دىللاردا سەنەم133-قسىم

文摘   2025-02-02 21:13   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم
دىللاردا سەنەم128-قسىم
دىللاردا سەنەم129-قسىم
دىللاردا سەنەم130-قسىم
دىللاردا سەنەم131-قسىم
دىللاردا سەنەم132-قسىم



 





ئېغىر- يېنىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئىشلارنى بۇ خىلدا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلىگىنى بىلەن مەتنۇر ياغاقنىڭ سالامەتلىكىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمىدى. شۇنداقلا شەرۋانەمنىڭ پۇشايمىنىمۇ ھېچ يەڭگىللەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

سەيدۇللا باي قىزىنىڭ ئەسكىلىكى ئۈچۈن بۇ ئۆيدىكىلەردىن ۋە شەرۋانەمدىن يېنىش- يېنىشلاپ كەچۈرۈم سوراپ، بۇنىڭ ئورنىنى چوقۇم تولدۇرۇپ بېرىشكە، ئايچېھرە خېنىمغا ياخشى تەربىيە قىلىپ، ئەمدى ئىككىنچى ئۇنداق ئەدەبسىزلىك قىلماسلىققا كۆندۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ، شەرۋانەمنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولدى. شەرۋانەمنىڭ ئايچېھرە خېنىمدىن كۆڭلى ئاغرىغىنى بىلەن، ئەر- خوتۇن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ، سائادەت خېنىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى. ئانىسىنىڭ ئىچى يامانلىقى، قىتىغۇرلۇقىنى ئۆزىگە ئۇدۇم قىلىۋالغان بىر ئەقىلسىز قىزنىڭ قارىغۇلارچە جۆيلۈپ قويغانلىرىغا قېيدىۋېلىپلا ئاجرىشىپ بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزىمەن دېسە ھەممەيلەن ئۈچۈن ئېچىنىشلىق ئىش بولاتتى. بۇ ھەم پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالغانلىق، دۈشمەننىڭ كەينىگە كىرىپ بىر ئوبدان ئائىلىسىنى بۇزغانلىق بولۇپ قالاتتى.

ئايىمخان قىزىغا شۇنداق دەپ نەسىھەت قىلىپ ئۆيىنى تۇتۇپ قېلىشقا كۆندۈردى. سەيدۇللا باينىڭ مەقسىتىمۇ ئىزچىل ئۇنى قايتۇرۇپ كېتىپ ئۆيىنى تۇتۇش بولۇپ، بەڭۋاش قىزىنىڭ ساراڭلىقى تۈپەيلىدىن بۇنچە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن ئۇ ئۆزىمۇ ئىنتايىن خىجىل ئىدى. شۇڭا بۇ ئۆيگە خىزمەتكار تۇرغۇزۇپ بېرىش، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك ۋە بارلىق لازىمەتلىكلەرنى ئاياغ مەھەللىدىكى ئۆز قەسرىدىن يەتكۈزۈپ بېرىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار يارىشىپ قېلىپ، سەيدۇللا باي خوتۇنىنى ئېلىپ ئۆز قەسرىگە قايتىپ كەتتى. لېكىن ئاياغ مەھەللىدىكى ئۇ چوڭ قەسىردە شەرۋانەمدىن قۇتۇلدۇق دەپ بايرام ئويناپ تۇرغان بالىلار ئۇنىڭ يەنە قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ، چىرايىدىكى كۈلكىلىرى شۇ ھامان ئۆچتى.


(205)


ئامانتاي بايۋەتچە كارۋان سەپىرىگە ئاتلىنىپ ساپمۇ-ساق يەتتە ئاي بولغاندا ئۇنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىق خەۋىرى كەلدى. ئابلىكىم باي قەسرى تەرەپتىن خەۋەر تىڭتىڭلاپ شۇ تەرەپتىن بېرى كېلەلمەيۋاتقان ئايتۇرسۇن خېنىمنىڭمۇ ئاخىرى كۆڭلى تىندى. بۇ قېتىم ئامانتاي ئاكىسى قايتىپ كەلسە، ئۇ قىزلىق غورورىنى قايرىپ قويۇپ ئۆزى بېرىپ كۆڭلىدىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىنى، مۇھەببەتلىك خىياللىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، توي ھەققىدە ئېغىز ئېچىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان ئىدى. گەرچە بىر قىزنىڭ ئوغۇل بالىنى ئىزدەپ بېرىپ بۇ ھەقتىكى گەپلەرنى ئۆزى ئېيتىشى ئەدەبسىزلىك بولسىمۇ، ئەمما نە دادىسى، نە ئانىسى ئارىلاشقىلى ئۇنىمىغان، ياردەم قىلغۇدەك باشقا كىشى تاپالمىغان بۇ ئەھۋالدا ئۇ ئۆزى بېرىپ دېيىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. ھېلىمۇ شۇنچە يىلنى يوشۇرۇن كۆيۈش، شۇ تەرەپتىن خەۋەر تىڭتىڭلاش، تۆت كۆزى بىلەن يولىغا قاراش، خۇشامەت قىلىپ ھەر كويلاردا بولۇش ۋە ئاخىرقى يەتتە ئاينى چىدىغۇسىز ھىجران ئازابىدا ئۆتكۈزۈش ئۇنىڭ جېنىنى قىيناپ كىچىككىنە قويغانىدى. ئەمدى يەنە داۋاملىق بەرداشلىق بېرىش، چىن كۆڭلىدىن كۆيگەن ئۇ يىگىتنى باشقا بىرلىرىگە تارتقۇزۇپ قويۇش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى. بۇ يولدا مەيلى ئۇنى كىملەر نېمە دەپ تىللىشىدىن قەتىينەزەر، كىملەرنىڭ نەزىرىدە ئەدەبسىز، ھاياسىز بولۇپ كېتىشىدىن قەتىينەزەر، ئۆز بەختى ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم تىرىشىپ باقماقچى ئىدى.

«بۈگۈن كېلىدىكەن» دېگەن كۈنى ئەتىگەندە ئۇ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، چىرايلىق ياسىنىپ ناشتا قىلغاندىن كېيىن دېدىكىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئابلىكىم باينىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ ئەپلىك بىر يەرگە يوشۇرۇنۇپ ئامانتاي بايۋەتچىنىڭ يولىغا قاراپ ئولتۇردى. ھازىرچە بۇنىڭدىن باشقا ئىش ئۇنىڭ قولىدىن ھەم كەلمەيتتى. پەقەت مۇشۇ يەردە كۈتۈپ ئولتۇرسا، ئامانتاي بايۋەتچە ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۆگىسىدىن چۈشۈپ، ئۆزىنى قارشى ئالغىلى چىققان ئاتا- ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ھال- مۇڭ بولۇشقىچە ئۇنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر قېتىم كۆرىۋېلىش ئۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى.

شۇ تەرزدە ساپمۇساق يېرىم كۈن سوغۇق يەرگە چاپلىشىپ دۈگدىيىپ تىترەپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرى يىراقتىن تۆگە كولدۇرمىلىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ كارۋاننىڭ بېشى كۆرۈندى. ئايتۇرسۇن خېنىم ئامانتاي بايۋەتچىنى كۆرەلمەي قالماسلىق ئۈچۈن ئالدىغا يەنە ئازراق سىلجىپ، دەرۋازا ئالدى ئېنىق كۆرۈنىدىغان بىر يەرگە ئەپلىك مۆكۈندى. كارۋان يېقىنلاپ كەلگەنسېرى ئۇنىڭ يۈرىكى سانىۋالغۇسىز تېز ۋە رېتىمسىز سوقۇپ، ھاياجاندىن ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشەيلا دەپ قېلىۋاتاتتى.

ۋاقىتنى بىر دەقىقە، بىر دەقىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، كۈتكەن پەيتلەر ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ھەممىنىڭ ئالدىدىكى تۆگىدە قەددىنى تىك تۇتۇپ سالاپەت بىلەن ئولتۇرغان ئامانتاي بايۋەتچە ساپسېرىق كۆزلەر قويۇلغان كىمخاب تونى ئۈستىدىن چىرايلىق بەلۋاغ باغلىۋېلىپ، يارىشىملىق بادام دوپپىسىنى قاپقارا چاچلىرى ئۈستىدىن باستۇرۇپ كىيىپ، تولىمۇ قاملاشقان بىر سۈلكەت بىلەن بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنى شۇ ھالدا كۆرگەن ئايتۇرسۇن خېنىم يۈرىكىنى بېسىپ تۇتۇپ، يىقىلىپ قېلىشتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتىۋېلىپ مۆكۈنگەن يېرىدە ھاياجان بىلەن ئولتۇراتتى. دەل شۇ پەيتتە ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بېرىپ، ھەممىنى ھەيرانۇ- ھەس قالدۇردى.

تۆگىلەر قاتار بويى دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ توختاپ، ھەممىسىنىڭ ئۈستىدىن بىردىن، ئىككىدىن كىشىلەر چۈشىۋاتقاندا، ئامانتاي بايۋەتچىنىڭ تۈگىسى كەينىدىنلا يېتىپ كەلگەن يەنە بىر تۆگىگە مىنىۋالغان قىپقىزىل كىيىملىك بىر ئايالمۇ ئامانتاي بايۋەتچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ چىرايلىق يۆلىشى بىلەن تۆگىدىن چۈشتى. ئۇ تۆگىدىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئامانتاي بايۋەتچە ئۇنىڭ قولىنى قويىۋەتمەي، يېتىلەپ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئالدىغا كېلىشى ھامان ئامانتاي بايۋەتچىنىڭ ئانىسى ھېلىقى قىزغا قۇچىقىنى كەڭرى ئاچقىنىچە «كېلىن قىزىم مۇشۇ شۇمۇ؟» دەپ كېلىپ ئۇ ئايالنى مەھكەم قۇچاقلاپ پىشانىسىگە سۆيدى. ئاندىن قىزنى قويىۋېتىپ، «بەختلىك بولغىن، بالام!» دەپ ئامانتاي بايۋەتچىنىڭمۇ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى. بۇ ھالدىن ئىشىك ئالدىدىكى بارلىق كىشىلەر خۇشال ئىدى-يۇ، ئايتۇرسۇن خېنىم مەڭدەپ چۆچۈپ جايىدا ئولتۇرالمايلا قالدى. ئاۋۇ ئاناخاننىڭ «كېلىن قىزىم مۇشۇمۇ؟» دېگىنى قانداق گەپ؟ ئۆز قىزىنى قۇچاقلىغاندەك قۇچاقلاپ پىشانىسىگە سۆيۈپ كەتكەنلىرى، ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئوغلىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ بەخت تىلىگىنى يەنە قانداق گەپ؟ ئۆيگە يېڭى كېلىن كىرگەندە بولىدىغان ئىشلارغۇ بۇ؟...
ئايتۇرسۇن خېنىم دەل شۇ دىلىغۇللۇقتا نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا، مۇشۇ قەسىردىن ئامانتاي بايۋەتچىگە باش بولۇپ كارۋان سەپىرىگە چىققان ئابلىكىم باي قەسرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قوينىدىن قانداقتۇر بىر نەرسىنى چىقىرىپ ئابلىكىم بايغا ئۇزاتتى ۋە ئالدىنقى قېتىملىق خېتىدە ئېيتقىنىدەك ئامانتاي بايۋەتچە بىلەن كېلىنچەكنىڭ تويىنى ئۇ تەرەپتىكى قۇدىلار بىر قېتىم قىلىپ قويغانلىقىنى، قۇدىلارنىڭ بىر ئايدىن كېيىن بۇ يۇرتقا كېلىدىغانلىقىنى، شۇ چاغدا بۇ يەردىمۇ كاتتا توي قىلىپ بۇلار بىلەن بىللە يۇرتقا چاي بەرگەندىن كېيىن قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغىچە قىزىنى ئۆزلىرىگە ئامانەت قىلغانلىقىنى، قۇدىلارنىڭ ئامانتاي بايۋەتچە ۋە ئۆزىدىن چوقۇم قىزىنى ئاسراپ ئاۋايلىشى، دىلىنى ئاغرىتماسلىقى كېرەكلىكىنى ئۆتۈنگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ بەك گاڭگىراپ قالغان ئايتۇرسۇن خېنىم ئىزىدا ئولتۇرۇپلا قايتا ئويلىنىشقا چۈشتى. بۇ ئائىلىدە ئامانتاي بايۋەتچىدىن باشقا ئۆيلەنگۈدەك بويتاق يىگىت قالمىغان تۇرسا، يېقىن- يىراق تۇغقانلىرى ئىچىدىمۇ ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەن بىرەر يىگىت يوق تۇرسا، قايسى تەرەپتىكى قۇدىلار كىملەرنىڭ تويىنى قىلىپ بۇيانغا يولغا سېلىپ، ئۆزلىرى بىر ئايدىن كېيىن كېلىدىغان بولۇپ ۋەدە قىلغاندۇ؟ شۇلارنى ئويلىغىچە يۈرىكى چىممىدە قىلغان ئايتۇرسۇن خېنىم بايا ئاڭلىغان گەپلىرىنى قايتىدىن زەن قويۇپ ئېسىگە ئېلىپ چىقتى. دېمەك، گېپى بولىۋاتقان بۇ توي ھەقىقەتەن ھېلىقى قىزىل كىيىملىك ئايال بىلەن ئامانتاي بايۋەتچىنىڭ تويىدەك قىلاتتى...

