دىللاردا سەنەم130-قسىم

文摘   2025-01-30 21:04   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم
دىللاردا سەنەم128-قسىم
دىللاردا سەنەم129-قسىم


ـ-نۇركامىل بايۋەتچە ئادىمىزاتسىز شۇ سايلىقتا قاق بىر كېچە قىينىلىپ، يالغۇز نالە قىلىپ چىقتى. مەيلى ئۇ قانچە ئۈنلۈك ۋارقىرىسىمۇ ئاۋازىنى ھېچكىم ئاڭلىمايتتى ۋە بۇ سايلىقتا ئۇچار قۇشلار، ئاندا- ساندا ئۆتۈپ قالىدىغان يەر ھاشارەتلىرىدىن باشقا ھېچقانداق جانلىق ئۇچرىمايتتى. سۇنۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى سۆرەپ ئۆمىلەپ بۇ سايلىقتىن چىقىمەن دېسە بىر كۈن ئەمەس، بىر يىلدىمۇ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ قورسىقى ئاچقان، ئۇسسىغان، ھالىدىن كەتكەن ئۇ ئاغرىق دەستىدىن جېنى چىقايلا دەپ قالغان ئىدى...

شۇ ھالدا قانچە ئۇزۇن ياتقانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىدى. بىر چاغدا كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنى تولىمۇ كونىراپ، تورۇس ۋە تاملىرىدىن تالادىكى يورۇقلۇق كۆرۈنۈپ، خۇددى يۇلتۇزلۇق ئاسماندەك تۇيغۇ بېرىدىغان، يەرگە سېلىنغان كىگىز ئەسكىرەپ يىرتىلىپ قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن، پۈتۈن تۇرقىدىن ۋەيرانلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، تېرە، قىغ ۋە قانداقتۇر نەرسىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن قاڭسىق بىر پۇراق دىماققا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان كونا بىر ئۆينىڭ ئىچىدە كۆردى. ئۇ ئالدىراپ- تېنەپ پۇتلىرىنى سىلىۋېدى، ئىككىلا پۇتىنىڭ تىزىنىڭ تۆۋىنىدە قىلچە سېزىم يوقلۇقىنى، قانچە مىدىرلىتىپ باقسىمۇ ئاغرىقتىن باشقىنى سەزمىگىنىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ ئىچ ئاغرىتىپ قاراپ تۇرغىنى بولسا يەتمىش ياشلاردىن ئېشىپ قالغان، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان، ھاسىغا تايىنىپ ماڭمىسا ئورنىدىنمۇ تۇرالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بىر جۈپ مويسىپىت ئەر- ئايال ئىدى. ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر نەۋرىسى نۇركامىل بايۋەتچىنى سايلىقنىڭ ئۇ بېشىدا بايقاپ يۈدۈپ ئۆيگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى ئەكىلىپ ئۆيدە ياتقۇزۇپ قويۇپلا ئەتراپتىن تېۋىپ ئىزدەپ چىقىپ كەتكىنىچە ھازىرغىچە قايتىپ كەلمەپتۇ. قايسى چاغ بولغانلىقى سورالغاندا «ئاللىقاچان كەچ كىرەي دېدى، قاش قارايغىلىۋاتىدۇ» دېگەن جاۋابنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. دېمەك نۇركامىل بايۋەتچە ھوشىدىن كەتكەن شۇ يەردە بىر كېچە- كۈندۈز ياتقانىدى.

بوۋاي- موماي ۋە ئۇلارنىڭ نەۋرىسى قانچە تىرىشىپمۇ ئەتراپتىن سۇنۇق يارىسىنى كۆرۈپ بىلەلەيدىغان، تېڭىپ ساقايتالايدىغان بىرەر تېۋىپ تاپالمىدى. يىراققا ئاپىرايلى دېسە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئات- ئۇلاغلىرى يوق بولۇپ، ئۆزىنى جۆڭشىيەلمەيدىغان كېسەل بىر ئادەمنى يۈدۈپ ئۆيدىن چىقىپ، ساق ئادەم ئات چاپتۇرۇپ يېرىم كۈن يول يۈرگەن بۇ سايدىن بىر كۈن ئىچىدە چىقىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار باشقا ئامال تاپالماي ئاخىرى «ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئىزدەپ كېلىپ قالسا شۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرەرمىز» دەپ ئويلاپ، قورسىقىنى بېقىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ۋايجانلىرىنى ئاڭلاپ شۇ ئۆيدە ئون كۈندىن ئارتۇق ياتقۇزۇپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ ھېچ بىر ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئىزدەپ كەلمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى سۇنغان پۇتىنىڭ گۆشلىرى سېسىپ، چىدىغۇسىز قاڭسىق پۇراق تارقىتىپ تۇراتتى. سېسىش ۋە بۇ پۇراقلار كۈنسايىن ئاۋۇپ،  ئۆي ئىچىدە تۇرغىلى بولمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغاندا بوۋاي بىلەن موماي چۆچۈشتى ھەمدە «بۇ بالا مۇشۇ ئۆيدە ئۆلۈپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى شەھەر ئىچىگە يەتكۈزۈپ قويايلى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى تىڭتىڭلاپ باقساق، بىرەر يەردىن ئۇچۇرى بولۇپ قالار» دەپ نەۋرىسىنى بۇيرىدى.

