توي ۋە سۈيقەست21-قسىم

文摘   2025-02-02 21:13   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 


21-21-قىسىم

_ بولدى، ئۇخلايلى، ئەتە سەھەردە ئاپىڭىز ئىككىڭلارغا كىيىم ئالىمىز..

ئىككىمىز ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ يوغان كارىۋات ئالدىدا تۇرۇپ قالدۇق.

_ سىز كارىۋات ئەكېلىمەن دېگەنتىڭىز..

_ بىرىنچى كۈنىلا كارىۋات ئەكەلسەم ئۇلار نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ..

_ ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ بۇ بىرلا كارىۋاتكەن..

_ بۇ بۇنچە چوڭ تۇرسا..ئىككىمىز پېتىپ ئارىمىزغا ئىككى ئادەم پاتقۇدەك ئورۇن قالىدۇ..

_ سىز ماڭا چېقىلماسلىققا ۋەدە بەرگەن..

_ مەن چېقىلىمەن دېمىدىم. داۋاملىق گەپنى شۇ يەرگىلا ئاپىرىدىكەنسىز..

_ ئالدىنقى قېتىم سىز يەردە ياتقانتىڭىز، بۇ قېتىم مەن ياتاي، سىزنىڭ مۇشۇ ئېسىل تۇرمۇشنى تاشلاپ مەن بىلەن شۇ ئۆيدە تۇرغىنىڭىزنى ئويلىساملا ئالدىڭىزدا خىجىل بولىمەن..

ئۇ بېرىپ ئىككى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىدى ۋە كارىۋات ئۈستىدىكى ياستۇقنى ئالدى.

_ بولدى، سىز كارىۋاتتا يېتىڭ. سىز ئايالكىشى..

ئۇ ياستۇقنى يەردىكى گىلەمگە قويغاندىن كېيىن ئەدىيالنى قولىغا ئالدى.

_ ھەي..سىزنىڭ مۇشۇنداق شارائىتتا چوڭ بولۇپ يەنە بۇنچىلىك قائىدە بىلگىنىڭىزگە ھەيرانمەن..

_ بۇ قائىدىلەرنى ماڭا ئاپام ئۆگەتكەن، ئۇ ماڭا ئاياللارنى ئاسراشنى ئەسكەرتكەن..

_ ئاپىڭىزنى كۆرگىلى نېسىپ بولغان بولسا چوقۇم رەھمەت ئېيتقان بولاتتىم..

_ 15يىل بوپتۇ، ئاپامنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم..

_ سىز ھەقىقەتەن ياخشى پەرزەنتكەنسىز.. ئاپىڭىز چوقۇم سىزدىن بەك رازى..تويدا ئاپىڭىز بولغان بولسا چوقۇم بەك خۇش بولغان بولاتتى..ئاپىڭىزنىڭ تۇققانلىرى كېلىدىغاندۇ..

_ ياق. بەلكى دادام تونۇشلىرى ھەم تۇققانلىرى بولىشى مۇمكىن، ئۇلار مېنى تونىمايدۇ..

_ نېمىشقا؟

_ مەن ئىزچىل باشقا شەھەردە ئوقۇپ، مومام بىلەن تۇرغاچقا، بۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن بېرى ھېلىقى شوپۇردىن باشقا ھېچكىم بىلەن ئارلىشىپ باقمىدىم..

_ راستىمنى دېسەم سىزنىڭ خاراكتىڭىز بايلاردىن باشقىچىكەن. بايلار ئادەتتە ھەرخىل چىرايلىق قىزلا بىلەن ئارلىشىدىغان، ئاقماس دوستلىرى جىق ، باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق بولاتتى..

_ مەن دادامنى دوراپ قېلىشنى خالىمايمەن..

_ لېكىن دادىڭىزغا قارىغان كىشى ئۇنداق ھېس قىلمايدىكەن..بەكلا سالاپەتلىك..

_ سىزگە دېدىمغۇ، ئادەم باي بولغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغىنى ئوبراز يارىتىش، بۇرۇنقى ناچارلىقلىرىنى يۇيۇش..خۇددىي ھېلىقى ئاتالمىش دېرىكتورىڭىزدەك..

جىمىپ كەتتىم. نېمە دېيىشنى بىلمەيۋاتاتتىم.

_ ئۇخلاپ قاپسىزدە..ياخشى چۈش كۆرۈڭ..

ئۇنىڭ ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. لېكىن ئۇنىڭدىن ھېچنېمە سورىيالمايتتىم. ئۇنىڭدەك باينىڭ بالىسىنىڭ ھەرخىل ناچار شارائىتقا كۆنۈشكە رازى بولىۋاتقانلىقىدىن، تۇيۇقسىز ھېلىقى كۈنى ئازىراق ئىشقا چىدىماي ئىستىپا بەرگەن ھالىتىمنى، ئۆزۈم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىمەن دەپ توي قىلىپ يەنە مەندىن پايدىلاندىڭ دەپ قاخشىغان ھالىتىمنى ئويلاپ قالدىم. بۇ دەل كۆرگەن بىلگىنىمنىڭ ئازلىقى، تونۇشۇمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئىدى.

