مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 27-قىسىم_ كىنىشكىسىنى ئېلىۋالماپتىمەن

文摘   小说   2024-09-30 14:23   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  



دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ



داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  62  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221




26




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

27 -قىسىم

   


27-قىسىم

 تويلىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىۋالماپتىمەن (1)


 قەيسەر زىلالە بىلەن جەسۇرغا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ،   ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

سوتتا يالغان سۆزلىمەسلىككە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ئەيىبلىگۈچى نەق مەيداندا ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا باشلىدى.

 - گۇۋاھچى قەيسەر، سىز ئىلگىرى بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىڭىزدە، ئۆمەرنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسىنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىكىنى  دېگەنتىڭىز توغرىمۇ؟  - دېدى.

قەيسەر بېشىنى لىڭشىتىپ:

  - شۇنداق!  - دېدى.

 - ئۇ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ! - دېدى ئۆمەر دەرھال رەددىيە بېرىپ، - تيەننىڭ ياتاق بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشدا ئۇ نازارەت قىلىشقا مەسئۇل، مەن پەقەت چېرتيوژنى لايىھەلەشكە مەسئۇل...  - دېدى.

 - تىنچلىنىڭلار!  - سوتچى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بولقىنى ئۇردى.

ئەكبەر ئۆمەرنىڭ كىيىمىنى تارتىپ قويدى، ئۆمەر چىشىنى چىشلەپ، ئاچچىقىنى بېسىۋالدى.

ئەكبەر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ:

- ھۆرمەتلىك سوتچى، مەن گۇۋاھچىدىن بىر قانچە سوئال سوراشنى تەلەپ قىلىمەن، - دېدى.

سوتچى بېشىنى لىڭشىتتى.

ئەكبەر بېشىنى كۆتۈرۈپ، قەيسەرگە چوڭقۇر تىكىلىپ:

 - بىلىشىمچە، سىز جاۋابكارنىڭ سىڭلىسى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، شۇنداقمۇ؟  - دەپ سورىدى.

- سوتچى، بۇلار بۇ دېلو بىلەن مۇناسىۋەتسىز. - دېدى ئەيىبلىگۈچى دەرھال ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ.

 -  ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى قەيسەر بىلەن زىلالەنىڭ مۇناسىۋىتى تيەننىڭنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ھەممە ئىش ئېنىق بولۇشى كېرەك. - دېدى ئەكبەر ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ.

سوتچى بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭ داۋاملىق سوئال سورىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

- رەھمەت سىزگە، سوتچى.  - دېدى ئەكبەر قەيسەرگە يەنە بىر قېتىم قاراپ،  - ئەينى چاغدىكى تيەننىڭ ياتاق بىناسى نورمال تەرتىپ بويىچە بولغاندا، ھەقىقەتەن ئۆمەر تولۇق ھوقۇقلۇق مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن سىز ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ بولغۇسى ئېرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن  ياتاق بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش قىسمىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشنى ئىلتىماس قىلدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ - دەپ سورىدى.

 - مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۆمەرگە بىر قىسىم خىزمەتلەرنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ياردەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇنىڭ قولىدا باشقا لايىھە ئىشلىرىمۇ  بولغاچقا، ھەقىقەتەن  ئالدىراش ئىدى. لېكىن... - دېدى قەيسەر بېشىنى چايقاپ، - ئۆمەر مېنىڭ تەكلىپىمنى رەت قىلدى، شۇڭا مەنمۇ بۇ قۇرۇلۇشقا  قاتناشمىدىم. - دېدى.

- يالغان ئېيتتىڭىز! - دېدى ئەكبەر ئۇنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى سوغۇقلا ئۈزۈپ، - ھۆرمەتلىك سوتچى، مەندە بەزى مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار بار، قەيسەرنىڭ ئەينى چاغدا بۇ تۈرگە قاتناشقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قېتىم قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ئۆمەر كاماندىروپكىغا چىقىپ، قوشنا غشەھەرنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرىسىنى لايىھەلەشكە ياردەملەشكەن ئىككى ئايدا، ئۇ بۇ تۈرنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە تولۇق ھوقۇقلۇق مەسئۇل بولغان.  - دېدى ئەكبەر دەلىل-ئىسپاتلارنى سوتچىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ.

سوتچى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قەيسەرگە قاراپ:

- بۇلارنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟  - دەپ سورىدى.

