇڭا زىبارە بىلەن مۇنازىرىلەشمىدى، مېنىمۇ بارغىلى قويمىدى، ئۇنىڭ سىزنى تەڭلىكتە قويغۇسى يوقلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمەن.
لېكىن، ئۇنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ئاچچىقنى ئىچىمگە يۇتالمىدىم، سىڭلىڭىزغا ئەر - خوتۇنلارغا ئارىسىدا ئۈچىنچى شەخس بولۇشنىڭ نومۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇ يىغلاپ، جېدەل قىلىپ، ياشىمايمەن دەپ باشقىلارنى بوزەك قىلمىسۇن، - دېدى .
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar