ئەر سارىڭى ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق كەچمىشى1؟ئالتۇندەك ئايال3.قسىم

文摘   2025-02-03 21:20   新疆  

新年快乐

چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن


تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .



  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .




ئالتۇندەك ئايال1-قسىم
ئالتۇندەك ئايال2-قسىم
ئالتۇندەك ئايال3

- ئابلەتجاننىڭ يۈرىكى ھەرە چاققاندەك ئېيچىشتى. ئۆز ئەھۋالىنى ئويلاپ، ئېغىر نەپەس ئېلىپ ئىچىگە تىندى.

- بۇ ئىشنى سەمىڭلىگە سېلىپ بولدۇم بالام. ھېلىغىچە مېنى ئالغىلى ئىنىڭ كېلىدۇ. شۇنىڭغىچە تەييارلىقىمنى قىلاي. - باھارخان ئانا شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى. ئابلەتجان بىلەن ئالتۇنگۈل تەڭلا:

- ئەستا…-دېيىشىپ قالدى.

ئارىدىن بىر-نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چاققىچە تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولغان ئانا ئابلەتجاننىڭ يېنىغا كىرىپ:

- بالام ئىنىڭغا تىلفۇن قىلىپ باقە، تېخىچە كېلىپ بولالمايدىيا. - دىدى. ئابلەتجان ئىنىسىغا تىلفۇن قىلىپ سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىن: 

- ئانا ئۇكامنىڭ ئالدىراش ئىشى چىقىپ قاپتۇ، شۇڭا ھازىرچە سېنى ئالغىلى كېلەلمەيدىكەن. - دىدى كۆزىنى ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قاچۇرۇپ.

- يەنە ئاشۇ لىڭتاسما  ئىنىڭغا چاپان يېپىۋاتامسەن؟ راس گەپ قىلغىنە، ئۇنىڭغا نىمە بوپتۇ؟

- ھېچنىمە ئانا. بولدى سەن مۇشۇ ئۆيدە خاتىرجەم تۇرىۋىرە.

- مېنىڭغۇ ھەر-بىرىڭلارنىڭ يېنىدىن پەقەت ئايرىلغۇم يوق بالام، لىكىن شۇ…مەن ئىنىڭنى ھېچبىر ئايال كىشىنىڭ ئىشتىنىغا يۆگەپ بېقىپ چوڭ قىلمىغان. خوتۇنىنىڭ ئالدىدا نىمە تىل قىسىنچىلىقى باردۇ ئۇ بالىنىڭ؟ يەنە شۇ خوتۇنىنى گەپكە كىرگۈزەلمەپتۇدە ئۇ لاتا غېلاپ.

- ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ئانا، راست ئۇنىڭ…

- بولدى قىلە بالام. مەن ئۆزۈم تۇغۇپ چوڭ قىلغان بالامنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەي قالامەنمۇ؟

شۇ گەپنىڭ ئۈستىگە ئالتۇنگۈل ئابلەتجاننىڭ ئىككى سىڭلىسى زۆھرە بىلەن زىبەيدەنى باشلاپ كىردى. چوكانلار ئانىسى ۋە ئابلەتجان بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، قىزلارنىڭ چوڭى زۆھرە:

- ئانا قارىسام سېنىڭ كېيىم-كېچىكىڭ سېلىنغان بوغچا تۇرىدۇ. نەگە باراي دەيسەن؟  -دەپ سورىدى.

- ئېنىڭنىڭ ئۆيىگە بالام.

- بۇ ئۆيدە بىر ئوبدان تۇرىۋاتاتتىڭغۇ؟ ئاشۇ ئۆزىنىڭ سايىسىدىنمۇ قىزغىنىدىغان قىزغانچۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆزۈڭنى قىيناپ نېمە قىلاسەن؟ بۇ ئۆيدە بىرەر ئىش بولغانمىتى؟- زۆھرە شۇنداق دەپ ئالتۇنگۈلگە سوغۇق قارىدى.

- بۇ ئۆيدە ھېچ ئىش بولمىدى بالام. مەنشۇ ئاكاڭغا ئېغىرىمنى سېلىۋەرمەي دەپ.

- ئېغىرىڭ چۈشىدىغان سەنيا ئاقساق-چولاق، توكۇر-مايماق بولمىساڭ. سەندەك ئانىسى بولسا تۆگە تاتاڭ ئېتىپ بېقىۋالسۇنا! خاناچا ئاكام بۇ ھالغا چۈشۈپ بولغىچە ئۆزىڭىزنى ئاشكارىلاپ، ئانامنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن ئوخشىمامسىز؟

- مەن قاراپ تۇرۇپ شۇنداقمۇ قىلارمەنمۇ ئۇكام؟

- ئۇنداق ئىش يوق. قالايمىقان گەپ قىلما. - دىدى ئانا.

- ئەمسە بۇ ئۆيدە بىر ئوبدان تۇرىۋېتىپ نىمىشقا كەتمەكچى بولۇپ قالدىڭ؟

- ئاكاڭ بۇ ھالدا تۇرسا…

- ۋېيەي ئانا ئېغىرىڭنى يەر كۆتىرىدۇ، يىمەكلىكىڭ ئۆيدىن چىقىدۇ. سەل سىقىلىپ قاپسەندە؟ ھەرگىز ئۇنداق ئويدا بولمىيە ئانا، بۇ دىگەن ئوغلۇڭنىڭ ئۆيى. سەن ئوغلۇڭنىڭ ئانىسى. مۇشۇ ئۆيدە تۇرىۋىرە. شۇنداق قىلسۇنمۇيا ئاكا.

- مەيلى.

- مەيلى دىگەن قانداق جاۋاپ؟ سەن بۇنداق شىرشىم گەپ قىلمايتىڭيا ئاكا؟

- بالام سەن نىمانداق چۈشەنمەيدىغانسەن؟

- نىمىنى چۈشىنىمەن؟

- ئاچا چوڭ ئوغلۇڭنىڭ سۆكىسىنى ئۇچلىغىدەك بولدى. تېخىچە نىمىشقا ئۆزۈڭنى تۇتىۋېلىپ گەپ قىلمايدىغانسەن؟ ئاكامنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ كىسەلچان بولۇپ قالغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقىنىنى بىلىدىغانسەن؟ بۇ يىللاردا ئاكام كېسىلىنى داۋالىتىمەن دەپ تاپقان-تەرگىنىنىڭ ھەممىنى تۈگىتىپ، قولىدا پۇل قالمىغانلىقىنى بىلىدىغانسەن؟ بىز مۇشۇ ئەھۋالنى بېلپ تۇرۇپمۇ، ئائىلە ئايالى بولغاچقا ھېچقانداق ياردەم قىلالمىدۇق. سەن بىلەن مەن ئېرىم، بالام دەپ، ئۆز غېمىمىز بىلەن يۈردۇق. ئوغۇلبالا دەپ چوڭ بېلپ يۈرگەن ئىنىمىز ئاكامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىدىغان چاغدىمۇ كېرەككە كەلمەي. خوتۇنىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ، خوتۇنى ئېتىپ بەرگەن ئاچچىق لەغمەننى تامشىپ ئولتۇرۇپ يەپ يۈردى. بىچچارە خاناچام ئوتنىڭ ئىچىدىمۇ، تېشىدىمۇ تەڭ كۆيۈپ. ئاكامنى ھېلى ئىچكىرىدە، ھېلى ئۈرۈمچىدە، دوختۇرخانىمۇ-دوختۇرخانا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، قېرىندىشى تۇرۇپ بىز يەتكۈزەلمىگەن ياخشىلىقنى يەتكۈزدى. مۇشۇ ھالەتتە تۇرغان خاناچامدىن رەنجىسەڭ توغرا بولمايدۇ. ئانامنىڭ كۆزدە تۇتقىنى بۇلا ئەمەس. ئاكام تاپقان-تەرگىنىنىڭ ھەممىنى داۋالىنىمەن دەپ دوختۇرخانىدا تۈگەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا بىزگە بىلدۈرمەي باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ بىرمۇنچە پۇلغا قەرىزدار بولۇپ قاپتۇ. ئانام بۇ ئائىلىنىڭ مۇشۇ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇنداق قارارغا كەلگەن گەپ.