 ئاستا كۆزۈمنى يۇمدۇم.

*                                 *                                 *                                

سەھەردە ئۇدۇل ئاپامنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.

_ بۈگۈن ئاپىڭىزغا ئېسىل كىيىم ئېلىپ بېرەيلى..

_ لېكىن ئاپامغا نېمە دەپ چۈشەندۈرەلمەن..

_ بارغاندا ئۆزى ھەممىنى چۈشىنىدۇ..

ئېغىر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى چەكتىم. ئىچىدىن ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. ئىشىكنى يەنىمۇ قاتتىق چەكتىم، ئاۋاز يەنىلا ئاڭلانمايۋاتاتتى.

_ ئاپىڭىز بىرەر يەرگە كېتىپ قالمىغاندۇ..

_ بىلمىدىم، تېلىفون ئۇرۇپ باقاي..

ئاپام تېلىفوننى ئالىدىغاندەك قىلمايتتى.

سومكامنى ئاقتۇرۇپ ئاچقۇچنى چىقىرىپ ئىشىكنى ئاچتىم. مېھمانخانىدا ئادەم يوق ئىدى. ياتاق ئۆيگە كىرىپ كارىۋاتتا ئەمەس يەردە ياتقان ئاپامنى كۆردۈم.

_ ئاپا..ئاپا..نېمە بولدۇڭ ئاپا..

«يولدىشىم»ئاپامنى تۈزلىدى.

_ ئاپىڭىزنى تۈز يەردە قويايلى، دەرىزىنى ئېچىۋېتىڭ..

ئالدىراپ بېرىپ دەرىزىنى ئاچتىم.

يولدىشىم ئاپامنىڭ پۇت قولىنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى.

_ نېمىش قىلىۋاتىسىز، دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى..

_ توختاڭ. ئاپىڭىزنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئايلىنىپ قالغىنىنى بىلمەيمىز. ئەگەر قان بېسىم بولسا ئېغىر مىدىرلاتساق بولمايدۇ..

_ سىز..سىز قانداق بىلىسىز؟

_ مېنىڭ موماممۇ قان بېسىم بولغان..

ئاپام بىردەمدىن كېيىن كۆزىنى ئېچىپ بىزگە قارىدى.

_ سى..سىلەر كەپسىلەرغۇ..مەن تاماق قىلاي..

_ ئاپا. مىدىرلىما، بىز يېنىڭدا..جىم ياتقىن..

_ ماڭا بىرەر ئىش بولدىما؟

_ ئىشىكنى ئۇرساق ئاچمىدىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمدىكى ئاچقۇچنى تېپىپ ئېچىپ كىردىم..

ئۇ مەن بىلەن يولدىشىمغا قاراپ كۈلدى.

_ بىللە كەپسىلەرغۇ..ئاجراشمىغانسىلەر ھە..

ئاپامنىڭ بۇنداق ئەھۋالدىمۇ مېنىڭ ئاجرىشىش مەسىلەمنى ئويلاۋاتقىنىدىن ھەيران ئىدىم.

_ ئاپا، ساڭا دېدىمغۇ ئاجراشمايمىز دەپ..

¬_ ئۆيدە قان بېسىم ئۆلچەش ئەسۋابى بارمۇ؟

_ بىلمەيمەن..مەن بىلمەيدىكەنمەن..

_ ئاۋۇ ئىشكاپنى ئاچساڭ ئىچىدە بار..

ئىشكاپنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى قولۇمغا ئالدىم.

_ مانا. بۇنى قانداق ئىشلىتىدۇ..

شۇنچە ۋاقىتىن بېرى ئاپام بىلەن ئانا بالا بولۇپ، ئۇنىڭ قان بېسىم ئۆلچىگۈچ ئىشلىتىۋاتقىنىنى، ھەتتا قانداق ئىشلىتىش لازىملىقىنىمۇ بىلمىگەن ئۆزۈمدىن نومۇس قىلىۋاتاتتىم.

يولدىشىم قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئېچىپ ئاپامنىڭ قولىغا تاقىغاندىن كېيىن سانغا قارىدى.

_ ھە..ئەمدى سەل مۇقىملىشىپتۇ.ئاپا، بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىڭ..

يولدىشىم ئاپامنى كۆتۈرۈپ كارىۋاتقا ئالغاندىن كېيىن ئۈستىگە يوتقاننى ياپتى.

_ ئوغلۇم،_ ئاپام يولدىشىمنىڭ قولىنى تۇتتى،_ سىزگە رەھمەت..

_ ئاپا، سەن بىردەم ئارام ئېلىۋالغىن..بىز سەل تۇرۇپ كىرەيلى..

ئاپامنى ياتاق ئۆيدە قويغاندىن كېيىن مېھمانخانا ئۆيگە چىقتۇق.

_ ئاپىڭىز بۇنداق تۇرسا ئۇنى كىيىم ئالغىلى بىز بىلەن چىقىڭ دېسەك بولمايدۇ..

_ مەنمۇ قانداق دېيىشنى بىلمەيلا قالدىم..

_ مەن دادامغا دەي، ئاپىڭىز ئەتىدىكى تويغا كېلىپ يۈرمىسۇن..

_ لېكىن..

نېمە دېيىشنى بىلمەيۋاتاتتىم، ئاپامنىڭ تويغا بېرىپ ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئېسىل جەمەت بىلەن قۇدا بولغىنىنى كۆرسەتكۈم بار ئىدى-يۇ، يەنە ئۇلارنىڭ ئاپامنى كۆرۈپ باشقىچە مۇئامىلە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم.

 يولدىشىم تېلىفوننى چىقىرىپ بالكونغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىشىك يوچۇقىدىن ئاپامغا قاراپ باقتىم. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنىڭ كېسەل ئازابى تارتىۋاتقىنىنى، قارىماققا خوشالدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ھەر كۈنى مېنىڭ غېمىمنى قىلىپ خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىنى بىلمەي يۈرگىنىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ پەرزەنتلىك مەجبۇرىيىتىمنى يالغۇز توي قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىۋاتاتتىم.

يولدىشىم يېنىمغا كەلدى.

_ مەن دادامغا ئاپىڭىزنىڭ تويغا كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتىم..

_ ئۇ نېمە دەيدۇ؟

_ مەيلى دېدى. مۇنداق قىلايلى، سىز بۈگۈن ئاپىڭىزغا ھەمراھ بولۇڭ. مەن تورغا ئالغان كۆينەكنىڭ نومۇرىغا توغۇرلاپ توي كۆينەك ئالاي.. كەچتە سىزنى ئالغىلى كېلەي..

_ توي كۆينەك بىلەن ئۇ كىيىمنىڭ نومۇرىنى سېلىشتۇرغىلى بولاتتىمۇ، مۇنداق قىلايلى. ئالدىنقى تويدا كەيگەن كۆينىكىممۇ بار..بولمىسا شۇنى كىيەي. چىقىمدار بولماڭ..

_ بۇنداق قىلساق قاملىشامدۇ..

_ قاملىشىدۇ. بىر كۈنلۈك تونۇش تۇققان يىغىلىشىغا يەنە بىر كۆينەك ئېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، يەنە كېلىپ ئاپام بۇنداق ياتسا مەن تاشلاپ قويۇپ بازار چۆگىلىيەلمەيمەن..

_ مەيلى. مەن بېرىپ دادامغا چۈشەندۈرۈپ قويغاچ، تەييارلىق قىلاي..

_ كەچتە كەلسىڭىز بىرلىكتە ئاشۇ ئۆيگە بېرىپ كۆينەكنى ئەپ كېتەيلى..

يولدىشىم بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئاشخانىغا ئۆتۈپ تاماق قىلىشقا تەمشەلدىم.

بىر قاچا تاماق تەييار قىلغاندىن كېيىن ئاپامنىڭ يېنىغا كىردىم.

_ ئاپا، تاماق يەۋالدىم..

تۇرماقچى بولغان ئاپامنى يۆلىۋالدىم.

_ كۈيئوغلۇم چىقىپ كەتتىمۇ؟

_ شۇنداق. بېجىرىدىغان ئىشى باركەن..

_ ئىككىڭلارنىڭ بىللە كەلگىنىدىن خوش بولدۇم..

_ جېنىم ئاپا، مېنى بەك قورقۇتتۇڭ..

_ شۇ سېنىڭ ئىشىڭنى ئويلاپ ھاياجانلىنىپ قالغان ئوخشايمەن..

_ ساڭا ئاجراشمايمەن دېدىمغۇ..نېمىشقا يەنە..

_ قايسى كۈنى شۇ گەپنى قىلىپ قايتىپ كەتكەنتىڭ. پەقەت خاتىرجەم بولالمىدىم..

ئاپام قولۇمنى تۇتتى.

_ قىزىم، يولدىشىڭنى مەن تولۇق چۈشەنمىسەممۇ ئۇنىڭ ماڭا كۆيۈنۈشلىرىدىن ۋاپادار يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن، ئاجراشما بولامدۇ..

_ قايسى كۈنى تېخى ئاجراشساڭ مەن قۇبۇل قىلىمەن دەۋاتمامتىڭ..

_ سېنى كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ شۇنداق دېگەن..مېنىڭ دۇنيالىقتا سەن بىر تاللا قىزىم بار..مەندىن كېيىن قالساڭ ئىگە چاقىسىز قېلىشىڭنى خالىمايمەن..

كۆز ياشلىرىمنى تