توي ۋە سۈيقەست20-قسىم

文摘   2025-02-01 21:13   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 


20-قىسىم

_توينى بەرىبىر قىپ بوپسىلەر، ئەمدى كۆچۈپ كېلىپ مۇشۇ ئۆيدە بىز بىلەن بىرگە تۇرۇڭلار..

بۇ ئۆيدە ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇشۇمنى ئويلىساملا يۈرىكىم ئەنسىز سوقاتتى.

_ مېنىڭچە بولدىمىكىن..ئۆزىنىڭكىدە تۇرىۋەرسۇن..ئۇ ئۆي سەل كىچىك بولغان بىلەن..يەنە بولىدىكەن،_ دېدى ئايال گەپكە ئارلىشىپ.

_ بولىدۇ دادا، قايتىپ كېلىپ مۇشۇ ئۆيدە تۇرىمەن..

يولدىشىمنىڭ كەسكىن قىلغان گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم.ئۆزۈمدەك ئاددىي ئائىلىدە چوڭ بولغان قىزنىڭ بۇنداق چوڭ داچىدا تۇرىشى ۋە بۇنداق ئائىلىگە ماسلىشىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرەلەمەيتتىم.

_ بۇلارنى ئەچۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆيىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ..

خىزمەتچى ئايالغا ئەگىشىپ بىز تۇرىدىغان ئۆينى كۆرۈش ئۈچۈن ماڭدىم. ھېلىغىچە بۇنىڭ چۈشۈم ياكى ئوڭۇم ئىكەنلىكىنى بىلمەيۋاتاتتىم.

_ نېمانچە جىددىيلىشىسىز...قەددىڭىزنى تىك تۇتۇڭە،_ دېدى «يولدىشىم» قۇلىقىمغا پىچىرلاپ.

_ ئۆيىڭىزنىڭ بۇنداق ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن..جىددىيلىشىپ كېتىپ بارىمەن..بۇ يەردە تۇرماي ئۆزىمىزنىڭكىدە تۇرايلىچۇ..

_ بىزنىڭ ئۆي چوڭ. بىز تۇرمىساقمۇ ھامان بىكار تۇرىدىغان گەپ..

ئايال بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ئىچىگە كىرىپ ئاغزىمنى ئاچقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.

_ ۋاھ..بۇ..

«يولدىشىم» مېنى نۇقۇپ قويغاندىن كېيىن ئاغزىمنى يۇمدۇم.

_ بولدى، چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ..

خىزمەتچى ئايال چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئۆيگە تەپسىلى قاراشقا باشلىدىم. بۇ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆي بولۇپ، بىر ئېغىزىلا بىز تۇرغان ئۆينىڭ ئومۇمىي چوڭلۇقىغا تەڭ كېلەتتى. ئۆي ئوتتۇرىغا ئېسىل سافا قويۇلغان بولۇپ، قارىماققا كىنولاردىكى ئېسىل ئۆيلەرگە ئوخشايتتى. يان تەرەپكە ئارام ئېلىش ئۈستىلى ۋە ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ، ئۈستەلگە شاھمات تىزىلغانىدى. جاھازىغا ئاللىقانداق نەرسىلەر تىزىلغان بولۇپ، قارىماققا ئاسارە ئەتىقە بويۇملىرىغا ئوخشايتتى.

ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن يولدىشىمغا قارىدىم.

_ مۇشۇنداق ئۆيدە چوڭ بولغان ئادەم، مېنىڭ كىچىك ئۆيۈمنى ياراتقىنىڭىزغا ھەيران قالدىم..

_ مەن كىچىكىمدە بۇ يەردە تۇرمىغان. بىزنىڭ باشقا بىر ئۆيىمىز بارئىدى، كېيىن باشقا شەھەردە ئوقۇدۇم موماممۇ مەن بىلەن تۇردى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دادامنىڭ بۇ ئۆينى سېتىۋالغىنىنى بىلدىم..

_ بۇرۇنقى ئۆيىڭىزمۇ كىچىك ئەمەس بولغۇيتتى..

_ كىچىك ئەمەستى، لېكىن ئاپام ئىككىمىز يالغۇزلۇق تارتاتتۇق..

_ كەچۈرۈڭ..

ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم. چوڭ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا يوغان كارىۋات قويۇلغان بولۇپ، قارىماققىلا تۆت ئادەم پېتىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. يان تەرەپتىكى گىرىم جاھازىسىغا ھەرخىل گىرىم بويۇملىرى تىزىلغان، يېنىدىلا يوغان كىيىم جاھازىسى بار ئىدى.

تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ بۇ يىگىت بىلەن تويلاشقاندىكى ئىشەنچلىك ھالدا« ئەنسىرىمەڭ، توينىڭ چىقىمىنى ئۆزۈم چىقىرىمەن» دېگەن سۆزلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

_ ھەي..مۇشۇنداق باي تۇرۇپ يەنە مېنىڭ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ چىداپسىز ھە..

_ ھېچقىسى يوق..سىزنىڭ ئۇ گەپلىرىڭىزنى ياقتۇرغاچقا سىز بىلەن توختاملىق توي قىلىشقا قوشۇلدۇم..

_ بۇ داچاڭلارنىڭ بىر قەۋىتىلا بىز تۇرغان ئۆينىڭ نەچچە ھەسسىچىلىك كېلىدىكەن..

_ لېكىن مېھىرنى سىز بىلەن تۇرغان شۇ كىچىك ئۆيدە ھېس قىلدىم..

ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭدىن خاپا بولۇپ پۇل توغرىلىق دېگەن سۆزلىرىمنى ئويلاپ خىجىل بولىۋاتاتتىم.

_ بۇ ئۆي بەكلا ئېسىلكەن، مەن ماسلىشالماي قېلىشتىن قورقىۋاتىمەن..

_ ئەنسىرىمەڭ. ماسلىشىپ كېتەلەيسىز..

_ ھەي، نېمىمۇ نادانلىق قىلىپ بۇ توينى قىلغاندىمەن ھە.. بۇنداق ئىشقا ئۇچراپ قالىدىغىنىمنى ئويلىمىغانتىم..

_ قارىسام سىز خوشال بولمىغاندەكقۇ..بۇرۇنقى قىز دوستۇم بىزنىڭ داچىنى سىرتىدىن كۆرۈپمۇ خوش بوپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاس قالغانتى..

_ مەن ئەزەلدىن بۇنداق باي باياشات ياشاپ باقمىغان. خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن قورقىۋاتىمەن..

_ خاتالىق ئۆتكۈزسىڭىز مەن بار، ئەنسىرىمەڭ بولامدۇ..

_ بۇ ئۆيدە بىرلا كارىۋات باركەن..قانداق قىلىمىز..

_ سىزچە يەنە بىر كارىۋات ئەكىرىش ماڭا تەس توختارمۇ..

_ ئۇنداق قىلسىڭىز دادىڭىز گۇمانلىنىپ قالارمۇ..

_ ئۆي شۇنداق چوڭ تۇرسا، كارىۋات ئەكىرىش تەسكە توختىمايدۇ..بۇنداق كىچىك مەسىلىدىن ئەنسىرىمەڭ..

_ لېكىن، بۇ ئۆيگە قارىسام تويغا تەييار قىلىنغاندەك قىلىدۇ.. ئەجەبا..

_ شۇنداق. مەن تويغا تەييار قىلغان..

_ ئۇ بىلەمتى؟

_ ياق. بىلدۈرمىگەن. ئەسلى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز توي تەكلىپى قويۇپ ھەيران قالدۇرماقچى ئىدىم..

_ ھازىرغىچە ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ، دېرىكتور مۇشۇنداق ياخشى شارائىتنى تاشلاپ نېمىشقا مېنىڭ يىگىتىمدەك يالاڭتۈشنى تاپىدۇ. قائىدە بويىچە ئۇ سىزدىنمۇ پۇلدار بىرسىنى تاپسا توغرا بولاتتىغۇ..

_ ئۇ شۇ چاغدا تويغا ئالدىرىغان، ئەسلىدە مەنمۇ تەييارلىق قىلغان، لېكىن ئۆيدىكىلەر ئۇنى قۇبۇل قىلالمىدى، ئۆيدىكىلەرگە ئۇنى قۇبۇل قىلغۇزۇپ بولغۇچە ئۇ ساقلىيالماي قالدى..

_ قاراڭ، دېمەك باشقا سەۋەبمۇ باركەن، يالغۇز پۇلغا ئېرىشىپلا كەتكەن سەۋەب ئەمەسكەنغۇ..

_ مېنى راست ياخشى كۆرسە ساقلىشى كېرەكتى..مۇشۇنچىلىك تەييارلىق قىلغان ئادەم ئۇنى ئۆيگە ئەكىرەلمەي قالارمەنمۇ..ئازىراقلا ساقلىغان بولسا توي بولاتتى، مانا سىز بىلەنمۇ ئۇلاردىن كېيىنلا توي قىلدىمغۇ..

_ ئۆيىڭىزدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلمىغاچقا مەن بىلەن توي قىلىپ ئىسيان كۆتۈرۈپسىزدە..

_ شۇنداق. ئۇ توي قىلىدىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. كېيىن سىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم..شۇنىڭ بىلەن..

_ يەنە بىر قېتىم پايدىلىنىش قۇرالىڭىز بوپتىمەن. ھەي، ئۆزۈمنى سىزدىن پايدىلاندىم دېسەم ئەسلى سىز مەندىن پايدىلىنىپ كەپسىز..

_ بەزىدە قىسمەت شۇنداق بولىدىكەن.. مەنمۇ بىر كۈنى بۇنداق ھالەتتە توي قىلىمەن..بىرسى بىلەن توختاملىق ئۆي تۇتىمەن، ئايرىم ياتاق ئۆيدە تۇرىمەن. ئاجراشقۇچە چېقىلمايمەن دەپ ئويلىمىغان..

_ ھاھا..مېنىڭ قارارىم ئاخىرىدا سىزگە پايدا ئېلىپ كەپتۇ..

_ سىزگىمۇ كېيىن پايدا ئېپ كېلەر بەلكىم..

_ بۇ ئۆي راستىنلا بەك چوڭ. بەك ئېسىلكەن. دادىڭىزمۇ شۇنداق سالاپەتلىككەن، لېكىن مەندەك ئاددىي ئادەم..

_ بولدى. جىق گەپ قىلماي، ئۆيگە قايتىپ كىيىم- كېچەكلىرىڭىزنى ئەكېلەيلى..

ئۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ ئۆيگە قايتىپ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرغان ئاپامنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم.
_ ئاپا..نېمە بۇ يەردە ئولتۇرىسەن، سېنى كەلمە دېمىگەنمىتىم..

_ بۈگۈن سىرتقا چىقىمىز دېگەنتىڭلار، ئاجراشقىلى بارغانمىدۇ دەپ ئەنسىرەپ..

ئاپام تىزىنى ئۇۋىلىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى.

_ ئاپا، ساڭا ئاجراشمايمىز دېدىمغۇ..نېمانداق قىلىسەن..

_ ئەنسىرەپ قالدىم قىزىم..ئادەم قېرىغانچە شۇنداق بوپ قالىدىكەن..

ئاپامنى قۇچاغلىدىم.

_ بىز ئاجرىشىپ كەتمەيمىز.. ئەنسىرىمە ھە..

ئاپامنى ئۆيگە باشلىغاندىن كېيىن سافادا ئولتۇرغۇزدۇم.

يولدىشىم ياتاق ئۆيدىكى كىيىملەرنى رەتلەۋاتاتتى.