قەيسەر ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئۆمەرگە خاتالىقنى ئارتىپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

 - ئەينى چاغدا ئۆمەر كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن، مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بىر مەزگىل باشقۇرۇپ بەرگەن، لېكىن  پۈتكۈل قۇرۇلۇش تۈرى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ لايىھە چېرتيوژى بويىچە ئىشلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان چاغدا، بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەن، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،  ئۆرۈلۈپ چۈشتى، بۇ  ئۇنىڭ لايىھەسىدە مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.  - دېدى.

ئەكبەر يەنە بىر قېتىم ئېغىز ئېچىپ:

  - مەن سوتنىڭ  بىر قىسىم سىن ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىشىمگە رۇخسەت قىلىشىنى سورايمەن.  - دېدى.

 رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن، ياردەمچىسى كومپيۇتېرنى چوڭ   ئېكرانغا ئۇلىدى.

 - بۇ كۆرۈنۈش ۋە سۈرەتنى بىز نەق مەيداندىن تارتقان، سۈرەتتىن بۇ تاملارنىڭ قېلىن قىسمىدىن پولات چىۋىقنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ... لايىھەنى ئۆمەر لايىھەلىگەن ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ كاماندىروپكىغا چىققان مەزگىلدە، قەيسەر مەسئۇل بولۇپ باشقۇرغان.  - دېدى ئەكبەر سىن ماتېرىيالىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،  ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، - بۇلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، گۇۋاھچىنىڭ سوتقا چىقىشىنى تەلەپ قىلىمەن. - دېدى.

بىر دەمدىن كېيىن، ئورۇق، بۇغداي ئۆڭ  ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم  كىرىپ، گۇۋاھچىلار ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

 تونۇش مال تەمىنلىگۈچىنى كۆرگەن قەيسەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئالاقزادىلىك چىقىپ تۇراتتى.

ئۇلار بۇ ئادەمنى قانداق تېپىۋالغاندۇ؟

 - بۇياق تيەننىڭ ياتاق بىناسى تۈرىنى پولات چىۋىق بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر قاسىم. - دېدى ئەكبەر گۇۋاھچىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، -  بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈشتىن ئىككى ئاي بۇرۇن، پۈتۈن  تۈرگە قەيسەرنىڭ مەسئۇل بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولالايدۇ، يەنە كېلىپ... - دېدى ئەكبەر ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، - بۇ مەزگىلدە، قەيسەر يەنە قارشى تەرەپتىن يۇقىرى شېرىنكانە ئېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ناچار پولات چىۋىقنى ياخشى پولات چىۋىق ئورنىدا ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغان.  - دېدى.

 - گۇۋاھچى قاسىم،  بۇ ئىش راستمۇ؟ - دەپ سورىدى سوتچى كەسكىنلىك بىلەن.

- شۇنداق، سوتچى، بۇلارنىڭ ھەممىسى راست، مەن شۇ چاغدا قەيسەر دىرېكتورغا  ئېگىز بىنا قۇرۇلۇشىدا، ناچار پولات چىۋىقنى ئىشلەتكەندە بىخەتەرلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن دېگەن. ئۇ يەنە قىلچە ئىككىلەنمەستىن، مۇمكىن ئەمەس،  تەيفېڭ بورىنى چىقىپ، يەر تەۋرىمىسە مەسىلە چىقمايدۇ، ئۇ باشقا تۈرلەردىمۇ شۇنداق قىلغان دەپ تۇرۇۋالدى... - دېدى قاسىم.

 -  جۆيلۈۋاتىسىز! - دېدى قەيسەر ۋارقىراپ تۇرۇپ، - سوتچى، بۇ تۆھمەت قىلغانلىق، مەن ئەزەلدىن بۇنداق دېمىگەن، شېرىنكانە ئالغاننى دېمەيلا قوياي، ئىشەنمىسىڭىز، ئۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭ، ئۇنىڭدا قانداق ئىسپات باركىن؟ - دېدى. 

قەيسەرمۇ بۇ ئىشلارغا چېتىلىپ قالسا چوڭ چاتاق چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

شۇڭا  ناھايىتى ئېھتىيات قىلدى، قارشى تەرەپنى ھەقىقىي ئىسپات كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىدى.

 -  ئىسپاتىم بار.- دېدى گۇۋاھچى قاسىم بېشىنى كۆتۈرۈپ، -  مەن بۇ ئىشتا مەسىلە چىقىپ قېلىشىدىن قۇرقۇپ،  ئەينى چاغدا ئوغرىلىقچە ئۈنگە ئېلىۋالغان.  - دېدى.

ئەكبەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈنئالغۇ قەلىمىنى سوتچىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ:

  - ئۈنئالغۇ مەندە.  - دېدى.

سوتچى ئۈنئالغۇ قەلىمىنى ئېلىپ، نەق مەيداندا قويدى.

ناھايىتى تېزلا، ئۈنئالغۇ قەلىمىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ سۆزلىشىش ئاۋازى ياڭرىدى.

 - قەيسەر دىرېكتور، بۇ... بۇنداق قىلساق خەتەر چىقىپ قالامدۇ قانداق؟ 

 - بۇنىڭدا نېمە خەتەر بولاتتى،  بىر قېتىملىق پولات چىۋىقنى ئالماشتۇرساق چوڭ تەسىرى بولمايدۇ. 

 - بىراق، بىرەر ئىش چىقىپ قالسا... 

 - خاتىرجەم بولۇڭ، چاتاق چىقىشتىن سىزدىن بەكرەك مەن ئەنسىرەيمەن. 

 ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان قەيسەرنىڭ چىرايى تاتىرىپ، ئوڭ-سولغا قاراپ، ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

 ئۇياق-بۇياققا ئىرغاڭلاپ، كۆزىنى يۇمۇپ، نەق مەيداندىلا يىقىلىپ چۈشتى.

يېنىدىكى خادىم دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىپ، قەيسەرنى يەردىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ:

- ئۇ  ھوشىدىن كېتىپتۇ. - دېدى.

سوتچى قەيسەرنىڭ ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ:

- تېز، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىڭلار.  - دېدى.

 زىلالە بىرىنچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، پەلەمپەيدىن ئېتىلىپ چۈشۈپ:

- قەيسەر، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، تولا خۇپسەنلىك قىلماڭ. - دەپ ۋارقىراپ، سوت مەھكىمىسىنى بىر ئالدى.

 - زىلالە! - جەسۇر چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، تۇتۇۋېلىپ،- ھاياجانلانماڭ.  - دېدى.

بۇنداق سورۇندا،  قەيسەرنىڭ ياسالمىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش قىلىپ قويسا، ۋاقتى كەلگەندە ئەيىبلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يېتىپ كېلىپ، قەيسەرنى نوسۇلكىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى.

قەيسەر بۇ دېلونىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى، ئىش تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەندە، دېلوغا داۋاملىق قاراپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس.

سودىيە سوتنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، باشقا كۈنى قايتا سوت ئېچىشنى ئېلان قىلدى.

ئۆمەرگە مەسئۇل خادىملار ئۆمەرنى   ئېلىپ ماڭماقچى بولدى.

زىلالە ئەسلىدە بۈگۈن ئاكىسىنىڭ دېلوسىنى ئاغدۇرىشىغا ياردەم قىلىمەن دەپ ئويلىغان، لېكىن قەيسەرنىڭ بۇنداق ئويۇن ئويناپ، كېيىنكى قېتىملىق سوتنى كەينىگە سۆرەيدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن.

زىلالەنىڭ ھەم ئاچچىقى كەلدى ھەم  ئاكىسىغا ئىچى ئاغرىدى.

 ئۆمەرنى ئېلىپ ماڭماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ،  باشقا ئىشلارغا پەرۋا قىلماي، چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۆمەرنى قۇچاقلاپ:

 - ئاكا!  - دەپ توۋلىدى ۋە كىلىپ ئۆمەرنىڭ بىلىكىدىن تۇتىۋالدى.

  ئېنىقكى بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس.

جەسۇر چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن كېلىپ، بىر قولى بىلەن زىلالەنىڭ بېلىدىن تۇتتى، يەنە بىر قولىدا ئۇنىڭ ئۆمەرنى تۇتۇۋالغان قولىنى تارتىپ:

- زىلالە، گەپ ئاڭلاڭ، قويۇپ بېرىڭ.  - دېدى.

زىلالە  كۆز ياشلىرىغا چىداپ، ئۆمەرنى بىلىكىنى قويۇۋەتتى.

خادىملار ئۆمەرنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ، ئېلىپ ماڭماقچى بولدى.

ئۆمەر بولسا ئۆز ئورنىدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، زىلالەنى قۇچاقلىۋالغان جەسۇرغا تىكىلىپ:

 - سىز ... جەسۇر بولامسىز؟  - دەپ سورىدى.






 

 

、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章