كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
49 | 48 | 47 | 46 | 45 |
51 | 50 | |||
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
52-قىسىم
52-قىسىم
ھەممە ئىشنىڭ سورىقى بار
ئەكرەم بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىدى.
ئىلزات ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئايروپىلانغا چىققاندىن كېيىن، دىلارەنى غەزەپلەندۈرگەن سەۋەبنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدى.
ھازىر توردىكى ئىزدەش رامكىسىدا ساقلاپ تۇرۇڭلار دېگەن ئىككى سۆز قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
چېكىپ كىرگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى خەتنىڭ دىلارە يېقىندا يوللىغان مەزمۇن ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
يېرىم سائەتتىلا قالدۇرۇلغان ئىنكاس نەچچە ئون مىڭ پارچىغا يەتتى.
- ۋوي، كىمنى ساقلاپ تۇر دېگەندۇ؟
- بەزىلەرنىڭ توردا ئۇنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىگەنلىكىنى كۆرۈپ، قايتىپ كېلىپ ھېساب - كىتاب قىلماقچى بولغانمىدۇ؟
- نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز؟ ئۇ ئاقپېشماققا شۇنچە ئېگىز يېشىل پوسما كىيگۈزدى، ھېساب - كىتاب قىلماقچى بولسا، بىرىنچى بولۇپ ئۆزىنى ئىزدىسە توغرا بولىدۇ.
- بايقاپ سۆزلەڭلار، ھېلىقى بالا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە كىرىپ قالدى، جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن قورقمامسىلەر؟
- ئۇنداق گۆدەكلەرچە نەيرەڭگىمۇ ئىشىنىدىغانلار بارمۇ؟ كىمنى قورقۇتماقچىكەن؟ پەقەت ئەخمەقلەرلا بۇنداق گەپلەرگە ئىشىنىدۇ!
- ئاغزىڭىز بەك مەينەت ئىكەن، نەسىھەتنى ئاڭلىمىغان ئىكەنسىز، جازالىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇڭ. سىلەردەك ئادەملەر چوقۇم جازالىنىشى كېرەك!
- مەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەن، ئون سەككىزىنچى ئەۋلادىڭنى ئەۋەتسەڭمۇ، مەن يەنىلا مەن، دەيدىغان گېپىمنى دەۋېرىمەن!
يول بويى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، توردىكى كىشىلەرنىڭ ئىليارنى كۆزگە ئىلماي قىلغان مەسخىرىلىك سۆزلىرىدىن بىزارلىق ھېس قىلىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغان بىر مەستانە نۇرغۇن قارشى پىكىردىكى ئادەملەرنىڭ كوللېكتىپ زەربە بېرىشى بىلەن ئاچچىقتا كېسىلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردى.
مىرزات ئالدىدىكى ئورۇندۇققا بىرنى تېپىپ:
- بۇ ئادەملەر ھەقىقەتەن پەسكەش نېمىلەركەن! - دېدى.
ئىليار ئۈچۈن گەپ قىلغان ئادەم، ئاشۇ تورداشلارنىڭ تىللاشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەپتۇ.
<سەن چۈشەندۈرسەڭمۇ مەن ئاڭلىمايمەن، مەن سېنى، سەن مېنى تىللىۋالساملا بولدى> دېگەن پوزىتسىيە ئەۋج ئېلىپ كېتىپتۇ، بۇنداق ئادەملەر كىشىنى جىلە قىلىۋېتىدۇ!
ئىلزات، مىرزات ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئەزەلدىن توردىكى ئىنكاس دېگەندەك نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، چۈنكى بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار قىلىشقا تېگىشلىك تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىشلار بار دەپ قارايدۇ.
ئۇلار ھەتتا:
- ئاشۇ ئەخمەقلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرغانلىق قەدىر-قىممىتىمىزنى چۈشۈرگەن بىلەن باراۋەر، نېمىشقا بىر توپ ئەخمەقلەر بىلەن تەڭ بولىمىز. - دەپ قارايدۇ.
مانا ھازىر، كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭمۇ غەزىپى قوزغالدى.
ئىلزاتمۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ:
- ئاناڭنى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى تارتىپ چىقىڭلار، ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن! - دېدى.
ئەكرەم يېنىدا مۇۋاپىق پەيتتە ئېغىز ئېچىپ:
- تەكشۈرۈۋاتىمىز. - دېدى.
شۇ تاپتا كەچ سائەت توققۇزدىن ئاشقان بولۇپ، ئايروپىلان مەركىزى شەھەرگە سائەت 11 لەر ئەتراپىدا يېتىپ باراتتى.
دىلارە باشتىن-ئاخىر ئورنىدا گەپ قىلماي جىم ئولتۇردى.
ئىليار ئۇنىڭ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ، قارا كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ:
- ئىش ھامىنى ھەل بولىدۇ، ئەمدى ئۇ ئىشلارنى ئويلىماڭ. - دېدى.
دىلارە كۆزىنى سەل يۇمدى، ئاندىن كۆزىنى يەنە ئاچتى، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى:
- كەچۈرگىلى بولمايدۇ. تور ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان بۇ كىشىلەرنى كەچۈرۈشكە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلدى... - دېدى.
پۈتۈن بەدىنى بىلىنەر-بىلىنمەس تىترىدى، قەيسەر كۆزلىرىدە ئاستا-ئاستا بىر قەۋەت سۇ تۇمانلىرى پەيدا بولدى.
ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئەينى چاغدىكى توردا ھەممەيلەننىڭ تىللىشىغا ئۇچرىغان ئادەم بىلەن ئوخشاش ئېغىر ئىدى.
نېمىلا دېگەن بىلەن، بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا چېتىشلىق ئىش بولغاچقا، ھەتتا، ئۇ ئاشۇ خىل تۇيغۇنى ئۆزىمۇ تېتىپ كۆرگەچكە، شۇڭا مۇشۇنداق ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى.
ئىليار ئۇنىڭ پېشانىسىنى تىرەپ، دۈمبىسىنى يېنىك سىلاپ تۇرۇپ:
- شۇنداق، ئۇلار باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلدى، بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ. - دېدى.
ئىليار ھەممىدە ئۇنىڭ كەيپىياتىغا ئەگىشىپ تەسەللىي بەردى، دىلارەنىڭ كەيپىياتى سەل ياخشى بولۇپ، بېشىنى ئىليارنىڭ قوينىغا تىقىپ، يەنىلا گەپ قىلماي جىم ئولتۇردى.
ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، گەپ-سۆزدە بىرەر جۈملىسىنىڭ ئۇنىڭغا تېگىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ياۋاشلىق بىلەن گەپ قىلمىدى.
ئىككى سائەتلىك سەپەردە، دىلارە ئىليارنىڭ بەزلىشى بىلەن بىردەم ئۇخلاپ قالدى.
ئۇ ئارام ئېلىۋاتقاندا، باشلىقلار يىغىنى سۆھبەت يىغىنىنىڭ قىسمەن مەزمۇنلىرى توردا ئېلان قىلىندى.
[راستتىمىدۇ! مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى ئويلىمىغان يەردىن.... ] دېگەن ماۋزۇ پەيدا بولدى.
ئۇچۇرنى چېكىپ كىرگەندە، مەزمۇنى قىسقا فىلىم شەكىلىدە كۆرۈندى.
دەل باشلىقلار يىغىنى سۆھبەت يىغىنىغا كىرگەندە، ئىليارنىڭ يىغىن ئۈستىلىدىكى ئاساسىي ئورۇندا ئاستا-ئاستا ئولتۇرۇپ، ئېغىز ئېچىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرغان كۆرۈنۈش ئىدى.
ھەممە ئادەم غۇلغۇلا قوزغىدى!
- مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاقپېشماقمىكەن ياق، ياق، ياق ئىليار ئەپەندىمىكەن؟ !
- بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ بىر سېكۇنت بۇرۇن تېخى ئاقپېشماق دەپ تىللانغان، ئەمدىلىكتە مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ قالدىمۇ؟ دۇنيادا مۇشۇنداق خىيالىي تۇيغۇدەك بىلىنىدىغان ئىشلارمۇ بولامدۇ؟ ئۇ قانچە ياشقا كىردى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان گۇرۇھنىڭ قۇرغۇچىسى بولغۇدەك؟
- ئۇنداقتا بوۋاينىڭ ئىلگىرى قىلغان - ئەتكەنلىرى...
- شۇنداق، ئۇ بوشى مالىيە گۇرۇھىدىن ئايرىلىپ قالسا ھېچنېمە ئەمەس، يەنە تېخى ئۇنى ئاياللارغا تايىنىدىغان، يۇمشاقباش دېگەن، ئىككى كۈن ئىلگىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ ئۇنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئۆيىدىن، گۇرۇھتىن قوغلاپ چىقارغان...
- ئىلگىرى دىلارە باش دىرېكتورنىڭ ئائىلە نەسەبىنى ياراتماي، مەخبۇبەنى ئېلىپ بېرىمەن دەپ تۇرۇۋالغانىدى، نەتىجىدە دىلارە باش دىرېكتور بىردىنلا ئەتىۋارلىق خانقىزغا ئايلىنىپ قالدى، مەخبۇبە بولسا باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزغان ئايالنىڭ قىزى بولۇپ چىقتى. ئۆزىنىڭ نەۋرىسىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارسا، ئۇنىڭغا ئازراق بېسىم بولسىلا ياۋاشلىق بىلەن قايتىپ بېرىپ ئۆزىگە يالۋۇرىدۇ دەپ ئويلىغانىدى، نەتىجىدە ئىليار ئەپەندى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان گۇرۇھنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ قالدى. بوشى مالىيە گۇرۇھىنى ئەسلا كۆزگە ئىلمىدى... بوۋاينىڭ ھەقىقەتەن كۆزى كوركەن...
- ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى ھەر خىل ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەر خىل مەسخىرىگە ئۇچرىغان دىلارە باش دىرېكتور بىلەن ئىليار ئەپەندىنى بېسىپ، ئۈستۈن تۇرغاندەك، جاھانغا پاتماي قالغانىدى.
- ئەمدى ئوڭايسىزلىنىپ قالغاندۇ؟
توردىكى شامال يۆنىلىشى بىردىنلا ئۆزگەردى، مەسخىرە قىلىدىغان كىشىلەر يەنىلا بار، لېكىن بۇ قېتىم نىشاننى ئۆزگەرتتى.
ئايروپىلان قونماقچى بولغاندا، دىلارە ئۇيقۇسىنى ئاچتى.
ئەكرەم كېلىپ ئۇقتۇرۇش قىلىپ:
- توردا بۇ ئىش توغرىسىدا ناچار ئىنكاس قالدۇرغانلار جەمئىي 364 كىشى بولۇپ، ھەر قايسى شەھەرلەرگە تارقاقلىشىپتۇ، لېكىن 100 دىن ئارتۇق كىشى مەركىزى شەھەردە، ئورنى بىر قەدەر تارقاق بولغاچقا، ھازىرغىچە ئاران ئون نەچچىسى تۇتۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ زەھەرخەندە گەپ قىلغان بىر نەچچىسىمۇ بار. - دېدى.
دىلارە سوغۇققىنە تەلەپپۇزدا :
- مەن ھازىرلا ئۇلار بىلەن كۆرۈشىمەن. - دېدى.
ئەكرەم دىلارەنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئاز - تولا پەرەز قىلىپ، دۇدۇقلاپ:
- خانىم، بەزى تاراتقۇلار سىلەرنىڭ ۋاقىتلىق قايتىپ كەلگەنلىكىڭلارنى بىلىپ بولدى، ھازىر ئايرودۇرۇم پۈتۈنلەي ... - دېدى.
- بېرىپ بېجىرىڭ، - دېدى ئىليار ئەكرەمنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، ئەكرەم دەرھال ھە دەپ قويۇپ، قول ئاستىدىكىلەرگە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇقتۇردى.
ئايروپىلاننىڭ سىيرىلىپ مېڭىشىغا يەنە بىر ئاز ۋاقىت كەتتى، دىلارە قاتارلىقلار ئايروپىلاندىن چۈشۈپ بولغۇچە 20 مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى.
ئەمدىلا چىقىش ئېغىزىغا كەلگەندە، بىر توپ كىشىلەر ئۇنى ئورىۋالدى.
ئەكرەم ئورۇنلاشتۇرغان ياردەمچىلەر ئۇلارنى ۋاقتىدا قوغداپ قالدى.
- ئىليار ئەپەندى، سىز مىڭلەن گۇرۇھىنى قاچان قۇرغان؟
- دەسلەپتە نېمە مەقسەتتە قۇرغان؟
- مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە تېز ئىكەن، تۇتقان بىرەر ئۇدۇل يول بارمۇ قانداق؟ ياكى باشقىلار ياردەم قىلغان ئىشلار بارمۇ؟
- سىز نېمىشقا ئۆزىڭىزنىڭ مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىزچىل يۇشۇرىسىز؟
- دىلارە باش دىرېكتور، سىز باشتىلا ئىليار ئەپەندىنىڭ مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەنمىدىڭىز؟
- سىز ئەينى چاغدا ئىليار ئەپەندى بىلەن توي قىلىشتىمۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بىلىپ، ئۇنى تاللىغانمۇ؟ - دەپ سورىدى.
دىلارە بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز توختاپ قالدى، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاستا توختاپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى.
خېلى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن، دىلارە نەزىرىنى ئەمدىلا ئەڭ ئاخىرقى بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئادەمگە قارىتىپ:
- سىلەر زادى قانداق نەتىجىدىن رازى بولىسىلەر؟ ئىلگىرى ئىليارنى مېنىڭ خانقىزلىق سالاھىيىتىمنى ئالدىن بىلىۋېلىپ چاپلىشىۋالغان دېدىڭلار. ھازىر مېنى يەنە ئۇنىڭ مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى سالاھىيىتىنى ئالدىن بىلىپ توي قىلغان دەيسىلەر؟ زادى قايسى جاۋاب سىلەرنى تېخىمۇ رازى قىلالايدۇ؟ بولمىسا بىز بىر-بىرىمىزنىڭ سالاھىيىتىنى بىلىۋېلىپ، بىز - بىرىمىزنى قەستلىگەن بولايلى بولامدۇ؟ ئۇ دەسلەپتە مېنىڭ خانقىزىلىق سالاھىيىتىمنى ياقتۇرۇپ قالدى، مەن ئۇنىڭ مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسىلىق سالاھىيىتىنى ياقتۇرۇپ قالدىم، بۇ جاۋابتىن رازى بولدۇڭلارمۇ؟ - دېدى دىلارە.
كىشىلەر دىلارەنىڭ بىر نەچچە ئېغىز گېپى بىلەن گەپ قىلالماي قالدى.
- شىركەت قۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى، نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېز تەرەققىي قىلىدۇ، يەنە نېمىشقا يوشۇرۇش مەسىلىسىدە شىركەت تاسادىپىي ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغانمۇ دېگەن سوئالىڭلار جاۋاب، ھازىرقىدەك بوۋاينىڭ قوغلاپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ قۇرغان، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، چۈنكى ئىلىياردا ئىقتىدار بار.يەنە ئۇنىڭ يېمنىدا پۇتلايدىغانلار بەك كۆپ. ھىيلە-مىكىرمۇ بەك كۆپ بولغاچقا، ئەلۋەتتە يوشۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق. سىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق، مەن سىلەر ئاڭلاشنى ئەڭ خالايدىغان نەتىجىنى سىلەرگە ئۆزۈم ئېيتىپ بەردىم. بۇ جاۋابتىن رازى بولدۇڭلارمۇ؟ - دېدى دىلارە .
تاراتقۇلار ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ بىر-بىرىگە قارىشىپ، كوللېكتىپ گەپ قىلالماي قالدى.
- يەنە، بۇ قېتىم مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىشىغا كەلسەك، سىلەر، جۈملىدىن ھەممە ئادەم، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا مەسخىرە قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ، بوۋاينىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە باھا بەرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، مەن زەھەرخەندە ئادەممۇ ئەمەسمۇ، خانقىزمۇ ئەمەسمۇ، ئىليار ئاقپېشماقمۇ ئەمەسمۇ، مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىلەردە سىلەرنىڭ ئەنسىرىشىڭلارنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، راست گەپنى قىلسام، ئۇ راستتىنلا ئاقپېشماق بولسىمۇ، سىلەرنىڭ ئۆيدىكى بىر تال گۈرۈچنىمۇ يېمەيدۇ.
مەن بەك قىزىقىلىپ قېلىۋاتىمەن، سىلەرنىڭ چىشىڭلارنى غۇچۇرلىتىپ، ھەممە ئادەمنى بىر قېتىم مەسخىرە قىلىدىغان غەيرىتىڭلار زادى نەدىن كەلگەن؟ - دېدى دىلارە.
ئايرودۇرۇمنىڭ چىقىش ئېغىزى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى، ئەمما شۇ تاپتا دىلارەنىڭ ئېنىق ئاۋازى يىراقلارغىچە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
بىر نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن ھەممەيلەن گەپ قىلالماي قالدى.
ھەممە گەپنى ئۇ دېدى، كۆپچىلىك يەنە نېمە دېيەلەيدۇ.
نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىش ئېلان قىلىندى، ھېلىھەم بوۋاينى قانداق قىلىپ تاۋۇزنى تاشلاپ، كۈنجۈتنى ئالغانلىقى، كۆزى ئۇچۇق قارىغۇ، كۈلكىلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، چوڭ تۇرۇپ ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى توغرىسىدا توختىماي مەسخىرە قىلىش باشلانغانىدى.
ھەممە ئادەم كۆرۈنمە چاستوتىدىكى دىلارەغا قارىدى، ئۇ ھېچنېمە دېمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار جىمىپ قېلىشتى.
قارىماققا بۇ ئايالدا ھەقىقەتەن شۇنداق بىر خىل سېھرىي كۈچ بار بولۇپ، ھەمىشە ئادەمنى ئىختىيارسىز ھالدا دىققىتىنى تارتاتتى.
خېلى ئۇزۇن ۋاقىت جىمىپ قالغاندىن كېيىن، ئۈن-تىنسىز تۇرغان دىلارە تۇيۇقسىز نەزىرىنى ئايرودۇرۇمنىڭ چىقىش ئېغىزىغا يۆتكىدى. ئۇ ئەكرەمنىڭ بىر نەچچە ئادەمنى باشلاپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز كۆزلىرىنى چەكچىيىپ، ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم ماڭدى.
ئەكرەم ئۇنىڭ ئالدىدا كېلىپ:
- خانىم، بۇ ئادەملەر ھېلىقى ئادەملەر ... - دېدى.
دىلارە كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەملەرنى كۆرۈپ غەزىپىنى باسالماي قالدى. ۋە قاتتىق گەپلىرى بىلەن راسا ئەيىبلەپ ئاچىقىنى چىقىرىۋالدى. ھەتتا ئۇلارنى تېگىشلىك جازاغا ئۇچراتتى.
نەق مەيدان توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى قوزغىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar