بۇزۇلغان ئانا3-قسىم

文摘   2025-01-29 20:55   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم
بۇزۇلغان ئانا2-قسىم


-3-قىسىم


ئۇ ئاكاش مۇزىكىسىنى توختاتقاندا ئۇنىڭ قولىغا ئىسىلدىم،

-بەك ياخشى چالدىڭىز يەنە بىرنى چەپ بىرىڭە ئاڭلىغىم با؟

يىگىرمە ياشلادا با ئۇ ئاكاش ماقۇل بولدى، شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ قالدىم ئىسكىرىپكىنى،مۇئەللىم بۇنى كۆرۈپ مېنى ئىسكىرىپكا ئۆگىندىغان كۇرۇسقا ئەۋەتتى،ئۇ ماتىماتىكىنى ئۆتمىدى، تىل دەرسىمنىمۇ ئازلاتتى. تىخىمۇ جىق ۋاقتىم ئىسكىرىپكا ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىدى.لىكىن دەرستە چىكىنمىدىم، نەتىجەم ياخشى چىقمىسلا دادامنىڭ مېنى ياخشى كۆردىغان ئاچامدىن،يەنە ئىسكىرىپكا سىنىپىمدىن ئايرىپ باشقا مەكتەپكە ئاپىرۋىتىدىغىننى بىلەتتىم.

دادامغا تېلېفون قىلاتتىم بىر يىل جەريانىدا دادام كەپ باقمىدى،  بىر ئارام ئىلىش كۈنىدە دادام تۇيۇقسىزلا  مېنى كۆگىلى كەلدى…

مۇئەللىم ئىككىمىز دادامنى ئالدىرتىپ يولغا سەپ قويدۇق،چۈنكى ئاۋۋال كىنوغا ئاندىن باغچىغا باماقچى ئىدۇق، كىنوخاندىن چىقىپ بىر قولۇمدا شار بىر قولۇمدا ئەخلەت يىمەكلىك يەپ كىتىۋاتاتتىم دادام ئاسماندىن چۈشكەندەك ئالدىمدا پەيدا بوپ قالدى، شارنىڭ يىپى قولۇمدىن چىقىپ كىتىپتۇ، قولۇمدىكى يىمەكلىك خالتىسىنى دادام تارتىپلا بىر يانغا چۆرىدى…،مۇئەللىمگە چاپلىشىۋىلىپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ دادام مېنى چاقىردى.

مىنى ئەكەتمەكچى بولدى كەتكىلى ئۇنمىدىم، دادام بىر ۋارقىراپ مۇئەللىمگە ئىسلىۋاغان قولۇمنى تارتتى، مۇئەللىمگە قارىدىم،

-ماڭا قاراڭ شەھلا… سىزگە قاتتىق قوللۇق قىلغىنىم بىلەن سىز مىنىڭ قىزىم،سىزنى ياراملىق ئادەم بوسا دەپ بەك بىسىم قىلىپ  قويۇپتىمەن… ئەمدى نەتىجىڭىز ئارقىدا قاممىسىلا سىزنى ئۆگىنىشكە زورلىمايمە قىزىم ئەمدى كىتەيلى…

دادامنىڭ يۈزىمنى چوڭ ئالقىنىغا ئىلىۋىلىپ ئۆزىگە قارىتىپ ئىيتقان بۇ گىپى قۇلقىمغا كىرمىدى،مۇئەللىمنىڭ قولىغا ئىسىلۋالدىم،دادام قولۇمنى ئۇنىڭ قولىدىن ئاجرىتۋاتقاندا مۇئەللىمنىڭ  كۆزىدىن توكۇلداپ ياش چۈشۈپ كەتتى، لىكىن قولۇم بوشاپ بوغىچە دەرھاللا ماڭا كەينىنى قىۋالدى،

-لې لې سەن كەتكىن  كەگەندىن  بىرى  مېنى  بەكلا ئاۋارە قىلىپ كەلدىڭ… بەكلا چارچاتتىڭ.

