ئاياللارھېيلسى135.قىسم،تۈگىدى،بۇرۇنقى ئىرىمدىن پۇل سوسام بولامدۇ

文摘   2025-01-30 21:04   新疆  

新年快乐

چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن


تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم
ئاياللارھېيلسى122-قسم
ئاياللارھېيلسى123-قسم
ئاياللارھېيلسى124-قسم
 ئاياللارھېيلسى125-قسم
ئاياللارھېيلسى126-قسم
 ئاياللارھېيلسى127-قسم
ئاياللارھېيلسى128-قسم
ئاياللارھېيلسى129-قسىم
ئاياللارھېيلسى130-قسم
ئاياللارھېيلسى131-قسم
ئاياللارھېيلسى132.قىسىم
ئاياللارھېيلسى133.قىسىم
ئاياللارھېيلسى134.قىسم


--پاتىمە توختاپ تۇرۇڭ، نەگە بارىسىز - ئەنۋەر چىقىپ كىتىۋاتقان پاتىمەنىڭ كەينىدىن چاقىرغاچ، باللىرىنىڭ كىيمىنى كىيدۈرۈشكە تۇتۇندى - كەچۈرۈڭ شەمسىيە، سىزگە بۇ  ئىشلارنى ئەتىگىچە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويىمەن - ئۇ باللىرىنى جابدۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،تېخىچە نىمىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولالماي تۇرغان شەمسىيەگە قاراپ، شۇنداق دەپ، باللىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. 

شەمسىيە ئەسلى بۈگۈندىن شۇنچە زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئىدى، ئۇ بۈگۈننىڭ بۇندىن كىيىن بىر ئائىلە بولۇپ ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇل سېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى،  بىراق ئەنۋەرنىڭ قېينىسىڭلىسىنىڭ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك قىلغان بىر ئېغىز سۆزى بىلەن تەڭ ھەممە ئىشلار ئاستىن -ئۈستىن بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، ئۇ ئەنۋەرنىڭ قېينىسىڭلىسىنىڭ سۆزلىرىنى ھەريانغا تارتىپ ئويلۇنۇپ پەرەز قىلىپ باقتى، ئەجەبا، ئەنۋەرنىڭ ئايالى ھايات ۋاقتىدا، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر توي قىلماي ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان بولغىيمىدى؟ياكى بۇ قىز ئۆزىنىڭ ھەدىسىنىڭ ئىرىنى ياخشى كۆرۈپ قاغان بولغىيمىدى، ياكى ھەدىسى ئۇنىڭ باللىرىغا ئانا بولۇشىنى تاپىلىغان بولغىيمىدى، ياق، ياق، جاھاندا نەدىمۇ سىڭلىسى ھەدىسىنىڭ يولدىشىغا تىگىدىغان بۇنداق غەلىتە ئىش بولىدۇ، بۇنداق غەلىتە ئىشنى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىنى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقانچە بۇرۇنقى  ئايالى بولغان ھالدىمۇ، ئەنۋەرنىڭ كىيىنكى ھەمرايىنى تاللاش ھوقۇقىنى تارتىۋالسا قانداق بولىدۇ، بۇ ئۇنى قونچاق ئورنىدا كۆرگەنلىكى ئەمەسمۇ؟  ئۇنداقتا ئەنۋەرنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا بىرەر تىل قىسىنچىلىقى بارمىدۇ يا، تىل قىسىنچىلىقى بولمىسا، نىمىشقا ئۇ قىيداپ مېڭىشىغىلا كەينىدىن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك قوغلاپ چىقىپ كىتىدۇ؟ شەمسىيە ئويلىغانسىرى ئەنۋەرنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى شۇنچە مۇرەككەپ ھېس قىلىپ، بارغانسېرى چۈشەنمەي قېلىۋاتاتتى.

- سىز شەمسىيە خانىم بولامسىز؟ - شەمسىيە ئەتىسى ئەتىگەن كىلىپ، ئىشىكىنى چەككەن ئايالدىن، ئاخىرى بۇ سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى ئىزدەپ تاپتى.

-مەن ئەنۋەرنىڭ قېيىنئاپىسى، سىزگە قولايلىق بولسا، ئۆيگە كىرىپ سۆزلەشسەك بولامدۇ؟ -

- قېنى كىرىڭ - شەمسىيە ھودۇقۇش ئىچىدە ئايالنى ئۆيگە باشلىدى.

- بولدى ئاۋارە بولماڭ ،ماڭا چاي قۇيمىسىڭىزمۇ بولىدۇ - دىدى ئايال، شەمسىيە چاي دەملەپ كىلىپ، پىيالىغا قويۇۋاتقىنىغا قاراپ ئوڭايسىز بىر ئەھۋالدا.

- ھېچقىسى يوق، بىزنىڭ قائىدىمىزدە ئۆيگە كەلگەن مېھماننى بىر پىيالە چاي قۇيماي يولغا سېلىش تولىمۇ ئەدەپسىز بىر ئىش سانىلىدىغۇ - شەمسىيە شۇنداقتىمۇ چاي قۇيۇپ ئايالغا سۇندى.

- مىنىڭ بۇنداق ئۈسۈپلا سىزنى ئىزدەپ ئۆيىڭىزگە كىلىشىمنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىمەن،ئەسلىدە نىمە گەپ بولسا، ئەنۋەرگە ئېيتىپ، ئۆز-ئارا ھەل قىلسام توغرا بولاتتى، بىراق، مەن ئەنۋەرگە شۇنچە يىل قېيىنئاپا بولدۇم،ئۇنىڭ  مىجەزىنى ئوبدان چۈشىنىمەن، ئۇ ئېيتقان سۆزىدىن يانمايدىغان، قىلغان ئىشىغا چوقۇم ئىگە بولماي قويمايدىغان بالا، ئەگەر ئۇ سىىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى قارار قىلىپ بولغان بولسىلا، مەن بۇ قېرى جېنىمدىن كىچىپ، ئۆلۈپ بەرگەن ھالدىمۇ، ئۇنىڭ بولدى قىلىشى ناتايىن،- ئايال سۆزلىگەنچە شەمسىيە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۈنۈگۈنكى ئىش ئۈچۈن ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلماقتا ئىدى، - قىزىمنى بەلكىم سىزمۇ تونۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇ تولىمۇ كىچىك پىئىل، يۇۋاش، ھەم قائىدىلىك قىز ئىدى، ئەزەلدىن ئەنۋەرنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماي، گىپىنى يىرماي كەلگەن، ئەنۋەرمۇ ئۇنى بەك قەدىرلەيتتى، چوڭ بىلەتتى، ئىشقىلىپ، قىزىمنىڭ بەختىدىن مەنلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇرۇق تۇغقانلار سۈيىنەتتى، پەخىرلىنەتتى، ياتلارنىڭ ھەۋىسى كىلەتتى، بىراق كۆز تەگكەندەكلا ئىش بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېلىقى مەرەز كىسەل بىر چاپلاشقانچە، قويۇپ بەرگىنى ئۇنىماي، ياش تۇرۇپلا چۆچۈرىدەك باللىرىنى تاشلاپ،نە ئىرىگە،نە باللىرىغا چىدىماي كىتىپ قالدى، قىزىم يولدىشىنى ھەم باللىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئەسلى ئۆمرى يار بەرگەن بولسا، يولدىشى بىلەن باللىرىنى دەقامتى باققۇسى بار ئىدى، بىراق ئەپسۇس، ئۆمرى كۆتە كىلىپ قالدى، يىغلىدۇق، قاخشىدۇق، نىمە ئامال بولسۇن، كەتكەن بىلەن تەڭ كەتكىنى بولمايدىكەن، بالىنىڭ ئوتىغا چىدىماي ھەر نىمە دەيدىكەنمىز، ھەر ئىشلارنى قىلىدىكەنمىز، ئۇ ھايات چېغىدا، ئەگەر مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسە، يەنە ياشىيالارمەنمۇ دەپ، كىچە -كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزىۋىتەتتىم، بىراق يۈزۈم قېلىن، جېنىم چىڭ خوتۇنكەنمەن،  ئىچ ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمەيدىكەن، باشقا باللىرىمنىڭ ئانا بىزگىمۇ قاراپ قوي، بىزگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن دەپ، مۆلدۈرلەپ قاراشلىرىغا چىدىماي، يەنە يىدىم، ئىچتىم، ياشىدىم، ھەم ياشاۋاتىمەن، بۇنداق دىسەم، بۇ خوتۇن ماڭا دەرت ئېيتقىنى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ جېنىم قىزىم، مەن قىزىدىن ئايرىلىپ باغرى پارە بولغان بىر ئانىمەن، بۈگۈن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ،ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ، باللىرىنىڭ ئايىغىنى چۈشۈرۈشكىمۇ مۇيەسسەر بولالماي ياش كەتكەن قىزىمنىڭ ئارزۇسىنىڭ  ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، سىزگە يالۋۇرۇپ كەلدىم - ئايال مۆللىدە يىغلىدى - ئۇ ئۆلۈپ كىتىشتىن ئاۋۋال، ھەممىمىزنى ئەتراپىغا يىغىپ، ئەنۋەر بىلەن پاتىمەنىڭ قوللىرىنى بىر-بىرىگە تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ-ئەنۋەردىن ھەم باللىرىمدىن بەك ئەنسىرەيمەن، ئۇ كەسپىنى قىزغىن سۈيىدۇ،، بالىلار ئۆيدە يالغۇز، مەن كەتكەندىن كىيىن، كەسىپ بىلەن بالىلارنىڭ ئارىسىدا قېلىپ قىينىلىپ، بىسەرەمجان بولۇشىنى، ئىككىسىدىن بىر تاللايمەن دەپ، ئامراق خىزمىتىدىن مەھرۇم قېلىشىنى خالىمايمەن،  بالىلار تېخى ئۇششاق، ياتقا تاپشۇرۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ، بىلىپ تۇرىۋاتىمەنكى، بۇنداق بولسا ئەنۋەرمۇ خاتىرجەم بولالمايدۇ، پاتىمە بىر قېتىم توي قىلىپ بەخىتسىز بولۇپ قالدى، پەرزەنتىمۇ يوق، ئۇ مىنىڭ سىڭلىم، ئەنۋەرگە ھەم باللىرىمغا ياخشى قاراپ، ئۇنى ھەم مىنى غەمدىن خالاس قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەنۋەرنىڭمۇ مىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەي، سىڭلىمغا ماڭا قارىغان كۆزدە قاراپ، ھالىدىن ئۆمۈر بويى ياخشى خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل، بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇيۇم، ھېچقايسىڭلارنىڭ رەت قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەم مىنىڭ بۇ ئارزۇيۇمنى يەردە قويمايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، ئەگەر بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمىسا، مەن كۆزۈم ئوچۇق كىتمەن - دەپ، قايتا-قايتا تاپىلىغان، ئەنۋەرمۇ، پاتىمەمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن، بىراق قىزىم كەتكىنى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەنۋەر بۇ توي ئىشىنى ئىزچىل كەينىگە سۆرەپ كەلدى، دەسلىۋىدە ئايالىدىن يېڭىلا ئايرىلغاچقا قوبۇل قىلالمايۋاتقان چېغى دەپ توغرا چۈشەندۇق، ئەمما ۋاقىت ئۇزىرىغانسىرى سىڭلىسىنىڭمۇ، مىنىڭمۇ ئەندىشىمىز كۈنسىرى كۈچىيىپ كەتتى، مانا ئەمدى بولغاندا، سىز ئوتتۇرغا چىقتىڭىز، ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ پاتىمەدە ئەمەس، سىزدە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، جېنىم قىزىم، ئەسلى قىزىمنىڭ يولدىشى بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن، قىزىم كەتكەندىن كىيىنمۇ داۋاملىق كۈيئوغلۇمنىڭ تۇرمۇشىغا چات كىرىۋېلىشىمنىڭ نەقەدەر نۇمۇسسىز بىر قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن، بىراق قىزىمنىڭ ئارزۇسى ھەم مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئۈچ نەۋرەمنىڭ كەلگۈسى مىنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ،بەلكىم سىزمۇ ئانىسى كۆرگەن كۆزدە كۆرۈپ،ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىمەن دەپ ئويلاۋاتقانسىز،بىراق ئۇلار  بىر ئەمەس ئۈچ بالا، كىچىك بالا ئۈگەيلەيدۇ دەيدىغان گەپ بار، سىز ئۈگەيلىمەيسىز،بالىلار ئۈگەيلەيدۇ ، بىرسى ئۈگەيلىمىسە، چوقۇم يەنە بىرى ئۈگەيلەپ قالىدۇ، سىزنى ئەسكى دىگىنىم ئەمەس، ئانىسىدىن كىچىك قالغان ئاشۇ ئۈچ ئازىلىقىمنى ياتقا تاپشۇرسام، كۆزۈم ئوچۇق كىتىدۇ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، تىزلىناي، نىمە دىسىڭىز قىلاي جېنىم قىزىم، ئەنۋەردىن ۋاز كىچىڭ، سىزنىڭ باينىڭ قىزىكەن دەۋاتىدۇ، مۇشۇ قاتالىق ئىسىل ئۆي-ماكانلىرىڭىز باركەن، سىزگە چوقۇم، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى ئۇچرايدۇ، ئاشۇ ئۆمرى قىسقا كەلگەن بىتەلەي قىزىمنىڭ ئارزۇسى ھەم نەۋرىللىرىمنىڭ كەلگۈسى، پەرزەنت پىراقىدا باغرى پارە-پارە بولغان مەن قېرىنىڭ خاتىرجەم كىتىشىم ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىڭ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي - ئايال سۆزىنى تۈگىتىپ، شەمسىيەگە تىزلىنىشقا تەييارلاندى.

- ئۇنداق قىلمىسىلا جېنىم ئانا، سىلە مىنىڭ ئانامنىڭ ئورنىدا، بۇنداق قىلسىللىرى، مەن قانداق ئۆزۈمنى كەچۈرەلەيمەن، مەن بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن، بىلگەن بولسام، ئاللىبۇرۇن ئۆزۈمنى تارتقان بولاتتىم، ماقۇل، مەن سىلنىڭ دىگەنلىرىدەك قىلاي، سىلىگە ۋەدە بىرەي، ئەنۋەردىن چوقۇم ئۆزۈمنى تارتىمەن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقەمنى پاك-پاكىزە ئۈزىمەن -

- رەھمەت قىزىم، ئىش ئۇقىدىغان ئوڭلۇق قىزكەنسىز، كومپارتىيە بەختىڭىزنى بەرسۇن،  چوقۇم بەخىتلىك بولىسىز - ئايال شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى، ئاندىن يەنە چالا قالغان گىپى باردەك تارتىشىپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن، تەستە ئېغىز ئاچتى -سىزدىن يەنە بىر ئۆتۈنۈشۈپ بار ئىدى، قانداق دىسەم بولا دەپ، يۈزۈم نۇمۇستىن ئوت ئېلىپ يېنىۋاتىدۇ -

-خىجىل بولماي ئېيتىۋەرسىلە ئاپا -

-مىنىڭ بۇيەرگە كەلگىنىمنى ئەنۋەر بىلمىگەن بولسا... - شەمسىيە مومايغا ۋەدە بىرىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ يولغا سالدى، ھەيرانمەن!  ئادەملەر نىمىشقا، مەلۇم بىراۋلار بىلىپ  قالسا غەزەپلىنىدىغان ئىشلارنى، ئۇ بىلىپ قالمىسۇن دەپ تۇرۇپ،يەنە  قىلىدىغاندۇ؟

ئەنۋەر شۇنچە ئالىيجاناب بىر ئەر تۇرۇپ، نىمىشقا ئايالىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدىغاندۇ؟ ئەسلى شەمسىيە چۈشەنچىسىدىكى ئۇنىڭ خاراكتىرى بويىنچە ئېلىپ ئېيتقاندا،ئايالىغا ۋەدە بەرگەن ئىكەن چوقۇم ئەمەل قىلىشى كىرەك ئىدىغۇ؟ ئەجەبا شەمسىيە ئۇنى راستىنلا خاتا تونۇۋالدىمۇ؟ ئۇنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئەنۋەر بىلەن رىئاللىقتىكى ئەنۋەرنىڭ ئارىسىدا راستىنلا شۇقەدەر چوڭ پەرق مەۋجۇتمىدۇ؟ شەمسىيە ئەنۋەرنىڭ ئايالىنى ئۇلۇغ ۋە قەيسەر ئايال دەپ بىلەتتى، ئۇ بۇرۇندىنلا، راك دىگەندەك كىسەللەر بىلەن ياش ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللارغا ئىچ ئاغرىتاتتى، ۋە ئۇلارنىڭ قەيسەرلىكىگە ئاپىرىن ئېيتاتتى، شۇڭا مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ چوقۇم ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر ئايالنىڭ، بولۇپمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ، كۆزى كەينىدە كەتكەن ئايالنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسالغۇ بولۇشنى ھەرگىز خالىمايتتى، شۇڭا ئۇ چوقۇم، ئەنۋەردىن ۋاز كىچىشى، ھەم ئۇنىڭ ئۆزىدىن ۋاز كىچىشىگە ياردەم بىرىشى كىرەك ئىدى.

- شەمسىيە قىزىم، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بۈگۈن  شىركەتكە كەلدىڭىزمۇ؟ - شەمسىيە گادىرماچ خىياللارنىڭ ئىسكەنجىسىدە شىركەتكە ئەمدى كىلىپ   تۇرىشىغا رىشىت ئەپەندىمدىن كەلگەن تىلفوننى تاپشۇرىۋالدى.

- ھەئە، مەن شىركەتتە رىشىت دادا، ماڭا تاپىلايدىغان مۇھىم بىر ئىش بارمىدى؟ -

- مۇھىم، ئىشمىغۇ يوق، ئىشخانامغا بىر كىرىپ چىقىپ كىتەمسىز؟ - رىشىت ئەپەمدىمنىڭ تەلەپپۇزىدىن شەمسىيەگە ئېيتىش تەس كىلىدىغان  قانداقتۇر بىر سۆزى باردەك قىلاتتى.

- شەمسىيە قىزىم، يېقىندىن بۇيان تۇرمۇشىڭىزدا نۇرغۇن قالايمىقان ئىشلار يۈزبەردى، سىز سابىق سىدىقنىڭ ئامانىتى، مەن دادىڭىزنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەسلى سىزنى قوغدىشىم ھەم ياردەم بىرىشىم كىرەك ئىدى، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ھەمىشە سىزخەتەرگە ئۇچرىغاندا يېنىڭىزدا بولۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولۇپ بولالمىدىم، ئەسلىدە، يېنىڭىزدا سىزگە ھەمرا بولۇپ قوغدايدىغان بىر ئادەم بولسا ناھايىتى ياخشى بولغان بولاتتى، ھە – رىشىت ئەپەندى خىجىل بولدى بولغاي ھودۇقۇپ قالدى -، ئەسلى مەن سىلەر ياشلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشمىسام بولاتتى، بىراق سىزدىن پەقەتلا خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن،ئاتىكاچىلىق قىلدى دەپ قالماي، دادامنىڭ ئورنىدا سوراۋاتىدۇ دەپ چۈشەنسىڭىز، سىزدىن شۇنى سوراپ باقاي، قايتا توي قىلىشنى ئويلۇشۇپ باقمىدىڭىزمۇ؟ -

- رىشىت دادا – شەمسىيە كۈتمىگەن سوئالغا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلمەي دۇدۇقلاپ قالدى – مەن، مەن ھازىرچە تېخى ئويلاشمىدىم –

- ھە، بۇ گەپچە سىزنىڭ تېخى پۈتۈشۈپ قويغان بىرەر لايىقىڭىز يوقكەندەك، ئۇنداقتا بەك ياخشى بولغۇدەك،بىزنىڭ ئەلقۇتنى قايتا  ئويلۇشۇپ باقسىڭىز قانداق، ئۇ چەتئەلدە ئوقۇغان بىلەن ئۆزى  بەك تارتىنچاق بالا بولدى، ئەسلى ئۇنىڭ بۇ قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ كىلىشتىكى مەقسىدى، سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىدى، بىراق، قارىسام، سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلار تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ، ئەلقۇت يۇۋاش كىلىۋاتامدۇ بىلمىدىم، سىلەر كۆرۈشمىگىنىمۇ بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كەتتى،  ئوغلۇم دەپ، ئۇنى ماختىغىنىم ئەمەس شەمسىيە، ماڭا ئىشىنىڭ، مىنىڭچە سىزگە ئەلقۇتتىنمۇ ياخشى ھەم ئىشەنچىلىك نامزات يوق، ئۇنىڭ بىلەن كىچىكىڭىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولدىڭىز، ئۇنىڭ قانداقلىقىنى مەن دىمىسەممۇ سىز ئوبدان بىلىسىز، ئەگەر ئىككىڭلارنىڭ ئىشىڭلار قاملىشىپ قالسا، مەنمۇ چوڭ بىر غەمدىن خالاس بولۇپ، ئىككىلىڭلاردىن خاتىرجەم بولىمەن، سىزمۇ بالىلىرىڭىزدىن غەم قىلماي، ئۇلارنى ئېلىپ ئەلقۇت بىلەن بىللە چەتئەلگە چىقىپ كىتىپ، ئۇلارنى ئەڭ ئىلغار مائارىپ شارائىتىدىن بەھرىمان قىلالايسىز، يىشىل شەھەر گورۇھىغا كەلسەك، چەتئەلدە تارماق شىركەت ئېچىپ، خەلقئاراغا يۈزلەنسەك تامامەن بولىدۇ، ئۇ چاغدا مەنمۇ خاتىرجەم ھالدا ماكانىمنى سىزگە قوشۇپ، ئۆتكۈزۈپ بىرىپ، خاتىرجەم پىنسىىيەگە چىقىمەن -،

- مەن، ئويلۇنۇپ باقاي رىشىت دادا -رىشىت ئەپەندىمنىڭ سۆزلىرى شەمسىيەگە تولىمۇ تۇيۇقسىز تۇيۇلۇپ قالغاچقا ئۇ دەماللىققا ھودۇقۇپ، شۇنداق جاۋاب بىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئىشخانىسىدىن يېنىپ چىقتى.

- شەمسىيە، بىركۈن توختىماي تىلفون ئۇردۇم، نىمىشقا بىر قېتىممۇ ئاممايسىز، ئەجەبا تۈنۈگۈنكى ئىش ئۈچۈن،  مەندىن تېخىچە رەنجىۋاتامسىز؟ سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويسام بولىدىغاندۇ؟ - كەچقۇرۇن شەمسىيە ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ ماڭغىنىدا،  ماشىنا  توختىتىش مەيدانىدا ئۆزىنى ساقلاۋاتقان ئەنۋەر بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى.

-مەندىن نىمە ئىزدەيسىز ئەنۋەر؟ ماڭا نىمىنى چۈشەندۈرمەكچىسىز؟ چۈشەندۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟بىزنىڭ  سىزنىڭ ماڭا بىر ئىشلارنى چۈشەندۈرگۈدەك مۇناسىۋىتىمىز بارمۇ؟ تۈنۈگۈن ھېچچىش بولمىدى، پەقەت، مەن سىزنى مېھمانغا چاقىرىپ، قەرزىمنى ئادا قىلىپ بولدۇم، ئەمدى بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچقانداق قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى قالمىدى، شۇڭا خىزمەت مۇناسىۋىتىدىن باشقا ئىشلار ئۈچۈن كۆرۈشۈپ يۈرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ناۋادا سىز بۈگۈن مىنى ساقچى سالاھىيتىدە ئىزدەپ كەلگەن بولسىڭىز،مۇھىم ئىشنى ئېيتىڭ، ئەگەر دوست سالاھىيتىدە ئىزدەپ كەلگەن بولسىڭىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس، قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ –

-نىمە بولدىڭىز شەمسىيە؟  سىز ئەسلى بۇنداق ئەمەستىڭىزغۇ؟ ئۇنچىلىك ئىشلارغا بۇنچىلىك قىلىپ كەتمەيتتىڭىزغۇ، ماڭا بىر قېتىم چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىمۇ بەرمەستىن مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتۇرماقچىمۇسىز؟ - ئەنۋەرنىڭ يۈزلىرى ئوت ئالغاندەك قىزىرىپ ئوڭايسىزلاندى.

- نىمە مۇناسىۋەت، نىمە چۈشەندۈرۈش، ھەممىسى چاق-چاق ئەنۋەر، سىزدە ئۈچ بالا، مەندە ئالتە، بىزدە يەنە قانداقمۇ بىر ئائىلە قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەزەلدىن سىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش مۇھەببەتلىشىش دىگەنلەرنى ئويلاپ باققىنىم يوق، بەزى چاق-چاقلارنى ئارتۇق چۈشۈنۈۋاپسىز –

- ماڭا قىلغان مۇئامىلىلىرىڭىزنىڭ چاق-چاق  ئىكەنلىكىگە  ئىشەنمەيمەن شەمسىيە، سىز ئۇنداق تېتىقسىز چاق-چاق قىلىدىغان ئايال ئەمەس –

- ئەمىسىچۇ؟ ئالتە بالام ئاز كەلگەندەك، ئۈچ بالىڭىزنى قوشۇپ بېقىپ، ئائىلە خىزمەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنايمۇ؟، مەن بۇنداق قىلالمايمەن ئەنۋەر، ئەمدى قايتىپ كىتىڭ –

- ياق، قايتىپ كەتمەيمەن شەمسىيە، چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىمىسىڭىز ھەرگىز قايتىپ كەتمەيمەن –

- ئۇ سىنى قايتىپ كەت دەۋاتىدۇ، ئاڭلىمايۋاتامسەن – ئەنۋەر ماشنىغا چىقماقچى بولۇپ تۇرغان شەمسىيەنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ تۇرغىنىدا، كۈچلۈك بىر قول كىلىپ، ئۇنىڭ بىلكىنى قاماللىۋالدى.

- بۇ ئىشنىڭ سەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئەلقۇت بايۋەتچە – ئەنۋەر ئۆرۈلۈپلا ئەلقۇتنى كۆردى.

-پەقەت شەمسىيەگە مۇناسىۋەتلىكلا بولىدىكەن، ھەرقانداق  ئىشنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى بار، ئەسلى سەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە تىگىشلىك ئىشنى قىلماسلىقىڭ كىرەك ئىدى –

- قايسى، سالاھىيتىڭ بىلەن، قايسى سالاھىيتىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلماقچىسەن –

- كەلگۈسىدىكى تۇرمۇش ھەمراھىم سالاھىيتىدە بولسا بولىدىغاندۇ -ئەنۋەر  شەمسىيەنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتقان سۆزىنى ئاڭلاپ قاققان قۇزۇقتەك تۇرغان جايىدىلا قېتىپ قالدى.

-نىمە دەۋاتىسىز شەمسىيە، نىمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز، بىز بۇنداق تالىشىپ يۈرۈيدىغان ياش بالا ئەمەسمىز، چوپچوڭ بولۇپ قالغاندا  نىمانداق قىلىقلارنى قىلىپ يۈرۈيسىز؟ -

- دىدىمغۇ، سىز ئارتۇق ئويلىۋاپسىز دەپ – شەمسىيە ئەنۋەرنىڭ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراشقا ئامالسىز – ئەلقۇت ئاكا، بىز ماڭايلى -دەپ، ئەلقۇتقا ماشنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقازدى.
- شەمسىيە، ماڭا چاقچاق قىلماڭ، شەمسىيە -  ئەنۋەرنىڭ ھەسرەتلىك ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلاق پەردىسىدە قېتىپ قالدى. بۇ ئاۋازدىن تارىغان  ئازاب قەلبىنى ئەزدى،ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگۈسى،ئەنۋەر مەن ئامالسىزمەن،مىنى كەچۈرۈڭ دىگۈسى كەلدى،بىراق ئۇنداق قىلالمىدى.

- ئۇنىڭدىن راس ئايرىلىپ كەچمەكچىمۇسەن شەمسىيە، قارىسام بەك ئازابلىنىپ كەتكەندەك قىلىسەن -ئەلقۇت كۈزىتىش ئەينىكىدىن، ئۇنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىگە ھىسداشلىق نەزىرىدە قارىدى.

-ئەلقۇت ئاكا ،ھېلىقى ۋەدىڭىز ھازىرمۇ كۈچكە ئىگىمۇ؟ بىزنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە ئېلىپ كىتەمسىز؟ - شەمسىيە ئۆزىنىڭ ئەنۋەرگە بۇنچە تىز، بۇ قەدەر كۆنۈپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭغا ئەنۋەرسىز يىشىل شەھەر قورقۇنۇچلۇق ۋە قاراڭغۇ تۇيۇلدى، راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ  ئۇنىڭ بىلەن بىر شەھەردە تۇرۇپمۇ، كۆرىشەلمەسلىكنىڭ ئازابىنى ھەركۈنى تارتىپ ئۆتۈشتىن قورقتى.

- چاق-چاق قىلىۋاتامسەن؟ ياكى ئۇنىڭغا قېيداۋاتامسەن؟ -

- مەن قاچان سىزگە چاق-چاق قىلىپ باققان،  ھازىر مەن قابىلنىڭ باللىرى بىلەن قوشۇلۇپ 6بولدۇق، ئەگەر يەنىلا  قوبۇل قىلالىسىڭىز، بىزنى بىللە ئېلىپ كىتىڭ –

- سەن خالىساڭلا، مىنىڭ بۇ ۋەدەم مەڭگۈ كۈچكە ئىگە شەمسىيە، ھېلىغۇ 6كەن 60بولساڭلىمۇ قورقمايمەن، ئەمما مەن سىنىڭ كىيىنچە پۇشايما قىلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن-

- پۇشايمان قىلمايمەن، بىلىسىزغۇ؟ قىلغان ئىشىمدىن پۇشايمان قىلمايدىغان قىزمەن، ئەتىلا رەسمىيەت  بىجىرگىنى بارايلى، قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى – شەمسىيە، تارتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ھىجران ئازابى ۋە چەكسىز يالغۇزلۇقنىڭ، ئۈمىدسىزلىكنىڭ قورقۇنچىنى يىشىل شەھەرگە تاشلاپ قاچماقچى ئىدى، بىراق ئۇ، بۇ ئازابلارنىڭ ئۇ نەگىلا بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ھامان ئۇنى تەڭ قوغلاپ بارىدىغانلىقىغا سەل قاراۋاتاتتى.

- راس پۇشايمان قىلمامسەن شەمسىيە؟ ھازىر يېنىۋالساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن، ھېچ بولمىسا، ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىنى بولسىمۇ بىر قېتىم ئاڭلاپ باققىن بولمىسا – ئەلقۇتمۇ خۇددى شەمسىيەنىڭ يېنىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلغاندەك رەسمىيەتلەرنى ناھايىتى تىزلا بىجىرىپ، ئايروپىلان بىلىتىنىمۇ پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي سېتىۋالدى، ئەمما ئايدورۇمغا ماڭغان يولدا، ئۇ شەمسىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىگە تاپا قىلىشىدىن ئەنسىرىدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇنىڭغا ئاخىرقى تاللاش پۇرسىتىنى يەنە بىر قېتىم  تاشلاپ بەردى.

- چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلىساممۇ ھېچچىش ئۆزگەرمەيدۇ ئەلقۇت ئاكا، بۇ ئايرىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، ھەر ئىككىلىمىز ئاجىزلىق قىلىمىز -شەمسىيەنىڭ كۆزلىرىدىن توختاۋسىز ياشلار ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى، ئاھ بىچارە شەمسىيە، دېڭىز دولقۇنلىرىدەك توختاۋىسز ھايات سىناقلىرىغا كەينى-كەينىدىن ئۇچراپ توخىتىمىغان، ئەڭ ئامراق كىشىللىرى بىلەن قايتا-قايتا سىنىلىۋاتقان ئامالسىز قىزچاق!(مۇشۇ يەردە، ئاپتورنىڭ شەمسىيەنى دادىسى كەبى بەزلەپ قويغۇسى كەلدى)

-ئۇنداق بولسا ئايدۇرۇمغا ماڭدۇق –

- ياخشىمۇسىز قىزىم، سىز شەمسىيە بولامسىز؟ -ئۇلار ئەمدىلا ماشنىدىن چۈشۈپ، ئايرىپورتقا كىرىش تەييارلىقىدا تۇرغىنىدا شەمسىيەنىڭ يانفونى تۇيۇقسىز سايرىدى، ئۇ دەل ئەنۋەرنىڭ قېيىنئانىسى ئىدى.

- مەن شۇ ئاپا، ماڭا، يەنە تاپىلايدىغان قانداق مۇھىم ئىشلىرى بار ئىدى.