داغدۇغا بىلەن سەپ تارتىپ كارۋان سەپىرىگە يۈرۈش قىلغان ئامانتاي بايۋەتچىنىڭ نەلەردە يۈرۈپ، كىملەرنىڭ قىزىغا كۆز تاشلاپ، ئۆيلىنىشنى ئىختىيار قىلىپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئايچېھرە خېنىم شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ مەھەللىدىن گەپ تىڭتىڭلاپ ئادەم يۈگۈرتۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچ بىرى ئۇنىڭ لايىق تېپىپ توي قىلىۋالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۆزى بارغان، تۇرغان يۇرتلاردا قانداقتۇر بىر لايىق تېپىپ، شۇ قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويۇشى بىلەن ئۇ تەرەپلەردە توي قىلىپ، قىزنى كارۋان بىلەنلا كۆچۈرۈپ بۇياققا كەلگەندەك قىلاتتى. بىر ئايدىن كېيىن كېلىپ بۇ يۇرتتىمۇ توي قىلماقچى بولغان شۇ كىشىلەر مانا شۇ قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىدەك قىلاتتى.

شۇلارنى زەنىگە ئېلىپ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنگەن ئايتۇرسۇن خېنىم يۈرىكىنى مىڭلاپ قۇرت- قوڭغۇزلار غاجىلاپ يەۋاتقاندەك بىئارام بولۇپ، ئىچ- ئىچىدىن تۆكۈلۈپ يىغلىدى. يوشۇرۇنۇپ ئولتۇرغان يېرىدىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالماي، بارماقلىرىنى، بىلەكلىرىنى چىشلەپ قان قىلدى-يۇ، بىر ئېغىز زۇۋان چىقىرالمىدى. ئۇ ئازابتا پۇچىلىنىپ تۈگىشىپ كېتىۋاتقان شۇ تەرزدە دەرۋازا ئالدىدىكىلەر خوش- خوشلىشىپ، بىر- بىرىنى يۆلەپ يېتىلەپ دېگۈدەك ھويلا ئىچىگە كىرىپ كېتىشىپ ھەممە غەلۋە بېسىقتى. تاكى شۇ چاغدىلا ئۆزىنى ئازادە قويىۋېتەلىگەن، ئازاب ۋە ھەسرەتلەرنى يۈرىكىگە سىغدۇرۇپ كېتىشكە ماغدۇرى يەتمىگەن ئايتۇرسۇن خېنىم ئۆزىنى كەينىگە قويىۋېتىپ ئوڭدىسىغا ياتتى- دە، بۇلۇتلۇق ئاسمانغا قاراپ ئازاب بىلەن ۋارقىراپ نالە قىلدى. بەخت- سائادەت، مۇھەببەت ھەممەيلەنگە قۇچاق ئاچسۇنۇ، پەقەت ئايتۇرسۇن خېنىمغا كەلگەندە، ياق، مېھرىيار خېنىمنىڭ قىزلىرىغا كەلگەندىلا مۇشۇنداق تەتۈر قارىۋالسۇن. نېمە دېگەن ئادالەتسىزلىك، نېمىدېگەن بەختسىزلىك بۇ!؟ شۇ ئازابتا يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولغان ئايتۇرسۇن خېنىم گويا بىر نەرە تارتىپلا جان تەسلىم قىلىدىغاندەك ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. بىر چەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان دېدەك قىزمۇ ئۇنىڭ بۇ ھالىغا چىدىيالماي، لەۋلىرىنى چىشلىگىنىچە بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى... (109-باب تۈگىدى)