- ئۇنداق بولسا ئىنىم قاچانلىققا كەلمەكچىتى؟

- ئەتىگەندىلا كەلمەكچى بولغان. بۇ چاغ بولۇپ كېتىپ ئاكاڭغا تىلفۇن قىلدۇرسام «ئالدىراش ئىشى چىقىپ قاپتۇ، كىلەلمەيدىكەن» دەيدۇ.

- ئاڭلىغانسەن ئاچا، ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە ئوغۇل بالا تۇرۇپ، مۇشۇ يېشىغا كەلگىچە ئائىلىمىز ئۈچۈن ئوغۇل بالىدەك كۈچىنى كۆرسىتىپ باقمىغان ئىنىمىزدىن ئاغرىنساق بولىدۇ.

- توغرا دەيسەن ئۇكام. ئانامنىڭ نەرىدىن تۇغۇلۇپتىكى ئۇ لاتا. پۈتۈنسۈرۈك ئوغۇل بالا تۇرۇپ خوتۇنىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدۇ. شۇڭاچا ئەركىشى دىگەننىڭ مۈلكىگە خوتۇن كىشىنىڭ قىل چاغلىق نەرسىسى قېتىلىپ قالسا بولمايدۇ زادى. ئەركىشى بىر ئۆمۈر جان تىكىپ پۇل تېپىپ ئالتۇن تاغ ياساپ بەرسە «نىمە ئۇ؟» خوتۇن كىشىنىڭ تېرىقتەك بىر نەرسىسى ئۆينىڭ مۈلكىگە قېتىلىپ قالسا، تۇغۇمچان مېكىيان تۇخۇم تۇققاندەك بىر ئۆمۈر تۈگىمەيدۇ. شۇ ئىنىمىزمۇ ئۆيلىنىپ ئالتە كۈۈندىلا ئايرىم ئۆي تۇتقىسى كەپ كەتتى. ئايرىم ئۆينى ئېلىپ «بېزەكچىلىكىگە پۇلۇم يەتمىدى» دەپ،«ھازىرچە ئاددىراق ياساپ ئولتۇرۇپ تۇر. كېيىن كۆڭلۈڭدىكىدەك بېزىۋالاسەن» دېسەك.«ئايالىمنىڭ ئاددى بېزەلگەن ئۆيدە ئولتۇرغىسى يوقكىن» دەپ يۈرۈپ.«ئۆيۈمنىڭ بېزەكچىلىكىنى قىيىنئاتام قىلدۇرۇپ بەردى» دەپ، مانا ئەمدى «ئېغىز يېسە يۈز ئۇيىتار» دىگەندەك. خوتۇنىنىڭ رۇخسىتىنى ئالالمىغان بولسا كۆرسىتىۋاتقان باھانىسىمىكىن بۇ. تۇرۇپتۇرە ئانا ئۇكامغا مەن بىر تىلفۇن قىلاي.

- بولدى قىلە ئاچا. سېنىڭ ئاغزىڭ ئىتتىك، ئۇ بىچچارىنى خىجىل قىلىپ قىيناپ قويىسەن.

- ئەمىسە قانداق قىلامىز؟

- قانداق قىلىتۇق؟ «پاتمىغاننى تار يەردە قىستاڭ» دەپ، ئانامنى بۇ ئۆيدە قالدۇرۇپ سىقىلىپ قالسا بولمايدۇ. مەن  بىلەن كىتىدۇ. ئانا كۆيىمى يوق ئوغلۇڭنى «ئۆز ئوغلۇم» دەيسەن. يولىغا تەلمۈرۈپ قارايسەن. كۆيۈملۈك كۈيئوغلۇڭنى «كۈيئوغلۇم» دەيسەن. ئۆز كۆرمەيسەن. ئەكرەمجان سېنى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىۋاتقاندىكىن مەن بىلەن كىتە، ھالىڭدىن بىز خەۋەر ئالىمىز.