_ كۈيئوغلۇم نېمە قىلىۋاتىدۇ، نېمىشقا كىيىملەرنى رەتلەيدۇ. راستىنلا ئاجرىشىپ كەتكەن ئوخشىمامسىلەر..

_ ياق ئاپا، بىز چوڭلارنىڭكىدە بىر نەچچە كۈن تۇرماقچى..

_ چوڭلارنىڭكىدە؟ قايسى چوڭلارنىڭكىدە..تويدا چوڭلار يوقتىغۇ..

_ بۇنى ساڭا ئايرىم تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن ئاپا..

كىيىملەرنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن ئاپامنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئۆيگە ئاپىرىپ قويدۇق.

_ راستلا باشقا ئىش يوقما؟

_ يوق، پەقەت ئەنسىرىمە..بولامدۇ؟!

ماشىنا قوزغالغاندا ئاپامنىڭ بىزگە قاراپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ يۈرىكىم ئېچىشىشقا باشلىدى. ئۆز ئاپامنى يالغۇز قالدۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كېتىپ باراتتىم.

ياشلىرىمنى سۈرتتۈم.

_ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئاپىڭىز ھازىر قانداق يەردە تۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيدۇ، بىلسە چوقۇم خوشال بولىدۇ..

_ بىچارە ئاپامنىڭ مەندىن بۇنچە ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن..

_ تۈنۈگۈن ئاجرىشىمەن دەيسىز تېخى..سىزگە دېدىمغۇ ئاپىڭىز ئاغزىدا شۇنداق دەپ قويغان بىلەن ئاجرىشىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ..

_ لېكىن بەرىبىر ئاجرىشىمىز..

_ ئۇنىڭغا نەچچە ئاي بار، شۇ ۋاقىتقىچە بولسىمۇ ئاپىڭىزنى خاتىرجەم قىلايلى..

ماشىنا داچا ئالدىدا توختاپ كىيىملىرىمىزنىڭ كۆتۈرگىنىمىزچە ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتۇق. ئىشىك ئالدىدا «يولدىشىم»نىڭ ئۆگەي ئانىسى قاراپ تۇراتتى.

_ بۇ كونا كىيىملەرنى ئەكېلىپ يۈرگەندىن يېڭىسىنى ئالساڭلار بوپتىكەن..

_ بۇ كىيىملەر كونا ئەمەس، بەزىلىرىنى تېخى كىيىپمۇ باقمىغان،_ دېدى «يولدىشىم» قوپاللىق بىلەن.

ئۆگەي ئاپىسى مەن بىلەن تەڭ ئۆيگە كىردى.

_ بۇ ئۆينى بالام بەك ياخشى بېزىگەنتى.. تازا تەلىيىڭىز باركەن..ئۇدۇللا بېزەلگەن ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرىدىغان بولدىڭىز..

_ شۇ ئەمەسمۇ..«يولدىشىم» راستىنلا بەك ئەستايىدىل..

«يولدىشىم» بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىشى بىلەن  ئۆگەي ئاپىسى يېنىمغا كەلدى.

_ مېنى بۇندىن كېيىن ئاچا دەڭ..قېيىن ئاپا دەپ يۈرمەڭ..ئىككىمىزنىڭ يېشى ئۇنچە چوڭ پەرىقلەنمەيدىغاندەك قىلىدۇ..

_ بولىدۇ. شۇنداق قىلىمەن. مەن قارىساممۇ بەك ياشكەنسىز..

_ بۇ ئۆينى ئۇ ئالدىنقى قىز دوستى ئۈچۈن بېزىگەن..لېكىن دادىسى قوشۇلمىدى..

_ بىلىمەن..ئۇ ماڭا دەپ بەردى..

_ يولدىشىمنىڭ تەلىپى بەك يۇقىرى.دېقەت قىلىڭ..

_ رەھمەت ئاچا. مەن چوقۇم دېقەت قىلىمەن..

ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يولدىشىم يېنىمغا كەلدى.