نەۋرە يىگىتنىڭ قولىدىن كېلىدىغانلىرىمۇ چاغلىق ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاخىرقى ئەقلى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شاخ شۇمبا ۋە بادىرلاردىن پايدىلىنىپ بىر دانە سۆرەم ياساپ چىقتى. ئاندىن سۆرەمنى بار- يوقى بىر تاللا موزېيىغا چېتىپ، نۇركامىل بايۋەتچىنى شۇ سۆرەمنىڭ ئۈستىگە ياتقۇزۇپ، ئۆزى موزاينى ھەيدەپ يولغا چىقتى.

شۇ تەرزدە توختىماي يول مېڭىپ، ئۇسسىسا توغراق غوللىرىنى چاناپ سۇ چىقىرىپ ئىچىپ، توغراق ئۇچرىمىسا ئاندا- ساندا ئۇچراپ قالىدىغان قومۇشلارنىڭ يىلتىزىنى كولاپ سۈيىنى سۈمۈرۈپ، قورسىقى ئاچسا ياۋا توشقان تۇتۇپ كاۋاپ قىلىپ يەپ، موزاي چارچاپ قالغۇدەك بولسا يولدا ئۇچرىغاندا تېرىپ يىغىۋالغان ئوت- خەسلەرنى ئۇنىڭغا تاشلاپ بېرىپ ئارام ئالدۇرۇپ، دەل ئۈچ كۈن بولغاندا سايلىقتىن چىقتى. سايلىقتىن چىققاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ كىشىلەردىن سوراپ يۈرۈپ تېۋىپ ئىزدەپ تاپتى. ئەمما تېۋىپ ئاللىقاچان كېچىككەنلىكىنى، نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ تىزىنىڭ ئاستى تەرەپ پۈتۈنلەي سېسىپ، چىرىپ كاردىن چىققانلىقىنى، ئەمدى ئۇنى قۇتۇلدۇرىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىردىنبىر ئامالنىڭ پەقەت پۇتىنى كېسىۋېتىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمدى ئارتۇقچە ئويلىشىپ، تىركىشىپ تۇرۇشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. ئەگەر يەنە كېچىكسە سېسىغان گۆش ئۈستىگە قاراپ ماڭاتتى- دە، ئۇنىڭ جېنى تېخىمۇ قىينىلىپ كېتەتتى. پۇتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمىغان ئىكەن، كېسىۋېتىپ بولسىمۇ جېنىنى ساقلاپ قالمىسا بولمايتتى. قاراقچىلار تۇتۇۋېلىپ جېنىنى قىيناۋاتقان شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا ئاقىۋەتنى ئويلاشماي ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ ئالدىراپلا ئۆيدىن چىققىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان نۇركامىل بايۋەتچە، مانا ئەمدى پۇشايماننىڭ تېخىمۇ قاتتىقىنى قىلىپ، لېۋىنى ئۆلگۈدەك قاتتىق چىشلىدى...

نۇركامىل بايۋەتچىنىڭمۇ، نەۋرە يىگىتنىڭمۇ يېنىدا تېۋىپقا بەرگۈدەك پۇل يوق ئىدى. ئەمما نۇركامىل بايۋەتچە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆزىنى داۋالاپ ھېچ بولمىسا جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قويسا، ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى دەپ، تېۋىپنىڭ ھەققىنى دادىسىدىن ئېلىپ ئۆزىگە ئەكىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇرۇپ كەتتى. ئۇ شۇنچە كۆپ گەپلەرنى قىلىپ يالۋۇرۇپ كاپالەت بېرىۋاتقان يەردە تېۋىپ كىشىنىڭمۇ ئۇنى نائۈمىد قويغۇسى كەلمىدى. قاراپ تۇرۇپ تېرىك بىر جان كۆز ئالدىدا جان ئۈزسە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئېيتقۇسىز ئازاب ئىدى.

شۇنداق قىلىپ پۇتى ئاۋۋال سۇنۇپ، ئاندىن كېسىلىپ كەتكەن نۇركامىل بايۋەتچە سېسىغان يەرنىڭ يېرىڭلىرى تۈگەپ، زېدىنىڭ ئورنىغا تېرە ئۆسۈپ چىقىپ جاراھەت تولۇق ساقايغىچە تېۋىپنىڭ ئۆيىدە تۇردى. تېۋىپ كىشىمۇ «مەن ساقايغاندا ئۆيدىن ئەكىلىپ بېرەي» دېيىلگەن پۇللارنىڭ ئىشەنچى بىلەن مەخسۇس بىر خىزمەتكار ئاجرىتىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدۇردى. شۇنچە ئىشلار يۈز بېرىپ، ئۇ ساقىيىپ تولۇق ئەسلىگە كېلىپ، ئورنىدىن تۇرالمىسىمۇ ھەرھالدا بىر يېرىم ئاغرىمىدى دېگۈدەك بولغۇچە ئايچېھرە خېنىممۇ قورساق كۆتۈرۈپ، تۇغىدىغاننى تۇغۇپ، بالىسىنى نەچچە ئايلىق قىلىپ بولغان ئىدى. تېۋىپ كىشى ئۇنى ئۆيىگە قايتسا بولىدۇ دەپ قارىغاندا قەسرىدىكى خىزمەتكاردىن ئىككىنى ئاجرىتىپ، ئۆز ئوغلىنى ئۇلارغا قوشۇپ، نۇركامىل بايۋەتچىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشنى، ئاندىن ئۇ ۋەدە قىلغان پۇللارنى دادىسىدىن تولۇق ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپ يولغا سالدى... (107-باب تۈگىدى)


-108باب

يېڭى ئاغىچا خېنىمنى ھەيدەپ چىقىرىش


(202)


گۈلساھىپخان بىلەن شارۋانەم داستىخان تەييارلاپ، كەچكە يېقىن ئايچېرە خېنىمنى نۇركامال بايۋەتچىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ كېلىدىغان بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ داستىخانلىرى تەييار بولۇپ، قوشۇلغان مەپە دەرۋازا ئالدىغا باغلىنىپ، مەپە ئۈستىگە زىلچە گېلەملەر سېلىنىۋاتقاندا، نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئۆيىدىن بىر مەپىلىك ئادەم كەلدى ۋە ئايچېھرە خېنىمنىڭ ئۇ ئۆيىدە قېپ قالغان باشقا نەرسە- كېرەكلىرىنى، بالىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن تارتىپ بىرمۇنچە نەرسىلەرنى مەپىدىن چۈشۈرۈپ قەسىر ئىچىگە ئەكىرىپ بېرىپ، بۇ نەرسىلەرنى نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەمدى ئۇ ئۆيدە ئايچېھرە خېنىمنىڭ ھېچنىمىسى قالمىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇپ قايتىپ كېتىشتى. قىزنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇ ئىشقا قاراپ ئايچېھرە خېنىمنى مەجبۇرلاپ ئاپارسىمۇ نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ بەرىبىر ئېلىپ قالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن گۈلساھىپخان ئاستا كىرىپ بۇ ئىشنى سەيدۇللا باي بىلەن سائادەت خېنىمغا يەتكۈزدى. ئەھۋال شۇ تۇرسا، قاشاڭلىق قىلىپ يەنە زورلاپ ئاپىرىپ قويغىلى بولاتتىمۇ؟ ئاپىرىپ قويۇپ بولغاندا «ئېلىپ قالمايمەن، قايتۇرۇپ كېتىڭلار» دەپ قالسا، بۇ يۈزنى نەگە قويغۇلۇق؟ شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ئۇلارمۇ ئايچېھرە خېنىمنى ئاپىرىپ قويماسلىق، بىر مەزگىل مۇشۇ ئۆيدە تۇرغۇزۇش، كېيىنكى ئىشلارنى ئەھۋالغا قاراپ بىرياقلىق قىلىش قارارىغا كەلدى. باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى ۋاقتى كەلگەندە ئەھۋالغا قاراپ بىرتەرەپ قىلغىلى بولاتتى، ئەمما ئايچېھرە خېنىم يامانلاپ كەلگەن كۈنى ئايسەنەم خېنىمنىڭ ھامىلدار بولغىنىغا خۇشال بولغانلارنىڭ، ئۆزىنى كۆرۈپلا چېھرىدىكى خۇشاللىقنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچكىنىگە بولغان ئاچچىقىنى ھېچقانداق قىلىپ بىرتەرەپ قىلغىلى بولمىدى.

«قارىغاندا بۇ ئانا- بالا ئىككىسى بىزنىڭ بۇ ئۆيدىكى ئورنىمىزنى ئىگىلەپ بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئېرىمنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلگىنىمگىلا ھەممەيلەننىڭ مۇئامىلىسى سوغۇق، يەنە كېلىپ ئايسەنەمنىڭ ھامىلدار بولغىنىغا خۇشال بولۇپ ھالى قالمىغانلار مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپلا چىرايىدىكى خۇشاللىقلار ئۆچتى. بۇنداق كېتىۋەرسە بارا- بارا مېنى كۆرسە ھۆ قىلىدىغان ھالغا يېتىدىغان ئوخشايدۇ، بىر ئامال قىلىپ يا ئايسەنەمنى، يا ماۋۇ شەرۋانەكنى بۇ ئۆيدىن قوغلىۋەتمىسەم بولمايدىغاندەك قىلىدۇ، شۇ چاغلاردا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئانامنى قايتۇرۇپ كېلىدىغاننىڭ كويىغا چۈشسەممۇ بوپتىكەن. ھەي ئېسىت! كۈنبويى ئازابلىنىپ ئۆيگە بېكىنىپ ئولتۇرغاننىڭ قولىدىن پوق كەلدى مانا. ئەمدى تېخى نۇركامىل مېيىپ بولۇپ قايتىپ كەپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتقىلى بولمىغۇدەك. مەن ئۆي تۇتىمەن دېسەممۇ، ئۇ مېنى خالىمايدىغاندەك قىلىدۇ. بالىنىڭ ئىسمىنى دانىيار قويىۋالغىنىمغا ئادەمگە قىلمايدىغان سوغۇقلۇقلارنى قىلىپ كەتتى، ئاجايىپ بىر باغرى تاش، ئوسال خۇيلۇق بالىكىنا ئۇ، ئەجەب بىلمەپتىكەنمەن باشتا. ئۇ مەن بىلەن ئۆتۈشنى خالىمىغان بولسا تېخى مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتۈشنى خالىمايمەن. بالامنى ئۆزۈم ئېلىپ قېلىپ ئاجرىشىپ كەتسەم، قايتا ياتلىق بولالماي قالسام كېيىنچە بالام ماڭا يار- يۆلەك بولسا، مۇشۇنداق ياشاپ ئۆتىۋەرسەممۇ بولغۇدەك. ئىشقىلىپ دادامنىڭ ئۆيىدە تۇرسام ئاش- ناندىن، خىراجەتتىن غەم قىلمايمەن. پەقەت شۇلا ئېھتىياجىم ھەل بولسا قايتا ياتلىق بولۇش، بولماسلىقنىڭ كارى چاغلىق. ياتلىق بولساممۇ ئەر كىشى دېگەن شۇنچىلىك نەرسىكەن ئەنە. ۋاي دېگەنسېرى ئېشىۋالىدىغان خۇيلىرىنى كۆرسەمغۇ چىرايىغا قارايدىغان يەردىن يوق. ئاتام زامانىسىدىكى ئىشلارغا قېيدىۋېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ بولىۋالغان ھالى شۇ، ئاشۇنچىلىك ئىشقا كاللىسى ئىشلىمەي، كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلگەن ئادەمگە جايىدا بىر توختاپ نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ، «ئاكا- ئۇكىلار، مېنىڭ يېنىمدا سىلەرگە بەرگۈدەك پۇل يوق، شۇڭا مېنى قوغلىغىنىڭلار بىلەن بىكار»
دەپ ئەسلى- ۋەسلىنى كۆرسىتىپ قويماي، نوچىلىق قىلىپ ئالدىغا چۈشۈپ قېچىپ بىكاردىن ئۆز جېنىغا زۇلۇم سېلىپ مېيىپ بولىۋاپتۇ قاپاقباش. قاملاشتۇرالمايدىغان، ھېچكىم كۆتۈرمەيدىغان نېمىسىگە نوچىلىق قىلىپ قېيداپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋالغۇچە، غىتىنى قىسىپ سىڭگەن نېنىنى يېسە بولىدىغان نېمە. زىددىيەت دېگەننى ئۆيدىن چىقىپ كەتمىسىمۇ قارىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ، شۇنچىلىك ئىشقا كاللىسى ئىشلىمەي تۇرۇپ تېخى مۇئەللىممىش شۇ ھالىغا. بۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمىغۇدەك، ئۇششاق ئىشنى قويۇپ ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ ئۆيدە داۋاملىق تۇرۇپ قالىدىغاننىڭ كويىغا چۈشەي، ئامالىنى قىلالىسام شەرۋانەكنى بۇ ئۆيدىن قوغلىۋېتەي، ئۆز ئانامنى قايتۇرۇپ كەلمىسەم بىكاركەن. ئۆز ئانامدىن باشقا ھېچكىم غېمىمنى يېمەيدىكەن، مەن ئۈچۈن كۆيمەيدىكەن. بولدى، ئەڭ ياخشىسى شۇنداق قىلاي، ئاجرىشىپ كېتىمەن دېسە ئاجرىشارمەن، نېمىدىن قورقاتتىم. ئاندىن يەنە مەزمۇت تۇرۇپ ئىنى- سىڭىللىرىمنى ھىمايە قىلاي، بۇ ئۆيدە مەن بولمىسام ئۇلار ئايسەنەم بىلەن شەرۋانەككە بوزەك بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. بۇلارنىڭ خورلىشىدىن مەن قوغدىمىسام ئۇلار بىلەن دادامنىڭمۇ كارى يوق. شۇ داداممۇ ئاجايىپ بىر ئادەم بوپتىكەن خوتۇنىغا دۈم چۈشىدىغان، ئانامغىمۇ ئۇنچىلىك ۋاي دەپ كەتمەيتتى، بۇ خوتۇن قانداق بىر تۈلكە خۇيلىرى بىلەن كەلتۈرىۋالىدىكىنە دادامنى؟... ئانامنى قولىدىن ئىش كېلىدۇ، ھىيلىگەر، كاللىسى ئىشلەيدۇ دەپ ئويلايتتىم، ئەمما بۇ خوتۇن ئانامنىمۇ بېسىپ چۈشكۈدەك. شۇڭا بىر ئامال قىلىپ قورسىقىغا بىرەرنى ئۈندۈرگۈچە ئۇنى بۇ ئۆيدىن قوغلىۋەتمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ...»

بالىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ ھۇجرىسىغا يالغۇز بېكىنىۋالغان ئايچېھرە خېنىم غەزەب ئىلكىدە ئەنە شۇلارنى ئويلىدى. شۇ تۇرقىدا ئۇنىڭ سىنچى كۆزلىرىنى نامەلۇم نۇقتىغا تىكىپ قېتىپلا قالغان تۇرقى ئەڭ غەزەبلەنگەن، بىر ئىش ئۈستىدە ئىنچىكە ئويلىنىۋاتقان مېھرىيار خېنىمنىڭ ئۆزىلا ئىدى.

ئايچېھرە خېنىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سەيدۇللا باي قەسرى تۇيۇقسىز سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىپ قالدى. چۈنكى كىملەردۇر كۈلۈشۈپ پاراڭلىشىپ تۇرغان بولسا، ئايچېھرە خېنىم ئۇلارغا خۇددى ئالالمىغان ئۆچى باردەك ئالىيىپ قارايتتى- دە، ئۇ چىرايلاردىكى كۈلكىلەرنى، سۆزلەۋاتقان زۇۋانلارنى دەرھال ئۆچۈرەتتى. ئۇ گويا ئاشۇ خىلدا قورقۇتۇپ باش ئەگدۈرۈشلىرىدىن ھوزۇر تاپىدىغاندەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، قول باغلاپ ئالدىدا لەببەي دەپ تۇرۇشى كېرەكتەك، ئۆزئارا پاراڭلىشىپ كۈلۈشۈپ تۇرۇش ئېغىر جىنايەتتەك، ئايچېھرە خېنىمنىڭ چېھرىدە كۈلكە پارلىمىغانىكەن ئۇنىڭدىن باشقىلارمۇ كۈلسە بولمايدىغاندەك بىر ھال شەكىللىنىپ قالغان ئىدى. ئەھۋالنىڭ مۇشۇ تەرەپلىرىگىچە چېقىشتۇرۇپ سەيدۇللا باي بىلەن سائادەت خېنىمنىڭ ئالدىغا بارغىلى بولمىدى. شۇڭا قەسىردىكى يۇقىرى- تۆۋەن ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنى كۆرگەن ھامان چىرايىنى، زۇۋانىنى بېسىقتۇرۇپ غىپپىدە يولغا ماڭىدىغان بولۇشتى. شۇ خىلدا يامان بولۇپ كەتكىنىدىن ئۇ ئۆزى بەكلا خوش ئىدى-يۇ، باشقا ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە غەشلىك ھۆكۈم سۈرەتتى.

كېيىنكى كۈنلەردە ئايچېھرە خېنىم بالىسىنى ئېلىپ ھەپتىدە بىرەر قېتىم مېھرىيار خېنىمنى كۆرۈپ كېلىدىغان بولدى.



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章