مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 30-قىسىم_ ئۇتتۇرغىنى سىز ئەمەس، مەن(2)

文摘   小说   2024-10-03 14:00   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  



دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ





داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  70  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29282726








مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

30 -قىسىم

   

 




30-قىسىم

ئۇتتۇرغىنى سىز ئەمەس، مەن! (2)


زىلالە قەدىمىنى توختىتىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى.

پەلەمپەيدە، زىبارە تۆگە رەڭلىك پەلتو كىيىپ، تېز قەدەم بىلەن  ئالدىدا كېلىپ توختاپ:

 - ئاكامدىن ئاڭلىسام، جەسۇر ئاكام ئىككىڭلار ئاجرىشىپ كېتىدىغان بوپسىلەر ... راستمۇ؟ - دەپ سورىدى.

- ئەگەر  خىزمەت توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولسىڭىز، ئىشخانامغا كىرىڭ.   ھەيۋىڭىزنى كۆرسىتىپ قويغىلى كەلگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا مۇرادىڭىزغا يەتتىڭىز، - دېدى زىلالە ئۇنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، پەلەمپەيگە چىقتى.

- زىلالە! - دېدى زىبارە كەينىگە بۇرۇلۇپ،  -  بىرەر جاينى تېپىپ ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقساق بولامدۇ؟ -  دېدى.

 زىلالە قەدىمىنى توختاپ، كەينىگە قاراپمۇ قويماي:

 - بىزنىڭ ئارىمىزدا يەنە قانداق پاراڭلىشىدىغان ئىشلار بارتى؟ - دېدى.

 زىبارە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، سول قولىنىڭ يېڭىنى تارتتى.

ئۇنىڭ بېغىشىدىكى يارا قاقاچ تۇتقان بولۇپ، قېپقالغان ئىزلار تېخى تولۇق يوقىمىغان،  قارىماققا ناھايىتى ئېغىردەك كۆرۈنەتتى.

بىراق، زىلالە يەنىلا ئۇنىڭ بىلىكىدە  باشقا بىر نەچچە تال چوڭقۇر-تېيىزلىقى ئوخشىمايدىغان ئىزىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدى.

ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى  قېتىم ئۆزىنى يارىلاندۇرۇشى ئەمەسكەن.

 - بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ - دېدى زىلالە ھەيرانلىق بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ، -جەسۇر بىلەن ئاجرىشىشقا قوشۇلدۇم،  يەنە رازى بولمامسىز؟ - دېدى.

  - سىز  مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئېغىر يارلاندۇرغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟  - دېدى زىبارە يېڭىنى تارتىپ، يارىسىنى يېپىپ قويۇپ، -  پەقەت يېرىم سائەتلا ۋاقتىڭىزنى ئالىمەن، بولامدۇ؟ ئاكامنىڭ يۈزىنى بولسىمۇ قىلىڭ، - دېدى.

 ئۇنىڭ ئەكبەرنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلىغان زىلالە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،  كەينىگە بۇرۇلۇپ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ:

 - ماڭايلى، ئۇدۇلدىكى قەھۋەخانىغا بارايلى. - دېدى.

 ئەتىگەندە قەھۋەخانىدا ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى، ئىككىيلەن ناھايىتى ئاسانلا دېرىزە تەرەپتىن ئورۇن تېپىپ ئولتۇردى.

مۇلازىم تاماق تىزىملىكىنى ئېلىپ كېلىپ:

 - ئىككىڭلار نېمە ئىچىسىلەر؟ - دەپ سورىدى.

- ئىسسىق شاكىلاتلىق سۈت، - ئىككى قىز خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا تەڭلا ئېغىز ئاچتى.

مۇلازىم بېشىنى لىڭشىتىپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

بىردەمدىن كېيىن، ئىككى ئىستاكان ھور چىقىپ تۇرغان شاكىلاتلىق سۈتنى ئەكىلىپ بەردى.

 - ئەمەلىيەتتە مەن بۇرۇن شاكىلاتلىق سۈت ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيتتىم،  ئاكامغا ئوخشاش چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرەتتىم.

ئۇ چاغلاردا مەندىن ئەمدىلا مەسىلە كۆرۈلگەن، كۆڭلۈم يېرىم. ئاكام بولسا ئادۋوكاتلىق ئورنىنى يېڭىلا ئېچىپ، ئىشقا كىرىشتۈرگەن بولغاچقا، بەزىدە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ماڭا قارىغۇدەك ۋاقتى چىقمايتتى، شۇڭا جەسۇر ئاكامغا ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشنى ھاۋالە قىلاتتى.

 تۇنجى قېتىم ئىسسىق شاكىلاتلىق سۈتنى جەسۇر ئاكام  قاينىتىپ بەرگەن. ئۇ يەنە...

شاكىلات ئادەمنى بەختلىك ھېس قىلدۇرىدۇ دېگەن، - دېدى زىبارە ئىستاكاندىكى سۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويۇپ،  - شاكىلاتلىق سۈتنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمدىكى سەۋەب، پۈتۈنلەي جەسۇر ئاكامنىڭ سەۋەبىدىن. - دېدى.

 زىلالە شاكىلات ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ، گەپ قىلمىدى.

- ھىم، مەن تېخى سىزگە بىر ئىشنى دەپ بەرمىدىم، - دېدى زىبارە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ،  - جەسۇر ئاكامنىڭ مېنى قۇتقۇزغانلىقىنى سىزمۇ چوقۇم ئاڭلىدىڭىز. ئۇ كۈنى كەچتە يولدا مەن زەھەر چېكىدىغان ئىككى لۈكچەككە ئۇچراپ قالدىم، جەسۇر ئاكاممۇ دەل شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپتىكەن،  شۇ قېتىملىق ئىشتا مېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېغىر يارىلاندى، مەنمۇ شۇ سەۋەبلىك يۇقۇملۇق كىسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدىم.  - دېدى.

بۇ سۆزنى ئاڭلىغان زىلالەنىڭ قولى يېنىك تىترەپ كەتتى.

زىبارە ئۇنىڭ غەلىتە تۇرقىنى ھېس قىلىپ، بېشىنى ساڭگىلىتىپ:

- جىددىيلەشمەڭ، شۇ كۈنى كەچتىكى ئىشتىن كېيىن، ئاكام مېنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئۇزاق داۋالاتتى، مەن ھازىر پەقەت كېسەللىك ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى، كېسەللىك ئالامىتى يوق، ئادەتتىكى ئۇچرىشىشتىن يۇقمايدۇ، - دېدى.

زىلالە قولىدىكى ئىستاكاننى قويۇپ :

- مەن...  مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، سىزنى چەتكە قاققىنىممۇ ئەمەس،  ئازراق ھەيران قالدىم. - دېدى .

 زىبارە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدى.

دەرۋەقە، ئۇدۇلدىكى زىلالەنىڭ كۆزلىرىدە ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغاندەك كەمسىتىش ياكى يىرگىنىش ئالامەتلىرى يوق ئىدى.

- دەرۋەقە، ئاكام خاتا دېمەپتۇ، - دېدى زىبارە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،  - بۇ ئىشنى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم بىلگەندىن كېيىن،  مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دەپ كۇسۇرلىشاتتى،  قەستەن مەن بىلەن ئارىلىق ساقلىدى، بۇ خىل تۇيغۇ... خۇددى  ۋابا كېسىلىگە ئوخشاش باشقا ساۋاقداشلىرىمغا كېڭەيدى.  ئۇ چاغدا، مېنىڭ راستتىنلا ياشىغۇم كەلمىدى، - دېدى.

شۇ چاغدىكى ئۆزىنى ئەسلىگىنىدە، زىبارەنىڭ چىرايى چۈشكىن تۈسكە كىرىپ:

- ئاكامدىن باشقا، پەقەت جەسۇر ئاكاملا ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. - دېدى.

جەسۇرنى تىلغا ئالغاندا، زىبارەنىڭ چىرايىدا كىچىك قىزلاردا بولىدىغان تەلپۈنۈش ئىپادىلەندى.