- مەن ئالدىڭىزدا ئەيىبكارمەن قىزىم، ئەنۋەرنىمۇ ئىزچىل خاتا چۈشۈنۈپ، ئۇنىڭغا ئۇۋۋال قىلغىنى تاسلا قاپتىكەنمەن، مەن قىزىمنى ياخشى تەربىيەلىيەلمەپتىمەن، ئەسلى ئۇ ئاچىسى ھايات ۋاقتىدىلا، يېزنىسىنىڭ پىيىدە يۈرۈپتىكەن ئەمەسمۇ، مەن ئۇنى ھەرقانچە بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھەدىسىگە خىيانەت قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، ھېلىمۇ ياخشى كۈيئوغلۇم بۇنداق ئىشتا ئۆزىگە چىڭ بولغاچقا، ئۇنىڭغا قۇيرۇق تۇتقۇزماپتۇ، ئەمما بۇ قىزمۇ ئىزچىل نىيتىدىن يانماي كەپتۇ، كۈيئوغۇلغا ئاچىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە – راك كىسەلنىڭ ساقايغىنىنى نەدە كۆرگەن سىز؟ ئاچام بەرىبىر ئۆلۈپ كىتىدۇ، ئۇنى بۇنچە پۇل بۇزۇپ داۋالىتىشىڭىزنىڭ نىمە ھاجىتى، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆيگە قايتۇرۇپ كىلىپ،  مىنى ئاپىرىۋېلىڭ، ئىچ پۇشقىڭىزدىن چىققاچ، ھالىدىن خەۋەر ئالاي،ئاچامدىن كىيىن قالسا، بۇ ئۆينى ھامىنى مەن تۇتىمەن -دىگەن گەپنى قىپتىكەن ئەمەسمۇ، ئۇنىڭغا ئاچىسى ئەڭ ئېغىر كۈندە قىلغان ئاشۇ گىپى بەك ئۆتۈپ كىتىپتىكەن،   تا ھازىرغىچە كەچۈرەلمەي كەپتۇ، ئەينى چاغدا ئاچىسىغا ئېغىر كەلمىسۇن دەپ، سىڭلىسىنىڭ قىلغانلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ھەتتا ئىككىسىنى توي قىلىڭلار دىگەن چاغدىمۇ، ئۇنى  ئاياپ ھېچنىمە دىمەي ماقۇل دەپتىكەن، بىراق پاتىمەنىڭ قىلغانلىرى ھازىرغىچە ئىسىدىن چىقماپتۇ، بۈگۈن كىلىپ ھەممە گەپنى دەپ، پاتىمەنى بۇنىڭدىن كىيىن كەلمىسۇن، بالىلارغا ئائىلە خىزمەتكارى تەكلىپ قىلىمەن، ئايال كىشى پاتىمەدەك بولىدىغان بولسا، بىر ئۆمۈر توي قىلماي ئۆتۈپ كىتىمەن دەپ، مۆڭ-مۆڭ يىغلاۋاتىدۇ، بىچارە كۈيئوغۇلغا شۇنچىلىك ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ئۇنى خۇددى ئۆز ئوغلۇمدەك كۆرەتتىم، ئۇنىڭغا پەزىلەتلىك بىرقىزنى بەردىم دەپ پەخىرلىنەتتىم، ئەپسۇس، بىر ئانىدىن شۇنداقمۇ ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل پەرزنتمۇ تۇغۇلىدىكەن ئەمەسمۇ؟ كىچىك قىزىمنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يۈزىگە قارىماي تۇرۇپ ئۆلدۈم، سىزگە قىلغانلىرىمدىن قاتتىق خىجىل بولدۇم، ئەنۋەرنىڭ ئانىسى يوق، مەن ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ ئورنىدا سىزدىن ئۆتۈنەي، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كىلىڭ، قىزىمدىن ئايرىلغاندىن بۇيان، ئۇنى ئىچىدىن چىقرىپ كۈلدۈرەلىگەن بىردىنبىر ئادەم دەل سىز، بىچارە ئوغلۇمنىڭ باغرى پارە-پارە، چاك-چاك بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭغا بىر قېتىم پۇرسەت بىرىڭ، سىزدىن ئۆتۈنەي... –

- كىچىكتۇق ئاپا، ئاللىبۇرۇن كىچىكتۇق، مەن سىزگە بەرگەن ۋەدەمنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، بۈگۈن چەتەلگە ماڭىمەن، ئەمدى يىشىل شەھەردە مەن يوق-

- جېنىم قىزىم، كەتمەڭ، سىزدىن ئۆتۈنەي كەتمەڭ –

-ئۆزىڭىزنى  ئاسراڭ، خەير-خوش ئاپا – شەمسىيە تىلفوننى قويۇۋەتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشلار ھېچبىر توختايدىغاندەك قىلمايتتى.

- ھازىر كەينىڭگى قايتساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن شەمسىيە، مەن سەندىن رەنجىمەيمەن، ماڭا سەن بەخىتلىك بولساڭلا بولدى –

-سىزنى ئەخمەق قىلىپ، ئوينۇتۇپ مەن قانچىلىك بەخىتلىك بولۇپ كىتەرمەن ئەلقۇت ئاكا، ئازابتىن ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ، باسقان ئىزىمدىن كەينىمگە يانمايمەن – شەمسىيە كەسكىن تەلەپپۇزدا شۇنداق دىگەندىن كىيىن، ئەلقۇتقا ئەگىشىپ ماڭدى.

-خانىم، سىز ھەم بۇ بالىلارنىڭ بىلىتى قايتۇرىۋىتىلىپتۇ – ئەمما ئۇلار بىلەت چىقرىش كۆزنىكىدىن بىلەتلەرنى چىقرىپ بولۇپ، ئەلقۇت بىلەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ بولۇپ،نۆۋەت شەمسىيە بىلەن بالىلارغا كەلگەن چاغدا، ئويلىمىغان يەردىن شەمسىيە بىلەن بالىلارنىڭ بىلەتلىرى قايتۇرىۋىتىلگەن بولۇپ چىقتى.

- قايتىپ كەتكىن شەمسىيە، شۇ تاپتا ئەنۋەر سىنى پۈتۈن زالدىن ئىزدەۋاتىدۇ، مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئايىما، بىر قېتىم بولسىمۇ، ئۆزۈڭ  ئۈچۈن كەسكىن بىر قارار چىقىرىپ باق، مىنىڭ ئۆزۈمنى دەپ، سىنى سۈيۈش ھەم سۈيۈلۈش ھوقۇقۇڭدىن مەھرۇم قىلغۇم يوق، مەن ئۈچۈن ئويلىساڭ، بەخىتلىك بول، مەڭگۈ خۇشال-خۇرام ۋە خاتىرجەم ياشا، مانا بۇ مىنىڭ سەندىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىم- ئەلقۇت شۇنداق دەپ، خوشلۇشۇپ ماڭدى.

- ئەلقۇت ئاكا، ئەلقۇت ئاكا – شەمسىيەنىڭ بوغۇزىغا ئاچچىق يىغا كەپلىشىپ كەلدى، بۇ يىغا قىيالماسلىق يىغىسىمۇ ۋە ياكى مىننەتدارلىقنىڭ يىغىسىمۇ بۇنى شەمسىيە ئۆزىمۇ بىلمەيتتى، ئۇنىڭ بىلىدىغىنى ئەلقۇت ھەقىقەتەن ئۇلۇغ بىر ئادەم ئىدى!

- شەمسىيە –

- ئەنۋەر – كىنولاردىكى كۆرۈنۈش كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان بالىلار، خۇشاللىقتىن، سەكرەپ تاقىلىشىپ كەتتى، ئىككى ئاشىق كۆز ئۈنسىز ئۇچراشتى، ئۇلار  ئەمدى مەڭگۈ ئايرىلماسلىق توغرىسىدا ئۆز-ئارا ۋدە بىرىۋاتقاندەك قىلاتتى.

-مۇرات تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتتىغۇ – توي تەييارلىقى پۈتۈپ،باغاقلار تەييارلىنىۋاتقاندا، ئەنۋەر تۇيۇقسىزلا مۇراتنى يادىغا ئالدى.

- ئۇنى ئىسىمدىن چىقرىپ قويغىنى تاسلا قاپتىمەن،كۆزدىن يىراق،كۆڭۈلدىن يىراق دىگەن شۇدە –

- سىزنىڭ نەۋرە ئىنىڭىز جۇمۇ ئۇ،كۆزدىن يىراق بولسىمۇ،كۆڭلىڭىزدىن يىراق بولمىسۇن، بىر چاغلاردا سىزنى مەندىن بەكلا قىزغىناتتى ئۇ كاساپەت،كىيىن رەھىمەنى تاپقاندىن كىيىن ئوڭشىلىپ قالغان،ھە راس،ئىككىسىنىڭ ئىشى ھازىر قانداق بولۇپ كەتتى –

- ئۇ گەپنى قىلماڭ ئەنۋەر،ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن  ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغىنىنى ئويلىساملا،شۇنچىلىك يىغا باسىدۇ مىنى -شەمسىيە شۇنداق دەپ،مۇرات بىلەن رەھىمەنىڭ ئايرىلىپ كىتىش سەۋەبىنى ئەنۋەرگە بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردى.

- ھەي – ئەنۋەر ئۇلۇغ كىچىك تىندى – نىمىشقا ماڭا بۇ ئىشنى بالدۇرراق دىمىگەنسىز؟ سىزگە دەپ بىرىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھېلىقى باتۇر دىگەن پىسپاسخولوگ غىتمەكنى گۇلنىسا خانىمنى ئىش بىلەن سوراق قىلغاندا، ئۇ رەھىمەنىڭ ئىشىدىن تارتىپ سۆزلەپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ رەھىمەگە ھامىلدار بولالمايدىغان ئوكۇل ئۇرىۋىتىمەن دەپ ئۇنى ئالداپ تەھدىت ساپتىكەن،ئۇنىڭ رەھىمەگە ئۇرغان ئوكۇلى،روھىي كىسەل بىمارلىرىغا ئۇرىلىدىغان تىنىچلاندۇرۇش ئوكۇلىكەن ئەمەسمۇ؟

- راسما ئەنۋەر،نىمانداق ئادەمنى خۇشال قىلىدىغانسىز،يۈرۈڭ،بۇ خەۋەرنى دەرھال رەھىمەگە يەتكۈزەيلى –

- ماقۇل،ھازىرلا ماڭايلى، قوش توي قىلىمىزمۇ تېخى -ئەنۋەر بىلەن شەمسىيە تەڭلا كۈلدى.

- مۇرات – كۈن نۇرىدا دەستىسى كۈمۈشرەڭ جۇلالانغان يېڭى كەتمەننى بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ چېپىشقا تەييارلانغان مۇرات، كەينىدىن ئاڭلانغان تونۇش ئاۋازنى  ئاڭلاپ ئاستا كەينىگە بۇرۇلدى، ئۇنىڭ كەينىدە، بوۋاي بىلەن موماي باشلاپ كەلگەن ئەنۋەر، شەمسىيە  ۋە  ھەركۈنى كىچىسى چۈشىگىمۇ ئارام بەرمەي سېغىندۇرۇپ كەلگەن دىلبىرى رەھىمەمۇ تۇراتتى!

- رەھىمە -مۇرات پۇچۇق تىللىرى بىلەن  رەھىمەنىڭ ئىسمىنى چاقىردى.

- مۇرات – رەھىمە كۆزلىرىگە پاتماي ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىن مۇرات تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى – ئەسكى،ئەسكى،بەك ئەسكىكەنسىز،ماڭا خوشمۇ دەپ قويماي قېچىپ كىتىپسىز،ئەجەبا مىنى ئازابلاپ ئۆلتۈرەي دىگەنمىدىڭىز؟ تىلىڭىز بولمىسا نىمە بوپتۇ،قەلبىڭىز سۆزلەيدىغۇ سىزنىڭ، ماڭا شۇ يەتمەمتى،ئەمدى قاچىمەن دىمەڭ،ئەمدى قاچىدىغان بولسىڭىز،مىنى ئۆلدى دەپ بىلىڭ، ۋۇ ئەسكى – رەھىمە بىر تەرەپتىن يىغلاپ تۇرۇپ،سۆزلىگەچ،يەنە بىر تەرەپتىن،مۇراتنىڭ مەيدىسىگە توختىماي مۇشتلايتتى.

- رەھىمە -مۇرات ئەمدى چىدىمىدى،ئۇ رەھىمەنى كەڭرى گۈرەنلىرى ئارىسىغا ئېلىپ، مەھكەم قۇچاقلىۋالدى،ئىككىلىسى ئاۋازىنى قويۇۋىتىپ،ئۆكسۈپ، ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، ئەتراپتىكىلەرمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى،بۇ خۇشاللىق يېشى،جەم بولۇش يېشى ئىدى.

شۇنداق قىلىپ،يىتىمچىلىكتە باشتىن كەچۈرمىگەن  ئازاب ئوقۇبىتى قالمىغان،بۇ ئىككى يىتىم ئاخىرى بىر-بىرى بىلەن جەم بولۇش ئارقىلىق پۈتۈنلىنىپ،بىر تەن،بىر گەۋدىگە  ئايلىنىپ كەتتى!

