گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 71-قىسىم _ بەدەل

文摘   小说   2024-10-09 13:59   新疆  

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ





داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم  3  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40
494847 46 45
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665




70





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

71-قىسىم

 




71-قىسىم

بەدەل

موماي ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، قېشىنى ئېتىپ:

- بەلكىم سىز تېخى ھەقىقىي ۋاز كېچەلمەيدىغان ئادەمنى ئۇچراتمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەگەر ئۇنىڭغا باشقىچە ھېسسىياتتا بولسىڭىز، دەرھال ھەرىكەت قىلىڭ، ئىككىلەنمەڭ، پۇشايمان قىلىدىغان ئىشنى قىلماڭ.  - دېدى.

ئەكبەر ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سوراپ:

- قانداق باشقىچە ھېسسىيات؟ - دېدى. 

موماي قەدىمىنى توختىتىپ، ئالدىدىكى ئىليارنىڭ دىلارەنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوغداۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىرايىدىكى كۈلكە تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ:

- مەسىلەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل غەلىتە ئىگەللىۋېلىش ئىستىكىدە بولىسىز، ئۇنىڭ ھەر قانداق ئادەمگە قاراپ كۈلگىنىگە قاراپ تۇرالمايسىز، ئۇنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈشكە تېخىمۇ چىدىمايسىز، ئۇ خۇش بولسا، سىزمۇ خۇش بولىسىز، ئۇ ياش تۆكسە، سىز ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئازابلىنىسىز... مەن شۇنچە يىل ياشىدىم، مەنمۇ تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولدۇم، مۇھەببەت دېگەن بۇ نەرسىنى بىلمەك بەك تەس، سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قانداق ھېسسىياتتا بولۇشىڭىزغا كەلسەك، يەنىلا ئۆزىڭىز ھۆكۈم قىلىڭ.  - دېدى.

ئەكبەر قاپىقىنى تۈرۈپ:

- سىز دېگەن بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى  ئۇنىڭغا قارىتا مەندە بار... - دېدى.

موماي بېشىنى چايقاپ:

-  ھازىر ئېنىق ئايرىيالماپسىز، ۋاقتى كەلگەندە يەنە بىر ئايالنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويىسىز، - دېدى . 

- باشقا بىر ئايال بولمايدۇ. - دېدى ئەكبەر. 

- بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساب ئەمەس. - دېدى موماي.

ئەكبەرنىڭ يەنىلا جاھىللىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، موماي ئىچىدە ئۇھ تارتىپ، - بولدى، ۋاقتى كەلگەندە سىز راستتىنلا ئۇچرىتىپ قالسىڭىز، شۇ چاغدا بىلىپ قالىسىز. سىز ئىشىنىشكە ئەرزىمىسىڭىزمۇ، لېكىن مەن يەنىلا نەۋرە كېلىنىمگە ئىشىنىمەن. پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىليارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.  - دېدى.

ئەكبەر لېۋىنى چىڭ يۇمدى، بۇ گەپ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلاتتى.

لېكىن موماي ئۇھ تارتىپ:

- ئىليارنىڭ ھازىر دىلارەغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا قارىماڭ، ئۇنى ئالقىنىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، قارىماققا ئۇ ئاياللارنى ئەتىۋارلايدىغان ئەردەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە،دىلارە ئۇنىڭغا بەك ئىتائەت قىلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى قانداق  كۆندۈرۈپ قويىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئۇنى ھەر ۋاقىت سەل جىددىيلەشتۈرۈپ تۇرغاندىلا، ئاندىن ھەر بىر مىنۇت، ھەر بىر سېكۇنتتا دىلارەنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېسىدە تۇتالايدۇ، ئەگەر دىلارەنى بوزەك قىلسا، ھامىنى پۇشايمان قىلىدۇ. - دېدى. 

ئەكبەر بىر قېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،  ئويلىغانسېرى بىنورمالدەك ھېس قىلىپ قالدى.

بىر ھازادىن كېيىن،  ئاندىن ئىنكاس قايتۇرۇپ:

- شۇڭا، سىز مېنى ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ ئايلىنىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىشىڭىزدىكى مەقسىتىڭىز پەقەت نەۋرىڭىزنىڭ جىددىيلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟  - دېدى.

موماي كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  مەن سىزنى تەكلىپ قىلمىساممۇ،  دىلارەگە چاپلىشىۋالماقچى بولدىڭىزغۇ؟ - دېدى.

ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىليارغا چاپلىشىۋالدى.

ئەكبەر كۆڭلىدە قاتتىق بىزار بولدى، بۇ موماي قارىماققا ناھايىتى نازاكەتلىك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى مەككار ئايالكەن.

 ئۇ نەۋرىسى بىلەن دىلارە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياراشتۇرۇپ، جىدەل بولمىسا، قەستەن جىدەل تېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلماقچى بوپتۇ.

ئەمما بۇنداق غەلىتە خىياللار بىلەن ئىش  قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ئۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى ئادەم بولمىسا كېرەك.

ئىليارنىڭ دىلارەغا بولغان ھازىرقى ئېھتىياتچان ھالىتىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.

تازىمۇبىر!

ئەسلىدە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىشىمۇ ئىليارغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىكەن، لېكىن پۈتۈن جەرياندا پەقەت ئۇنىڭ دىلارەغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىۋېتىپتۇ.

ئەكبەر تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن كۆپ تۇرماي،  قاپاقلىرىنى ئۇچۇرۇپ كېتىپ قالدى.

 ئىليار دىلارەگە چاپلىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشلىقىمۇ قويمىدى، ئەكبەرنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولماي كېتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ دىلارە سەل گۇمانلىنىپمۇ قالدى.

ئىلگىرى بارغانسېرى سەكرىيەلەيتتىغۇ؟

نېمىشقا  تۇيۇقسىز ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپ قالدى؟

يان تەرەپتە يەنىلا قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى، دىلارە بۈگۈن زۇبەيدە بىلەن بىللە سەيلە قىلدى،  مەخسۇس قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يەردىن ئۆتتى، قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەسلىدىلا ناھايىتى چوڭ بولغاچقا قۇرۇلۇش ئەترىتى يەنىلا تاغ كولاۋاتاتتى.

زۇبەيدە بېشىنى چايقاپ ئۇھسىنىپ:

- قارىماققا بۇ ھەيۋىسى بىلەن  ئىليار بىلەن رىقابەتلىشىدىغاندەك قىلىدۇ. - دېدى.

دىلارە قېشىنى ئېتىپ قويدى، قاراپ باقسىمۇ،  بۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى قورۇققا بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە  ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ئىدى.

ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن دەپ كېتىپتۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئايال خوجايىننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

قوشنا بولسا  ياخشى، ۋاقتى كەلگەندە ئۇ ئەكبەرنىڭ ھەمراھى بىلەن دوست بولالايدۇ .

 ئەكبەرنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرەلىسە، ئۇمۇ خاتىرجەم بولىدۇ.

ئۇ قىزنىڭ بالدۇرراق پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

- ھەي دىلارە، سىلەر قانداق تونۇشقان؟ ئىلگىرى  ئەجەب بۇنداق بىرىنچى نومۇرلۇق شەخسنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن؟ سىزگە  قاتتىق مەرتلىك قىلدى، ئالدىنقى ئىككى كۈندە بىر تىنىقتا شۇنچە كۆپ ئۆي بەرگەندە نەپەس ئالالماي قالغىلى تاس قالدىم. دۇنيادىكى بايلارنىڭ ھەممىسى سىزگە ئۇچرامدۇ. - دېدى زۇبەيدە.

دىلارە لەۋلىرىنى ھىمىرىپ تۇرۇپ:

- ئۇغۇ باي، لېكىن ھەممىسى جېنى بەدىلىگە كەلگەن. - دېدى.

زۇبەيدە توختاپ قېلىپ:

- دىلارە، سىز f رايۇندىكى ئاشۇ بىر نەچچە يىللىق ھاياتىڭىزنى زادى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟ ئۇ بىر نەچچە يىلدا سىزنىڭ ئىزچىل خەۋىرىڭىز بولمىدى،  سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەن بىلەن ئالاقىلاشمىسىڭىزلا پەقەت كۆرۈشەلمىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتىپ كېلىپمۇ ئەزەلدىن ئۆزىڭىزنىڭ  زادى نېمە ئىش قىلغانلىقىڭىزنى دەپ باقمىدىڭىز...  سىز ئەكبەر ئىسىملىك بۇ ئەر بىلەن قانداق تونۇشتىڭىز، ئۇ يىللاردا سىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈردىڭىز شۇنداقمۇ، بايا تېخى ئۇنىڭ پۇللىرىنى جېنى بەدىلىگە كەلگەن دېدىڭىز، ئۇنداقتا سىلەر بىللە زادى نېمە ئىش قىلدىڭلار؟ - دەپ سورىدى. 

دىلارە  ئۇھ تارتىپ قويۇپ، چاپىنىنى سەل-پەل ھىم قىلىپ كىيىپ:

- ئەينى چاغدا يېگۈدەك تاماق، ئىچكۈدەك سۇمۇ يوق يۈرۈپ كەتتىم، خىزمەت ئىزدەپ ئالدىنىپ، بىر ئارالغا بېرىپ قالدىم، ئەكبەر بىر كۈنى بىر توپ ئادەمنى باشلاپ ئۇ ئارالغا   بېرىپ قالدى، ئوتتۇرىدا بىر مۇنچە ئىشلار بولۇپ، ئارالدا پەقەت ئىككىمىزلا قالدۇق. ئۇ يارىلاندى، مەن ئۇنى قۇتقۇزدۇم، ئاخىرىدا ئۇ مېنى ئېلىپ كەتتى، بۇ مېنى قۇتقۇزغانلىق ھېسابلىناتتى. ئەينى چاغدا يېنىمدا ھېچنېمەم يوق ئىدى، مەن ئۇنىڭغا يۆلىنىۋالدىم، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ تەمىناتى يامان ئەمەس ... ئاچ قېلىشتىن   ئەنسىرمەيمەن... - دېدى. 

زۇبەيدە ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئاغزىنى يوغان ئاچتى، ئۇ ئىلگىرى دىلارەنىڭ يالغۇز يىراق ئەلدە قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى ئويلىغان بولسىمۇ، بۇنداق كۆپ ئېھتىماللىقلارنى ئويلاپ كېتەلمىگەنىدى.

ئۇنى رېستۇراندا  قاچا-قۇچا يۇيدى، بىر كۈندە نەچچە كىشىلىك خىزمەت قىلىدۇ، تېجەشچانلىق بىلەن ھەر ۋاقلىق تاماقنىمۇ تويغۇدەك يېيەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈپتۇ.

ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ ئالدىنىپ، ھاياتى خەۋىپكە ئۇچىرىغىلى  تاس قاپتۇ.

- دىلارە، - زۇبەيدە پەس ئاۋازدا ئۇنى چاقىردى، ئىچى ئاغرىپ كەتتى.

دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:

- ھازىر ئويلاپ باقسام، ئىشقىلىپ ھەممە ئىش بېشىمغا كېلىپ بېقىپتۇ، ئىلگىرى ئۇ ئىشلار ئادەمنى ئانچە قورقۇتالمايتتى. بىراق ناھايىتى غەلىتە، مەن ھەر قېتىم ئەكبەرنى قۇتقۇزغانلىقىمنى تىلغا ئالغىنىمدا، ئەكبەر ئاچچىقىدا سەكرەپ كېتىدۇ. مېنىڭ تەرىپىمدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىش شۇنچە شەرمەندە ئىشمۇ؟ بىلمىدىم. دېگىلى قويمايتتى، - دېدى.

دىلارەنىڭ تەلەپپۇزى ھەقىقەتەن ئازادە بولۇپ، ھازىرقى بەختى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇرۇنقى ئۆتمۈشى پۈتۈنلەي بېسىلىپ قالاتتى.

پەقەت ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى گۇمانى، ھەقىقەتەن ئۇنى ئىزچىل قىيناپ كەلدى.

-  ئۇنداقتا سىز ئىزچىل ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈردىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا سىزمۇ جان بەدىلىگە تاقىشىدىغان ئىشلارنى بېشىڭىزدىن كەچۈرۈپ باققانمۇ؟  - دەپ سورىدى زۇبەيدە.

  

دىلارە بىر ئاز سۈكۈتتە تۇرۇپ:

- ئۇنداق ئەمەستەكمۇ قىلىدۇ، دەسلەپتە ئۆزۈمنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن ئانچە - مۇنچە نەرسىلەر ئۆگەنمەكچى بولدۇم، كېيىن  تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن ئۆگەندىم، - دېدى. 

تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەش كېرەك.

ھېچكىم غەم-ئەندىشىسىز ياشىيالمايدۇ.

زۇبەيدە بېشىنى لىڭشىتىپ:

-قىسقىسى، ئۆتمۈش ئۆتۈپ كەتتى، سىزنىڭ داۋاملىق بەختلىك بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . مېنى ئازراق غەم يېگۈزۈڭ. - دېدى.   

دىلارە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ:

-  بۇ گەپنى مەن دېسەم توغرا بولىدۇ، - دېدى.

زۇبەيدە  ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان جايغا قاراپ  ئۇھ تارتىپ:

- بۇ گەپنى كۆپ قېتىم دېدىم، بالا مېنىڭ بارلىقىم، مەن كېيىن ئاپا بولىمەن، بالامنى قوغداش ئىقتىدارىم بولۇشى كېرەك، باشقىلارنىڭ قوغداش ئوبيېكتى بولسام بولمايدۇ،  بايا دېگىنىڭىزدەك، تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى  ئۆزىنى ياخشى قوغداش كېرەك. سىز قىلالىدىڭىز، مەنمۇ قىلالايمەن.   - دېدى.

ئۇنىڭ تەلەپپۇزى بارغانسېرى يېنىكلەپ، دىلارەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

-   مەندىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ سىزدەك  كۈچلۈك ئارقا تىرىكىم بار ، - دېدى. 

دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:

-   بىلسىڭىزلا بولدى.  - دېدى.

زۇبەيدە قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:

- ئەلۋەتتە،  سىزگە بىر ئۆمۈر ئېسىلغىنىم ئېسىلغان، - دېدى.

ئىككىيلەن ئەسلىدىكى يول بىلەن قايتىپ كەلگەندە، زۇبەيدە دىلارە بىلەن خوشلىشىپ:

- بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ھامىلىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەڭ. سىزگە بىرەر ئىش  بولسا، مەنمۇ جىددىيلىشىپ قالىمەن، مېنى ۋە قورسىقىمدىكى بالامنى بولسىمۇ ئويلاپ قويۇڭ، خاتىرجەم بالامنى باققىلى قويۇڭ بولامدۇ؟ - دېدى.

زۇبەيدە دىلارەنىڭ ئادەمنى خاتىرجەم قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ قالدى.

ئۇ ئەزەلدىن بىكار يۈرۈپ باقمىغان.

دىلارە ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتىپ:

- بىلدىم، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن ، - دېدى. 

- ئۇنداقتا ياخشى، تۆت ئاي بولدى، سىزنىڭ بالىلىرىڭىز قوشكىزەك، قورسىقىڭىز ئاسانلا يوغىناپ كەتكەندە، بۇنداق سەكرەپ - تاقلاپ يۈرسىڭىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مەنمۇ خالىغانچە يۈگۈرۈپ يۈرسەم بولمايدۇ،  ئۆيىڭىزدىكى ھېلىقى ئېرىڭىزمۇ يېقىندىن بېرى مەندىن بەك بىزار بولدى، مەن راستىنلا بۇ يەردە كۆپ تۇرالمايمەن، ئەتە چۈشتىن بۇرۇنقى ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلدىم ... بىز بالىمىزنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن كۆرۈشەيلى.  - دېدى.

دىلارە ئۇنىڭ قولىنى سىقتى، تۇتۇپ قېلىشنى كۆپ ئويلاشمىدى.

توردا بەزىلەر زۇبەيدە بىلەن مەۋلاننىڭ توي ئىشىدىن گۇمان قىلىشقا باشلىغانىدى، ئەگەر بۇ يەردە يەنە تۇرىۋەرسە، ئۇ ئىككىسىنىڭ نام-ئابرويىغا ياخشى بولمايدۇ.

توردا زۇبەيدە بىلەن مەۋلاننىڭ ئىشى توغرىسىدىكى مۇنازىرە ئەۋجىگە چىقتى.

مەۋلاننىڭ زۇبەيدەگە بولغان سوغۇق مۇئامىلىسى بەزى كىشىلەرنىڭ تاماشا كۆرىدىغان ئۇيۇنى بولدى.

- خوپ بوپتۇ دېسەك بولىدۇ...  پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن ھامىلدار بولۇشقا تايىنىپ بۇ ئائىلىگە كىرگەندىكىن ئۆزىنىڭ شورى.  توي قىلغانلىقى ئۇنىڭ  يۈزىنى قىلغانلىق، يەنە قانداق  تەمىناتقا ئېرىشمەكچىكەن؟ 

- بىراق ئىككىسىنىڭ بالىسى بولغاندىكىن، بۇنداق ئىشتا، مەۋلان بايۋەچچە بولمىسا، ئايال كىشى قانداق ھامىلدار بولالايدۇ! سىلەر قانداق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتىسىلەر؟ بۇنداق ئىشتا، ئېنىقلا ئىككىلىسىنىڭ خاتالىقى تۇرسا، نېمىشقا پەقەت ئايال كىشىگىلا ئارتىسىلەر؟ 

- مەۋلان بايۋەچچىنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىر ئايال بارلىقىنى كىم بىلمەيدۇ، ئەينى چاغدا ئاشۇ ئايال ئۈچۈن ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان تېخى.  ئەگەر زۇبەيدە قەستەن ئازدۇرمىغان بولسا، مەۋلان بايۋەچچە قانداقمۇ ئۇنىڭ بىلەن  قالايمىقان ئىش قىلاتتى؟ 

- ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەۋلان بايۋەچچىنىڭ ھېلىقى ئاشىقى بىلەن  ئاتاقتىكى زۇبەيدە خانىم ساۋاقداشكەن. 

-  مەكتەپتىكى ئۈچ بۇرجەك مۇھەببەت ئىكەندە... بىراق يەنىلا زۇبەيدە خانىمنىڭ ئامالى باركەن، ئىككىسى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىسىمۇ، لېكىن ئۇ مەۋلاننىڭ خانىمىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە بالىسىمۇ بار بولدى، ھەقىقەتەن قالتىسكەن ...

-مەركىزى شەھەردىن R شەھەرگە  بارىدىغان يولۇچىلار دىققەت!  سىلەر ئولتۇرغان 1992Rقېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ھازىر تىزىملىتىشقا باشلىدى  ...

ئايرودۇرۇمدا ئايروپىلانغا چىقىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى، زۇبەيدە يانفونىنى يىغىشتۇرۇپ، يېنىدىكى سومكىسىنى ئېلىپ، ھېچقانداق چىراي ئىپادىسى يوق ھالدا ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.

ئۇ ناھايىتى تىنچ، سالماق ئىدى.

چوقۇم تىنچلىقنى ساقلىشى كېرەك.

بۇنداق پىتنە - پاساتلارغا ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى ئەمەس.

كۆرگەن، ئاڭلىغان، ھەتتا باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كەمسىتىش ۋە قورقۇتۇش نەزىرى... ئۇنىڭغا بەك تونۇش.


 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章