ئۇ ئارقىسىغىمۇ قارىماي كەتتى، دادامنىڭ توسىشىغا ئۇنىماي ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم، لىكىن ئىككىنى چامداپ بوغىچە دادام تۇتۋىلىپ بىلىمدىن قاماللاپ كۆتۈرۈپ يەنە بىر تەرەپتىكى ئىشىككە ماڭدى. قايتىپ  كەلگەندىن  كىيىن  دادام چىچىمنى  يۇيۇپ  تاراپ قويدىغان بولدى، چىرايلىق بوغۇپ چازا قىسىپ قوياتتى، دادام مېنى ھېچقانداق كۇرۇسقا بەمىدى، شەنبە كۈنى پۈتۈن بىر كۈن ماڭا ھەمرا بوپ باغچىغا ئاپىراتتى  ياكى بازاغا ئەچىقىپ نىم چىرايلىق كۆرۈنسە ئەپ بىرەتتى، يەكشەنبە دەرسىڭىزنى تەكرار قىلىۋىلىڭ دەيتى …

دادامنىڭ مەن مۇئەللىم بىلەن تۇرغان قورۇدا بالا يۈتىپ كەتكىننى ئاڭلاپلا مېنى قايتۇرۇپ كەگىننى كىيىن بىلدىم،ئىسكىرىپكا ئۆگىنىمەن دىيەممەي ئىچىم سىقىلىپ يۈرەتتىم،بىر يەكشەنبە كۈنى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرسام دادام بىر يەشىك  كۆتۈرۈپ كىردى.

-شەھلا،قاراڭ  قىزىم سىزگە نىم ئەپ كەلدىم…

يۈگرەپ دادامنىڭ ئالدىغا بادىم، يەشىكنىڭ ئىچىدىكى بىر كىچىك ئىسكىرىپكا ئىدى،ئىچىمگە ھۇۋ تاتىپ قولۇمغا ئەپ سىلاشقا باشلىدىم،

-ئىسكىرىپكىنى ياخشى كۆسىڭىز تەتىلدە ئارام ئاغان چىغىڭىزدا كۇرۇسقا بىرىپ ئۆگىنىڭ… ماقۇل بولدۇم، ئىسكىرىپكا ئۆگىندىغان سىنىپنىڭ ئوقۇش پۇلىنى دادام مېنى بىللە ئاپىرىپ تۆلەپ بەدى، شەنبە كۈنى دادام قولۇمدىن يىتىلەپ كۇرۇسقا ئۆزى ئاپىراتتى، كەچتە بىللە ئەكىتەتتى، بەزىدە سىنىپنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ ئىسكىرىپكا چاغىنىمنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتى…بۇسىنىپتا مەن سەۋيەسى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچىلانىڭ بىرى ئىدىم،كۈندە تىل ئاڭلايتىم،ئىسكىرىپكا چاسام باللا مازاق قىلىپ كۈلەتتى،مۇئەللىم ئۇدارىڭ خاتا دەپ سوغۇق تىگەتتى، قولۇمغا تاياق بىلەن نوقۇيتى. لىكىن دادام دائىم باش بارمىقىنى چىقىرىپ قوياتتى ماڭا مەدەت بىرەتتى…بىر كۈنى مۇئەللىم ئوقۇش پۇلنى تۆلىمىسەڭ ئەتىدىن باشلاپ كەممە دىدى دادامغا دىۋىدىم ئەمدى بامايسە دىدى،ئۇنىماي غەلۋە قىلىپ يىغلىدىم، دادام ۋارقىراپ قولىدىكىنى يەرگە ئاتتى،دىڭكىدە چۆچۈپ كەتتىميۇ بوي بەمىدىم، قەغىشلىك قىپ يىغلاۋەدىم،گەپ چۈشەنگىلى ئۇنىمىدىم

-شەھلا… ئەمدى مەندە سىزنى كۇرۇسقا بەگىدەك پۇل يوق بىلۋاتامسىز،قەرىزگە بوغۇلۇپ كەتتىم،ماۋۇ قورساققا تاماق يىگىدەك پۇلىمىزمۇ قاممىدى…

دادامغا چەكچىيىپ قارىدىم، بۇ ئىشلانى چۈشەنمەيتىم،پەقەت كۇرۇسقا باساملا مەن خۇشال ئىدىم.

دادام ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋتى ناچارلىشىشقا قاراپ ماڭماقتا ئىدى،  مەن ئىغىزىمدىن چىققاننى تەييارلاپ بىرىپ يامان ئۆگىنىپ قاغىنىمنى ھېس قىمىغان  ئىدىم،  دادامنىڭ قەرىزگە  بوغۇلۇپ بارا-بارا بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن خەخكە ئىشلەۋاتقىندىن بىخەۋەر ئىدىم  بىر قىتىم  قىززىپ  كۆزۈمنى ئاچامماي قالدىم،لىكىن ئىمتىھان قىستاپ قاغاچقا تاپشۇرۇقلىرىم بىر كۈن ئىشلىمگەنگە دۆۋلىنىپ كەتتى، بىر قولۇمدا ئوكۇل بىر قولۇمدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرسام دادام ئالدىمغا توككىدە بىر چىنە تاماق قويۇپ قويۇپ سىرتتا ماڭدى، ئەتراپىمدىكى ئاتا-ئانىسى پەپىلەپ تاماق يىگۈزۋاتقان،  قۇچاقلاپ ئۇيقۇغا ئەكىرۋاتقان بەزلەۋاتقان باللاغا قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى،ئۇسساپ ئېغىزىم قۇرۇپ كەتتى، قايناقسۇ ئەكىرىپ  بىردىغان ئادەم يوق ئوكۇلنى بىر قولۇمدا كۆتۈرۈپ قايناقسۇ ئەكەلدىم، قولۇمدىن قان يىنىپ كەينىدىن  ئىششىپ كەتتى، دادامنى ماڭا ھەمراھ بوممىدى دەپ ئاغرىندىم،  ئىچىمدە دادامغا ئاداۋەت ساقلىدىم. ھەپتىلەدە نەتىجەم چىقتى، ئاساسەن بىرپەندىن ئاتمىش نەچچىدىن ئاغان ئىدىم. ئىمتاھان كۈنى قىززىتمام چۈشمەيلا مەكتەپكە باغىنىم ئىسىدە يوقمۇ بىلمىدىم دادام ئىككى قولۇمنى چىقىرىپ  ئالقىنىمغا ئۇرۇپ موتۇ مىنگەندەك شەكىل چىقىرىپ سائەتلەپ تۇرغۇزۇپ قويدى بۇنىڭغىمۇ نارازى بولدۇم بۇ خاپىلىقلىرىم مېنى بىر دوسقا، خاپىلىقىمنى ئورتاقلقشىدىغان بىر ئادەمگە مۇھتاج  قىغاندا دوستۇم دىگىدەك دوستۇم يوقلىقىنى پەقەت سىنىپتا ئەھۋالىشىپ بىللە ئولتۇردىغان پارتىداش ياكى ساۋاقدىشىملا بارلىقىنى ئىسىمگە ئالدىم، مەن مۇڭدىشىغان دوسىت تۇتماپتىمەن، دادامنىڭ ئۇ سۈرلۈك تەلەتىدىن ھەممە بالىلار قوقاتتى، ھېچكىم ئۆيۈمگە كىلىپ مەن بىلەن ئوينىمايتى، باشقىلانىڭ ئۆيىگە دادام باغۇزمايتى،ئىچىمدىكى گەپلىرىمنى مەكتەپتە يۈز بەرگەن خۇشاللىق ياكى خاپىلىقنى ئورتاقلىشىدىغان بىرلا ئادەم  قوشنىمىز ئىدى، لېكىن بۇ قوشنا يەڭگىمىزنى دادام كەتكۈزۋەتكەن ئىدى. تۇرمۇشىمدىن خەۋەر ئالىدىغان مۇڭدىشىدىغان ھەمراھتىن ئايرىلىپ قاغان ئىدىم.  ئاپامنىڭ يوقلىقى چىنىشقا باشلىغاندا نىمىشقا ئاپام يوق دىگەن سۇئال كاللامغا كىرۋىلىپ يەنە شۇ قوشنىمىزنى ئاتايىن ئىزدەپ بىرىپ سورىدىم، 

-ئاڭلىسام يۈرەك سانجىقى تۇيۇقسىز قوزغاپتۇ… ئىشخانىدا يالغۇز  قاپتىكەن تىزلا جىنى چىقىپ كىتىپتۇ،

… …

ئۇ شۇنداق دىدى، ئاندىن ئىشىم با دەپ مېنى ھەيدىدى،جىممىدە قايتىپ كەلدىم دادامنىڭ مەن بىلەن كارى بوممىغانسىرى ئاپامنى سىغىنىشقا باشلىدىم،  توردىن يۈرەك كىسىلى يۈرەك سانجىقىغا ئالاقىدار ماتىريال كۆرۈپ تۇغما يۈرەك كىسىلىدىن باشقىسىنىڭ ئارتۇق غەم تەشۋىش ھەم قورقۇنۇچتىن شەكىلكىندىغىنىنى بىلگەندىن كېيىن ئاپامنىڭ قاتىلى دادام دىگەن ئويغا كەلدىم. دادام  گەپ قىسا قۇلقىمغا كىرمەيدىغان  ياغاچ قۇلاق بولۇشقا باشلىدىم، شۇنداق كۈنلەنىڭ بىرىدە شىنجاڭغا كىتىمىز دەپ  پويىز بېكىتىگە ماڭدۇق،

شىنجاڭغا ماڭىدىغان پويىزغا چىقىپ دادام ئاستىدىكى كارۋاتقا ئورۇنلاشتى، ئۈستى كارۋاتقا چىقىپ نائۇشكىنى قۇلىقىمغا سالدىم، ئامراق مۇزىكامنى ئاڭلىغاچ خىيالغا كەتتىم، بارمىقىمدا ئەينەكنى چىكىپ مۇزىكىنى خىيالىي تەڭكەش قىلىشقا باشلىدىم. ئالاھەزەل تۆت  سائەت ماڭغاندىن كېيىن قورسىقىم ئاچتى، كارۋاتتىن چۈشۈپ يىمەكلىك سىلىنغان سومكىنى ئالدىم.

-قىزىم قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟

دادامنىڭ گىپىگە بىشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم، كارۋاتتا ئىزىلىپ يىتىپ ھىرىپ كەتكەچ گەپ قىلىش خۇش ياقمىدى،كۆزۈم ياندىكى موماي بىلەن بىر ئەرنىڭ ئالتە يەتتە ياشلىق بالىغا ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى يەمسە دەپ تەڭلەۋاتقىنىنىغا چۈشتى،گۆشنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ يىگىم كەلدى، لىكىن دادامنىڭ چاي ئەكىلىپ خالتىدىن چىقاغان مايلىق نىنىغا قاراپ يىگىم كەممىدى،كۆزۈم يەنە بايىقى ئىككىسىنىڭ ئالدىدىكى نازۇ نىمەتنى ئۇ بالىغا  زورلاپ  يىگۈزمەكچى بولۋاتقىننغا كىتىپ باراتتى.

پويىزدىن چۈشۈپلا كاۋاپ يەيمە دىدىم،دادام ئاۋال ئۆيگە قايتايلى دىدى،ياق دەپ ئۇنىمىدىم، بىر تاماقخانىغا كىرىپ ئولتۇرۋىلىپ  بىرمۇنچە نەرسە بۇيرىتۋالدىم،دادام ئويغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى، يەيدىغاننى يەپ بوغاندا دادام يانجۇقىنى ماتلاپ نەچچە ساناپ تاماق پۇلنى ئاران تۆلىدى،پورتمالىدا بىر كويلۇق پۇلدىن ئۇچىلا قاغان ئىدى،مەن دائىم كۆرىدىغان بانكا كارتىسى،لىق تۇردىغان قىزىل پۇللا كۆرىنمەيتى، دادامنىڭ بارماقلىرىغا كۆزۈم چۈشتى، ھەممە يەنى قاداق بىسىپ كەتكەن ئىدى، قوللىرى يىرلىپ بەزى يەلە سىزىق ھالەتتە ئىچىلىپ كەتكەن ئىدى،ياراشتۇرۇپ تاقىۋالدىغان ئالتۇن سائەت،نامسىز ۋە بىگىز  بارمىقىدىكى چوڭ كۆزلۈك ئۈزۈكلە كۆرۈنمەيتى، دادامنىڭ قۇرۇق پورتمالىنى،قوللىرىنى كۆرۈپ بۇ رىستۇرانغا كىرمە دەپ جىدەل قىلغىنىمغا خىجىل بوپ سىرتقا  يۈگەگەندەك ماڭدىم، پۇل يوق بوغاچ ماڭا ھەمرا بوماي كىچىنى كىچە دىمەي سىرتتا ئىشلىگىننى بۈگۈن ھېس قىغان ئىدىم، دادامنىڭ جاپاسىنى بۈگۈن ھەقىقى تونۇپ كەتتىم. 

دادام بۇندىن كېيىن چوڭ ئاپىڭىز بىلەن بىللە تۇرىسىز يالغۇز  قاممايسىز دىگىنىدە  يالغۇز  قاممايدىغىنىمغا خۇش بولدۇم…

تەقەزالىق بىلەن چوڭ ئۆيگە كىرىپ ھەممىسىنى قۇچاقلاپ كۆرۈشتۈم، لىكىن تاغامنىڭ ئايالىنىڭ مۇز يىغىپ تۇرغان قاپىقىغا قاراپ يىڭى ئۆيگە بوغان تەقەززالىقىم تۈتۈندەك تاراپ كەتتى،

يىڭى شەھەرگە قايتىپ كەگەندىن كىيىن مەن يولۇققان بىرىنجى مەسىلە چوڭ ئۆيدىكى تاغامنىڭ قىزى بىلەن  بىر ئۆيدە يىتىش بولدى. تاماق ۋاقتىدا ئەركىلەپ ھېلى دادىسى ھېلى ئاپىسىنىڭ قاچىسىدىن گۆش ئىلىپ يەپ ئولتۇرغان گۈلچېھرە ئىسىملىك بۇ قاراۋاي نەۋرە ئاچامغا ھەسەت قىلدىممۇ ئىشقىلىپ غەلىتە بىر تۇيغۇدا ئىدىم، گۈلچىھرە ياتاققا قايتقاندىن كىيىن ماڭا قاپىقىنى سۈزۈپ قاراپ قويۇپ بىر يوتقاننى تۇتقۇزۇپ  قويۇپ:

-ئاپامنىڭ دىيىشىچە داداڭ ۋەيران بوپتۇ  بۇيەرگە كىلىشتىكى مەقسىتى دادامنى پۇل چىقاغۇزۇپ سودا قىلىشكەن يەنە تېخى داداڭ كەتكەندىن كېيىن سىنى بىز باققۇدەكمىز… سەن يەدە يات كارۋىتىمغا چىقاسام مەن ئۇخلىياممايمەن.

گەپ قىمماي ئۈستىمدىكى قىلىن بوغماق چاپاننى يىشىپ شارپىنى ئالدىم.
-نىم قىلۋاتىسەن؟ بۇ دىگەن مىنىڭ… سەن كىيمىڭنى ئاسساڭ بوممايدۇ ئالە بۇ بىرنىمەڭنى نەگە قويساڭ قوي،ئاپىسى قانداق تەربيلىگەن نىمە بۇ؟  رۇخسىتىمسىز ئۆزىنىڭكىدەك ئىشلىتىۋىردىكىنا…

كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشكەن گۈلچىھرە ئىشىك يىنىدىكى چاپان ئاسقۇچتىن چاپىنىمنى شارپامنى ئىلىپ يەرگە ئىتىۋەتتى،ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقىدەك ھالىم قاممىغان ئىدى، بەكلا ھېرىپ قاغاچ تۈگۈلۈپلا يەدە ياتتىم،نەچچە مىنۇت ئۆتمەي گۈلچىھرە يوتقان تىشىدىن كاسامغا ۋاققىدە تەپتى :