-110باب

ھېچ يەرگە پاتمىغان شەرۋان ئاغىچا


(206)


ئايتۇرسۇن خېنىم ئابلىكىم باينىڭ مەھەللىسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شۇ ئورۇن تۇتۇپ ياتقىنىچە خېلى ئۇزۇنغىچە كېسەل دەردى تارتىۋالدى. تېۋىپ ئۇنى تەكشۈرگەندىن كېيىن «زىيادە خاپىغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويۇپتۇ» دېدى. ئەمما نېمە سەۋەبتىن ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويغانلىقىنى ھېچكىم بىلمىدى. ھەتتا ئۇنىڭ دېدىكىمۇ شۇ قەدەر ئاغزى چىڭلىق قىلدىكى، قايتا- قايتا سوراق قىلىپ شۇنچە ئېغىزىنى تاتىلىغانغا چۇشلۇق ئارىدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى.

ئۆيدىكى ھەممەيلەن ئايتۇرسۇن خېنىمنى داۋالىتىپ پاتپاراق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىچىك ئابدۇللا ياقۇپ گەزمالچى بىلەن كېيىنكى خوتۇنىدىن بولغان كىچىك قىزىنى، يەنى كىچىك سىڭلىسىنى يېتىلەپ پىيادە مېڭىپ سەيدۇللا باينىڭ قورۇسىغا كەلدى. نېمىشقا سىڭلىسىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلگەنلىكى سورالغاندا ئابدۇللا دۇدۇقلاپ تۇرۇپ:

-مەتنۇر دادامنىڭ ئۆيىدە تۇرسام سىڭىللىرىم چۈشۈمگە كىرىپ ئارام بەرمەيدىكەن، ئۇلاردىن پەقەتلا خاتىرجەم بولالمىدىم، شۇڭا ھەر كۈنى بىر قېتىم بېرىپ، ئىككى سىڭلىم بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالىنى بىلىپ ئاندىن قايتىپ كەتكەن ئىدىم، لېكىن بۈگۈن بارسام چوڭ سىڭلىم ئۆيدە يوقكەن، كىچىك سىڭلىمنى بېقىپ تۇرىدىغان بولغان يان خوشنىمىز ئۇنى ئىشىك ئالدىغا چىقىرىپ ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىپ قويۇپ بىر يەرگە كېتىپتۇ، خېلى ئۇزۇن ساقلاپ باقساقمۇ كەلمىدى، ئۇنىڭغىچە سىڭلىمنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتتى، ئۇيقۇسى كېلىپ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتكەن ئىدى، قۇچىقىمدا يېتىپ بىردەم ئۇخلىۋالدى. لېكىن ئويغىنىپ يەنىلا قورسىقىم ئاچتى دەپ يىغلاپ كەتتى، مەندە يېگۈدەك ھېچ نەرسە يوقكەن، خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ باقاي دېسەممۇ ھېچكىم ئۆيدە ئەمەس... شۇڭا ئامال قىلالماي ئۇنى بىردەم كۆتۈرۈپ، بىردەم يېتىلەپ ماڭدۇرۇپ مۇشۇ يەرگە ئەكەلدىم،- دېدى.