- ئېرىڭنى ماختاپ ئەجەپبىر دىۋالدىڭا ئۇكام؟

- بولدى زۆھرە گەپنى شاخلاتمىيە. سىڭلىڭ راس دەيدۇ. مەن ئەمدى زىبەيدە بىلەن كەتسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ. باھارخا ئانا شۇ قارارغا كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئابلەتجاننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئەھۋال سوراپ، پاراڭلىشىشقا باشلىدى.

- ئانا راس ساڭا بىر ئىشنى مەسلىھەت سالاي دىگەن. مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم بۇ يىل كۈزدە يەتتە ياشقا كىرىدۇ. شۇڭا ئۇ بالامنىڭ كەسمە تويىنى قىلايلى دېيىشكەن.       - دىدى زۆھرە.

- ئوبدان ئويلاپسىلە بالام. لىكىن بۇ ئىشنى قىلىش بەك زۆرۈرىيىت ئەمەس. ئۇنچە چوڭ بېلپ كەتمىسەڭلىمۇ بولىدۇ. ئىقتىسادى ئەھۋالىڭلار يېتىپ ئاشقۇدەك بولسا مەيلى. بولمىسا ئۆزۈڭلىنى زورۇقتۇرۇپ كۈچىمەڭلا.

- ئاچا مېنىڭ بىلىشىمچە سەن ئاكام ھادىسگە ئۇچرىغان دەسلەپقى كۈنلەردە «جىددى لازىم بۇلۇپ قالدى» دەپ، ئاكامدىن پۇل سوراپ ئېلىپ كەتكەن. شۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەنمىتىڭيا؟- دەپ سورىدى زىبەيدە.

- ۋېيەي، بۇ چاققىچە نەدە ئاكامدىن ئالغان پۇلنى قەرز دەپ قايىتتۇردۇق؟

- بىچارە ئاكام بۇرۇن شۇنداق قىلغان. ئۇ چاغدا ئاكام ساغلام، كۆتىرەلەيتى.

- ئۇنداق دېمىيە زىبەيدە، زۆھرە ئانا بولۇپ قىلماقچى بولغان چوڭ ئىشى مۇشۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى قالمىسۇن. خاتىرجەم ئۆتكىزىۋالسۇن. - دىدى ئابلەتجان.

- قىلسىغۇ مەيلى ئاكا. لىكىن ئېرىغا ئۈستەك سالماي، سېنىڭ ئەھۋالىڭنى چۈشۈنۈپ، ھازىرقىدەك سەن ئېھتىياجلىق چاغدا ساڭا بېرىدىغاننى بېرىۋىتىپ.ئېرى يىتەرلىك پۇل تاپقاندا قىلسۇن. قانداق دېدىم ئانا؟

- ئەجەپ مېنىڭ ئىشىمغا كىرىشىۋالدىڭا ئۇكام؟!

- ئاكام مۇشۇ ئەھۋالدا تۇرسا ئەر-ئايال ئىككىڭلارنىڭ تەرلىمىگىنىگە قاراپ دەيمىنا ئاچا!

- يوغان ئىش.

قىزلارنىڭ شۇ پارىڭىدىن كېيىن باھارخان ئانا تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ، كىچىك قىزى زىبەيدە بىلەن بىللە كەتتى. ئالتۇنگۈل ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ كىرگەندىن كېيىن ئابلەتجاننىڭ ئەھۋالىنى سوراپ، چۈشلۈك تاماقنىڭ

تەييارلىقىنى قېلىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتى.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئىككى بالىسىنى مەكتەپكە يولغا سېلىپ ئىشىك ئالدىغىچە چىققان ئالتۇنگۈل، بۇ تەرەپكە كەلگەن ئابلەتجاننىڭ ئىنىسى نىيازنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆيگە  تەكلىپ قىلىپ، ئابلەتجاننىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى.

