بۇزۇلغان ئانا6-قسىم

文摘   2025-02-01 21:13   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم
بۇزۇلغان ئانا2-قسىم
بۇزۇلغان ئانا3-قسىم
بۇزۇلغان ئانا4-قسىم
بۇزۇلغان ئانا5-قسىم


6-قىسىم
مەن سەيدىن كانان ئۈچىمىز سىرتقا چىقىپ بىر قەھۋەخانىدا ئولتۇردۇق، قەھۋەخانىنىڭ مۇھىتىنى ياقتۇرۇپ قالدىم، بەكلا تىنىچ ئىدى،  سەيدىن ئەتە چۈشلەدە ئاپتوبوس بىلەن يۇرتىغا ماڭاتتى بۇ ھېساپتا ئۇنى ئۇزىتىش ئۈچۈن ئىدى. مۇھىتى ئازادە شۇنداق چىرايلىق  بىزەلگەن قەھۋەخانىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، مىنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇشىم، بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىم دىگەنلەگە بەك قىزىقتى ئىككىسى،بۇرۇن دوستىم يوق ئۆتۈپ كەتكەن بالىلىقىمنى ئىيتىپ بەدىم.
-دوستىڭىز بوممىسا تەتىلدە شەنبە يەكشەنبە ئارام ئىلشىتا نىمىش قىلاتتىڭىز، چوڭ ئۆيدىكىلەنىڭ يېنىدا ئۆتكىزەمتىڭىز…

كاناننىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەگىم يوق ئىدى،سەيدىن ئىككىسى بىلگۈمىز با دەپ تۇرۋاغاچ ئىغز ئىچىشقا مەجبۇر بولدۇم.

-دادام كۇرۇسقا باغچىغا ئاپىراتتى ئىسكىرىپكا چالاتتىم تىل ئۆگىنەتتىم……

-ئاپىڭىز  سىزنى ئويناتقىلى ئاپامامتى؟

سەيدىننىڭ سۇئالىدىن قىچىپ قولۇمغا زولاپ ئىچىملىكنى  ئىلۋالدىم دە دەرىزە سىرتىغا قارۋالدىم،بۇ ئىككەيلەن ئەمدى ئاپامغا قىزىقىپ قاغان ئىدى، كوچىلاپ سوراۋەدى جىملا ئولتۇرۋالدىم، سەيدىن ئاپاڭ توغرىلىق سۆزلەپ بەمىدىڭ دەپ خاپا بولدى، ئاپامنى قانداق تونىشتۇرىمەن؟ نىملەنى دەيمەن ھازىرغىچە ئويلاپ باقماپتىمەن… ئاپامنىڭ  سىيماسى مىنىڭ تۇرمۇشىمدا ئىنتايىن غۇۋا ئىدى. ئۇنىڭ گەپلىرى ئىسىمدە،تەربىيەسى ئىسىمدە لىكىن سىيماسى شۇنچىلىك گۇڭگا،ئاپام كەتكەندە مەن بەش ياشلادا ئىدىم،بەلكىم بەشكە تولۇقمۇ كىرمىگەن ۋاقتىمدۇ…بۇ يىللادا ئاپامنى سىغىندىم لىكىن ئۇ مېنى كۆگىلى كەممىدى،مەن بىر ئاپىسى ھايات يىتىم…

كانان بىلەن سەيدىن ئۇ ئىككىسى ھەممە ئىشىمنى چۇۋۇپ ئۇجۇر بۇجۇرلىرىنى سورايدىغاندەك ئىدى،جىم ئولتۇرۋالدىم،سەيدىن يەنە مىنى ئارامىمدا قويمىدى،

-گۈلچىھرەدىن ئاڭلىسام دادىڭىز گۈلچىھرەنىڭ دادىسىنىڭ يىنىدا ئىشلەيدىكەن ھە  دادامنىڭ شوپۇرى  دىگەندەك قىلامدۇ نىمە …