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەممەيلەننىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتتى. كىچىككىنە بالىلارنىڭ بۇ يېشىدا يېتىم قىلىپ، ئىشىكمۇ- ئىشىك سەرگەردان بولۇپ يۈرگىنى ھەممەيلەننىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتكەن ئىدى. ئامانەم ۋە گۈلساھىپخانلار بالىلارغا تاماق يېگۈزۈپ، ئۈستىباشلىرىنى يېڭىلاپ گۈلدەك ئېچىلدۇرىۋەتتى. ئاندىن كىچىك قىزنى ياقۇپ گەزمالچىنىڭ مەھەللىسىگە ئاپىرىپ ھېلىقى خوشنىسىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئابدۇللانى مەتنۇر ياغاقنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ كېلىدىغانغا خىزمەتكار ماڭدۇرماقچى بولۇشتى. شۇ چاغدا ئابدۇللا ئانىسىنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىۋېلىپ جان- جەھلى بىلەن قارشىلىق قىلىپ، بۇ ئۆيدىن كەتمەيدىغانلىقىنى، ئانىسى بىلەن بىللە تۇرغۇسى بارلىقىنى، مەتنۇر دادىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرمايدىغانلىقىنى، ئانىسىنى سېغىنىپ كەتسە بىردەممۇ چىدىمايدىغانلىقىنى، دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان تۇرۇپ ئەمدى ئانىسىنىڭمۇ ئۇنى تاشلىۋەتكېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، شۇنچىلىك ئېزىلىپ يىغلاپ كەتتى.

بالىنىڭ ھالىغا قاراپ ھەممەيلەننىڭ ئىچى سىيرىلدى. بولۇپمۇ شەرۋانەمنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى ئىزچىل بالا دەردىدە پۇچىلىنىپ ئەركىن سوققۇدەك ھالى قالمىغان يۈرىكى تېخىمۇ ئۆرتىنىپ كەتتى. ئۇ بۇ دەردىنى سەيدۇللا بايدىن باشقىسىغا دېيەلمەيتتى، دېگەن تەقدىردىمۇ ھېچكىم ئۇنى چۈشەنمەيتتى. بەلكىم تېخى ئىشلارنىڭ شۇنچە قالايمىقان بولۇپ كېتىشلىرىنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن كۆرۈپ، ئەيىبلەپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا سەيدۇللا باينىڭ مۇتتەھەم بالىلىرىدىن قورقۇپ يا ئابدۇللانى يېنىدا ئېلىپ قالالمىغان، بۇ بالا تېخى ئاپىرىپ قويغان يەردە تۇرغىلى ئۇنىمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىككىنە ھالىغا ئۆزىنىڭ دەردى بىلەن بولماي، ئىككى سىڭلىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى ھامىيلىقىغا ئالغۇسى كېلىپ نوچىلىق قىلىپلا تۇرغان. بەلكىم بۇ نوچىلىق ئەمەستۇ، ئەسلىدە ئوغۇل بالا دېگەن شۇنداق بولۇشى كېرەكتۇ، چوڭلىرىغا يۆلىنىپ، پاناھلىق تىلەپ، كىچىكلىرىنى ئاسراپ، ئاۋايلاپ، قانات ئاستىغا ئېلىپ، ھاياتنىڭ قەدىر- ئەتىۋارىنى قىلىپ ياشاشنى بىلىدىغانلار، ھەقىقى ئەركەك يۈرەكلىك يىگىتلەر مانا مۇشۇنداق بولىدىغاندۇ.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章