نىياز ئابلەتجاندىن ئەھۋال سوراپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن:

- ئانام مېنىڭ ئۆزىنى ئالغىنى كەلمىگىنىمدىن خاپا بولدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

- رەنجىپمۇ كەتمىدى. لىكىن سۇۋادان تېرەكتەك ئىككى ئوغلى بار ئانىمىزنى كۈيئوغۇلنىڭ ئالدىغا بېرىشقا تاشلاپ قويغىنىڭ ياخشى بولمىدى ئۇكام. مەن بۇ ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بولسام ئانامنى يېنىمدىن ھەرگىز ئايرىمايتىم. مۇشۇ ئىشىڭ ئانامنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسىلا مەيلىتىغۇ.

- مېنىڭمۇ شۇ ئانامنى پەقەت رەنجىتكىم يوقتى. يېرىم يىل ئىلگىرى ساڭا بېرىپ تۇرغان پۇلدىن ئايالىمنىڭ خەۋىرى بارتى دېگىنە. مەن پىشكە پۇلنى ئۆيدە قويۇپ قويغان. جىددى لازىم بولۇپ قېلىپ قارىسام ئو پۇل قويغان يېرىمدە يوق. پۇلنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سورىسام ئايالىم «سەن ئاكاڭغا پۇل بېرىپ تۇرۇپ يېرىم يىلنىڭياقى ئەكەلمىدىڭ. شۇڭا مەن ئۆيدىكى پۇلنى ئىنىمغا بېرىپ تۇردۇم. سەن ئاكاڭغا بەرگەن پۇلنى ئەكەلسەڭ، مەنمۇ ئىنىمدىكى پۇلنى ئەكىلىمەن. بولمىسا ئەكەلمەيمەن» دەپ تىجارىتى ئوبدان يۈرۈشۈپ كىتىپ بارغان، ئۇنچىلىك پۇلغا ئېھتىياجى يوق ئىنىمگە بېرىپ تۇردۇم دەپ غېجىلىشىپ قالغان. شۇنىڭياقى ئايالىم ماڭا قېيداپ يۈرەتتى. ئانامنى ئۆيۈمگە ئاپپىرىۋالىدىغان گەپنى قىلسام يەنە گەپ تەگىشىپ قالدۇق. چىڭراق گەپ قىلاي دىسەم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىدىغاندەكلا قېلىپ تۇرىدۇ. سەن بۇ ئەھۋالدا تۇرغاندا ئىش تېرىمايراق تۇرۇپ تۇراي دەپ ئۆزۈمنى بېسىۋىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم قارا ئاكا. - دىدى نىياز.

- ئۇنداق بولسا قانداق قىلماقچىسەن؟

- بۇ ئىشتا مېنىڭ بېشىم قېتىپ، مەن ساڭا بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ بىر ئامالىنى قىلىپ بەرسەڭ، شۇ پۇلنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئايالىمنىڭ كۆزىگە تىقىپ، ئايالىمغا ئىنىسىگە بەرگەن پۇلنى ئەككەلدۇرىۋالايمىكى. بولمىسا قوش زېيان تارتقىدەكمەن. ئاندىن ئانامنىمۇ…

- ساڭا ھازىر پۇل زۆرۈرمىتى؟

- ھەئە، شۇ پۇل جېددې لازىم بولۇپ قېلىپ، بولمىسا…

- نىيازجان بۇ گەپنى ئاكىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى بېلپ دەۋاتامسز يا؟ ئاكىڭىز كېسەل بولۇپ قالغاننىڭياقى ماۋۇ ئۆيدە سېنتا چاغلىق پۇل تاپىدىغان ئىش بولمىسا. «قارىغۇنى تار يەردە قىستاڭ» دىگەندەك، ئاغزىڭىز كۆيمەي مۇشۇ گەپنى قىلىۋاتامسىز؟ ئاكىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەنلىرى ئازمۇ؟