 - ئۇ ماڭا ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرەتتى،  مۇزىكا كېچىلىكىگە ئاپىراتتى، يەنە مەن بىلەن بىللە تاماق يەيتتى، خۇددى ئۇ  كېسىلىم بارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك مۇئامىلە قالاتتى.

ئۇنىڭدەك مۇنەۋۋەر ئەر ھەر قانداق ئايال كىشىنى جەلپ قىلالايدۇ، مەنمۇ شۇلارنى ئىچىدە.

بىلىمەن، مەندەك بىر قىز ئۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن.

ئەمما  ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم، چۈنكى پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدىلا،  ئۆزۈمنى ھەقىقىي ئادەمدەك ھېس قىلالايمەن...

شۇڭا شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۇنى ئىگىلىۋېلىشنى ئويلىدىم.  - دېدى زىبارە بېشىنى كۆتۈرۈپ زىلالەنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپ ئەپۇ سوراش تەلەپپۇزىدا:

- سىز مېنى ئەسكى ئايال دەپ قارايسىز شۇنداقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، سىزمۇ  خاتالاشمىدىڭىز، مېنىڭ سىزگە قىلغانلىرىم ھەقىقەتەن ئېشىپ كەتتى.  - دېدى ۋە  قولىدىكى ئىستاكاننى قويۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، جۈرئەتكە كېلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ:

- بۇ قېتىم سىزنى ئىزدەپ كېلىشىم، سىزدىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن. ئەلۋەتتە،  سىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭىزغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن، مەن پەقەت سىزگە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلدۈرۈپ قويماقچى. - دېدى.

زىلالە بارمىقى بىلەن  ئىستاكاننى يېنىك سىقىمداپ تۇتتى.

ئۇ زىبارەنىڭ ئۆزىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئىشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلمەيتتى. بىر چاغلاردا ئۇمۇ باشقىلارنىڭ ئەسكى نيەتتە بولىشىغا ئۇچىرغىنى تاسلا قالغان. ھىلىمۇ ياخشى قارشى تەرەپ مەقسىدىگە يىتەلمىدى. بىراق شۇ قورقۇنۇش تۈپەيلى ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماي ئەپسۇسلىنىپ يۈردى. ئەمدى ئويلىسا ئۇ زىبارەدىن خېلىلا تەلەيلىككەن.

زىبارەنىڭمۇ مۇشۇنداق كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشى باركەن.  يەنە كىلىپ بۇ ئىش ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر قۇتۇلالمايدىغان سايە تاشلاپ قويۇپتۇ.

شۇ تاپتا زىلالە زىبارەنىڭ كەيپىياتىنى تولۇق چۈشەندى.

 - مەن ئۇنچىۋالا ئۇلۇغ ئادەم ئەمەس، ئالدىراپ كەچۈرەلمەيمەن، بىراق... - دېدى زىلالە قولىدىكى ئىستاكاننى قويۇپ،  - جەسۇر ئىككىمىز پات ئارىدا ئاجرىشماقچى بولۇۋاتىمىز، دېمەك ... سىز يەڭدىڭىز! - دېدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، سومكىسىنى كۆتۈرۈپ كەتمەكچى بولدى.

 - زىلالە!  - زىبارە ئورنىدىن تۇرۇپ توسۇۋېلىپ،  - گېپىم  تېخى تۈگىمىدى، مېنىڭ ھەقىقىي دېمەكچى بولغىنىم بۇ ئەمەس. - دېدى.

زىلالە گۇمانلانغان ھالدا ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ:  

- ئۇنداقتا سىز زادى نېمە دېمەكچى؟  - دەپ سورىدى.

- مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ھەممە ئىش مېنىڭ پىكرىم ۋە ئويۇم بويىچە بولدى.

ئۇ كۈنى يالغاندىن ئاشقازىنىم ئاغرىدى دەپ تۇرۇۋالدىم، مەن يەنە ساختا ماتېرىيال ياساپ، جەسۇر ئاكامنى قەستەن ئالدىدىم.

ئۇ مېنى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولۇپ، خاتا چۈشىنىپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ ئاۋۋال سىزگە تېلېفون قىلماقچى بولدى، مەن ئۇنى توسۇپ، يالغاندىن سىزگە ئۇچۇر يوللىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم.

سىز بىزنى داچىدا كۆرگەندە،  قەستەن ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدىم.

شۇ كۈنى كەچتىمۇ  قەستەن جەسۇر ئاكامغا تېلېفون قىلدىم، ئۇ مېنى يەنە  ئۆزىنى يارىلاندۇرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئالدىراپ كېلىپ، ھالىمدىن خەۋەر ئالدى... - دېدى  زىبارە قىزارغان ھالدا كەچۈرۈم سوراش تەلەپپۇزىدا، -  بىلەزۈكنىڭ ئىشىمۇ بار. ئۇ بىلەيزۈكنىمۇ ئۆزۈم سېتىۋالغان. يەنە ئاكىڭىزغا ئەۋەتكەن خەتنىمۇ  ئاكامنىڭ ماتېرىياللىرى ئىچىدىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ،  جەسۇر ئىككىڭلاردىن مەخپىي ھالدا تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئەۋەتتىم. - دېدى.

 زىلالە ئەمدى چىداپ تۇرالماي، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، يۈزىگە بىر كاچات ئۇرۇپ:

- ماڭا ئۆچلۈك قىلغان تەقدىردىمۇ، نېمىشقا ئاكامنى بوش قويۇۋەتمەيسىز؟ - دېدى.

 - كەچۈرۈڭ، زىلالە، كەچۈرۈڭ! - دېدى زىبارە  ئورنىدىن مىدىرلاپمۇ قويماي،  - ھەممە ئىشنى مەن قىلغان، جەسۇر ئاكام بىلەن مۇناسىۋەتسىز. - دېدى.

شۇ كۈنى ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندىن كېيىن، زىبارە ئاندىن ئەينى يىللاردىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىزچىل ھېلىقى كۈنى كەچتىكى ئادەمنى جەسۇر دەپ قاراپ ،  ئۆزىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ.

بىراق، زىبارە ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆزىنى بېقىۋېلىپ،  ھالىدىن ئۇزۇن يىل خەۋەر ئالغان ئەكبەر ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئۇ كۈنى كەچ،  پۈتۈن كېچە ئۇخلىيالمىدى.

تۈنۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئاكىسىنىڭ ئاغزىدىن جەسۇر بىلەن زىلالەنىڭ ئاجرىشىدىغان ئىشىنى ئاڭلىدى.

- ئاكامنىڭ دېيىشىچە سىز  جەسۇردىن ئاجراشماقچى بوپسىز، مەن ... بىر كېچە ئويلاندىم.

ئاكامنىڭ دېگىنى توغرا، ھېسسىيات ئىشىغا زورلىغىلى بولمايدۇ، مەن ... ئالدىڭىزدا بەك خىجىل.  - دېدى زىبارە.

تۈنۈگۈن كەچتىن تارتىپ ھازىرغىچە كاللىسىدا جەسۇر بىلەن زىلالەنىڭ ئىشىنى ئويلاپ، ئۆكۈنۈش ۋە ئۆزىنى ئەيىبلەش ئۇنى پەقەت خاتىرجەم قىلمىدى.

شۇڭا بۈگۈن ئەتىگەن،  ئالايىتەن زىلالەنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىماقچى بولدى.

ھازىر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، قارشى تەرەپتىن بىر شاپىلاق يېگەن بولسىمۇ، ئەكسىچە ئۆزىنى خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

 -  مېنى ئۇرۇڭ، تىللاڭ، ئۆچ بولۇڭ... ھەممىنى قوبۇل قىلىمەن... ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم...

لېكىن، جەسۇر ئاكام سىزگە ئاسىيلىق قىلىپ باقمىدى، ئۇ سىزنى راستتىنلا ياخشى كۆرىدۇ.

ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا، ئۇتتۇرغىنى سىز ئەمەس، مەن! - دېدى.


 



、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章