توي ۋە سۈيقەست22-قسىم

文摘   2025-02-03 21:20   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 


22-قىسىم
-قىسىم

_ كېلىن. سىز توختاپ تۇرۇڭ،_ يولدىشىمنىڭ دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ توختاپ تۇرۇپ قالدىم.

_ ئۇنىڭغا نېمە گېپىڭ بار..

_ سەن چۈشۈپ كەت. كېلىن بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار..

يولدىشىم بىلەن ئۆگەي ئاپىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دادىسى ماڭا قارىدى.

_ ئۆرە تۇرماي ئولتۇرۇڭ..

ئاستا يەنە جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم.

_ ئوغلۇمنىڭ ماڭا بىلدۈرمەي توي قىلغىنى ئۈچۈن ھېلىغىچە ئاچچىقىم يانغىنى يوق..

_ كەچۈرۈڭ تاغا، مېنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم يوقكەن. ھەتتا سىزنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىڭىزنىمۇ قايسى كۈنى بىلدىم..كەم ئەقىللىكىمىزنى كەچۈرۈڭ..

_ ئەتە مېنىڭ تونۇش بىلىش، تۇققانلىرىم كېلىدۇ.. ئەڭ ئېسىل ھالەتتە تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ..

_ چۈشەندىم. شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن.

_ ئۇلار گەپ سورىمىسا گەپ قىلماڭ.

_ بولىدۇ.

مۇئەللىمنىڭ ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتىم.

_ ئۇنۋانىڭىزنى سورىسا ئاسپىرانتلىقنى تۈگىتىپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇۋاتىمەن دەڭ..

_ چۈشەندىم..

_ خىزمىتىڭىزنى سورىسا مېنىڭ شىركىتىمگە قارىشىپ بېرىۋاتىمەن دەڭ..

_ چۈشەندىم. بولىدۇ دادا..

_ ئەمدى چىقىسىڭىز بولىدۇ..

يولدىشىمنىڭ دادىسىنىڭ يېنىدىن چىققاندىن كېيىن ئېغىرنى بىرنى تىنىۋەتتىم. لېكىن ئىچىمدىكى جىددىيلىك يەنە يوقايدىغاندەك قىلمايتتى.

ئىككىنچى قەۋەتكە چۈشكەندىن كېيىن ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدىم.

_ دادام نېمە دەيدۇ. بەك جىددىيلىشپ كېتىپسىزغۇ..

_ تونۇشلىرىم تۇققانلىرىم ئالدىدا ئېسىل ھالەتتە تۇرۇڭ. ئوقۇش تارىخىڭىزنى سورىسا ئاسپىرانتلىقتىن ئۆرلەپ ئوقۇۋاتىمەن دەڭ دەيدۇ...

_ ھە. مەن تېخى نېمە دېدىكىن دەپتىمەن..ئۇ دېگەندەك قىلسىڭىزلا بولدى..

_ سىلەرنىڭ ئۆيگە كېلىن بولۇش تەسكەن جۇمۇ..

_ ھەي، تېخى ھېچ ئىش بولمايلا بۇنداق دېيىشكە چۈشتىڭىزغۇ..

_ دادىڭىزنىڭ بايىقى كەسكىن چىرايىنى ئويلىساملا قورقىمەن. يەنە ئاۋۇ ئۆگەي ئاپىڭىز..

_ دادام شۇنداق كۆرۈنىدۇ. ئامال يوق، بىرمۇنچە ئادەمنى باشقۇرىدىغان تۇرسا..ئۆگەي ئاپامغا كەلسەك، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسقا سالسىڭىزلا بولدى..

_ ئەتە قانداق بولار دەپ قورقۇپلا تۇرىمەن..

_ قورقماڭ. بۇ توي كۆينەكنى كىيىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگەيدۇ..

يولدىشىم توي كۆينەكنى خالتىسىدىن چىقارغاندا ئۇ توي كۆينەكنىڭ مەن ئالدىدا كەيگەن كۆينەك ئەمەس بەلكى يېڭى كۆينەكلىكىنى ھېس قىلدىم.

_ بۇ؟! بۇ ھېلىقى كۆينەك ئەمەسقۇ..

_ ئۇ كۆينەكنى تاپالمىدىم. شۇڭا يېڭىدىن سېتىۋالدىم..

كۆينەكنىڭ باھاسىغا قاراپ كەينىمگە داجىدىم.

_ ۋاي ئانامەي. بۇ تۈمەنلىك كۆينەككەنغۇ..بىر كۈن كىيىشكىمۇ مۇشۇنداق جىق خەجلەمسىز..

_ بولدى. باھاسى بىلەن كارىڭىز بولماي كەيسىڭىزلا بولدى..سىز دادامنىڭ تۇققانلىرىنى بىلمەيسىز، ئۇلار ھەممە نەرسىگە قارايدۇ..بىركۈن كۆزىڭىزنى يۇمىۋېتىڭ بولامدۇ..

   _ بولىدۇ. مەن تىرىشاي..

ئىككىمىز تۈنۈگۈنكى ئورنىمىزغا كېلىپ ياتتۇق. ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم. يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ھېلىغىچە ھەيران بولىۋاتاتتىم. بۇ ئېسىل داچا، چوڭ لىدىر قېيىن ئاتا، كېلىشكەن ھەم ئەقىللىق يولدىشىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەمەس ئىدى، لېكىن مېنىڭ بولىشىنى خالايتتىم. بۇلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم يۇ، يەنە راستقا ئايلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.

  زورىغا كۆزۈمنى يۇمدۇم.

   ئەتىسى ئىشىكنىڭ قاتتىق چېكىلىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم. كۈن چىقىپ بولغان بولۇپ، يولدىشىم تېخى ئويغانمىغانىدى.

ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئېچىپ، ئالدىمدا تۇرغان يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسىنى كۆردۈم.

_ بۈگۈن تويى بولىدىغان كېلىنچەكمۇ مۇشۇنداق ئۇخلامدۇ..

_ كەچۈرۈڭ ھەدە، سائەتنى توغۇرلاشنى ئۇنتۇپتىمەن..

يولدىشىم ئارقامدىن چىقىپ مۆرەمنى تۇتتى.

_ چۈشتىن كېيىن بولدىغان مۇراسىمغا نېمانچە ئالدىراپ كېتىسىلەر..

_ گىرىم قىلىشقىلا بىرمۇنچە ۋاقىت كېتىدۇ،_ يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى بىر قىزنى ئەگەشتۈرۈپ كىرگەندىن كېيىن سافاغا باشلىدى.

_ مۇشۇ يەردە قىلسىڭىز بولىدۇ، كېلىنچەك مۇشۇ..

گىرىمچىك گىرىم ساندۇقلىرىنى ئۈستەلگە قويغاندىن كېيىن ماڭا قارىدى.

_ ھەدە، يۈزىڭىزنى يۇيۇپ ئالدىمغا كەلسىڭىز گىرىمىڭىزنى باشلاپ كېتەيلى..

_ بو..بولىدۇ،_ ئالدىراپ سۇخانىغا كىردىم-دە،  يۈزۈمنى يۇيۇپ گىرىمچىكنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم. يولدىشىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆگەي ئاپىسى ماڭا قارىغىنىچە ئۇدۇلۇمغا كەلدى.

_ قاراڭ. يۈزىڭىزنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرى شۇنداق يوغانكەن، ئايالكىشى دېگەن تېرىسىنىڭ گۈزەللىكىگە دېقەت قىلىشى كېرەك. قارىسام مەندىن چوڭدەك تۇرىدىكەنسىز..

_ كەچۈرۈڭ ھەدە، بۇ ئىش بەك تۇيۇقسىز بولدى..شۇڭا تەييارلىق قىلىشقا ئۈلگۈرمىدىم..

_ قىز ئاياللار دېگەن يالغۇز تويدىلا ئەمەس، ئادەتتىمۇ ياسىنىپ يۈرىشى كېرەك..تۇيۇقسىز بولدى دېگەن نېمە گەپ ئەمدى..

