دىللاردا سەنەم131-قسىم

文摘   2025-01-31 21:44   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم
دىللاردا سەنەم128-قسىم
دىللاردا سەنەم129-قسىم
دىللاردا سەنەم130-قسىم


ـ-كېيىنكى كۈنلەردە ئايچېھرە خېنىم بالىسىنى ئېلىپ ھەپتىدە بىرەر قېتىم مېھرىيار خېنىمنى كۆرۈپ كېلىدىغان بولدى. دەل ئۇنىڭ شۇ يەرگە كەتكەن كۈنىلا قەسىردىكىلەر ئۈچۈن بايرام ھېسابلىنىپ، ھەممەيلەن ئەركىن- ئازادە پاراڭلىشىپ كۈلۈشەلەيدىغان، ئۆز ئىشلىرىنى خاتىرجەم قىلالايدىغان، ئالدى- ئارقا ھويلىلارغا خاتىرجەم كىرىپ چىقالايدىغان ھالغا يەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئايچېھرە خېنىمنىڭ پات- پات مېھرىيار خېنىمنى يوقلاپ تۇرۇشىنى، مۇمكىن بولسا ئېرى بىلەن يارىشىپ قېلىپ نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئۆيىگە كېتىشىنى ئارزۇلايدىغان بولۇپ قېلىشتى. دېمەك، ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىغان ئىدى. بەلكىم ئاددىيلا بىزار بولغىنى ئەمەستۇ، باشتىن تارتىپ بار بولغان بۇ بىزارلىق ئەمدىگە كەلگەندە بارا- بارا پىشىپ ۋايىغا يېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.


(203)


ئايچېھرە خېنىمنىڭ شەرۋانەمنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشلىرىدىن، قىلغان گەپلىرىدىن، ئىشلىرىدىن قۇسۇر تاپىدىغان، قىلچە كۆزىگە ئىلمايدىغان، كىچىك بالىنى بۇيرۇغاندەك خالىغانچە ئىشقا بۇيرۇيدىغان، ئۆزىگە قىلغان گەپلىرى ۋە مۇئامىلىسىنى پىسەنتىگە ئالمايدىغان، بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولسىلا سەۋەبىنى ئۇنىڭغا دۆڭگەيدىغان، ئۇنىڭدىن راستىنلا خاتالىق ئۆتۈلۈپ قالسا ئۇدۇل بېرىپ بارنى كۆپتۈرۈپ، يوقنى قوشۇپ گەپنى ئاۋۇتۇپ سەيدۇللا بايغا ياكى سائادەت خېنىمغا چېقىشتۇرىدىغان كۈنلەر داۋاملاشماقتا ئىدى.

ئايچېھرە خېنىم بۇ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن قەسىردىكى ئايىغى چاققان، قولى چىۋەر ئىككى خىزمەتكار قىزدىن بىرنى ئۆزىنىڭ، يەنە بىرنى بالىسىنىڭ خىزمىتىگە سېلىۋالدى. يەنە كېلىپ بۇلار ئانا- بالا ئىككەيلەننىڭ يېنىدىن قوپماي ئۇلارنىڭلا خىزمىتىنى قىلىدىغان بولۇپ، قەسىردىكى باشقا ھېچقانداق ئىشقا ئارىلىشالمايتتى. ئەگەر يېنىدىن بىردەم يوق بولۇپ قالسا ئايچېھرە خېنىم يۈز- خاتىرە قىلماي ۋارقىراپ ئۇلارنى تىللاپ پۇسكايتىۋېتەتتى. ئۇ ئىككى قىزنى ئايچېھرە خېنىم ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، قالغانلارنىمۇ باشقا خېنىملار ۋە سائادەت خېنىم توختىماي ئىشقا بۇيرۇپ تۇرغاندىن كېيىن، قەسىرنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىدە سەل قولايسىزلىق يۈز بەردى. گۈلساھىپخان ئىشلارغا يېتىشىپ بولالماي تولا ئىشلارنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىمىسە بولمايدىغان، قېرىغان جېنىدا بىر ياقتىن كېسەل دەردى، يەنە بىر ياقتىن ئىش دەردى بولۇپ، جېنىغا قوشلاپ جاپا سالىدىغان بولۇپ قالدى. يەنە خىزمەتكار ئالىمىز دېسە بۇ ئىشنى سەيدۇللا بايغا دوكلات قىلىپ، ئۇ ماقۇل دېگەندىن كېيىن قەمبەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئالالايدىغان ئىش ئىدى. لېكىن بۇنداق قىلىش قەسىرنىڭ چىقىمىنى ئاۋۇتۇپ قوياتتى. چىقىم ئاۋۇدى دېگەنلىك بۇ ئائىلىدىكى خىزمەتكارلارغا نىسبەتەن كىشى بېشى مائاشىدىن يەنە ئازراق قىسقارتىلدى، دېگەنلىكتىن ئىبارەت ئىدى.

ئۇلار شۇ ئىشلارغا نارازى بولۇپ، ئەمما بۇ نارازىلىقىنى ھېچكىمگە تىنالماي تۇرغاندا، ئايچېھرە خېنىم ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى تەلەپ قىلىپ، گۈلساھىپخاندىن باشلاپ ھەممەيلەننى توختىماي ئىشقا بۇيرۇپ ئارام بەرمەي خوجايىنلىقنى راۋۇرۇس قىلىۋاتاتتى. ئاخىرى گۈلساھىپخان شەرۋانەمدىن بۇ ئىشلارنى سەيدۇللا بايغا ياكى سائادەت خېنىمغا دەپ، ئۇلاردىن ئايچېھرە خېنىمغا ئۆز يېنىدىن ھەق بېرىپ ئىشلىتىدىغانغا ئايرىم بىر دېدەك ئېلىشنى، يا بولمىسا ئۇ يېنىغا ئەكىرىۋېلىپ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالدۇرىۋاتقان ئىككى خىزمەتكاردىن بىرنى قەسىر ئىشلىرىغا قايتۇرىۋېتىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپ بېرىشنى ئۆتۈندى. شەرۋانەمنىڭ گۈلساھىپخاننىڭ تەڭقىسلىقىنى ھەم بۇ ئىش سەۋەبلىك ئاچچىق يۇتىۋالغانلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ياردەم قىلماسلىققا كۆڭلى ئۇنىمىدى. ماقۇل بولۇپ بېرىپلا ئانا- بالا ئىككەيلەنگە بۇ ئىشنى ئېيتسا، گەپ ئاشكارا بولۇپ قالسا ئايچېھرە خېنىم يەنە بۇ ئۆگەي ئانىسىدىن يامانلاپ ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك ساقلايتتى. يەنە كېلىپ سائادەت خېنىم ئاغرىق بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ بۇ ئىشلارغىچە ئارىلاشتۇرۇپ يۈرۈشنى خالىمىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئىشنى سائادەت خېنىمغا ئېيتماي، مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ ئېرىگە ئېيتىپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ناشتىدىن كېيىن ئىككەيلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرغاندا ئۇ بۇ خۇسۇستا سەيدۇللا باي بىلەن پاراڭلاشتى. سەيدۇللا باينىڭ نەزىرىدىمۇ بىر ئانا ۋە بىر بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا بىرلا خىزمەتكار يېتىشەتتى. گۈلساھىپخانغا بۇ يىللاردا ئوبدانلا قېرىلىق يەتكەن بولۇپ، سائادەت خېنىمدىن نەچچە ياشلا كىچىك گۈساھىپخاننىڭ ھېلىمۇ شۇنچىلىك تۇرالىغىنى، كېسەلگە قۇل بولۇپ ئانىسىدەك يېتىپ قالمىغىنى، ھېلىھەم قەسىرنىڭ چوڭ- كىچىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە چېپىپ يۈرەلىگىنى بۇ جەمەتنىڭ تەلىيى ئىدى. ئەمدى ئۇنى بۇنىڭدىن ئارتۇق تالجىقتۇرۇپ ھەممە ئىشلاردا جاپاغا سېلىپ يۈرۈش تازا مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى. ئۇ بولسا ئىشلارنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ، ھېچ ئىشقا ئارىلاشماي دەم ئېلىشى، ئۇنداق قىلالمىغان تەقدىردىمۇ ئېغىر ۋە جاپالىق ئىشلارغا قاترىماي، يەڭگىل ئىشلارغا ھە- ھۇ دېيىشكەچ باشقا ئىشلارنى خىزمەتكارلارغا قىلدۇرۇپ ئۆزى ئاغزاكى يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك ئىدى.

بۇ ئىشتا ئەر- خوتۇن ئىككىسىنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقتى. بىراق سەيدۇللا باي ئەر كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەلدىن ئۆيدىكى مۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشمايتتى. پەقەت مەسلىھەت بېرىپ كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپلا قوياتتى. بۇ قېتىممۇ ئۇ ئىشلارنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويدى-يۇ، ئۆزى چىقىپ ئايچېھرە خېنىمغا «ئاۋۇ ئىككى خىزمەتكاردىن بىرسى يېنىڭىزدا قېلىپ بالا بىلەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلسۇن، يەنە بىرسىنى چىقارتىۋېتىڭ، قەسىرنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشسۇن» دېگەن گەپنى قىلمىدى. ئۇنى ھەم شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغىلىمۇ بولمايتتى. سەيدۇللا بايدىن شۇنىمۇ تەلەپ قىلىشقا تىلى كۆيگەن شەرۋانەم كېيىنكى گېپىنى ئېغىزىدىن چىقىرالمىدى. شۇڭا بۇ گەپنى ئۆزى چىقىپ ئايچېھرە خېنىمغا دېيىشكە توغرا كېلەتتى. بەكمۇ ئۇزۇن شۇ خىيال بىلەن دىلىغۇل بولغاندىن كېيىن ئاخىرى تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش قارارىغا كەلگەن ئۇ ئېرىنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئايچېھرە خېنىمنىڭ ھۇجرىسىغا چىقتى.

تولىمۇ ئوڭايسىزلىق ۋە تەڭلىك ئىلكىدە دېيىلگەن «دادىڭىز سىزنى مۇشۇنداق قىلسۇن دەيدۇ» دېگەن گەپ ئايچېھرە خېنىمنىڭ نەزىرىدىن توغرا ئۆتمىدى. شەرۋانەم شۇ گەپنى ئېغىزىدىن چىقارغان ھامانلا ئۇ شالىنى چېچىپ چالۋاقىدى:

-سىز كىمتىڭىز دادامنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ماڭا بۇيرۇق سوقىدىغانغا؟ سىز ئەمەس، ھەتتا داداممۇ بولار- بولماس بۇيرۇق سوقمايدۇ ماڭا، ئەڭ مۇھىمى، مەن دېگەن سەيدۇللا باينىڭ چوڭ قىزى! قەسىردىكى ئىككى- ئۈچ خىزمەتكارنى ئۆز مەيلىمچە ئىشلىتىشكە ھوقوقۇم بار، بۇ ئىشقا كۆز قىزارتىپ ئۇلارنى يېنىمدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن دېيىش ئۇخلاپ چۈشىڭىز! جەمەتىمىز تېخى مەن ئىشلەتكەن خىزمەتكارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرەلمىگۈدەك نامراتلىشىپ كەتكىنى يوق، «بۇ گېپىم ئاقارمۇ، ئاقماسمۇ؟» دېمەي ئالدىپەشلىك قىلىشنى كىم قويدى سىزگە؟ ھىم! بايا «مەن دېگەن سەيدۇللا باينىڭ چوڭ قىزى» دېسەم چىرايىڭىز بىراقلا ئۆزگەردى ھە؟ راستقۇ! ئايسەنەم دېگەن كىچىكىدە ئورمانلىقتىن تېپىۋېلىنىپ ئەكىلىپ بېقىلغان باقما ئۇ، دادامنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالىسى ئەمەس، شۇڭا مەيلى قايسىلا ئىشتا بولسۇن ئۇ دېگەن قاتاردا يوق باقما قىز، بۇنى ھېچقايسىمىز ئۇنۇتقىنىمىز يوق، مۇمكىن بولسا سىزمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ!

ئايچېھرە خېنىمنىڭ بۇ گېپى شەرۋانەمنىڭ كۆڭلىگە كەلدى. ئۆز قىزىنىڭ ھېلىغىچە مۇنداق ئاھانەتلىك ئاتالغۇلار بىلەن ھاقارەتلىنىپ چەتكە قېقىلىدىغانلىقىنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. شۇنچە گەپلەر چىقىۋاتقان يەردە ئۇ ئارتۇقچە چىداپ تۇرالمىدى ۋە ئىختىيارسىز ئايچېھرە خېنىمغا رەددىيە بەردى:

-ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ ئايچېھرە خېنىم! خىزمەتكارلارنى ئېلىپ قالغۇڭىز بولسا شۇنىلا دېسىڭىز بولدى، مەنمۇ باشقا گەپ قىلمىدىم، ئادەم سەتلەپ مۇنچە تىللاپ كەتكىدەك ئىش بولمىدىغۇ بۇ يەردە؟! نېمە مەندىن ئالالمىغان دەردىڭىز ئۈچۈن ئايسەنەم خېنىمنى چىشلەپ تارتىسىز؟ دادىڭىز كىمنى «چوڭ قىزىم» دەپ ئېتىراپ قىلسا شۇ چوڭ قىز بولىدۇ، ئاچىڭىزنى ئۇنداق ھاقارەتلەيدىغانغا نېمە ھەققىڭىز بار؟ چوڭ- كىچىكنى پەرق ئەتمەي، «دادام ئاڭلاپ قالسا كۆڭلىگە كېلەر» دېمەي نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ تەربىيە كۆرگەن قىزلارمۇ سىزدەك گەپ قىلامدۇ؟!