_ ئۇ نېمە دەيدۇ..

_ بۇ ئۆينى بۇرۇنقى قىز دوستىڭىز ئۈچۈن ياساتقىنىڭىزنى دېدى..

_ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇ نېمە دېسە قۇلاق سالماڭ..

_ ماڭا باشقىچە گەپ قىلمىدى..ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئۇنچىلىك پاراڭ بولىدۇ..

«يولدىشىم» ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىغاندىن كېيىن سافادا ئولتۇردى.

_ ئۇنىڭ بىلەن بەك يېقىن بولۇپ كەتمەڭ. جىق پاراڭلىشىپ كەتمەڭ..

_ لېكىن گەپ قىلسا جاۋاب قايتۇرمىسام بولمايدۇ-دە..

_ شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش پۇرسىتىنى ئازايتسىڭىزلا بولىدۇ..

_ ماقۇل. چۈشەندىم..

ئىشىك چېكىلىپ خىزمەتچى ئايال كىردى.

_ خوجايىن سىلەرنى چاقىرىدۇ.

يولدىشىم بىلەن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقتۇق.

_ ئورۇنلىشىۋالدىڭلارمۇ؟

_ ھەئە..

_ ھەئە تاغا..

_ تاغا؟ مېنى دادا دەپ چاقىرىڭ..

«دادا» بۇ مەن شۇنچە يىللاردىن بېرى چاقىرىپ باقمىغان ئىسىم ئىدى.

_ بولىدۇ.دا..دادا..

_ ئەمدى بۇ ئائىلىنىڭ كېلىنى بولدىڭىز..مۇبارەك بولسۇن..

_ رەھمەت..

_ ئوغلۇم ماڭا دوق قىلىپ سىز بىلەن توي قىلىپ تويىغىمۇ مېنى چاقىرمىدى..

_ سەت بولدى دادا.. بۇ ئىشتا مېنىڭمۇ مەسئۇلىيتىم بار..

_ دوستلىرىم بالاڭ نېمىشقا تۇيۇقسىز خوتۇنلۇق بوپ قالدى دېسە جاۋاب قىلالمايمەن..شۇڭا ئىككىڭلارنىڭ تويىنى قايتىدىن ئۆتكۈزۈپ بېرەيمىكى دەپ ئويلاشتىم..

_ ھە؟!

ئىككىلىمىز ھەيرانلىقتا «قېيىنئاتام»غا تىكىلدۇق.

_ نېمىش بولدى؟ بولمامدىكەن..

_ بولدى ھاجىتى يوق..

_ شۇشۇ..ھاجىتى يوق تاغا..ۋوي دادا..

_ نېمانچە جىددىيلىشىلەر؟!

_ توي دېگەن بىر قېتىم بولىدۇ. بىز قىپ بولدۇق..جاپا تارتمىساڭمۇ بولىدۇ..

_ مەيلى، توي قىلمىساقمۇ، توي چېيىدەك بىر يىغىلىش قىلايلى..ھويلىمىزدىلا قىلىمىز. مېنىڭ ئوغلۇم توي قىلسا مۇراسىم قىلمىسام قانداق بولىدۇ..

بۇ ئىككىلىمىزنىڭ پىلانىدا يوق ئىدى.

_ قىلمايلى. مەن قىلمىساممۇ بولىدۇ. بەرىبىر سېنىڭ دوستلىرىڭ مېنى تونىمايدۇ..

_ شۇنداقمۇ، شىركەتكە كىرىمەن دەۋاتىسەن، ئۇلار سېنى تونىمىسا كېيىن قانداق ماسلىشىسەن. سودىنىڭ قائىدىسىنى بىلەمسەن..مەن بۇ ئارقىلىق كۆپچىلىككە سەندەك ئوغلۇم بارلىقىنى بىلدۈرمەكچى..

_ مېنىڭچىمۇ توينىڭ ھاجىتى يوق، ئىككىسىنىڭ كۆڭلى خوش بولسىلا بولدىغۇ، كىچىك بولسىمۇ توي مۇراسىمى قىپتۇ..شۇمۇ يېتەرلىك..

«يولدىشىم»نىڭ ئۆگەي ئاپىسى گەپ قىلغاچ ئۇدۇلدىكى سافاغا كېلىپ ئولتۇردى.

_ ماقۇل دادا، توي چاي قىلىشقا قوشۇلدۇم،_دېدى يولدىشىم بېشىنى كۆتۈرۈپ،_ قاچانغا قىلىمىز؟

_ ئۆگۈنلۈككە، تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار.. ئالدىنقى قېتىم سىلەرنىڭ تۇققان تونۇشلار بىلەن قىپسىلەر، ئەمدى بىزنىڭ تۇققان تونۇشلار بىلەن قىلىمىز..

_ ئۆگۈن؟

_ شۇنداق. ئاتا-ئانىڭىزغا دەپ قويۇڭ. شۇلار كەلسىلا بولدى..

_ بۇ بۇ..بەك تېز بوپ كەتتىغۇ دەيمەن..

_ مەن ئۈچ كۈندىن كېيىن كاماندروپكىغا ماڭىمەن. بەلكى بىر ئايدىن كېيىن كېلىشىم مۇمكىن. شۇڭا تويۇڭلارنى كۆرۈپ ماڭاي..شۇنداق بولسۇن ئەمىسە..چۈشۈپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار..

ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى تاقاپ «يولدىشىم»نىڭ يېنىغا كەلدىم.

_ بۇ قانداق گەپ؟ ئۆگۈنلۈككە دەيدىغۇ..تەييارلىقنى قانداق قىلىمىز..

_ ئەنسىرىمەڭ. مۇراسىم مەيدانى ئۆزىمىزدە بار.. سىز پەقەت ئەتە كىيىم سېتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ..

_ لېكىن ئاپام..

_ ئەتە چىقىپ ئاپىڭىز ئىككىڭلارغا كىيىم سېتىۋالايلى..

_ ئالدىنقى توينى مىڭ تەستە تۈگەتكەنتۇق. بۇ توينى قانداق قىلارمىز..ھەي..يەنە كېلىپ ئاپام، ئۇنداق چوڭ سورۇنلارغا بېرىپ باقمىغان..جىددىيلىشىپ كېتىدۇ..

_ سىلەرنى ئۆزۈم قوغدايمەن. ئەنسىرمەڭ..

_ ئاپامغا سىزنىڭ شارائىتىڭىزنى قانداق چۈشەندۈرىمەن..تۇيۇقسىز بىلگىنىمنى دەمدىم..بۇ ئىش تازا قاملاشمىدىغۇ...

_ مەن توي قىلغاندا بۇنداق باينىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. بىلىپ مەنمۇ ھەيران قالدىم دەڭ..

_ ھەي، نېمانچە مۇرەككەپ ئىشلار بۇ..مەن پەقەت توي قىلىپ بۇرۇنقى يىگىتىمگە كۆرسىتىپ قويۇپلا ئاجرىشىپ كەتمەكچىتىم..

_ ئالدىراپ قارار چىقارسىڭىز مۇشۇنداق بولىدىغان گەپ..ئويۇننى باشلىغاندىن كېيىن ئاخىرىغا چىقىرىڭ..

_ راستىنلا پۇشايمان قىلدىم..

_ چوڭ توي قىلىپ بېرىمىز دەۋاتسىمۇ پۇشايمان قىلدىم دېگىنىڭىز نېمىسى..خوش بولسىڭىز بولىدۇ..

ئېغىز بىرنى خۇرسىنىپ قويدۇم.

_ بولدى، ئۇخلايلى، ئەتە سەھەردە ئاپىڭىز ئىككىڭلارغا كىيىم ئالىمىز..

ئىككىمىز ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ يوغان كارىۋات ئالدىدا تۇرۇپ قالدۇق.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章