_ كەچۈرۈڭ. مەن دېققەت قىلاي..

 يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى گەپ قىلغانسىرى جىددىيلىشىۋاتاتتىم.

_ سىلەر قانداق تونۇشۇپ قالغان..

بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەيلا تۇرۇپ قالدىم.چۈنكى مېنىڭ گېپىم بىلەن يولدىشىمنىڭ گېپىنىڭ ئوخشاش بولماي چىقىپ قېلىشىدىن قورقاتتىم.

_ بىز..بىز..تونۇشقىلى بىر نەچچە ئاي بولدى..

_ قانداق تونۇشۇپ قالغان دەيمەن..ئۇ ئادەتتە ھەم چىرايلىق، ھەم ياسىنىپ يۈرىدىغان قىزلارنى ياخشى كۆرىدىغان..سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىدىن ھەيرانمەن..بىرەر ئالاھىدە ئەھۋالدا تونۇشۇپ قالدىمىكىن دەيمەنغۇ..

_ ھە..بىز توردا تونۇشۇپ قالغان..كېيىن چىقىشىپ قالدۇق..مۇشۇنداق..

يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى گېلىنى قىرىپ كۈلدى.

_ ھە..شۇنداقمۇ.. توردا قالايمىقان دىتال ئويناپ تونۇشتۇق دەڭە..

ئۇنىڭدەك چوڭ باينىڭ ئايالىنىڭ توردا تونۇشۇش دىتالىنى بىلىدىغانلىقىدىن ھەيران ئىدىم.

_ ياقەي.بىز بىر مۇنبەردە تونۇشۇپ قالغان. پىكرىمىز بىر يەردىن چىقىپ قالدى شۇنىڭ بىلەن..

بارغانسىرى ئاغزىمغا كەلگەنچە سۆزلەۋاتاتتىم.

_ تەلەي دېگەن مۇشۇنداق نەرسە ھە..مېنىڭ بۇ ئوغلۇم بەك كۆپ ئادەملەر بىلەن تونۇشمىغاچقا جىق قىزلار كۆرمەي قالدى. سىزگە ئۇچراپ قالغىنى قىزىق. تۇيۇقسىز لاتارىيە چىققاندەكلا ئىشقۇ بۇ..

_ شۇ. شۇنداق، ئۇ راستىنلا بەك ياخشى..

_ ئوغلۇم؟ ھەدە، مەن تېخى ئۇنى ئىنىڭىزمىكىن دەپتىمەن. بەكلا ياشكەن،_ دېدى گىرىمچىك يۈزۈمگە ماي سۈرگەچ خوشامەتچىلىك ئاھاڭى بىلەن.

_ ئۇ يولدىشىمنىڭ ئوغلى، مېنىڭ ئۆگەي بالام..شۇڭا شۇنداق ئاتايمەن. يولدىشىم مەندىن خېلى چوڭ. مەن بۇ ئۆيگە كىرگەندە ئوغلى ئون نەچچە ياشقا كىرىپ بوپتىكەن...

_ سىزدەك ياش ھەم چىرايلىق ئايالنى ئېلىۋېلىپ تازا بەختى كەپتۇھە،_ گىرىمچىكنىڭ خوشامەت قىلىپ دېگەن گەپلىرىدىن بىئارام بولىۋاتقان بولساممۇ چىدىماي ئامالىم يوق ئىدى.

_ شۇ. شۇنداق. ئۇ مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.._ يولدىشىمنىڭ قېيىن ئاپىسى قورسىقىنى سىيلاپ قويدى.

 ئىككى ئايالنىڭ پارىڭىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قېلىپ بىئارام بولىۋاتاتتىم.  

_ خوجايىن سىزنى چاقىرىدۇ..

«يولدىشىم»نىڭ قېيىن ئاپىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم. گىرىمچىكنىڭ يۈزۈمگە نېمىلەرنى سۈرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. پەقەت يۈزۈمنىڭ بارغانسىرى قېلىنلاپ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىلا ھېس قىلىۋاتاتتىم.

بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن گىرىمچىك قولىنى سۈرتتى.

_ بولدى. گىرىمىڭىز تۈگىدى..

ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەينەككە قاراپ يۈزۈمدىكى ئۆزۈمنى تونىغىلى بولمايدىغان قېنىق گىرىمگە قاراپ ھەيران قالدىم.

_ بۇ..بۇ قانداق گەپ..مۇشۇنداقمۇ قېنىق گىرىم بولامدۇ..

_ بۇنى قېيىنئاپىڭىز تەلەپ قىلغان، تەلەپ بويىچە قىلدىم..

_ مەن بۇنداق قېنىق گىرىمنى ياقتۇرمايمەن..

_ كەچۈرۈڭ. مېنى كىم تەكلىپ قىلغان بولسا شۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش قىلىمەن..

گىرىمچىك گېپىمنى ئاڭلىماي ساندۇقىنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
_ بۇ گىرىمنى سۇسلاشتۇرغىلى بولامدۇ..ماڭا سۇسلاشتۇرۇپ قويسىڭىز..

_ ئۇنداق قىلالمايمەن. مېنى چاقىرغان ئادەمنىڭ بۇيرۇقىنى قىلىمەن. كىيىمىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ توي كۆينەكنى كىيىپ چىقىپ، چېچىڭىزنى ئوڭشاپ قوياي..

ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. ھازىرقى زاماندا قېنىق گىرىملەرنىڭ مودا ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، لېكىن بۇ دەرىجىدە قېنىقلىقىنى ئويلىمىغانىدىم. يەنە كېلىپ بۇ گىرىمدە مېنى پەقەتلا تونىغىلى بولمايتتى. كۆڭلۈم ئۇنىمىسىمۇ توي كۆينەكنى ئالماشتۇردۇم-دە، گىرىمچىكنىڭ ئالدىغا چىقتىم.

_ چېچىمنى ئاددىي قىلىپ قويدىڭىز.. بۇنىغۇ دېيىش ھوقۇقۇم باردۇ..

_ قېيىن ئاپىڭىز ماڭا تاپشۇرۇپ قويدى. سىز گەپ قىلماي ماسلاشسىڭىزلا بولىدۇ..

ئۇنىڭ چېچىمنى نېمىلەرنى قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيتتىم، كۆڭلۈم نېمىلەرگىدۇر بىئارام ئىدى.

بىر سائەتتىن كېيىن ئۇ چېچىمنى قويىۋەتتى.

_ بولدى. پۈتتى.سەل تۇرۇپ مۇشۇ پېتى چىقسىڭىزلا بولىدۇ..

ئەينەككە قاراپ چىرايىمنىڭ يېرىمى ئېتىلگەن چېچىمغا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم.

_ مەن پۇل بېرەي. بۇنى ئۆزگەرتىپ بېرىڭ بولامدۇ..

_ ياق. ئۇنداق قىلالمايمەن. قېيىن ئاپىڭىز ماڭا مۇشۇنداق قىلىڭ دېگەن. ئۇ ھېساۋاتنى قىلىپ بولدى..

گىرىمچىك نەرسىلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسدا يالغۇز تۇراتتىم. بۇ قىممەت توي كۆينەك مېنىڭ ئۇچامدا ئارتۇقچىدەك قىلاتتى. چۈنكى بۇ چاچ بىلەن گىرىم مېنى ئەمەسلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.

يولدىشىم ئىشىكتىن كىرىپ ماڭا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى.

_ بۇ بۇ،_ ئۇ كۈلكىسىنى زورىغا بېسىپ يېنىمغا كەلدى،_ چىرايىڭىزنى تونىماسلا قىلىپ قويۇپتۇغۇ..

_ ئۆگەي ئاپىڭىز تەكلىپ قىلغان ئادەمكەن، ئۆزگەرتىپ قويۇڭ دىسەم مېنى سىز تەكلىپ قىلمىغان قېيىن ئاپىڭىز مۇشۇنداق ياساڭ دېگەن دەپ پەقەتلا ئۇنىمىدى..