شۇنداق بىئارام بولدۇم گۈلچىھرەنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ كانان ماڭا بىر قاراپ قويۇپ جەينىكىدە سەيدىننى نوقىدى،كۆز نۇرۇمنى يەنە سىرتقا تىكتىم. ئۇدۇلدىكى دۇكاندىن خالتا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىرسىيما كۆزۈمگە چىلىقتى،تولىمۇ تەنناز بەدەن شەكلى، دولىسىدا ئويناپ  تۇرغان بۈدرە قىلىنغان سىرىق چىچى،ئاستى بەدىنىنى ئىككى تەرەپكە تەۋرىتىپ  يول مىڭىشى، توختىماي بىشىدىكى پوسمىنى تارتىپ ھېلى قۇلقىنى پىيىپ ھىلى ئىچىشى ئەسلىمەمدە قىتىپ قاغان ئاپام ئىدى.  يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم. مەن كۆرگەن ھېلىقى سىيما قارا كۆزەينەك تاقىۋاغان بوغاچقا چىرايىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىلا كۆگەن بوغاچقا جەزىم قىلاممايتىم لىكىن سەزگۈلىرىم ماڭا ئۇ ئاپاڭ شۇ دەيتى. تەۋەككۈل دەپلا ئاپا دەپ  توۋلاپ يۈگۈردۈم. ھېلىقى سىيما توختىدى، مەن يولدىن  كىسىپ ئۆتۈپ ئوتتۇرىغا كەگەندە بىر ماشىنا سوقۇپ نىرىسىغا يىقىلدىم.  بىشىمنى كۆتۈرەي دەيتىميۇ بوينۇم بىشىمنى كۆترەممەي يەنە يەرگە قويلۇپ قالاتتى،چىرايىنى كۆرەي دەيتىميۇ كۆزۈم ئىچىلمايتى.  توختىماي ئاپا…ئاپا  دىگەنچە خۇدىمنى يوقاتتىم… 

ئىسىمنى بىلسەم يىنىمدا ھاممام شەمشىيە ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى قارا پەلتۇنى كۆرۈپ  ھاممامنى ئاپامغا ئوخشىتىپ  قاپتىمە دەپ  تۆكۈلۈپ كەتتىم.

-يىغلىما جېنىم  بالام… يىغلىما بىشىڭ تېخىمۇ ئاغرىپ كىتىدۇ…

ئىشىكتىن ھاممامنىڭكىگە ئوخشاش پەلتۇ كىيگەن ئاپام كىرىپ  كەلدى، كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئوخشايدۇ دەپ كۆزۈمنى مىدىرلىتىشقىمۇ پىتىنمىدىم،يۇمساملا ئۇچۇپ كىتىشىدىن قوقتۇم،يەنە غايىب بولىشىدىن قوقتۇم، يۈزىمنى سىىيلىدى يۈز كۆزىمگە سۆيدى، راسلا ئاپامكەن، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەپتۇ، ئاپام  يىشىمنى ئىيتتى كەينىدىن قۇچاقلاپ پەپىلىدى بەزلىدى. 

-ئاپا…ئاپا… ئاپا بۇ راسلا سىزما جىنىم ئاپا… سىز تېخى  ھاياتمۇ؟ 

-نىم دەيدىغاندۇ بۇ ئەمدى؟ ئاپاڭ ھايات مانا بىر ئوبدان تۇرمامدۇ؟ بايىدىن بىرى ئاپاڭ ئۆلۈپ كىتىپ چۈش كۆدۈڭمۇ نىمە؟قارا بۇ بالاڭغا…بىشىنى تەكشۈرگۈزۋىتەيلى دىسەم ئۇنىمايسە…

ھاممام بىشىمدىكى داكىنى سىيلاپ چىچىمنى ئوڭشاپ يىشىمنى ئىيتىپ قويماقچى بولاتتى، ئاپامنى تېخىمۇ چىڭ  قۇچاقلاپ ئىسەدەپ كەتتىم.

-نىمىشقا مېنى كۆگىلى بامايسە شەھلا، نىمىشقا ئىزدىمەيسە مېنى سىغىنمىدىڭما؟ مەن بۇ يىللادا ئىزچىل بىيجىڭدا ئىدىمغۇ؟

دادامنىڭ ئاپاڭ ئۆلدى دىگەنلىرىنى، ئاپامنىڭ يىنىغا بارىمە دىسەم قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ قوقۇتقانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىيتتىم. 

-بەدىنىڭدە كونا كۆكلەمۇ باكەن راس گەپ  قىلە نىم بوغان يەرلە ئۇ داداڭ ئۇرمىغاندۇ؟ 

-ئۇ ئۆيدە مېنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ مىنى بىللە ئەكىتىڭە ئاپا… دادام بىلەن بىللە تۇرمايمەن…
ئاپام يىشىمنى ئىيتىپ ھازىرلا مېنى ئەكىتىدىغىنىنى ئىيتتى. چوڭ مەسىلە بوممىغاچ دوختۇرخانىدىن ئۇزاپ  ئۆيگە قايتماقچى بولدۇق. 