خاتىمە

- ئۈھۈ،ھۈ،ھۈ،ھۈ،ھۈ،ھۈ ھۈ – بېشىنىڭ يېرىمىنىڭ سۆڭۈكى ئېلىۋىتىلگەن تۇرغۇن مۇدىر، پەيلىرىنىڭ قاتتىق تارتىشىغا چىدىماي، كۆزلىرىنى پىيالىدەك ئېچىپ ياتقىنىچە توخىتىماي ئېغىزىنى چوڭ  ئېچىپ يىغلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازىدىن شۇ تاپتا قانچىلىك قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى.

- ئۇ داۋاملىق مۇشۇنداق يىغلامدۇ؟-

- ئادەتتە بىر كۈندە پەقەت ئىككى،ئۈچ سائەتلا ئارام ئالالايدۇ،قالغان ۋاقىتلاردا ئاساسەن دىگۈدەك مۇشۇنداق يىغلاش بىلەن ئۆتىدۇ، مېڭىسى تولۇق ئەسلىگە كىلەلمىگەچكە،نۇرغۇن ئەزالىرى ئاڭسىز ھالەتتە پىيى تارتىشىپ قېتىۋالىدۇ،بۇنداق ئاغرىققا چىدىماق بەك تەس – دوختۇر شەمسىيەنىڭ سوئالىغا جاۋاب بىرىۋاتقاندا،شەمسىيە تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك بولۇپ – ئۇ ئادەملەرنى تونۇيالامدۇ؟- دەپ سورىدى.

- خاتىرىسى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگىنى بىلەن ئادەملەرنى تونۇيدىكەن،ئەمما ئىنكاسى سەل ئاستا،بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن،ئاندىن پەرق ئىتەلەيدۇ –

- تاغا،مىنى تونۇدىڭىزمۇ؟- شەمسىيە دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ،ئۇنىڭ چەكچىيىپ تۇرغان كۆزلىرىگە ئېڭىشىپ قارىدى،تۇرغۇن مۇدىر يىغىدىن توختاپ،ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىدى.ئاندىن ئاۋازىنى چىقىرىشقىمۇ جۈرئىتى قالمىغاندەك،تېلىقىپ،تېلىقىپ يىغلىدى،دىمەك ئۇ شەمسىيەنى ئېسىگە ئالالىغان ئىدى، بەلكىم، شۇ تاپتا ئۇ ئاشۇ يىغىسى بىلەن پۇشايمىنىنى ئىپادىلەۋاتقاندۇ؟ۋە ياكى ئۇنىڭدىن  ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشنى ئۆتۈنىۋاتقاندۇ....

- مانا بۇ سىزنىڭ جازايىڭىز تاغا،سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيدىڭىز؟قانۇنمۇ سىزنىڭ  ئاسانلا ئۆلۈپ قۇتۇلىشىڭىزنى خالىمىغان چېغى،دوختۇرلاردىن ئاڭلىسام، بۇ يېشىڭىزدا ئەمدى ياخشىلىنىپ كىتىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، بالدۇرراق ئۆلۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىڭ تاغا،بولمىسا،ئۆلگۈچە مۇشۇنداق ئاغرىق ئازابىدا كۈندە مىڭ ئۆلۈپ ئۆتۈسىز، ۋاقىراپ جاقىرىسىڭىزمۇ، ئۇششۇقلۇق قىلىپ يىغلىسىڭىزمۇ بەرىبىر تارتىسىز بۇ ئازابنى، شۇڭا ئامال بار كۈچىڭىزنى تىجەڭ، ۋاقىرىماڭ، بۇ جازا سىزگە ھەرگىز ئېغىر كەتمىدى تاغا،سىز شۇنىڭغا ھەقسىز – تۇرغۇن مۇدىر شەمسىيەنىڭ سۆزلىرىنى جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلىدى،ئاندىن بىر ئاز سۈكۈت قىلىپ تۇرغاندىن كىيىن،ئېچىنىشلىق چىرقىراپ تېخىدىنمۇ ئازابلىق يىغىسىنى باشلىدى...

شۇنداق قىلىپ،پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قىرىپ تۈگەتكەن بۇ بەتبەشرە ئادەم  ئاخىرى  سۆڭەكتىن  ئۆتكۈدەك ئاغرىق  ئازابىدا ئېچىنىشلىق پەرياد چىكىپ،ھالىنى سورايدىغان بىر يېقىنى يوق ھالدا تىغدەك يالغۇز قالدى..بەلكىم ئۇنىڭ ھازىرقى ھالى بىلەن ھەممىدىن بەك ئۈلۈم بولسا كىرەك!بىراق بۇ ئۆلۈم،ئۇنىڭغا قاچان كىلىدۇ،بۇنىسى نامەلۇم!ئېنىق بولغىنى شۇكى،.ئۇ تاكى ئۆلگۈچە مۇشۇ  ئازابنى تارتىپ،قىينىلىپ ئۆتىشى مۇقەررەر...

ئاھ!ئادەملەر،ئۆلمەيدىغاندەك،مەڭگۈ ياشايدىغاندەك ئەسكىلىك قىلىپ،ئاخىرى ياتىدىغىنىنىز ئاشۇ بىر مىتىرلىق كىسەل كارىۋىتىكەنغۇ ئاخىر! ئەجەبا بىزنىڭ شۇنچە تىرىشىپ ياشاشلىرىمىز،ئاشۇ بىر مىتىرلىق كارىۋاتقا ئامالسىز باغلانغىنىمىزدا، ئىرىشىشنى كۈتىدغان  ئىززەت-ئىكرام  ۋە ھەمرا بولۇشلار ئەمەسمۇ؟ئادىمىيلىك ۋە مېھرى-مۇھەببەتنى يوقۇتۇش بەدلىگە، يەتتە قات كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئېغىناپ يېتىپ، پۇلنى يانچۇققا توشقىچە سېلىۋېلىپ،سۇدەك بۇزۇپ چېچىپ،خەجلىۋالغان بىلەن، ئاشۇ بىر مىتىرلىق كارىۋاتقا چىققان چاغدا – ئائىلەڭدىكىلەر قېنى -،دەپ سورالغان بىر ئېغىز سوئالغا جاۋاب بىرەلمەسلىكتىنمۇ ئارتۇق ئاھانەت بارمۇ؟چوڭ-كىچىكى جايىدا چاغدا، قەدىناسىم دەپ، خاتىرجەم قاچا تۇتىدىغان بىرىنىڭ ياندا بولماسلىقىدىنمۇ ئارتۇق مۇھتاجلىق بولامدۇ؟بىز زادى نىمىلەرنى ئىزدەپ،نىمىلەرنى يوقۇتىۋاتىمىز ،

؟ نىمىلەر ئۈچۈن،نىمىلەردىن ۋاز كىچىۋاتىمىز ؟ ……

ھايات داۋام ئىتەر....ئادەملەر نەپسىنى تويغۇزالمىغىنى ئۈچۈن تىرىك تۇرۇپ ئۆلەر.......

تۈگىدى

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章