_ مەن ئۇنىڭغا دەي. ئۆزگەرتىۋەتسۇن..بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ..

ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدىم.

_ بولدى، مېنى دەپ ئاراڭلارغا زىددىيەت چۈشۈپ قالمىسۇن. بىركۈن بولغاندىن كېيىن چىدىۋېتەي..

ئۇ مۆرەمنى تۇتۇپ قويدى.

_ جاپا تارتىدىغان بولدىڭىز..بىركۈن چىدىۋەتسىڭىز، سىزنى ئەتە ئايلاندۇرۇپ كېلەي..

_ بولىدۇ. مەن مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇراي. مېھمانلار كەپ بولغاندا ئاندىن چىقاي..

_ ماقۇل. مەن چىقىپ پەستىكىلەرگە ياردەملىشاي..

يولدىشىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆينىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ قالدىم. بۈگۈن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان قىزغا ئوخشىمايتتىم. بۇنىڭ راست ئەمەسلىكىنى، بىر مەيدان ئويۇنلىقىنى بىلسەممۇ، لېكىن يەنىلا بىئارام بولىۋاتاتتىم. بۈگۈنكىدەك كۈندە يېنىمدا ئادەم يوقلىقى، ئاپامنىڭ مىجەزى يوق كۈندە توي ئۆتكۈزۈش، باشقىلارنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرغىنىمنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. لېكىن قىزىق يېرى گىرىمنىڭ بۇزۇلۇپ تېخىمۇ قېنىقلىشىپ كېتىشىدىن قورقۇپ يىغلاشقىمۇ پېتىنالمايۋاتاتتىم.

« بۇ ئويۇننى ئۆزۈڭ ئوينىدىڭ، بەختىڭ بىلەن ئۆزۈڭ ئويناشتىڭ، بۇ خاتالىقنى كىمدىن كۆرەتتىڭ» ئۆزۈمنى قايتا قايتىلاپ تىللاۋاتاتتىم.

تۇيۇقسىز تېلىفونۇم سايرىدى. دوستۇمنىڭ نومۇرى ئىدى.

_ ئاداش. سىلەرنىڭ شىركەت تەرەپكە بارغان، كىرسەم سېنى ئىشتىن ھەيدەلدى دەيدىغۇ..

_ شۇ..شۇنداق..

_ زادى نېمىش بولدى؟ سەن ھازىر نەدە. كۆرۈشسەك بولاتتى..

_ مەن..مەن..

_ نېمىش بولدى؟! كۆڭلۈڭ يېرىمما؟ ئۆيدە بولساڭ مەن بارايمۇ..

دوستۇمغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم. تۇيۇقسىز يولدىشىمنىڭ دادىسىنىڭ «سىز تەرەپتىن جىق ئادەم كەلمىسۇن، ئاپىڭىز كەلسىلا بولدى» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم.

_ ئاداش. مەن باشقا بىر يەردە، ساڭا يېقىن ئەمەس..كېيىن كۆرىشەيلى..

تېلىفوننى قويىۋەتتىم. ئاچچىق ھېسسىيات يەنە بوغۇزۇمغا كېلىپ توختاپ قالدى. لېكىن ئۇنى چىقىرىۋېتەلمەيتتىم.

«ئازابلىنىپ نېمە قىلىسەن. بۇ توي راست ئەمەس، بۇ توي كۆينەك. بۇ ئۆي، ئەتراپىڭدىكى ھەممە ئادەم راست ئەمەس. يەنە بەش ئايدىن كېيىن بۇ ئۆيدىن كېتىسەن. رول ئېلىۋاتىمەن دەپ ئويلا»

ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ قويۇپ، توي كۆينەكنىڭ تورىنى يۈزۈمگە يېپىۋالدىم.

ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن كىرگەن ئاپامنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم «يولدىشىم» ئاپامنى يېنىغا ئەكەلگەندىن كېيىن ماڭا قاراپ كۈلدى.

_ مانا، ئاپامنىمۇ ئالغاچ كەلدىم. ئەمدىغۇ خاتىرجەم بولىدىغانسىز..

ئاپام تېخىچە ھەيرانلىقتا تۇراتتى.

_ بۇ زادى نېمىش؟! مەن ھېچنېمىنى بىلەلمەيلا قالدىمغۇ..

_ ئاپا، بۈگۈن مېنىڭ تويۇم..

_ سېنىڭ تويۇڭنى ئۆتكۈزۈپ بولغانتۇققۇ..

_ يولدىشىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر قايتىدىن مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى..

ئاپامنى قويۇپ يولدىشىمنى ئىچىدىكى ئۆيگە تارتتىم.

_ سىز قانداق بولۇپ..

_ سىزنىڭ يالغۇز قالغىنىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى. ئۆيىڭىزگە بېرىپ قارىسام ئاپىڭىز تۈنۈگۈنكىدىن ياخشى بولۇپ قاپتۇ..شۇڭا ئالغاچ كەلدىم..ھېلى يېنىڭىزدا بىر ئادەم تۇرمىسا بولمايدۇ..مېنىڭچە بۇ ئادەم چوقۇم ئاپىڭىز بولىشى كېرەك..

ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن خوش بولۇش ياكى خاپا بولۇشنى بىلمەيۋاتاتتىم.

  _ ئاپامغا نېمە دېدىڭىز..

_ دادام تويۇمنى قايتا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى دېدىم.. سىزنى ئالغىلى كەلدىم دېدىم..

يولدىشىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاپامنىڭ يېنىغا كەلدىم.

_ قىزىم. بۇ قەيەر توي ئۆتكۈزىدىغان زالمۇ؟ نېمىشقا ماڭا ھېچنېمىنى دېمەي بۇنچە تەييارلىق قىلىپ كەتتىڭلار..مەن سەل گاڭگىراپ قالدىم..

ئاپامنىڭ قولىنى تۇتتۇم.

_ ئاپا، بۇ يولدىشىمنىڭ ئۆيى. بۇندىن كېيىن مۇشۇ ئۆيدە تۇرىمەن..

ئاپام ھەيرانلىقتا ماڭا قارىدى.

_ بۇ ئۆي؟ بۇ كاتتا ئۆي يولدىشىڭنىڭما؟

ئاپام ئەتراپقا ئەستايىدىل قارىغاندىن كېيىن ماڭا ئۆرۈلدى.

_ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ياساپ مۇشۇنداق قىلىۋاتمىغانسىلەر ھە..

_ ئۇنداق ئەمەس ئاپا..

_ ئەمىسە نېمىشقا باشتا شۇنداق قىلمايسىلەر..تويدا ئۇنىڭ دادىسى يوققۇ..

_ بۇ ئىشلار بەك مۇرەككەپ ئاپا. ساڭا چوقۇم پۇرسەت چىقىرىپ چۈشەندۈرۈپ قويىمەن..بۈگۈن ھېچنېمە دېمەي ماڭا ماسلىشىپ بەرسەڭلا بولدى..

ئاپام بۇ كاتتا ئۆينى كۆرۈپمۇ ئېچىلالمايۋاتاتتى.

_ قىزىم، يولدىشىڭنى بۇنچە باي دەپ ئويلىماپتىكەنمەن..سەندىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن..

_ نېمىگە ئەنسىرەيسەن ئاپا، ھەممە قىزلار مۇشۇنداق باي ئائىلىگە ياتلىق بولۇشنى ئويلايدۇ. مەن ئەمەلگە ئاشۇرالىدىم..

ئىشىك ئېچىلىپ يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى كىردى.

_ سىز نېمە كېلىنچەكنىڭ يېنىغا كىرىۋالدىڭىز.. چىقىپ پەسكە قارىشىپ بېرىڭ،_ دېدى ئۇ ئاپامغا قاراپ.
.
 


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章