-ھەي… سەن بۇيەدە يىتىۋاساڭ مەن قانداق ماڭىمە… ماڭە ئاۋۇ ئىشكاپ يىنىدا يات…

قۇلقۇمدىكى نائۇشكىنى تارتىپ يەنە توۋلىغان گۈلچىھرەگە قاراپ قويۇپ  ئۇ دىگەن جايغا يۆتكەلدىم…ئۆرۈلۈپ ياتامايدىغان ئەللىك سانتىمۇ چىقمايدىغان جايغا كەپلىشىپ ئاران ئورۇنلىشىۋىلىپ قارىسام گۈلچىھرە كۆزىنى يۇمۇپ يىتىپتۇ، يىنىمدىكى ۋىكلىيۇچاتىلنى بىسىۋەتتىم، توكنى ئۆچۈرۈپ بوغىچە گۈلچىھرە با ئاۋازى بىلەن چىرقىرىدى. توكنى يۇرتىشىمغا يۈزىمگە چاڭڭىدە تەستەك تەگدى، قايتۇرۇپ ئۇراي دەپ  بوغىچە ئۇنىڭ ئاپىسى يۈگرەپ كىلىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى، گۈلچىھرەنى  پەپىلەپ بوپ مېنى بىرمۇنچە تىللىدى، چۈشىنەلىدىميۇ جاۋاپ قايتۇراممىدىم،  موماممۇ كىردى ئۇ ساراڭ قاراڭغۇدىن قوققاچ بىر  كىچە چىراق ئۆچۈرمەي ئۇخلايدىكەنمىز…

-جاھىللىق قىلىپ يەدە يىتىۋامماي گۈلچىھرە ئاچاڭ بىلەن نەچچە كۈن يىتىپ تۇرغىن بالام… نەچچە كۈنگىچە  ياندىكى ئۆينى ساڭا بىكارلاپ  كارۋات قويۇپ بىرىمىز ھە … 

تاغام مومامنىڭ گىپىنى تەرجىمە قىلىپ بەدى مەن چۈشەنمەي قاممىسۇن دەپ، بىشىمنى لىڭشىتتتىم،

-كۆدىڭىزمۇ  بۇ جىدەلنى … گۈلچىھرە بىلەن بىللە ياتمىسۇن دىسەم ئۇنىمايسىز…

ئاپىسى ماڭا سەت قاراپ بوغىچە گۈلچىھرە

-سەن بىلەن ياتمايمە دەپ يەدە يىتىۋالدى ئاپا… مەن يەدە يات دىمىدىم.

دەپ ئۆزىنى ئاقلاپ بولدى، تاغام ماڭا قاراپ قويۇپ گەپ قىممىدى، گۈلچىھرەنىڭ ئاپىسى مېنى ياۋايىكەن يەدە يىتىۋاپتۇ دىدى. مۇنۇ بىر-بىرىدىن قارا ئانا-بالىغا ئۆچ بولدۇم. ئاپامنىڭ بىر چاغلاردا «ئىچنىڭ قارىسى تىشىغا  چىقىپ كەتكەن، بىر ئادەمگە ياخشىلىقى تەگمەيدۇ» دىگەنلىرى چالا-پۇچۇق ئىسىمگە كەلدى.پۇت-قولىنى باشقۇراممايدىغان ئاۋۇ گۈلچىېھرە بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغىنىمغا  نەچچە   يىل بوغانتى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن ۋاقتىم بىر بايرامدا كەگەن ۋاقتىم ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن نىمىدەپ ئۇرۇشۇپ قاغىنىم ئىسىمدە يوق، شۇ ۋاقىتتا ئۇ يىغلاپ مەن جىدەل تىرىغان ئاتىلىپ دادام مېنى كۆتۈرۈپ ئىشىكنى جاققىدە ئىتىپ چىقىپ كەتكەنچە مىنى شىنجاڭغا قايتا ئەكەپ باقمىغان قارىغاندا ئۇ چاغدىمۇ جىدەل ئوينىغان چىغىمىز با. تاغام كارۋاتنى ئىشارە قىلۋىدى كارۋاتقا چىقىپ تۈگۈلۈپ  ياتتىم، چوڭلا چىقىپ كەتتى،كۆزۈم ئۇيقۇغا بېرىپ بوغىچە گۈلچىھرە تۈرتۈپ ئويغىتۋەتتى. 


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章