-سەن چوڭ ئاپاڭ بىلەن كۆرۈشكەچ تۇرغىن تاتلىقىم ماقۇلمۇ؟ مەن سەل تۇرۇپ  كىلىمەن…

ئاپام بىشىمغا يىنىك سۆيۈپ قويۇپ ماشىنىنى ھەيدەپ كەتتى.چوڭ ئاپام بىلەن ھاممامنىڭ دىيىشىچە دادام ئاپامنى دائىم ئۇرىدىكەن، ۋارقىراپ سىلكىپ بىر-نەسىلەنى ئىتىپ ئاپامغا  ئاراملىق بەمەيدىكەن، ئەينى ۋاقىتتا ئاپام ئاجرىشىمە دىسە دادام ئۇنىماي كەينىگە سۆرەپ بىر  يىلنى ئۆتكىزىپتۇ، ئاخىرى چىدىمىغان ئاپام دادام بىلەن بوغان پۈتۈن ئالاقىسىنى ئۈزۈپتۇ. دادام چوڭ ئاپامنى ئىزدەپ ئاۋارە قىپتۇ، چوڭ ئاپاممۇ ئاپامنىڭ خەۋرىنى بىلمىگەچ دادام ئۇلارنى قايتا ئاۋارە قىمماپتۇ، كىيىن ئاپام ئەرىز سۇنۇپ ئىككىسى ئارىغا ئادۇكات سىلىپ ئادۇكات ئارقىلىق ئاجرىشىپتۇ. بىرە سائەتتىن كىيىن  دادام كىلىپ مېنى ئەكىتىمە دەپ جىدەل قىلدى. 

-بالىنى ئەكىتەممەيسىز ئىسمايىل سىزگە دەپ قوياي شەھلانىڭ بەدىنىدىكى يارا ئىزلىرى ئۈچۈن  سىزنى بەدەل تۆلىتىمەن…

دادامنىڭ  ئاۋازى ئۆچتى، ئاپام دادامنى سوتتا كۆرىشىمىز دەپ يولغا سېلىپ قويدى. ئاپامنىڭ چۈشەندۈرۈپ بىرىشىچە ئىقتىساد دىسە سودىسىدا مىليۇنلاپ قەرىزگە بوغۇلغان، ماڭا تەن جازاسى بىرىپ  خورلىغانلىقى ئۈچۈن  دادام سوتتا چوقۇم ئۇتتۇراتتى، دادامنىڭ نىمىشقا ئۇنداق زورلۇق قىلدىغان ئادەم ئۇردىغان بوپ كەتكىننى سورىسام ئاپام «بۇرۇن بەك ئوڭلۇقتى، پۇل تاپقانسىرى ئۆزگەردى يوغىنۋالدى، قاغىننى سەن چوڭ بولساڭ ئالدىرماي چۈشىنىپ قالىسەن» دىدى. ھېلىقى كىچىك تاغام يادىكار مېنى كۈندە سىرتقا ئەچىقىدۇ، ھاممامنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوغلىمۇ تەتىل قىلىپ قايتتىپ كەلدى، ھاممامنىڭ چوڭ ئوغلى ئەلقەم بىلەن باشلانغۇچتا ئوقىيدىغان ئەلقۇت كىچىك تاغام يادىكار مەن تۆتىمىز شۇنچىلىك ئىجىل-ئىناق ئۆتىمىز، مەن بىرلا قىز بوغاچ ئۇ ئۈچى ماڭا يول قويىدۇ. بىر ئاي ئاپامنىڭ يىنىدا بوغاچ شۇنچىلىك خۇشال ئىدىم. كۈلكەمنىڭ چەكلىمىسى بامۇ ياكى ماڭا كۈلكە ياراشمامدۇ بىلمىدىم، بىر كۈنى كەچتە  ئاپام تۇيۇقسىز:

-ئەگەر مەن  يەنە بىر قىتىم يوقاپ كەتسەم قانداق قىلىسەن؟  مەسىلەن ئۈچ يىل ياكى بەش يىل… مېنى تاشلاپ كەتتى دەپ  مەندىن نەپرەتلەنمەيدىغانسەن… دەپ سورىدى. 