- مەنغۇ دېمەي دېگەن، لېكىن مەنمۇ پۇل خىجالىتى تارتىپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. ئاكامنىڭ ئالدىغا يۈزۈم بىلەن يەر دەسسىگەندەك يامان تەستە كەلدىم. ئاكا سېنى  ئۇ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلالايدۇ دەپ ئىشەنسەم بولىدىغۇ ھە؟

- ئۇكام ماۋۇ گەپنى مېنىڭ ئەھۋالىمنى بېلپ دەۋاتامسەن؟ بېلمەي دەۋاتامسەن؟ ھازىر مېنىڭ مۇشۇ ئەھۋالىمدا سېنىڭ پۇلۇڭنى قايتتۇرالىغىدەك ئەھۋالىم بارمىدۇ؟

- شۇ گەپ شۇ، لىكىن مەن ئامالسىز قالغاچقا دەۋاتىمەندە ئاكا. مەجبۇرلاش يوق. قېنى ئويلۇشۇپ باقاسەن.

نىياز دەيدىغان گېپىنى دەپ بولۇپ قايتىپ كەتتى. نىيازنى ئىشىك ئالدىغىچە چىقىپ ئۇزۇتۇپ كىرگەن ئالتۇنگۈل ئابلەتجاننىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئابلەتجان بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئويغا پېتىپ قالغان ئىدى.

ئالتۇنگۈل ئابلەتجاننىڭ بۇ ھالىغا قاراپ كۆڭلى يېرىم بولدى.

ئۇيغا پېتىپ بىرھازا جىم ياتقان ئابلەتجان يېنىدا خىياللىنىپ ئولتۇرغان ئالتۇنگۈلگە قاراپ:
- ئالتۇن سېنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىڭنى بىلمىدىم، ئويلاپ باقسام ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا قەرز قايتۇرۇش تۈگۈل، قورساق بېقىشىمىزمۇ تەس بولۇپ قاپتۇ. بىر قورساق قېرىندىشىمنىڭ ئەھۋالى بۇ تۇرسا، يات قەرز بەرگۈچىلەر نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىمىزنى ئالداپ ئۈمۈتلۈنۈپ يۈرسەك سىقىنچىلىقىمىز ئېشىپ كىتىدۇ. بۇ ئەھۋالىمىزدا بىزگە ئىشىنىپ پۇل بىرىپ تۇرغانلىنىمۇ رەنجىتىپ، ئۆزىمىزمۇ خىجالەتچىلىك تارتىپ سىقىلىپ يۈرگىچە، ئۆينى سېتىپ قەرىز تۆلەپ، قولىمىزدا ئازراق پۇل ئېشىپ قالسا، شۇ پۇل بىلەن قورساق باقىدىغان بېرەر ئىشنى ئويلاشساقمىكىن؟ - دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئالتۇنگۈل چۆچۈگەندەك بولۇپ:

- بىزنىڭ ھازىر ئۆيدىن بۆلەك ھېچنىمىمىز قالمىدى. ئۆينى سېتىۋەتسەك، ئىككى بالىنى سۆرەپ نەدە ئولتۇرۇپ، قانداق تىرىكچىلىك قىلامىز؟ - دەپ سورىدى ئەنسىزلىنىپ تۇرۇپ.

- ئۇغۇ شۇ، لىكىن ئۇنداق دېيىش بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدۇ. بىز بۇ ئۆينى يامان تەستە سېتىۋالغان. مۇشۇنچىلىك ياساپ-جابدۇش ئۇچۇنمۇ ئاز كۈچ سەرپ قىلمىدۇق. بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ قېلىش ماڭىمۇ ئاسان ئەمەس.

ئالتۇنگۈل ئابلەتجاننىڭ كۆڭۈل يېرىملىق ئىچىدە دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ، يوقسىزلىقنىڭ تاشتىنمۇ قاتتىق ئىكەنلىگىنى چۈشۈنۈپ كۆڭلى بۇزۇلدى.