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايچېھرە خېنىمنىڭ كۆز چاناقلىرى يوغىناپ، قارچۇقلىرى ئېتىلىپ چىققىلى ئازلا قالدى. ئۇ شەرۋانەمنى ئۆزىگە بۇ خىلدا گەپ ياندۇرار، دەپ ئويلىمىغانىدى. ئۆگەي ئانىسىنى قىلچە كۆزىگە ئىلمايدىغان ئايچېھرە خېنىم بۇ گېپى بىلەن ئۇنى ئۆزىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلدى دەپ ئويلىۋالدى ۋە ئۆگەي ئانىسىدىنمۇ بەك چالۋاقىدى:
-ھازىر ھەددىدىن ئېشىۋاتقان دەل سىز، شەرۋان ئاغىچا! دادامغا ياتلىق بولۇپ بۇ ئۆيگە ئاغىچا خېنىم بولۇشتىن ئىلگىرى مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان دېدەك ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! سىزنىڭ ئالدىمدا نوچىلىق قىلىدىغان ئىمتىيازىڭىز يوق! بىز بىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى سىز تېخى بىلمەيسىز، بۇ ئۆيدە ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىسى بىلەن بېقىۋالغان بالىسىنىڭ پەرقى بار، شۇنىڭغا ئوخشاش سەيدۇللا باينىڭ بالىلىرىنىڭ ئانىسى بىلەن، يېڭىدا توي قىلىپ كەلگەن ئۆگەي ئانىسىنىڭ ھەم پەرقى بار. دېمەككى، سىز مەڭگۈ مېنى ۋە ئىنى- سىڭىللىرىمنى «ئۇنى قىل، بۇنى قىلما!» دەپ بۇيرىيالمايسىز، مەيلى بۇنىڭدىن كېيىن دادامغا ئون بالا تۇغۇپ بەرسىڭىزمۇ بۇ ئۆيدىكى ئورنىڭىز ۋە قەلبىمىزدىكى ئورنىڭىز مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ ھەم ئۆز ئانىمىز مېھرىيار ئاغىچا خېنىمغا يەتمەيدۇ. خىزمەتكارلار خۇشامەت قىلىپ «ئاغىچا خېنىم» دەپ قويسا كېرىلىپ تېرىڭىزگە سىغماي كەتكەن ئوخشايسىز، ئۇلار دېگەن بىزنىڭ قەسىرگە مەدىكار، ھەممەيلەنگە ئۆز يولىدا ياخشىچاق بولۇپ جېنىنى بېقىشنى بىلىدۇ، دەپ قويغان ئانچىكى خۇشامەت گەپلىرىگە گول بولۇپ ئۆزىڭىزنى ئۇنچە كاتتا چاغلاپ كەتمەڭ، ئاگاھ بولۇڭ! سەيدۇللا باينىڭ قىزلىرى بىلەن چىقىشمىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇ ئۆيدىكى ۋاقتى ئۇزاققا بارمايدۇ، شۇڭا مەن بىلەن ئېتىشماڭ، بولمىسا مەن سىزگە ئېتىشقاننىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ قويىمەن! ھەراست، ئەتىۋارلىق ئايسەنەم خېنىمنى باقما قىز دېسەم ئاچچىقىڭىز كەلگەن بولسا يەنە شۇنىمۇ دەپ قوياي، ھازىرغىچە ئانا- بالا بەشىمىزنىڭ بېشىمىزغا نېمە كۈنلەر كەلگەن بولسا شۇ مەرەزنىڭ، شۇ باقمىنىڭ سەۋەبىدىن كەلدى، مەن ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن، ئۇنى تۇغۇپ ھاياتقا كۆز ئاچقۇزغان سىزدەك بۇزۇق خوتۇننى تېخىمۇ كەچۈرمەيمەن! مەنلا ئەمەس، ئىنى- سىڭىللىرىممۇ كەچۈرمەيدۇ، ھامان بىر كۈنى ئانا- بالا ئىككىڭنى بۇ ئۆيدىن لالما ئىتنى قوغلىغاندەك قوغلىۋېتىپ ئاندىن ئۆز ئانىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىمىز، شۇنىڭغىچە مەدىكارلار «چوڭ خېنىم، ئاغىچا خېنىم» دەپ بېشىدا كۆتۈرسە ئۆزۈڭنى بىلمەي كۆرەڭلەپ ياشىۋېلىش، لېكىن ماڭا بۇيرۇق سوقۇپ گەپ ئاڭلىتىمەن دەپ خام خىيال قىلما! مەن ئايچېھرە سەيدۇللا باي قىزى تېخى ئۆتمۈشتە نامى پۇر كەتكەن بۇزۇق بىر خوتۇننىڭ، يەنە كېلىپ بىزگە مەدىكار بولۇشقىلا يارايدىغان تېجىمەل گاداينىڭ قىزىنىڭ بۇيرۇقىغا باش ئىگىدىغان كۈنگە قالمىدىم!...

-سىز!... نېمە دېگەن بىئەدەبلىك بۇ؟ ماڭا مۇنداق گەپلەرنى قىلىشقا قانداق پېتىنىۋاتىسىز؟... مۇشۇ گەپلىرىڭىزنى دادىڭىز ئاڭلىسا...

-ئاڭلاپ قالسا نېمە بولاتتى؟ بۇ گەپلەرنى سەن ئاڭلاۋاتقان يەردە دادامغا چېقىشتۇرماي قالارمىدىڭ؟ سەندەك پەسكەش دېگەن ئۇنچىلىك ئىشنى قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن!

