مەس بولۇۋېلىپ ئائىلە زوراۋانلىقى قىلسا بولامدۇ2؟ئالتۇندەك ئايال3

文摘   2025-02-02 21:13   新疆  

新年快乐

چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن


تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .




ئالتۇندەك ئايال1-قسىم
ئالتۇندەك ئايال2-قسىم

- ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى رۇسلىدى. كەيپىياتىنى سەزدۈرمەسلىككە تىرىشىپ، بالىلارنى يوقلاپ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئورنىدىن تۇردى. بۇ ھالەتتە بالىلارنىڭ ئالدىغا كىرگۈسى كەلمەي ھويلىغا چىقتى.

بۇ ئۆي ئابلەتجاننىڭ دادىسىدىن مىراس قالغان ئىدى. ئابلەتجان ئىنى-سىڭىللىرىغا دادا بولۇپ ئۆيلەپ-چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، باھارخان ئانىنىڭ «بالام ئابلەتجان، داداڭنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇ ئىدى. ئەمدى سەن كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا ئىنى-سىڭىللىرىڭنىڭ بۇ ئۆيدىن ئالىدىغان مىراسنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپتۇرۇپ، ئۆينى سەن تۇتۇپ قالغىن» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ، ئىنى-سىڭىللىرىنى ئۈستىدە قويۇپ ئۆينى بازارغا سالدى. ئۆينىڭ پۇلىنى بازاردا كېلىشكەن نەرقى بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ تېگىشلىك مىراسىنى بېرىپ رازى قىلىپ ئۆينى ئېلىپ قالدى. ئىنى-سىڭىللىرىمۇ قولىغا تەگكەن مىراسنىڭ بازار نەرقىدىن كەم بولمىغانلىقىدىن قانائەت تېپىشتى.

ئابلەتجان ئۆينى قولىغا ئالغاندىن كېيىن كونىراپ ھالى قالمىغان خام كېسەك ئۆينى چېقىۋېتىپ، دەرۋازىدىن كىرىپ ئوڭ تەرەپ ۋە ئۇدۇل تەرەپكە بىر تۇتاش، پىششىق خىشتا ئاستى-ئۈستى پېشايۋانلىق، زامانغا لايىق ئىككى قەۋەت قىلىپ ياساپ ئولتۇرغان ئىدى. ئالتۇنگۈل بۇ ئۆي كۆڭلىدىكىدەك يېڭىلاپ ياسالغاندىن كېيىن، مۇشۇنداق ياسىداق بىر يۈرۈش ئۆيگە ئايال خوجايىن بولغىنىدىن خاتىرجەملىك تاپقان ئىدى. ھەر قېتىم ئۆيگە سەپ سالغىنىدا كۆڭلى خاتىرجەملىك، خۇشاللىققا تولاتتى.

شۇ تاپتا بۇ ئۆي ئالتۇنگۈلگە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ غەم بېسىۋالغان كۆڭلىگە ئاراملىق بېرىلمەيۋاتاتتى.

ئالتۇنگۈل ئادىتى بويىچە چارچاپ كەتكەندە ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىدىغان پەلەمپەينىڭ يېنىغا كېلىپ، رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، رەتلىك تىزىلغان گۈل تەشتەكلىرىگە قاراپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئوي-پىكىرى ھە دېگەندىلا تۇرمۇش غېمىگە مەركەزلىشىپ، چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ قالدى.

ھويلىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ باھارخان ئانا كىردى. دەرۋازا ئېچىلىپ ئۆزىنىڭ كىرگىنىنىمۇ تۇيماي ئولتۇرغان ئالتۇنگۈلنى كۆرۈپ يېنىغا كەلدى. ئالتۇنگۈلنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن يەڭگىل ئاۋازدا:

- بالام مېنىڭ كىرگىنىمنى تۇيماي، نېمىنى ئويلاپ بۇنچە ئېغىر ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز؟ - دەپ سورىدى. ئىتتىك ئېسىنى تاپقان ئالتۇنگۈل:

- كەلگەنمىدىلا ئانا؟ ئۆزۈمچە ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.       - دېدى.