-ياق مىنىمۇ بىللە ئەكىتىڭە ئاپا…سىزدىن ئايرىلىپ  قالغۇم يوق… مەن مەكتەپتە ئوقىمىساممۇ مەيلى، تاماق ئىتىشنى ئۆگىنىپ كۈندە خىزمىتىڭىزنى قىلاي ماقۇلمۇ؟ مىنى ئەمدى تاشلاپ كەتمەڭ… جىنىم ئاپا…

ئاپام گەپ قىمماي يىشىمنى ئىيتىپ مېنى باغرىغا باستى.ئەتىسى ئەتىگەن ئاپامنى چاقىرىپ جاۋاپ ئالاممىدىم توغرا ئۇ يەنە غايىب بوغان ئىدى،

-شەھلا… مىنى كەچۈرگىن  تاتلىق قىزىم… سېنىمۇ بىللە ئەچىكەتسەم  مەن ھالىڭدىن خەۋەر ئىلىپ بولاممايمەن…  مىنىڭ نۇرغۇن  ئارزۇلىرىم با، بۇرۇن  سەن كىچىك بوغاچ سىنى باقىمە دەپ ئارزۇلىرىم مەندىن يىراقلاپ كەتكەن ئىدى، ھازىر چوڭ بولدۇڭ  ئۆزۈڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر  ئالالايسەن…مەن بۇ ئارزۇلاردىن كىچەممەيمەن قىزىم سەندىنمۇ ھەم شۇ…سىنىڭ بىقىش ھوقۇقىڭنى ئەرىز قىپ تاتىۋالمە دەپ داداڭنىڭ ئالدىدا دىگەن گىپىمنى ئۇنتۇپ كەتكىن،ئۇ گەپلەنى ساڭا تەسەللى بىرىپ دىگەنتىم،سىنى ئۇرغىنى ئۈچۈن ئاچچىغىمدا دىگەن  ئىدىم،  داداڭغا ئۆچ بومما قىزىم، ساقلاپ تۇرغىن يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن قايتىپ كىلىمەن سېنى سۆيۈپ ئاپاڭدىن.

خەت ئاخىرلاشقان ئىدى،  ئۇيقۇمنى بۇ خەت پۈتۈنلەي ئىچىۋەتتى.  يۈگۈرۈپ مىھمانخانىغا چىقتىم. مەندىن باشقا ھەممىسى كىرىسلۇدا بىشىنى ساڭگىلتىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەندىن باشقا ھەممىسى ئاپامنى ئۇزۇتۇپ قويدى دىگەن گەپ.

ئاپامنىڭ كەينىدىن يىتىشۋىلىشنى، كىنولاردىكىگە ئوخشاش بىلەت تەكشۈرۋاتقاندا توۋلاپ توختىتۋىلىشنى چىڭ قۇچاقلىۋلىتپ ماڭغۇزماسلىقنى خىيال قىلاتتىم لىكىن  ئۇنداق بوممىدى. ئاپامنىڭ  قارىسى ھېچيەدە كۆرىنمىدى. رادىئودىن ئاڭلىنۋاتقان پايتەخىتكە ماڭىدىغان يولۇچىلار بىلەت تەكشۈرتىڭلا دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ ئاپامنى توۋلىدىم، ئۆزىمنى ئىتىپ توۋلاپ ئىچىنىشلىق نالە قىلدىم، ئامانلىق  ساقلىغۇچى ھەتتا  ناتونۇش  كىشىلەرمۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ  بىچارە قىز دىيىشىپ كەتتى، لىكىن ئاپامنىڭ  ماڭا ئىچى ئاغرىمىدى،ئۇ ھېچيەردە كۆرىنمەيتى، ئاپام سوغۇق بۇ شەھەرگە مېنى يالغۇز  تاشلاپ قۇيۇپ   غايىپ بوغان ئىدى. 

-شەھلا… شەھلا …بولدى قىلىڭ… ئەمدى توۋلىماڭ گىلىڭىز يىرتىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاپىڭىز ئاڭلىمايدۇ…

بۇ كانان ئىدى، پەسلەپ ۋارقىراشتىن توختىدىم، ئايرىدۇرۇمنىڭ كۈتۈش  زالىدا خۇدىمنى بىلمەي ئولتۇراتتىم، كانان قولۇمغا بىر بوتۇلكا سۇ تۇتقۇزدى.

-ئەمىليەتتە سىزنىڭ ھازىرقى ھىسياتىڭىزنى مەن ھەممىدىن بەك چۈشىنىمەن، نەچچە يىل بۇرۇن خۇددى ئاپىڭىزدەك داداممۇ مېنى تاشلاپ كەتكەن… ئۇ تېخى  مېنى يەرگە ئىتتىرۋەتكەن…

كانانغا قارىدىم، قولىدىكى مۇزلۇق سۇنى غۇرتۇلدىتىپ ئىككىنى ئوتلاپ قويۇپ ماڭا قارىدى.

-ئۇلار بىزنى تاشلىۋەتسە ئامال يوق، مۇشۇنداق بىرىمىز يىغلاپ، بىرىمىز سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرىمىز…

يىشىمنى بىر قولۇمدا ئىيتقاچ ئۇنىڭغا قارىدىم  كانان بىر كۆزىنى قىسىپ ئىغىزىغا تاماكا سالدى

-ئاپام مېنى تاشلاپ  كەتمىدى، ئۇ ئىككى يىل ئۆتسىلا سېنى ئەكىتىمە دىدى…

-ئەخمەق… ئۆتىشەمدۇق… ئاپىڭىز مۇشۇ كىتىشىدە  ئون يىلدىمۇ كەممەيدۇ…

يانغا بىر پۇتىنى سوزۇپ يانجۇقىنى خىلى ماتىلاپ بىر تال چاقماقنى ئالدى،

-ھەي ئۆلگۈر… ھەجەپ تەستە چىقتىڭا…

تاماكىسىغا تاسسىدە ئوت يىقىپ ئىچىگە كۈچەپ تارتىپ تۈتۈنىنى ماڭا پۈۋلىدى…

-ئۆيىڭىزگە كىتەمسىز ياكى بۇ يەدە مەن بىلەن  بوتۇلكا تىرەمسىز؟

قىقىلىپ ھۆتۈلۈپ نىرىسىدىكى ئورۇنغا كەتتىم،كىچىككىنە تۇرۇپ تاماكا چەككەن كاناندىن بىزار بولغان ئىدىم، لىكىن ئۇ يەنە سۈڭگۈشۈپ يىنىمغا كەلدى 

-ھەي… بوممىسا سىز بۈگۈن ماڭا ياردەم  قىلىڭ، مەن سىزنى مىھمان قىلاي  قانداق؟ئىشىم يىرىم سائەتتىلا تۈگەيدۇ… بۇيەدە ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ  يىغلىدىڭىز قورسىقىڭىزمۇ ئاچقاندۇ؟

قورسىقىم ھەقىقەتەن بەك ئىچىپ كەتكەن ئىدى. كانان بىلەن بوتۇلكا يىغىپ بوپ بوتۇلكىلارنى بىر بوۋايغا بىرىپ  قايتتۇق.

-شىشە تىرىپ تاپقان پۇلنى مۇشۇنداق بۇزۇپ-چاچامسىز؟ ئادەتتىكى تىز تاماقخانىدىن يىسەكمۇ بولاتتىغۇ؟…

ئالدىمدىكى ئالىي تاماقخانىنىڭ ئىشكىگە قاراپ ئۇنى مۇشۇ يەردىن تاماق يەيمىز دەيدۇ  دەپ چۈشنىۋاغان ئىدىم، كانان ماڭا يوغان بىرنى قاراپ  قويدى،

-سىزنى مىھمان قىلاي  دىمىدىم، بۇيەردىمۇ ئازراق ئىشىم با تۈگتىۋتىپ ئاندىن كېيىن مىھمان قىلامەن… قورسىقىڭىز بەك ئىچىپ كەتكەن بولسا  ئازراق ئۇششاق-چۈشەك نەرسە يەپ تۇرامسىز،  قۇرۇق مىۋە-چىۋىدىن ئازراق ئەپلىسەملا بولىدۇ…

كانان ئىچىگە كىرىپ  بىر دۆۋە قاچىنى يۇيۇشقا باشلىدى،  ئۇ قاچىنى ئازراق يۇيۇپلا سىرتقا چىقىپ  بىر پارچە كىچىك مىۋە تورت بىلەن بىر شىشە كولا ئەكىردى  ئۇنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئۇزۇن سۇلياۋ پەلەينى كىيدى،  ئۇ مۇشۇ يۇيىشىچە ساق ئىككى سائەت يۇيدى.

-ھەي ىكا بولدۇم… دەڭە نىمە يىگۈڭىز با، بۈگۈن ئايلىقىمنى ئالدىم، نىمە يىگۈڭىز با… تاتىنماي دەڭ مىھمان قىلىمەن…

-تاماقنى باشقا كۈنى يەيلى بۈگۈن كەچ بوپ كەتتى بالدۇراق قايتايلى ئاپىڭىزمۇ سىزدىن ئەنسىرەپ  قالىدۇ، تۇنجى كىرىمىڭىزنى  بۇزۇپ خەجلىۋەتمەي ئاپىڭىزغا بىرىڭ…


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章