ئايچېھرە خېنىم ئەنە شۇنداق بىزەپ گەپلەرنى قىلىپ شەرۋانەمنى تىللاۋەردى. ئۇلارغا قاراپ بىر چەتتە بالا بېقىپ ئولتۇرغان ئىككى دېدەك قىز قورقۇپ تۈگۈلۈپ بىر چىشلەم بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ قاتتىق گەپلىرىگە چىدىمىغان شەرۋانەم پاڭڭىدە يىغلىغىنىچە ئايچېھرە خېنىمغا تىل سالدى:

-ئانىكىڭىزمۇ ئېغىزى يامان، خۇي- پەيلى ئەسكى، غالجىر ئىتتەك ئوسال ئايال ئىدى، دەرۋەقە مېھرىيار خېنىمنىڭ ئۆزىدىن بولۇپ چۈشۈپسىز، ھۇ تەربىيە كۆرمىگەن! دادىسىنىڭ ئىناۋىتىگە سىيىدىغان مەينەت!...

-سېسىق ئاغزىڭنى يۇم رەسۋا!...

-ئا!...

شەرۋانەمنىڭ ئۆزىگە قوشۇپ ئانىسىنىمۇ چىشلەپ تارتىپ تىللىغىنىغا چىدىمىغان ئايچېھرە خېنىم ئىختىيارسىز قولىنى سوزۇپلا شەرۋانەمنى بىر كاچات سېلىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن خىزمەتكار قىزلار چۆچۈشۈپ، بىر- بىرىنىڭ قۇچىقىغا تىقىلپ قېلىشتى. مۇشتۇمچىلىك قىزدىن تاياق يەپ كەتكىنىنى ھار ئالغان شەرۋانەم بايا كاچات تەگكەن يۈزىنى سىلىغىنىچە ئايچېھرە خېنىمغا غەزەب بىلەن ئالايدى ۋە:

-سەن مېنىڭ ئاتا- ئانامنى تىللىساڭ گەپ يوق، مەن سېنىڭ ئاناڭنى تىللىسام تىك كەتتىمۇ؟ ئۇنداق چىدىماسلىق قىلىدىغان ئادەم نېمىگە مېنىڭ ئاتامنى تىللايتتىڭ؟ ئادەم دېگەن ئۆزىگىمۇ بىر قوشۇق ئېلىپ قويغۇلۇق، سەن تىللىمىغان بولساڭ مەنمۇ گەپ ياندۇرمايتتىم، ئىشلار ئېنىق تۇرسىمۇ يەنە تاياق سېلىپ يۈرىسىنا؟ سەندەكمۇ ناچار نېمە بولامدۇ؟- دېدى.

-تىللايمەن، قانداق قىلالايتتىڭ؟ مەن خالىسام ھېلىغۇ تىللاشكەن، سېنى شۇ تېجىمەل داداڭنىڭ ئۆيىگە ھەيدەپمۇ قويىمەن تېخى! دادامغا خوتۇن كىشى كەم ئەمەس بىلىپ قوي! سەن بۇزۇقنى ھەيدىۋەتسەم تېخى بۇ ئۆيدىكى مەينەتچىلىكنى تازىلىغان بولىمەن...

-ئادەمدەك گەپ قىل ھەي، مۇشۇ گەپلىرىڭ بۇرنۇڭدىن بۇلاق چىقىدۇ تېخى!...

-قېنى قانداق چىقىدۇ؟ قولۇڭدىن كەلسە شۇنداق قىلىپ باقە قېنى!... ۋايەي!... ھەجەپ زىتىمغا تەگدىڭا مەينەت خوتۇن، چىقە! ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۈدە- كۆرپەڭنى يۈدۈپ بۇ ئۆيدىن يوقال! مەن سېنى چوڭچىلىقىڭغا تويغۇزۇپ يەنە ئاشۇ ئەسكى كەپەڭگە ئاپىرىپ تىقىپ قويىمەن! قىزلار، ماۋۇنىڭ ھۇجرىسىغا چىقىپ، نەرسە- كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئەچىقىپ ھارۋىغا بېسىپ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويۇڭلار، بىر ئات، بىر مەپىنى بېشىمدىن ئۆرۈپ سەدىقە قىلىۋەتتىم، شۇنىڭغا ئولتۇرۇپ باش مەھەللىدىكى تىرىكنىڭ گۆرىگە كېتىۋالسۇن!



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章