- بالام سىز بىلەن ئانا-بالا بولۇپ ئۆتۈۋاتقىلى شۇنچە يىل بولدى، مەن سىزنىڭ مىجەزىڭىزنى بىلمەمدىمەن؟  سىز ئەزەلدىن بۇنداق ئېسىڭىزنى يوقىتىپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايتتىڭىز. بۈگۈن سىزگە نېمە بولدى؟ نېمانچە ئېغىر ئويغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز؟

- ئۇنچە ئەمەسقۇ ئانا؟

- راسىتىڭىزنى دەڭ بالام، ئابلەتجان ساغلام ۋاقتىدا نېمە گېپىڭىز بولسا ئۇنىڭغا دەپ كۆڭلىڭىزدىكى تۈگۈنلەر يېشىلەتتى. ھازىر ئابلەتجاننىڭ كۆڭلىنى ئاياپ خېلى ئېغىر دەرت تارتسىڭىزمۇ ئۇنىڭغا دېمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، ئەمدى ئىككىمىز بىر بىرىمىزنىڭ ھالىغا يېتىپ ئۆتمىسەك بولمايدۇ. مېنى ئەنسىرەتمەيمەن دەپ ئاياپ، ھەممە غەمنى ئۆزىڭىز قىلىپ ئۆتسىڭىز مېنىڭ كۆڭلۈم تېخىمۇ بىئارام بولىدۇ.
ئالتۇنگۈل ئۆزىنى ئويغا سېلىپ قويغان ئىشنى، بۇنىڭدىن كېيىن قېيىنئانىسىدىن يوشۇرۇپمۇ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. قېيىنئانىسى بىلەن بىللە پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئاۋازىنى پەس چىقىرىپ، بايام ئابلەتجاننىڭ تاغىسىنىڭ كېلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قەرزىنى سۈيلەپ دېگەن گەپلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئالتۇنگۈلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغان باھارخان ئانا:

- «ئاتنىڭ ياخشىسى سەپەردە بىلىنەر، تۇققاننىڭ ياخشىسى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە» دەپ، بۇ       قېيىنئىنىممۇ ئۆزىنىڭ ئېسىللىقىنى بىردەمدە ئاشكارىلاپتۇ دە؟ مەن تېخى ئۇنى بۇ ياشقا يەتكەندە خېلى ئەقىل تېپىپ قالغاندۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. بالام بۇنداق دېسەم «ما قېيىنئانام نېمانداق دەيدىغاندۇ؟ قەرز بەرگەن پۇلنى ئالمىسا بولامتى؟» دەپ ئويلاپ قالماڭ. «ئالماقنىڭ بەرمىكى بار» دەپ، قەرز ئالغان ئىكەنمىز چوقۇم بەرمىسەك بولمايدۇ. لېكىن ئۇ ئابلەتجانغا دادا يوللۇق ئادەم، ئابلەتجاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدۇ، بىز بىر ئاخشامدىلا كۈدە-كۆرپىمىزنى كۆتۈرۈپ يوقىلىپ كېتىدىغان ئادەم بولمىغاندىكىن، ياكى ئۇ كىشى ئابلەتجانغا قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلغا مۇھتاج بولۇپ قالمىغاندىكىن، قەرز سۈيلەپ بىزنى بۇنداق ھەممىدىن بۇرۇن ساراسىمىگە سالماي، باشقىلار شۇنداق قىلغان ھالەتتىمۇ ئارىغا چۈشۈپ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى چۈشەندۈرۈپ، بىر مەزگىل پۇرسەت بېرىشكە ئۈندەشتە يوق، بۇنداق سەۋرسىزلىك قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇ كىشى ئابلەتجاننىڭ تاغىسى تۇرۇپ بۇنداق قىلسا باشقىلار قانداق قىلىدۇ؟ يات كىشىلەرچۇ؟ ئىسىت! ئابلەتجاننىڭ دادىسى بىچارىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرى.

سىز بىلمەيسىز بالام، مەن بۇ ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىرگەندە، ئابلەتجاننىڭ ئاشۇ تاغىسى ئائىلىنىڭ كىچىك بالىسى بولۇپ، بۇرۇتى خەت تارتىپ قالغان بولسىمۇ، ئەقلىنى تاپماي بۇرنى كۆپۈپ تۇرغان يىگىت ئىكەن. ئابلەتجاننىڭ دادىسى دادىسىغا ھەمكارلىشىپ ئۆينىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرەتتى. قېيىنئاتام ياشقا چوڭ بولۇپ قالغاچقا، ئائىلىنىڭ ھەممە ئېغىر يۈكى ئابلەتجاننىڭ دادىسىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىدى. قېيىنئاتام بىلەن قېيىنئانام ئابلەتجاننىڭ تاغىسىغا نەسىھەت قىلىپ ئاڭلىتالماي ئۆلۈپ كېتىشتى. قېيىنئانام ئۆلۈپ كەتكەندە ئابلەتجاننىڭ تاغىسىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە       نەچچە كۈن بولغاچقا، ئۆيدە يوق ئىدى. ئۇنى ئاخىرقى قېتىم ئانىسىنىڭ يۈزىنى كۆرىۋالسۇن دەپ، قېيىنئانامنىڭ مېيىتىنى بىر كېچە ئۆيدە ساقلىغان ئىدۇق. ئابلەتجاننىڭ تاغىسى ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، قانىتى يېشىۋېتىلگەن قۇشتەك تېخىمۇ ئەركىن بولۇپ كەتتى. ئابلەتجاننىڭ دادىسى ئۇنىڭغا شۇنچە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ئاڭلىمىدى.

ئابلەتجاننىڭ تاغىسى ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىرتتا ئويناپ يۈرىدىغان ئىشنى قىسقىلا ۋاقىت قىلالىدى. ئىلگىرىكىدەك كۆكەمىلىك قىلسا پۇل بېرىدىغان قېينئانام بولمىغاچقا خەجلەيدىغان پۇلى قالماي، ئۆيگە كىرىپ ئاتا-ئانىسىدىن قالغان مال-مۈلۈكتىن بىر كىشىلىك مىراسنى ئايرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

قېيىنئانام ئېسىل ئايال ئىدى. ئۇ بالىلىرىنىڭ مىجەز خۇلقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. قېيىنئاتام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۈچ بالىسىنى ئالدىغا يىغىپ، ئۇلارغا ئۆيدە بار مال-مۈلۈك، پۇل-پىچەكنى ئاشكارىلاپ، ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپ بولۇپ قالغان پۇل-پىچەكنى بالىلىرىنىڭ تەڭ بۆلۈشىشىگە تاپشۇرغان ئىدى. بۇ ئىش ئاشكارا بولغاچقا بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلمەي، بۇ ئىش ئاسانلا ھەل بولدى.

ئابلەتجاننىڭ دادىسى تېگىشلىك پۇلنى ئىنىسىنىڭ قولىغا بېرىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، ھاياتىنىڭ بۇنداقلا ئويناپ-كۈلۈپ ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئادەمگە تۇرمۇشنىڭ لازىم بولىدىغانلىقىنى، تۇرمۇش قامداش ئۈچۈن بىرەر ئىش-ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ پۇلنى ئېلىپلا بۇزۇپ چېچىپ خەجلىۋەتمەي ياخشى ساقلاپ، ياش بولغاندىكىن ئۆزى بىلەن بىللە ھۈنەر قىلىپ، ئۆيلىنىپ خاتىرجەم ئۆتۈشنى ئېيتتى. لېكىن ئۇ ئاكىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، تىگىشلىك پۇلنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنى بىلەن يېتىپ قوپۇشى مۇشۇ ئۆيدە بولاتتى. ئۆيدە بولسىلا ئاش-تامىقى مۇشۇ ئۆيدە بولاتتى، كىر-قاتلىرىنى يۇياتتىم، ئابلەتجاننىڭ دادىسى ئىككىمىز ئېغىر ئالماي ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتۇق. ئۇ ئۆزىگە تەگكەن ئۇستىخىنى يوق لوق پۇلنى تېزلا خەجلەپ تۈگەتتى. ئىككى پۇلغا زار بولۇپ ئامالسىز قالغاندا چىرايىنى سارغايتىپ، لەۋلىرىنى گەز باغلىتىپ ئۆيگە كىردى. قېرىنداش دېگەننىڭ باغرى چىڭ بولىدىكەن. ئابلەتجاننىڭ دادىسى ئىككىمىز يەنە ئۇنىڭدىن رەنجىمەي ھالىدىن خەۋەر ئالدۇق.

ئۇ ئۆيدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاكىسىدىن پۇل سورىدى. ئابلەتجاننىڭ دادىسى ئۇنىڭغا بىر-نەچچە قېتىم پۇل بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بۇنداق پۇل خەجلەپ بىكار يۈرىۋەرسە تاغمۇ توشىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بىرەر ئىش قىلىشنى ئېيتتى. ئۇ ئاكىسىنىڭ مۇشۇنداق دېيىشىنى بالدۇرلا كۈتۈپ تۇرغان بولسا كېرەك، ئاكىسى گېپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغۇچە ئاكىسىغا ئۆزىنىڭ بۇ ئۆيدىن تېگىدىغان بىر كىشىلىك مىراسنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئابلەتجاننىڭ دادىسى ئۇنىڭغا تۇرمۇش قۇرسا ئۆي لازىم بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ قوبۇل قىلمىدى. بىز ئامالسىز قالغاندىن كېيىن مەسلىھەتلىشىپ، قولىمىزدا بار پۇل بىلەن ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرماقچى بولدۇق. ئۇ چاغدا بىزدە يېتەرلىك پۇل بولمىغاچقا، ئابلەتجاننىڭ دادىسىنىڭ سىڭلىسىنىڭ مىراسىنى تاپقاندا بېرىدىغانغا كېلىشىپ، پۇلنى بېرىدىغان چاغدا ئابلەتجاننىڭ سىڭلىسى بىلەن يېقىن تۇغقىنىدىن ئىككىنى ئۈستىدە قويۇپ، ئابلەتجاننىڭ تاغىسىنىڭ مىراسىنى بېرىپ تۈگەتتۇق.

«ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە» دېگەندەك ئۇ بۇ مىراس پۇلنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە بىر مەزگىل يوق بولۇپ كېتىپ، ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئابلەتجاننىڭ دادىسى ئىنىسىنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىگە چىدىماي ھەر تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ باشقا شەھەردە يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. بىز ئۇنىڭ ياقا يۇرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلىكىدىن كۆڭلىمىز يېرىم بولۇپ يۈرۈپ، قەھرىتان قىشنىڭ قاتتىق سوغۇق بولغان جۇدۇنلۇق بىر كۈنى ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىپ، سىرتتا يۈرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق.

خەۋەرنى ئۇققان ئابلەتجاننىڭ دادىسى ئولتۇرالماي قالدى. قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ ئىنىسىنى ئىزدەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. يېنىدا پۇل يوق، ئۇچىسى يېلىڭ، ئاچلىقتىن كىرىدىغانغا كامار تاپالماي قالغان ئىنىسىنى تېپىپ ئېلىپ كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالدۇق.

ئابلەتجاننىڭ دادىسى زېرىكمەي نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىمەن دېگەن گېپىگە ماقۇل بولۇپ دەسمىي سېلىپ سودىغا كىرىشتۈرۈپ قويدى. پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆيلەپ قويدۇق. بىر مەزگىل بىز بىلەن بىللە تۇرغاندىن كېيىن، ئىجارە ئۆي ئېلىپ ئايرىم ئۆي تۇتۇپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاكا ئۇكىلار ئىزدىشىپ ئۆتۈۋاتقان.

ئابلەتجاننىڭ تاغىسىنىڭ پۇلى توخۇغا ئوخشاش كاكىلايدىغان پۇل بولمىغاندىكىن، بىزنى ئالدىرىتىپ بۇنداق جىددىيلەشتۈرمەي تۇرسا بولاتتى. - باھارخان ئانا گېپىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئابلەتجان بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئورنىدىن تۇردى.

ئالتۇنگۈل بالىلىرىنى يوقلاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بالىلىرىنىڭ يېنىغا كىردى. بۇ چاغدا دەرس ئۆگىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ چوڭى ئالتۇنگۈلنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ:

- ئانا راست سەن دادامدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالارسەنمۇ؟ دادامدىن ئايرىلىپ كەتسەڭ بىز بىلەنمۇ كارىڭ بولمامدۇ؟  - دەپ سورىدى يىغلامسىراپ تۇرۇپ.

- كىم شۇنداق دەيدۇ؟ - دەپ سورىدى بۇ سوئالدىن جىددىيلىشىپ قالغان ئالتۇنگۈل.

- بىر كىم ئۇنداق دېمىدى. مەن چوڭ ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شۇنداقمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.

