بۇزۇلغان ئانا1-قسىم

文摘   2025-01-27 20:46   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .








- 1-قىسىم
ئەتتىگىنى مەكتەپكە  مىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ يولغا سېلىپ  قويغان ئاپام كەچتە مەكتەپتىن كەگىنىمدە يوق ئىدى. ھەممە ئۆينى ئارىلاپ ئاپامنى تاپاممىغاندىن كىيىن ئاپامنى  ماگزىنغا چۈشۈپ كىتىپتۇ دەپ ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، ھەر كۈنى ئەتىگەن مېنى ئويغىتىپ ئۇزۇن چاچلىرىمنى  بوغۇپ   كىيمىمنى كەيدۈردىغان، زىل ئاۋازىدا …
-بولە قوزام، سەن ئامراق ھالۋا  ئىتىپ قويدۇم… سوۋۇپ كىتىدۇ تىز  يەۋال ھە…
دەيدىغان مىنىڭ يۈزىمنى قوللىرىمنى ئىسسىق لۆڭگىدە ئىيتىدىغان ئاپام ئەتىسى تورۇسقا قاراپ كۈن تىكلەشكىچە ياتساممۇ كىرمىدى. ھەر شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئەتىگەندە ئاپام ئىككىمىز ھەرخىل كۇرۇسقا باراتتۇق، ئاپام مېنى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇراتتى، كىچىك پىدائىي قىلاتتى. بۈگۈن چۈش بولغۇچە ئاپامنىڭ قارىسى كۆرۈنمىگەندىن كىيىن زورىغا ئورنىمدىن تۇرۇپ سۇخانىدا يۈزىمنى يۇيدۇم. چىچىم بەك ئۇزۇن بوغاچ تارىيامماي تاغاق چىچىمغا يۆمىشىپ قالدى،تارتىپ چىقىرامماي  يىغلاشقا باشلىدىم،
-ئاپا… تاغاق چىچىمغا  يۆمىشىپ  قالدى…   ئاپا…  سىز قېنى ئاپا…  
گىلىم يىرتىلىپ كەتكىدەك يىغلىساممۇ ئاپامنىڭ قارىسى كۆرىنمىدى،  ئىشىك تاراقشىپ ئىچىلۋىدى يۈگۈرۈپ مىھمانخانىغا  چىقتىم،  ئىشىك ئىچىپ  كىرگىنى ئاپام  ئەمەس  دادام ئىدى.
-نىم بولدى؟  نىمىگە يىغلايسىز؟كىلىڭە، كىلىڭە…
دادام  چوڭ ئالقىنىدا مەڭزىمدىكى ياشنى ئىيتىپ مېنى قۇچىقىغا ئالدى،  
-ئاپا… ئاپام  قىنى دادا  ئاپام  نەگە كەتتى… …
دادامنىڭ پەپىلشىگە ئۇنىماي  غەلۋە قىلىۋەدىم،
-سىزگە قونچاق ئالغاچ كەلدىم قاراڭە چىرايلىقمىكەن… يىغلىماڭ ھە…
دادام  يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقچىلىق قونچاقنى  ماڭا قۇچاقلىتىپ قويدى،
قونچاقنى بىردەم ئويناپ يەنە ئاپامنىڭ جىنى تۇتۇپ يىغلاشقا باشلىدىم، ئېغىزىمدا ئاپام نەگە كەتتى دىگەن گەپ چۈشمەيتى،خىلى بىر چاغ ئۆتۈپ دادام ئاپامغا تېلېفۇن قىلدى، ئاپام ئىشىكتن كىرشىگە ئاپامغا ئىتىلدىم،ئاپام مىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ قۇچىقىغا ئالدى، ئاپام دادامنىڭ نىمىلەنى دىيىشكىنى ئىسىمدە يۇق،دادامنىڭ «شەھلا كىچىك تۇرسا ئۇنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ، ئاپىسى بوممىسا ئۇ قانداق قىلىدۇ»دىگىنى يەنە ئاپامنىڭ « مىنىڭ  سىز بىلەن ئۆتكۈم يوق، سىز بەك ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز…» دىگەنلىرى غۇۋا ئىسىمدە،ئەتىسى ئەتىگەندە ناشتا قىۋاتقاچ ئاپام ۋاقىتنى سۆرىمەي دەرھال رەسمىيەت بىجىرىۋىتەيلى دىدى،دادام ئايرىم دىيىشەيلى دەپ ماڭا ھالۋىنىڭ ياڭاقلىرنى نانغا ئارلاشتۇرۇپ يىگۈزىشكە باشلىدى، دادامنىڭ قۇچىقىدا تاماق يەپ كۆنۈپ قاغان بولغاچ ئاپام مەن يىگۈزۈپ قوياي دىسە ئۇنىمىدىم، ئاپام تەرىنى بىر تۇرۇپلا «بىز بۇرۇن دىيىشكەندەك بوسۇن، شەھلا سىزگە ئۆگىنىپ قالدى،سىز باقسىڭىز ياخشى بوغىدەك» دىدى، دادام«  قىزبالغا ئاپىسى بوممىسا بولمايدۇ،شەھلانى سەل چوڭ بوغىچە سەن باق، ئايدا نەچچە  دىسەڭ بىرىمە» دىدى، ئاپام  مېنى  باقسام بىللە چەتكە ئەچىقىپ  كىتىمە دىدى، دادام  ئۇنىمىدى،
-بالىنى يىنىمدا باق دىگىنىڭىز مېنى تەتۈر قىينىغانلىق بومماي نىمە،ئاجراشساممۇ مىنى ئارامىمدا قويمامسىز…
دىدى ئاپام، ئاندىن ئىككىسى ئاۋال تاماق جوزىسىسدا، ئاندىن مىھمامخانىدا پاراڭلاشتى، ۋارقىراشتى مەن بىر بولۇڭدا پارقىراپ قاراپ ئولتۇردۇم.مېنى  ئاپامنىڭ  بىللە يىراق يۇرتقا ئەچىقىپ كىتىشى ۋە دادامنىڭ  يىنىدا بىقىشى توغرىسىدا  خىلى زىدىيەت  بولدى، ئاپام باقسام بىللە ئەكىتىمە دىگەن  گىپىدىن  يىنىپ  ماڭا بالا لازىم ئەمەس ئاجراشساملا بولدى دىدى، لازىم ئەمەس دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ھىقىقداپ تۆكۈلۈپ  كەتتىم،
-ئاڭلا شەھلا سىنى قەستەن باقمدىم ئەمەس،داداڭنىڭ يىنىدا سىنى بىقىشقا ئامالسىزمەن، چوڭ  بوساڭ چۈشىنىسەن قوزام…
ئاپام يۈزىمنى سىيلاپ قويۇپ سىرتقا ماڭدى،ئەگىشۋىدىم دادام تۇتۋىلىپ ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ ئىشىكنى تاقىۋالدى، يىغلاپ ھېرىپ  ئۇخلاپ قاپتىمەن.ئاپامنىڭ ماڭا بالا لازىم ئەمەس دىگىنىنى بىر ئۇخلاپ قوپۇپ ئۇنتۇپ قىلىپ  يەنە ئاپامنىڭ غەلۋىسىنى قىلشقا باشلىدىم،دادام  قولۇمغا ھېلى ئۇنى ھېلى  بۇنى تۇتقۇزۇپ بەزلەيتى،
-دادا ئاپام ئەمدى مىنى باقمامدۇ.
دەپ سورىدىم،دادام  قولتۇقىمدىن بىر كۆتۈرۈپ  سافانىڭ  ئالدىدىكى  شىرەگە  ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ بىشىمغا قولىنى قويدى،
-باقىدۇ نىمىشقا باقمايدۇ،ئاپىڭىز ماڭا قىيداپ ئۆيگە كەگىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ،ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپ  ئاچچىقى يانغاندا ئاپىڭىز قايتىپ كىلىدۇ. دادامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ خوش بوپ بىشىمنى لىڭشىتتىم، دادام دىگەن ئازراق ۋاقىت كىلەي دىمەيتى، بىېيجىڭنىڭ قىشىمۇ تۈگىدى،باھارمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى،لىكىن ئاپام كەممىدى،دادامدىن سورىسام ھازىر جىم تۇرۋالدىغان بولدى، شۇنىڭۋىلەن ئۆزۈمنى يەگە ئىتىپ يىغلاپ غەلۋە قىلدىم،
-ياق  ماڭا ئاپام  كىرەك  ئاپامنى تەپ بىرىڭ؟
-ماڭا قاراڭ قىزىم، غەلۋە  قىلىۋەمەڭ…ئاپىڭىز بوممىسا مانا مەن باغۇ…
دادام مىنى تۇتسا قالايمىقان ئۇرۇپ غەلۋە قىلىۋەدىم
-بۇنىڭدىن كېيىن  ئاپىڭىز يوق،  ئۇنى  ئۆلۈپ كەتتى دەپ بىلىڭ    بۇنىڭدىن كېيىن  ئاپىڭىزنى  كۆرەممەيسىز…
دادامنىڭ  كۆزىگە چەكچىيىپ  قارىدىم،  كۆز نۇرى شۇنچىلىك تەمكىن ئىدى،كۆزۈمدىن كۆز ئۈزمەي بىشىمغا قولىنى قويدى،ياق دەپ يىغلاپ غەلۋە قىلدىم، ئۆلۈپ كەتتى دەپ بىلىڭ دىگەن گىپىنى چۈشىنەممىدىم ھەم  قوبۇل قىلاممايتىم،    
-بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك ئاپىڭىز ئۇ، ئۇ ئەمدى يوق…ئەمدى سىزگە مەنلا با،ئاپىڭىز ئەمدى سىزنى باقالمايدۇ ئۇ يوق،بۇ دۆلەتنىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوق چۈشەندىڭىزمۇ؟…
دادام مىنى ئىشەنمەي قاممىسۇن دىگەندەك شەھەر چىتىدىكى قەبرىستانلىققا ئەچىقىپ بىر گۈمبەزنى كۆرسىتىپ ئاپىڭىزنىڭ قەبرىسى  دىدى. كىچىك بالا ئۆلگەن ئادەمنى كۆسە بومايمىش شۇڭا ئاپامنى دەپنە قىلۋىتىپتۇدەك، بۇنى يالغان دەيتىميۇ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئىدىم،چۈنكى شۇ كۈندىن باشلاپ ئاپام تۇرمىشىمدىن پۈتۈنلەي غايىب بوغان ئىدى. قەبرىستانلىقتىن قايتىپ كەگەندىن كىيىن ئارامسىزلىنىپ ئۇيقۇم قاچتى يىغلىغملا كىلەتتى، ئاشۇ خىشلىق تامنى قۇچاقلاپ ئاپامنى چاقىرغۇم كىلەتتى، ئاپامنىڭ يىنىغا ئاشۇ گۈمبەزنىڭ يىنىغا بىر باسام كۆڭلۈم ئارام تاپىدىغاندەك ئىچىمدىن قايناۋاتقان بىر مۇڭ، يىغىنى ئاشۇ گۈمبەز يىنىغا باساملا بىسىقتۇرالايدىغاندەك ئىدىم. مەكتەپتىن قويۇپ بەگەندىن كىيىن ئۇخلىماي مىھمانخانىدا دادامنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، دادام ئىشىكتىن كىرىشىگە ئالدىغا يۈگۈردۈم،  چۇكۇلداپ قولىغا ئىسىلدىم.
-ئاپامنىڭ يىنىغا ئاپىرىڭ، ئاپامىسىڭىز ئۇخلىمايمەن، تاماقمۇ يىمەيمەن…
-ئاپام ئاپاملا دەمسىز… مانا مەن باغۇ،سىزنى مەن باقىمەن ،ھېچكىمگە بەمەيمە. مەن سىزنىڭ دادىڭىز گۈلىستانغىمۇ، ئاپىڭىزغىمۇ بىردىغان بالا يوق…ھەممىسى ئىشىنى قىسۇن…
دادام  ئالدىمدا يۈكۈنۈپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ گەپ قىغۇچە تىنىقىدىن كىلۋاتقان بەتبۇي سوغۇق پۇراق دىمىقىمغا ئۇرۇلۇپ ئۆزىمنى ئەپقاچتىم، دادام مىنى زورلاپ كۆتۈرۈپ مەڭزىمگە كۆزۈمگە سۆيدى، بىشىمنى  ئەپقاچقاچ ئىغىزىنى ئالقىنىمدا توسىۋالدىم.دادام يىرىك ساقال ئىزى قاپلىغان يۈزىنى يۈزىمگە يىقىپ مېنى زورلاپ قۇچاقلاپ ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ  يىنىمدا يىنىچە ياتتى،گۇڭراپ بىر نىمىلەنى دەپ ئۇخلاپ قالدى،مىنىڭ بەدىنىم دادامنىڭ ئىككى قولىدا چىرماغلىق بوغاچ  ئۆرىلەممەي قىينىلىپ كەتتىم، دادام يۈزىنى بىشىمغا تاقىۋالغان بوغاچ دادامنىڭ تىنىقىدىن چىققان بەتبۇي پۇراق دىمىقىمغا كىرىپ  كۆڭلۈم ئايلىناتتى،ئۇخلىيالماي يىغلاۋەدىم،بىر كەمدە دادام ئويغىنىپ سۇخانىغا كىرىپ چىقتى. يىغلاۋاتقىنىمنى كۆرۈپ بايا مەسلىكتە ۋاقىردىممۇ دەپ سورىدى بىشىمنى چايقىدىم،دادام نىمىگە يىغلىغىنىمنى سورىدى.
-قورسىقىم ئېچىپ كەتتى ماڭا…ماڭا تاماق بەمىدىڭىز…  
دادام قولىدىكى ئالتۇن سائەتكە قارىۋېتىپ مېنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىغا ئەكىردى. قاملاشمىسىمۇ تۇخۇم پوشكىلى قىپ بەدى،ئۇۋۇلۇپ كەتكەن بىر چىنە تۇخۇمدىن بىر قوشۇق يەپلا كۆڭلۈم تۇتۇلدى، دادام نەچچە تال تۇخۇم پىشۇرۇپ چاي بىلەن يىگۈزدى…قورسىقىم تويۇپ يەنە ئاپامنى سورىدىم،يىنىغا بامامدۇق دەپ تۇرۋالدىم...
دادام قانداق چۈشەندۈرسۇن  ئاپامنىڭ  يىنىغا ئاپىرىڭ دەپلا تۇرۋالدىم،  كىچىسى ئاپام ئىيتقان ھېكايىنى، ناخشىنى ئاڭلىياممىساممۇ،   ئاپامنىڭ ئاتالمىش ماكانى، مەنزىلى بوغان شۇ خىشلىق گۈمبەزنى كۆرمىسەم بوممايدىغاندەك خەقىشلىق قىلىۋەدىم.
-نىمانداق گەپ  يىمەيسىز؟  ئاپىڭىز ئۆلدى ئۇ ئەمدى يوق… ئەمدى يەنە ئاپا دەيدىغان بولسىڭىز ھېلىقى گۈمبەز يىنىغا ئاپىرىپ تاشۋىتىمەن.
دادامنىڭ بۇ تەھتىدىن قوقمىدىم،  ۋارقىرىسا تەڭ ۋارقىراپ يىغلاۋەدىم،   دادام مېنى قولتۇقىمدىن ساڭگىلتىپ كۆتۈرۈپ  سىرتقا ئەچىقتى،  كوچا چىراقلىرى يورۇتۇپ تۇرغان يوللاردىن يىراقلاپ گۈپۈلدەپ يۇندا ئورىكى پۇرايدىغان تار كىچىك، كوچا چىرىقىمۇ يوق يوللاردا ئاندىن  كىچە قاراڭغۇلىقىدا ماڭدۇق. خىلىدىن كىيىن تىمتاس، مۇدھىش بىر  جايدا ماشنىدىن چۈشۈردى،  گۈپپىدە ئۇرۇلغان سېسىق گۆش پۇرىقىنى پۇراپ  بۇرنىمنى ئەتتىم، يالاڭ ئاياق پۇتۇمدا يەردىكى توپىنى سىيپاپ سۆرەپ ھېلىقى گۈمبەزگە  يىقىنلاشتم.
-ھە ئاپىڭىزنىڭ يىنىغا باغۇڭىز باتىغۇ؟  مۇشۇ يەردە ئاپىڭىزغا  ھەمرا بوپ يىتىڭ… قۇرت-قوڭغۇزدىن باشقا ئادەم قىنى شورايدىغان  شەپەرەڭ، يەنە ئالۋاستىمۇ با، ئۇلار سىزگە ھەمرا بولسۇن…
شۇنچىلىك  ۋەھىمىلىك ئىيتىلغان سۆزنى ئاڭلاپ سۈر باستى،  كەينىمگە داجىپ ئاپامنىڭ  قەبرىسىنىڭ ياغاچ ۋادەڭلىرنى تۇتۋالدىم، دادام مېنى كۆتۈرۈپ  ھېلىقى ۋادەكنىڭ ئىچىگە سىلىپ قويدى، پۇتۇمغا سوغۇقلا  بىر نىمىلە يۆمىشىپ قالدى. ۋايجان دەپ ئۆزۈمنى ۋادەك سىرتىغا ئاتتىم، قورقۇپ كەتكەچكە ھەم جۇغىم كىچىك بوغاچقا ئۇ ۋادەكتىن ئۆتەممەي  يەرگىلا چۈشتۈم، توپا تاتىلاپ چىرقىراپ ئورنىمدىن تۇرۇپ يەنە ۋادەك سىرتىغا ئىتىلدىم، دادام مېنى ۋادەك سىرتىغا ئەپ قويدىيۇ ئارقىسىغا قارىماي مەندىن يىراقلاپ كىتىۋاتاتتى، غەلىتە ئاۋاز سېسق پۇراققا تولغان سۈرلۈك بۇ جايغا ئاپامنى كۆرىمە دەپ كەممەسلىك قارارىغا كەلدىم، ئىنىقكى مەن سىغىنىپ كەگەن بىلەن ئاپام مېنى باغرىغا باسمايدىكەن، بۇ تەرىپىنى ئىنىق تونىغان ئىدىم. بار كۈچۈم بىلەن  يۈگۈرگەچ  دادامغا مىنى تاشلاپ قويماڭ دەپ  يىغلىدىم …دادام كۈندە مەس كىلەتتى،ئىسىدە بوسام ماڭا تاماق بىرەتتى،بوممىسا ئاچ قالاتتىم، يىنىغا بىرىپ قورسىقىم ئاچتى دىمىسەم ماڭا تاماق بىرىش ھەرگىز ئىسىدە يوق ئىدى…بىر كۈنى دادام مېنى ئۆينىڭ يىنىدىكى كىچىك باغچىغا ئەچۈشۈپ قويدى كىچىك دوسلا بىلەن خۇشال ئويناۋىتىپ ھوشۇمدىن كىتىپتىمەن، ئويغانغاندا قولۇمدا ئوكۇل دوختۇرخانىدا ئىدىم، دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ماڭا ئوزۇقلۇق يىتىشمەپتۇ، دادام مەن دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن بۇرۇنقى ئۇيان-بۇيانغا چاپىدىغان تىجارەتنى تاشلاپ بىر رىستۇراننى ئىچىشقا باشلىدى. تۇردىغان ئۆيىمىز رىستۇراننىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئىدى،ئۆيگە رىستۇراننىڭ سەي، گۆش ئۇششاق چۈششەك قويدىغان ئامبار ئالدىدىكى پەلەمپەيدىن چىقاتتۇق. ئاشخاندىكى ئاكاش ئاچاشلا نىم يەيمە دىسەم ئىتىپ بىرەتتى…دادام مەكتەپتىن ئەكەپلا مېنى رىستۇراننىڭ ئىچىدە ئوينا دەيتى،سىرتقا ئوغۇرلۇقچە چىقىپ كەتسەم بىردەمدە قايتۇرۇپ كىرەتتى،ئوينىغىلى قويمىدىڭ دەپ يىغلىسام :
-ماقۇل سىرتقا چىقىپ ئويناڭ دىسەم سىز بەك يىراققا كىتىسىز،ئوينىغىلى چىقاغۇزمىسام خاپا قىلىسىز…شەھلا قوشنا دۇكاندارلانىڭ باللىرى بىلەن ئوينىسىڭىز بوممامدۇ…
دىدى،دادامنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي جىدىلىمنى قىلىۋەدىم،
-ياق ئۇلا بەك كىچىككەن،مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ دوسلىرى بىلەن ئوينايمە…
ئۈچ  قىزىل چىراق نىرىسىدىكى قورۇدا ئولتۇردىغان ساۋاقداشلىرىم بىلەن  ئوينايمە دەپ تۇرۋالدىم، دادام ئارلىق يىراق يالغۇز بىرىپ كەسىڭىز بىخەتەر ئەمەس دەپ ئۇنمىدى،
بىر كۈن يەنە ئوغۇرلۇقچە دوسلىرىمنى ئىزدەپ ماڭدىم.بىر قىزىل  چىراقتىن ئۆتۈپ  يەنە بىر قىزىل  چىراقتا تۇراتتىم.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章