مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 31-قىسىم_ پايدىسى بولامدۇ؟

文摘   小说   2024-10-04 14:01   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  



دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ





داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  72  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726








مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

31 -قىسىم

   

 

 


 


133-قىسىم 

پۇشايمان قىلدىم دېسەم،  پايدىسى بولامدۇ؟ (1)


زىبارە سومكىسىدىن تەييارلاپ قويغان خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىش خېتىنى ئېلىپ، ئىككى قوللاپ ئۈستەلگە قويۇپ:

 - بۇ مېنىڭ ئىستىپانام ، ئۆمەك باشلىقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز. - دېدى.

ئەينى چاغدا مۇزىكا ئۆمىكىگە بېرىپ خىزمەت قىلىدىغان ئىشتىمۇ زىلالە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان.

ھازىر  ئۇنىڭ يەنە مۇزىكا ئەترىتىدە تۇرغۇدەك يۈزى قالمىدى.

زىبارە كەينىگە بىر قەدەم چېكىنىپ ئېگىلىپ تۇرۇپ:

 - زىلالە، كەچۈرۈڭ، ماڭا بولغان ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويدۇم، راستتىنلا كەچۈرۈڭ.  - دېدى.

 زىلالەنىڭ  كۆزلىرىگە بىر نەچچە سېكۇنت قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، سومكىسىنى ئېلىپ قەھۋەخانىدىن چىقىپ كەتتى.

 سىرتتا سوغۇق شامال چىقىۋاتاتتى.

زىلالە بىر تەستەك سالغان يۈزى شامالغا ئۇرۇلۇپ، بىردىنلا ئېچىشىپ ئاغرىدى.

ئەمما زىبارە ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي چوڭقۇر نەپەس ئالدى، كەيپىياتى مىسلىسىز ئازادە بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

نەچچە كۈندىن بۇيان،  ئىزچىل ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەلگەن، مانا ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، قەلبىنى بېسىپ تۇرغان تاغنى ئېلىۋەتكەندەك يېنىكلىدى.

زىلالە دېرىزىدە يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ يىراققا كەتكىنى كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئەس-ھوشىنى تاپالمىدى.

زىبارەنىڭ  بايا ئېيتقانلىرى زىلالەنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.

ئەجەبا ... ئۇ راستتىنلا جەسۇرنى خاتا ئەيىبلىدىمۇ؟

زىلالە نەزىرىنى سىرتتىن قايتۇرۇپ، بېشىنى يېنىك چايقىدى.

ئىش مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەندە، ئوتتۇرىدىكى ئۇقۇشماسلىقلار يېشىلگەن تەقدىردىمۇ،  جەسۇر بىلەن بۇرۇنقى ۋاقتىغا قايتالمايدۇ.

زىلالە زىبارەنىڭ ئىستىپانامىسىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇزىكا ئۆمكىگە قايتىپ، ئۆمەك باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا باردى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سوراپ:

-  ئۆمەك باشلىقى، كەچۈرۈڭ، مۇزىكا ئەترىتىگە بۇنچە كۆپ ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەردىم. - دېدى.

دەسلەپتە  زىبارەنى مۇزىكا ئۆمىكىگە ئۇ تونۇشتۇرغان، نەتىجىدە زىبارە ئۆمەكنىڭ ئويۇنىغا تەسىر كۆرسەتتى.

زىلالەنىڭ تونۇشتۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.

 - زىبارە  ماڭا تېلېفون قىلىپ،  ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى.- دېدى ئۆمەك باشلىقى ئازراق ئەپسۇسلىنىپ، -  ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تالانتى بار ئىدى، لېكىن سالامەتلىكى ناچارراق ئىكەن، - دېدى.

 زىلالەنىڭ كەيپىياتىنىڭ سەل چۈشكۈن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆمەك باشلىقى ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىغا كېلىپ:

- زىلالە، يېقىندىن بۇيان چىرايىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەس، چوقۇم كۆپرەك ئارام ئېلىڭ، نېمىلا دېگەن بىلەن سالامەتلىك ئەڭ مۇھىم. زىبارەنىڭ ئىشىدا ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ، - دېدى  مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ،   -  ئۇ ئەسلىدىنلا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە تۇرۇۋاتقان ، ئىشلەش - ئىشلىمەسلىكىنى تاللاش ھوقۇقى بار، مۇزىكا ئۆمىكىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كېلىپ-كېتىپ تۇرۇشى ناھايىتى نورمال، كۆپ ئويلىماڭ! - دېدى.

  - رەھمەت سىزگە، ئۆمەك باشلىقى. - دېدى زىلالە بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، -  ئەمىسە مەنمۇ چىقىپ ئىشىمنى قىلاي، - دېدى.

زىلالە ئۆمەك باشلىقى ئىشخانىسىدىن چىققاندىن كېيىن، دەرھال مەشىق ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، كۆپچىلىككە يېتەكچىلىك قىلىپ كېيىنكى مەيدان ئويۇن ئۈچۈن رەپىتىس قىلدى.

كۆپچىلىك تاكى گۇگۇم ۋاقتى بولغىچە ئالدىراش بولۇپ، ئاندىن رېپېتىتسىيە ئۆيىدىن ئايرىلدى.

زىلالە يەنە ئىشخانىسىغا قايتىپ كېلىپ، قالغان خىزمەتلەرنى ئاددىيلا بىر تەرەپ قىلىپ بولغۇچە سىرتتا قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغانىدى.

ئىشىكنى ئېتىپ ئۆيگە قايتماقچى بولغاندا، تېلېفونى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى.

تېلېفون قىلغىنى داچا رايونىنىڭ خوجىلىق دىرېكتورى بولۇپ، يېقىندا ئولتۇراق رايوندىكى پار تۇرۇبىسىنى رېمونت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن ۋاقىت چىقىرىپ قايتىپ كېلەلەيدىغان - كېلەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى.

 - كەچۈرۈڭ. - دېدى زىلالە يېنىك يۆتىلىپ، -  مەن ھازىر ئۇ ئۆينىڭ خوجايىنى ئەمەس. - دېدى.

 - سىز زىلالە خانقىز ئەمەسمۇ؟ - دېدى خوجىلىق دىرېكتورى سەل گۇمانلىنىپ، -   بۇ يەرگە تىزىمغا ئالدۇرغاندا سىزنىڭ ئىسمىڭىز يېزىلغان ئىكەن، - دېدى.

 زىلالە سەل گاڭگىراپ قېلىپ:

-  ئۆي ئىگىسىنىڭ  ئىسمى جەسۇر بولۇشى كېرەكقۇ؟ - دېدى.

-  ياق، سىزنىڭ ئىسمىڭىز بىلەن تېلېفون نومۇرىڭىز قالدۇرۇلۇپتۇ، بولمىسا مەن سىزنىڭ تېلېفونىڭىزنى قانداق بىلىمەن، - دېدى خوجىلىق دىرېكتورى كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۆمەرنىڭ ئىشىدىن بۇرۇن، ئۆي  دادىسىنىڭ نامىدا ئىدى، ئۇنىڭ ئۆي ئىگىسى بولۇپ قېلىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟

ئەجەبا ...

جەسۇر  بىر يۈرۈش داچىنى، ئۇنىڭ نامىدا سېتىۋالدىمۇ؟

- زىلالە خانقىز، مەنمۇ بىلىمەن، سىزنى ئاۋارە قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى. لېكىن ... - دېدى خوجىلىق دىرېكتورى سەمىمىي تەلەپپۇزدا،  -  ئولتۇراق رايوندىكى بارلىق تۇرۇبا يوللىرى تەكشۈرۈلۈپ بولدى، ھازىر سىزلا ئىمزا قويمىدىڭىز، بىزمۇ بۇ خىزمەتنى تۈگىتىپ خۇلاسە قىلىشقا ئامالسىز قالدۇق،  ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق، بىر كېلىپ قول قويىۋەتسىڭىز بولارمۇ؟ - دېدى.

-  بولىدۇ. - دېدى زىلالە ۋاقىتقا بىر قاراپ قويۇپ، - ھازىر يولغا چىقسام، تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. - دېدى.

- بولىدۇ، ئەمىسە مەن سىزنى ئىشخانىدا ساقلاي.  - دېدى  خوجىلىق دىرېكتورى.

تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، زىلالە گۇمان بىلەن،  داچا رايونىغا كېلىپ، خوجىلىق بىناسىغا كىردى.

خوجىلىق دىرېكتورى دەرۋەقە ئۇنى ئىشخانىدا ساقلاپ تۇرغانىدى.

 ئۇنى كۆرۈپ، تەكەللۇپ بىلەن بىر ئىستاكان ئىسسىق چاي قۇيۇپ بەردى ۋە  ئىمزا قويۇشقا تېگىشلىك جەدۋەلنى سۇندى.

زىلالە  جەدۋەلنىڭ كەينىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن:

-  ماڭا ياردەم قىلىپ ئۆينىڭ نامىنىڭ قاچاندىن باشلاپ مېنىڭ نامىمغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ - دېدى.

  - سەل ساقلاپ تۇرۇڭ.  - دېدى خوجىلىق دىرېكتورى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك خاتىرىنى ئېچىپ:

- تەخمىنەن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئەتراپىدا. - دېدى.

10 -ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاز قالغان ۋاقىت.

دېمەك، جەسۇر بۇ ئۆينى راستتىنلا ئۇنىڭ نامىدا سېتىۋاپتۇ.

زىلالە  دىرېكتورىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، خوجىلىق بىناسىدىن چىقىپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى كونا تۇرالغۇسىغا قاراپ قويدى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ، تېز قەدەم بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭدى.

 جەسۇر ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان ھېلىقى ئۈزۈكمۇ قىممەت پۇللۇق بولغاچقا،  بۈگۈن ئاجرىشىش ئۈچۈن كۆرۈشكەندە قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان.

بۇ يەرگىمۇ كېلىپ قالغاندىكىن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۈزۈكنى  قايتۇرۇپ بەرگەچ، ئۆينىڭ نامىنى ئۆزىنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىۋېلىشىنى ئەسكەرتىپ قويماقچى بولدى.

داچا ئالدىغا كەلگەندە، چىراغ يېقىلمىغان داچىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ بىكارغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

ئالدىنقى قېتىم ئەنۋەر جەسۇرنىڭ كاماندىروپكىغا چىقىدىغان جىددىي ئىشى بارلىقىنى ئېيتقان، ئۆزى بۇ شەھەردە بولمىسا ئۆيگە قانداق قايتىپ كېلىدۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ بۇ يەردە تۈرمىگەندىكىن، جەسۇرمۇ بۇ يەردە تۇرمىغان بولۇشى مۇمكىن.

لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ قالغان زىلالە كەينىگە بۇرۇلۇپ كەتمەكچى بولدى.

چوڭ يولدىن تۇيۇقسىز بىر ماشىنا  بۇ تەرەپكە قايرىلدى.

ئۇنىڭ ئەكبەرنىڭ ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى تونۇغان زىلالە ئالاقزەدە بولۇپ، ئالدىراپ كەينىگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ، دەرەخنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالدى.

ماشىنا ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، داچىنىڭ پەلەمپىيى ئاستىدا توختىدى.

ماشىنا ئىشىكى ئېچىلىپ، ئىككى ئەر چۈشتى.

شوپۇر ئورنىدىن چۈشكىنى ئەكبەر، ياردەمچى شوپۇر ئورنىدىن چۈشكىنى جەسۇر ئىدى.

زىلالە سەل ھەيران قالدى.

جەسۇرنى كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتتى دېمىگەنمىدى، قانداقسىگە ئەكبەر بىلەن بىللە قايتىپ كېلىدۇ؟

 - قارىڭە سىزنى! - دېدى ئەكبەر ئارقا ئورۇندۇقتىن جەسۇرنىڭ چاپىنىنى ئېلىپ،  - بەك قاراملىق قىپسىز، نېمىشقا دوختۇرخانىغا بېرىپ قەيسەرنى ئىزدەيسىز؟  ئۇنىڭ يالغاندىن كېسەل بولۇۋالغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ،  ئىزدەپ بارسىڭىز، قارشى تەرەپكە باھانە تېپىپ بەرگەن بولمامسىز، - دېدى.

 - ئۇنىڭ يالغاندىن كېسەل بولۇۋالغانلىقىنى بىلگەچكە باردىم. - دېدى جەسۇر  غەزەپكە تولغان تەلەپپۇزدا،  - بۇ قېتىم  شۇنچە كۆپ يېتەرلىك ئىسپات تەييارلىغانلىقىمىز ئېنىق ئىدى، نەتىجىدە ئۇ سوتتا يالغاندىن كېسەل بولۇۋالدى، بۇ قەستەن قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ - دېدى.

- ئۇنى ئىزدەپ بارغانلىقىڭىزنى چۈشىنىمەن، ئەمما نېمىشقا قول سالىسىز؟ - دېدى ئەكبەر.

 - ئۇنىڭ تايىقى كەم، - دېدى جەسۇر.

  - ئۇنىڭغا تايىقى كەمكەن... لېكىن  بۇنداقلا ئىزدەپ بېرىشىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى  ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ، - دېدى ئەكبەر ئامالسىز قېلىپ، - خەقنىڭ ئادۋوكاتى، سىزنىڭ ئادەم ئۇرغاندىكى سۈرىتىڭىزنى  تارتىۋاپتۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ يارىسى ئېغىر ئەمەسكەن، بولمىسا  ئاز دېگەندە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن چىقالايتىڭىز. - دېدى.

 جەسۇر يانچۇقىدىن تاماكىنى ئېلىپ ئوت يېقىپ ئىچىگە تارتىپ:

 - مەنمۇ ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئەدەپلەپ قويۇشنى ئويلىمىغان، ئۆزى قەستەن چىشىمغا تەگدى، شۇڭا چىداپ تۇرالمىدىم. - دېدى.

- مەنمۇ  سىزنىڭ زىلالە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. - دېدى ئەكبەر ئېغىر ئۇھسىنىپ، -  كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، ھازىر قەيسەر يالغاندىن كېسەل بولۇۋالدى، دېلونى يەنە كەينىگە سۆرەشكە توغرا كېلىدۇ. - دېدى.

- ئۇنىڭ يالغاندىن كېسەل بولۇۋالغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئەجەبا سىزنىڭ باشقا ئامالىڭىز يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى جەسۇر.

 - ئۇنىڭ قولىدا 3 ئا دەرىجىلىك دوختۇرخانا چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتى بار، شۇڭا سوتقا چىقمىسىمۇ بولىدۇ، سوتتا دەلىل-ئىسپات  ئاساس قىلىنىدۇ،  ئۇنىڭ يالغاندىن كېسەل بولۇۋالغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا! - دېدى ئەكبەر.

 جەسۇر پەس ئاۋازدا تىللاپ، بىردىنلا ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، پەلەمپەينىڭ يېنىدىكى تەشتەكنى غەزەپ بىلەن بىرنى تېپىپ:

- ئۇنى ئۇرۇپ ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ قويسام بوپتىكەن! - دېدى.

 ئەكبەر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، يۈزىنى سۈرتۈپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ تېخىچە قار يېغىۋاتقان ئاسمانغا قاراپ:

 - ئۇ سوتقا چىقمىغان تەقدىردىمۇ،  باشقا ئىسپات تاپالايمىز،  ھەرگىز ھاياجانلانماڭ. ھازىر ئوسمان ئاكام دوختۇرخانىدا، ئۆمەرنىڭ ئىشىدا يەنە قانداق مەسىلە كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئەگەر سىزگىمۇ  بىرەر ئىش بولۇپ قالسا زىلالە قانداق قىلىدۇ؟  - دېدى.






、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章