- چوڭ ئاناڭلار نېمە دېگەن؟

- چوڭ ئانام، بالام داداڭلار مېيىپ بولۇپ قالدى، ئەمدى ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ئوخشايدۇ. داداڭلار بۇ ھالەتتە تۇرۇپ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالسا، ئاناڭلار ياش، ھەم چىرايلىق تۇرسا، ئۇ بۇ مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلمەي قالسا سىلەر قانداق قىلارسىلەر جېنىم بالىلىرىم؟! - دەپ بىزنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كەتتى. بىزمۇ چوڭ ئانامغا ئېسىلىپ تەڭ يىغلاپ كەتتۇق. ئانا سەن راست دادام بىلەن بىزدىن ۋاز كېچەرسەنمۇ؟ بىزنى تاشلىۋېتىپ كېتىپ قالارسەنمۇ؟- دەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئانىسىغا ئېسىلدى ئىككى بالا. بالىلىرىنىڭ كۆڭۈل ئازابىنى چۈشەنگەن ئالتۇنگۈلنىڭ يۈرىكى ئېزىلىپ، بالىلىرىغا تەسەللىي بېرىپ، بالىلىرىنى باغرىغا بېسىپ ئولتۇرۇپ قالدى.

ئالتۇنگۈل تۈن نىسپى بىلەن، ئابلەتجاننىڭ ئىچىدىكى بارلىق كۆڭۈلسىزلىكىنى چىقىرىۋېتىپ بارغاندەك ئېغىر نەپەس ئېلىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى. ئىتتىك ئۆرۈلۈپ ئابلەتجاننىڭ ئويغاق ياتقانلىقىنى كۆردى.

- تېخىچە ئۇخلىماپسىزغۇ؟ بىلىڭىز ئاغرىپ ئۇخلىيالمايۋاتامسىز؟ - سورىدى كۆيۈمچانلىق بىلەن.

- بىلىمنىڭ ئاغرىقى خېلى بولدى بېسىقىپ قالغىلى.

- ئەمىسە…

- ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن كۈنگە قىيىنچىلىقتا قالغانلىقى كاللامغا كىرىۋېلىپ ئۇخلىيالمىدىم. بۇ ھالىمدا بۇ ئىشلارنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلاپ يېتەلمىدىم.

- سىز بۇ ئىشلارنى كۆپ ئويلىماي كېسىلىڭىزنىڭ دەردىنى تارتسىڭىز بولدى. قالغان ئىشلارغا بىز بار.

- مەن بۇ ئائىلىنىڭ بېشى تۇرۇپ، بۇنداق يېتىپ قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان تۇرسا، ئويلانماي تۇرالامدىم ئالتۇن.

- سىز بۇرۇندىن ئائىلىنىڭ ھەممە ئىشنى ئۆز زىممىڭىزگە ئېلىپ كەلگەچكە، مەسۇلىيەتچانلىقىڭىز سىزنى ئارامسىزلاندۇرۇپ قويۇۋېتىپتۇ، بۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ، بۇ ئىشنىڭمۇ ئامالى بولۇپ قالار.

ئۇلار شۇ ھالەتتە ،غەمكىن كۆڭۈللىرى بىلەن مۇڭدىشىپ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدى.

ئالتۇنگۈل ئادىتى بويىنچە سەھەر ئورنىدىن تۇردى. ئورنىدىن تۇرۇپلا يېنىدا ياتقان ئېرى ئابلەتجاننىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.

ئابلەتجان ئالتۇنگۈلنىڭ كۆزىگە خىجالەتچىلىك ئىچىدە قاراپ:

- رەنجىمە ئالتۇن، بايا سەل بىئارام بولغاندەك قىلغان. مۇشۇ كۈنلەردە مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىمەن، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىمەن دەپ بەك چارچاپ كېتىپ بارىسەن. شۇڭا سېنى ئويغىتاي دېسەم تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپتىكەنسەن، سېنى بىردەم ئارام ئېلىۋالسۇن دەپ ئويغاتقۇم كەلمىدى. بىر ئاز چىدىۋىتەي دىگەن. لىكىن كىيىن قانداق بولدى بىلمىدىم. بۇرنۇمغا يېقىمسىز پۇراق…

ئالتۇنگۈل ئابلەتجاننىڭ ئېغىر بىر ئەيىپلىك ئىش قىلىپ قويۇپ، چۇڭقۇر خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئەپۇ سوراۋاتقاندەك، يېلىنىۋاتقاندەك، گېپىنىڭ داۋامىنى تولۇق تۈگىتەلمەي ئاۋازى بوغۇلۇپ قالغانلىقىنى بېلپ، يۈرىگى ئېزىلىپ كەتتى. شۇنداق غەيرەتلىك، تۈرگۈن، ئەرلىك شىجائېتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئېرىنىڭ كېسەللىكتىكى بىقۇۋۇللۇق، ئىلاجىسىزلىق ئىچىدىكى مۇھتاجلىق، بىقىندىلىق ئالدىدىكى سۇنغان قەددىنى كۆرۈپ، تۇرۇپلا تېنىگە ئاچچىق يىغا ئولۇشۇپ، ئۆزىنى قاتتىق بېسىۋالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنماي كۆز جېيىكى نەملەشتى.