شۇ مەسلىھەت بىلەن ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۆينى ساتىدىغان بولۇپ كېلىشتى. ئۆي بىدىكلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆي ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ قارارى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، بىر-نەچچە خېرىدار ئۆينى كۆرۈپ باھا قويۇشتى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئابلەتجاننىڭ سىڭلىسى زۆھرە يېتىپ كېلىپ:

- ئاكا ئۆيۈڭنى ساتىدىغان بولۇپ بازارغا ساپسەن، «قول سۇنسا يەڭ ئېچىدە» دەپ، بۇنداق ئويغا كەلگەن ئادەم بىزگە خەۋەر قىلىپ قويساڭچۇ. سېنىڭ ئۆي ساتىدىغانلىقىڭ دوس-دۈشمەنلىنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ يۈرگىچە، ئۆيۈڭنى بىز ئەپقالاتۇق ئەلۋەتتە. ئۆي بىزنىڭ قولىمىزدا قالسا، ھېيت-بايراملىدا كەلسەڭلار ئۆزۈڭلىنىڭ ئۆيىگە بارغاندەك بولۇپ كۆڭلىڭلا كۆتۈرۈلۈپ قالاتى.    - دىدى.

- ئۇكام سىلىنىڭ ئۆي ئالىدىغانلىقىڭلىدىن خەۋېرىمىز بولمىغاندىكىن، سىلىنى ئۆي سېتىۋالىدۇ دەپ ئويلاشماپتۇق.- دىدى ئالتۇنگۈل.

- نىمىشقا ئۇنداق ئويلاپ قالغانسىلە خاناچا؟

- بۇچاققىچە سىز دائىم ئاكىڭىزغا يوقنىڭ گېپىنى قىلىپ ھال ئېيتىپ يۈرگەندىكىن…

- ھەە، سىز بىزنى جېنىنى ئاران جان ئېتىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، ئورقات كۆرۈپ قالغانمىتىڭلا؟ ئۇنچىۋالا تۆۋەن كۆرمەڭلا جۇما، ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار. ئۇنداق-بۇنداق قىلىپ چاپىنىمىزنىڭ يانچۇقىنى قاقساق، بىرتى-يىرىم ئۆي سىتىۋالغىدەك پۇل چىقىدۇ.

- ئۇنداق بولسا ياخشىكەن، بۇ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ ھەممىمىز خاتىرجەم بولدۇق. ئۆي ئېلىش ئويۇڭلار بولسا ئۆي سىلىدىن ئايلانسۇن. بۇ ئۆينى سىلە ئەپقالساڭلا بىزمۇ خۇش بولىمىز.-دىدى ئالتۇنگۈل.

- ئاكا ئۇنداق بولسا مەن باللىرىمنىڭ دادىسىنى باشلاپ كېلەي، سودىسىنى كېلىشىپ پۈتۈشسەك، ئۆينى بىز ئەپقالامىز.

- ياخشى ئويلاپسىلە ئۇكام. ئەمىسە شۇنداق بولسۇن.  -دىدى ئابلەتجان.

- ئۇكام راس سىلە ئۆينى قانداق سېتىۋالماقچى؟  -دەپ سورىدى ئالتۇنگۈل.

- ئۆي سېتىۋالغاندەك سېتىۋالامىز.

- ئۇغۇ شۇنداق بولىدۇ ئۇكام. مېنىڭ دەۋاتقىنىم پۇلنى قانداق بېرىسىلە؟

- ھەجەپ پۇلنىڭ گىپىنى قىلىپ كەتتىڭىز؟ بىزنى پۇل بېرەلمەي قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز؟

- بىزنىڭ ئەھۋالىمىز سىزگە چۈشۈنۈشلۈك ئۇكام، بىزگە ھازىر پۇل بەك زۆرۈر بولغاچقا سوراپ بېقىشىم.

- خاتىرجەم بولۇڭ خاناچا، بىزبى بىر يەرگە قېچىپ كېتىدىغان ئادەم بولمىغاندىكىن، پۇلنىڭ ھەممىنى بىراقلا بېرەلمىسەكمۇ، قولىمىزدا بارنى ئالدىدىن ئازىراق بېرىپ تۇرۇپ، قالغىنىنى تاپا-تاپا بېرىپ تۈگىتىۋالامىز.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章