بۇزۇلغان ئانا4-قسىم

文摘   2025-01-30 21:04   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم
بۇزۇلغان ئانا2-قسىم
بۇزۇلغان ئانا3-قسىم



4-قىسىم


كۆزۈم ئۇيقۇغا بېرىپ بوغىچە گۈلچىھرە تۈرتۈپ ئويغىتۋەتتى. 

-ھەي… شەھلا…ھەي… كۆزۈڭنى ئاچە… مەن ئۇخلىياممىدىم…پاراڭلىشايلى، بىيجىڭنىڭ قەيىرىدە تۇراتتىڭلا؟  ئۆيۈڭلانى سىتىۋتىپ يىنىپ كەلدىڭلاما؟  ساتمىغان بوساڭلا  نەچچە  كۈندىن كىيىن  تەتىل قويۋەتسە مېنى ئاپىرىپ كىلەمسەن… مەن تىلىۋۇزۇردا كۆگەن  بېيجىڭ  بەك چىرايلىقكەن… ھەي… گەپ قىلۋاتىمەن…

گۈلچىھرە ھە دەپ قۇلقۇم يىنىدا توۋلاپ مېنى تۈرتۈپ يوتقىنىمنى تارتقىلى تۇردى،يول ئازابى تاتىپ ئاران كەسەم ماۋۇ ئۇخلىغىلى قويماي بىر چاققىچە جىدەل ئوينىدى، ئەمدى كۆزۈم ئۇيقۇغا باسا ئويغىتۋەتتى، ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ ياستۇققا بىشىمنى قايتا  قويۋالدىم.

-خىڭ… ئاپىسىدەكلا مۆرىمەس نىمىكەنغۇ بۇ… ھۇ گومۇش…  بۇزۇق ئاپاڭنىلا دوراپسە… دەلتى موزاي…

گۈلچىھرە  ئۆچى بادەك بىقىنىمغا جاڭڭىدە تەپتى ئىم… دەپلا قالدىم ئاغرىق مىڭەمگىچە مىڭىپ كەتتى،ئىچىلمىغان قاپاقلىرىم ئىچىلىپ مىڭەم سەگەكلەشتى،مېنى ئۇرغىنىغا ئەمەس ئاپامنى چىشلەپ تاتقىنىغا، ھاقارەت قىلغىنىغا  چىدىماي  سەكرەپ تۇرۇپ  ئۇنىڭ  چىچىدىن تۇتۇپ ئاستىمغا بىسىۋالدىم،

-نىم دېدىڭ يەنە بىر دىگىنە؟ئاپامنى گومۇش،بۇزۇق  دىدىڭما؟

-ھە دىدىم… سىنىڭ ئاپاڭنى ئاپام بۇزۇق سىرتتا ئاشنا تۇتۋالغان مەينەت دىگەن…

گۈلچىھرەنىڭ يۈزىگە ئۇردۇم، ئۇ تىخىمۇ ئەدەپ ئاپامنى تىللىغاچ گىلىمدىن سىقىپ ئۇدۇل كەلگەن  يىرىمگە تىپىشكە باشلىدى،  قارشىلىق  قىلىپ ئۇنىڭ يۈزىنى تاتلىۋالدىم، ئۇ قىرقىراپ يۈزىنى تۇتۋىدى ئاستىمغا بىسىۋىلىپ ئۇدۇل كەگەن يىرىگە ئۇرۇشقا باشلىدىم، ئۇ نىمىلا دىگەن بىلەن مەندىن ئىككى ياش چوڭدە، خىلى ئۇرىۋالدى بىردەمدە مىنىڭ كاسامدىن ئاشقان چىچىمنى تۇتۋالدى، مەن چىچىمنى ئاجرىتالماي ئۇنىمۇ چاچ تارتقاننىڭ ئاغرىقىنى تىتىپ باقسۇن دەپ چوقىسىدىن بىر تۇتام چاچنى تۇتۋىلىپ كۈچەپ تارتتىم،

-ۋايجان… ئاپا مېنى قۇتۇلدۇرۋىلىڭ…ماۋۇ مېنى ئۆلتۈرۈپ  قويدىغان بولدى…ئاپا…

گۈلچىھرەنىڭ ئاپىسى ئىشىكنى ئىتتىرىپ  يۈگۈرگەن پىتى كىلىپ  مېنى گۈلچىھرەنىڭ ئۈستىدىن تارتىپ تۇرغۇزدى، ئۇنىڭغىچە گۈلچىھرە  قوپۇپ مېنىڭ گىلىمنى جەينىكىدە قىسىتى، ئىككى قولۇمنى ئۇنىڭ ئاپىسى تۇتۋاغان بوغاچقا بىردەمدىلا ئۇنىڭ  ئاستىغا يىقىلدىم.

گۈلچىھرە ھە دەپ بىقىنىمغا ئۇرۇپ مۈرەمنى،دولامنى چىشلەشكە باشلىدى. تىرنىقىنى پاتۇرۇپ قولى يەتكەن يەنى تاتىلىدى جىدىلىمىز ھەممىسىنى ئويغاتتى.

گۈلچىھرەنىڭ مەڭىز سۆڭىكىگە  توغرىسىغا سۇس سىزىلغان ئۈچ سانتا تىرناق ئىزى، كۆكىرىپ قاغان قاپىقىغا قاراپ چوڭ ئاپام چوڭ دادامنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. چىرايىغا قاراپلا مېنى نىمىشقا كەگەندۇ دەپ بىزار بوۋاتقىننى ھېس قىلدىم، لىكىن ھېچكىم مىنىڭ مۈرەمنى چىشلەپ قانىتۋەتكىنىنى، بىلەك يوتامدا يوغان يوغان كۆك پەيدا بولۇپ قالغىنىننى كۆمىدى، گۈلچىھرەنىڭ ئاپىسى ھەدەپ دات ئىيتىپ قىزىنىڭ يۈزىدىكى تىرناق ئىزىنىڭ كىيىن تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغىنىنى سۆزلەۋاتاتتى. دادام ھېچنىمە سورىماستىن يىنىمغا كىلىپلا ياقامنى پۈرلەپ تۇتۇپ  ۋارقىرى، ماڭا بۇ ئۆيدىكىلە بىلەن ئىناق ئۆتىشىمنى، ئاپامدەك گەپ سورىسا جىم تۇرۋالدىغان بۇ خۇيۇمنى تاشلىشىمنى ئەسكەرتتى.

-تېز، گۈلچىھرە دىن كەچۈرۈم  سوراڭ… 

دادامدىن كۆزۈمنى ئىپ قىچىپ يانغا قارىۋالدىم، گىپىنى قايتىلىدى دادام

-مەن نىمىشقا  كەچۈرۈم  سورايمەن، ئۇ ئاۋال ئاپامنى تىللىدى…

-شەھلا… سىزنى كەچۈرۈم  سوراڭ دىدىم… 

-كەچۈرۈم  سورىمايمەن…

كاچىتىمغا چاڭڭىدە تەستەك تەكتى، ئىغىزىمنىڭ ئوتتۇرىسى ۋازىلداپ ئىچىشىپ  ئۈچ تامچە قان ئۇلىشىپ ئىقىپ  بوينىمغا كىرىپ  كەتتى. دادام يەنە ۋارقىردى كەچۈرۈم سورىغىلى ئۇنىمىدىم، ھەممىسى گەپ قىلدىيۇ چۈشەنمىگەن بولۋالدىم،مومام

-بالىلا كىچىك ئەمەسمۇ، شەھلا تىلنى تولۇق بىلمىگەچ گۈلچىھرە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇقۇشماسلىق بوپ قاغان چىغى………

مومام شۇنداق دەپ مېنى ئالدىغا تارتتى، مومام ماڭا تەسەللى بىرىپ بىرمۇنچە گەپ قىلدى،ئاندىن دادامغا تەرجىمە قىلىپ بە دىدى، دادام ماقۇل دىگەچ ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قويدى، دادام ياخشى بىلىدۇ مىنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىپ خىلى سەۋيەلىك بوپ قاغىنىمنى،دادامدىن قوقۇپ ئەمەس ئاپامنى خۇش بولىدۇ ئاپام شۇنداق بولشىمنى خالايتى دەپ جان تىكىپ ئۆگىنەتتىم،

-ئادەم دىگەنچۇ قوزام  توختىماي ئۆگىنىشى ئىزدىنىشى كىرەك بىلىمنىڭ  چىكى يوق… كىتاپنىڭ تەمىنى ئۆز تىلى بىلەن ئوقىساڭ ئاندىن بىلىسەن  ھۇزۇر ئالىسەن…

ئاپامنىڭ توختىماي ئۈچ خىل تىلدا راۋان ئوقۇپ بىردىغان كىتاپلىرىنى ئاپامدەك ئوقۇيدىغان بولۇش ئۈچۈن تىرىشاتتىميۇ ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىدىغان،ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان پۇرسىتىم بوممىغاچ كىتابىي نەزەرىيە بىلەن چەكلىنىپ قاغان ئىدىم.جىدەل بىسىققاندىن كىيىن دادام مېنى ئەسكەرتىپ ئۈلگۈردى،ئەسكەرتىشتىن كىيىن مومام يىنىمغا كەلدى. 

-نىمىش بوغانتى قىزىم ماڭا ھە دىگىنە… گۈلچىھرە  بىلەن  نىمىشقا ئۇرۇشۇپ قالدىڭلا… مومام مېنى ياتىدىغان ئۆيىگە ئەكىرىپ  كالپۇكىمغا كىچىك سىقماقنى سىقىپ سۈركىگەچ سورىدى. مەن چۈشەنسەممۇ ئۇيغۇرچىنى سۆزلەپ باقمىغىلى ئۇزۇن  بوغاچقا  ئۇ ئاۋۋال ئاپامنى تىللىدى دىگەن گەپنىمۇ دىيەممىدىم، كاللامدا يىرىم سائەت سۆز تىزىپمۇ ئىشنىڭ جەريانىنى ئىپادىلەپ چىقىراممىدىم. يۈزىمنى ئالقىنىمدا ئىتىۋىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم،مۇشۇ دەم ئاپامنىڭ قۇچىقىغا شۇنداق موھتاج ئىدىم،ئاپامنىڭ مەندە بىر پارچە بوسىمۇ سۈرىتى بوغان بوسا چىرايىغا قىنىپ-قىنىپ قارىۋاغان بوسام…ھە…

دادام مېنى ئۇرۇپ  بولۇپ يەنە ھېچ ئىش  بوممىغاندەك ماڭا بىر تۇتام پۇل تەڭلەپ كىرىپتۇ.

-ئەتە خالىغان نەرسىلكىرىڭىزنى ئىلىڭ ماقۇلمۇ؟ 

قولۇمغا تۇتقۇزۇلغان پۇلىنى تۇنجى قېتىم ئىتىۋەتتىم، ئالدىمغا ئىتىلۋىدى مومام تۇتۋالدى.

دادام ئەتىسى ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كىيىن تاغام بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ كەتتى. مۈكچىيىپ قاغان مومام بىشىدىكى يۇڭ پوسمىنى ئوڭشىغاچ كالتە ھۆتۈلۈپ مىھمانخانىغا ماڭدى. كەينىدىن مەنمۇ مىڭىۋىدىم گۈلچىھرەنىڭ ئاپىسى توۋلاپ توختاتتى.

-چاي ئىچكەن پىيالە ماۋۇ قاچىلانى يۇيۋىتىپ ئاشخانىنى تازلىۋتە…  بۈگۈن چوڭ تازلىق قىلىمىز ئىش بەك جىق… ئاشخانىنى ھازىر  تازلىۋاممىساق سەل تۇرۇپ  چولىمىز تەگمەيدۇ…

ئاڭلىمغاندەك جوزىنىڭ سىرتىغا چىقىۋىدىم قولۇمغا ئىسىلدى،

-شەھلا…مەن گەپ  قىلۋاتىمە…

ئۇنىڭغا بىر  گۈلچىھرەگە بىر قارىدىم،  ئەلۋەتتە  قىزىڭ نىمىش قىلىدۇ دەۋاتقىنىمنى ئۇ بىلمەي قالمىدى،

-گۈلچىھرەگە قارىما ئۇ مەكتەپكە بارىدۇ.  سەن بىكا بوغاندىكىن ئۆي ئىشىنى سەن قىلىسەن…

بىر ئىغىز گىپىڭنى چۈشەنمىدىم دىگەن گەپنى قالدۇرۇپ قويۇپ  چامادانىمنىڭ يىنىمغا كەلدىم. كەينىمدىن كىلىپ كوتۇلدىشىغا پەرۋا قىمماي كىيمىمنى كىيىپ سىرتقا ماڭدىم،لىكىن باردىغان يىرىم يوق توڭلاپ تىترەپ بىردەمدە يىنىپ كەلدىم بۇرنىم ئىقىپ توختىمايۋاتاتتى.

تاغامنىڭ ئايالى كاسىلداپ تىترەپ كىرگىنىمنى كۆرۈپ قولۇمغا بىر ئىستاكان قايناق سۇ تۇتقۇزۇپ قويۇپ تەرىنىمۇ ئاچماي ئاشخانىغا كىرىپ بىر نىملەنى تاراقشىتىپ قاچىغا ئۇستى، مىھمانخانىدا ئولتۇرۇپ  قولۇمدىكى  قايناق سۇنى ئوتلىدىم.

-شەھلا… شەھلا…

ئىسمىمنى توختىماي  چاقىرۋىدى خوشياقماي ئاشخانىغا ماڭدىم،

-ئالە بۇنى…

شىرەگە چىلان ئالقات زەنجىۋىل لەيلەپ تۇرغان قىزغۇچ سۇ قۇيۇلغان بىر چىنىنى قويدى.

-بۇنى ئىچىپ بوپ قاچىنى يۇيۇپ پاكىز  ئىيتىپ ماۋۇ يەگە تىزىۋەت ئۇقتۇڭمۇ…

قاچا-قۇچا تىزدىغان ئىشكاپنىڭ بىر ئىشىكىنى ئىچىپ بىر پاكىز لۆڭگىنى قاچا يۇيدىغان ئوقۇر يىنىغا قويۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى…قىرتاق بۇ سۇنى ئىچەممەي تۆكىۋەتتىم،تۆكىۋىتىپ تۇسام گۈلىستان ئاپام يىنىمدا پەيدا بولۇپ قالدى،ماڭا سەت بىر ئالىيىپ قولىدىكى نەسىنى شىرەگە جاققىدە قويۇپ چىقىپ كەتتى،كەچلىك تاماقتا كۆزىگە قاراپ قاپتىمەن يەنە  ھومىيىپ قويدى…

ئەتىسى يەنە بىكا قالدىم، ئۆينى رەتلەپ قوياي دەپ كىيىملىرىمنى چىرايلىق قاتلاپ يۇيدىغاننى يۇپ ئىسىپ كارۋات كىرلىكىنىمۇ قىر چىقىرىپ قاتلاپ جوزىنىڭ ماڭا تەۋە يىرمىنى رەتلىدىم، گۈلچىھرە كەچتە قايتىپ كەپلا نەسەمگە چىقىلىپسە بوققىچىمنى نەگە ئىلۋەتتىڭ دەپ ئۇرۇشتى، مەن ھېچنىمسىگە چىقىلمىغان ئىدىم، ماڭا بۆلۈپ بەگەن نەسىلەنىمۇ شۇ پىتى ئۆز ئورنىغا قويغىنىمنى دىدىم،ئاڭلىماي ئۇرىشىۋەدى، خىلى ۋاقىتتىن كىيىن ئۇنىڭ بوققۇچىنىڭ يانجۇقىدىن ماراپ قاغىننى كۆدۈم.نەچچە كۈن تاماقتىن بىكا بوپلا سىرتقا چىقىپ چۆگىلەپ يۈدۈم،يانجۇقىم قۇرۇق بوغاچ قورساق ئاچسا ئۆيگە قايتىشىم كىرەك ئىدى لىكىن، شەنبە كۈنى گۈلچىھرەنى كۆگۈم يوق قايتقىم كەممىدى، نەگە بىرىشىمنى ئۇقمايتىم قىلىن قارغا ئايىقىمنى چۆكتۈرپ خىلى مىڭىپ بىقىپ ئاپامنىڭ ئاپىسىنىڭ  ئۆيىنىڭمۇ مۇشۇ شەھەردىلىكى ئىسىمگە كەلدى، دادام مېنى ئۇ ئۆيدىكىلە بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ  باقمىغىلى يەتتە يىلدىن ئاشتى، ئاپام با چىغىدا كۈندە تېلېفون قىلدىغان ھاممام بىلەن چوڭ ئاپام ئاپام بىلەن تەڭلا غايىپ بوغان ئىدى. ئىسىمدە قاغان ئادرىسنى تاكسى شوپۇرىغا ئىيتتىم،يانجۇقىمدا تاغام ئەتىگەن گۈلچىھرە ئىككىمىزگە بۆلۈپلا تۇتقۇزۇپ قويغان ئون نەچچە يۈۋەن پۇل با ئىدى،  قولۇمغا ئىلىپ چىڭ سىقىمداپ ئولتۇدۇم،
ئىنتايىن كونا، كوچىلىرى تار بىر يولغا ئەكىلىپ مۇشۇ يەر شۇ دىدى،  بەش قەۋەتلىك قەددى پۈتۈلگەن، ئەسلى رەڭگىنى يوقاتقان، خۇددى مومامنىڭ يۈزىدەك يول-يول بوپ كەتكەن بۇ قورۇدا  نەچچە  ئايلىنىپ   ھەممە بىنانىڭ ئىككىنجى قەۋىتىنىڭ ئىشىكىنى چىكىپمۇ مەن ئىزدىمەكچى بوغان ئادەمنى تاپاممىدىم. مەن بۇ ئۆيگە باشلانغۇچ بىرىنجى يىللىقتا تەتىلدە بىر كەپ باققان بوغاچقا ئۆينىڭ ئىشىك نومۇرىلا ئىسىمدە قىلىپ بىنا نومۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. 

-نىمشقا بۇ يەردە ئولتۇردىڭىز سىڭلىم… قار شۇنداق قىلىن يىغىۋاتسا… تۇرىڭە…

بىشىمنى كۆتۈرۈپ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزغان بۇ ئاكاشقا قاراپ يىشىمنى ئىيتتىم، كۆزۈم بىنانى يانداپ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئىككى سىيماغا چۈشتى، ئاپام ئىككىمىز ئاتايىن تاللاپ ساغۇزۇپ بەگەن نوركا چاپان بىلەن نوركا تۇماقنى كۆرۈپلا كەينىدىن توۋلاپ يۈگۈردۈم…

-چوڭ ئاپا…چوڭ ئاپا…

چوڭ ئاپام كەينىگىمۇ قاراپ قويماي  يولىنى داۋام ئىتەتتى، يىنىدىكى  بۇرتى خەت تارتقان يىگىتنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ بىرنىمىلەرنى دەيتى،  يانغا قاراپ كۈلەتتى، ئىككىلا قەدەم قاغاندا مۇزدا تىيلىنىپ كىتىپ ئۇ ئىككىسىنىمۇ يىقىتۋەتتىم.چوڭ ئاپام ھەدەپ ۋايجانلايتى، كۆزىنىمۇ ئاچماي مېنى يۆلەڭلا دەيتى.مىنىڭ قىغان گىپىمنىڭ بىرىنىمۇ ئۇ چۈشەنمىدى،ياق ئەسلا ئاڭلىمىغان ئىدى.

-چوڭ ئاپا مەن شەھلا مېنى تونىمىدىڭىزما؟ ئاپامنى سىزمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟

مەن ئالدىغا ئۆتۈپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ  تۆكۈلۈپ بوغۇلۇپ سۆزلەۋاتسام بىرى بىنادىن يۈگرەپ چىقىپ مىنى نىرسىغا ئىتتىردى،

-ئاپا… نىم بولدىڭىز ھە… ئورنىڭىزدىن تۇرىڭە ئورنىڭىزدىن قەيىرىڭىز ئاغرىدى ئاپا نىمىگە يىغلايسىز؟ ئۇ ئىككىسىنى سىز سوقۇپ يىقىتۋەتتىڭىز… ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۆلەم ئالىمە دىسىڭىز ئۇخلاپ… چۈشىڭىز …

بىنادىن يۈگۈرۈپ چىققان ئايال چوڭ ئاپامنى يۆلەپ بوپ ماڭا  سۆزلەۋاتقاچ توختاپ قالدى، شارپامنى پەسكە تارتىپ بىشىمدىكى پوسمىنى ئالدىم، مېنى تونىماي قاممىسۇن دەپ  ماڭلاي چىچىمنى ھە دەپ قولۇمدا كەينىگە تارتقىلى تۇردۇم…

-ھوۋي… شەھلامۇسەن بالام… ۋاي جىنىم بالام…يۈرەك پارەم…

مېنى تارتىپ يۈز-كۆزلىرىمگە سۆيۈشكە باشلىدى. ياشتا ھۆللەنگەن مەڭزىنى مەڭزىمگە ياقاتتى.

-ئاپاڭمۇ  مۇشۇنداق قەھۋە رەڭ پوسما كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى،بايا كۆزىڭگە قاراپلا  يۈرىكىم شۈررىدە بوپ كەتكەن،  راسلا سەنكەنسەن… سېنى بەك  سېغىندۇق…  چوڭ بوغانسىرى ئاپاڭنىڭ ئۆزى بوپسەنغۇ…  ئاپامنىڭ ئاچىسى مېنى قۇچاقلاپ تۆكۈلۈپ كەتتى، يىغا-زارىدىن كىيىن ئۆيگە كىردۇق، سەكسەن كىۋادرات ئەتراپىدا، ئىنتايىن كونا لىكىن ھەممە يىرىدىن پاكىزلىق چىقىپ تۇردىغان ئىللىق ئۆيگە كىردىم،  بىر پىيالە قىززىق چاينى ئالدىمغا ئەكەلدى، ھەممىسى ماڭا قاراپ  ئولتۇرۇپ  توختىماي سۇئال سورايتى، ئاپامنىڭ سۈرەتلىرىنى قانغۇچە كۆدۈم، يەنە ئىنىسى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چىغىدا چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتىنى يانجۇقىمغا سىلۋالدىم. ھاممامنىڭ ئەتكەن تامىقىنى ئىككى قوشۇق يەپ بوغىچە ئىشىك ئەنسىز ئۇرۇلدى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章