- سىز كېسەل تۇرسىڭىز، بۇ ھالىڭىزدا بۇنچىلىك ئىشقا خېجىل بولىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق. مەنيا يات ئادەم بولمىسام، ھېچۋەقەسى يوق. سىز بۇنداق قىلسىڭىز، مەن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدىكەنمەن. - ئالتۇنگۈل شۇنداق دەپ، ئابلەتجاننىڭ بېلىنىڭ ئاستى جانسىز بەدىنىگە يېپىپ قويغان نېپىز يوتقاننى قايرىپ، ئابلەتجاننىڭ ساغرىسىدىن ئاۋايلاپ كۆتۈردى.  ئابلەتجاننىڭ ئاستىدىن چىقىرىۋالغان بۇلغانغان زاكىنى بىر چەتكە قويۇپ، كىچىك تەرەت قاچىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئابلەتجاننىڭ ئاستىغا تۇتتى. سىيدۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، بايىلا تەييار قىلىۋالغان ئىسسىق سۇ قۇيۇلغان داستىكى لاتىنى ئېلىپ چىڭ سىقىۋەتكەندىن كىيىن، بوۋاق بالىنىڭ تازىلىقىنى قىلغاندەك سېلىقلىق  پاكىز سۈرتۈپ، ياخشىلاپ ياتقۇزۇپ قويۇپ ئىشىنى تۈگەتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئالتۇنگۈلنىڭ بىر كۈنلۈك ئايىقى چىقماس، ئالدىراش ئۆي ئىشى باشلىنىپ كەتتى. ئۇ چوڭى توققۇز ياش، كېچىكى يەتتە ياشلىق ئىككى بالىسىنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقىنى بېرىپ بولۇپ مەكتەپكە يولغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن قولى سەل بېسىقتى. ئۇ بېلىنى رۇسلىۋېلىپ، بايا نېپىز سۇ سېپىپ قويغان ھويلىنى سۈپۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قولىنى يۇيۇپ بۇلۇپ تۇرىشىغا، قېيىنئانىسى باھارخان ياتاق ئۆيىدىن چىقتى. ئالتۇنگۈل دائىملىق ئادىتى بويىچە  ئەتىگەنلىك ناشتىلىق ئۈچۈن بايا تەييارلاپ قويغان داستىخاننى ئېلىپ ئابلەتجاننىڭ يېنىغا كىردى.

ئۈچەيلەن بىللە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، باھارخان ئانا ئابلەتجانغا يۈزلىنىپ:

- بالام ئابلەتجان، ئىلگىرى سەن ساغلام ۋاقتىڭدا تاپاۋىتىڭ ئوبدان بولغاچقا تۇرمۇشۇڭ ياخشى، مىنىڭ ھالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئېدىڭ. ئالتۇنگۈلمۇ ئۆز قىزىمدەك ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلگەن. مەن سىلەردىن كۆپ خۇرسەن. سەن كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ، نەس كېسەلگە گېرىپتار بولۇپ قالغاندىن بېرى داۋالىنىمەن دەپ ئىختىزادىڭ خوراپ، بىرمۇنچە پۇلغا قەرىزدار بولۇپ قالدىڭلار. بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭلارنى قانداق ئۆتكۈزىشىڭلارنىڭ يولىمۇ ئېغى بىلەن بېغى يوق تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مەنمۇ بۇ ئۆيدە قاپلىشىپ تۇرىۋالسام «چاشقان يىغىدۇ، پاقا ئوسۇرۇپ يەيدۇ» دىگەندەك، ئىقتىسادى يۈكۈڭلار ئېشىپ كىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالتۇنگۈل سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ، ئىككى بالىغا قاراپ…ئاران يېتىشىۋاتقاندا مەنمۇ ئېسىلىپ تۇرسام ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا سەن كۆڭلۈڭدە «مەن قېيىن كۈندە قالغاندا ئانام مېنى تاشلاپ كەتتى» دەپ ئويلاپ قالما. مەن ئەمدى ئىنىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇراي. - دىدى.
(داۋامى بار)

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章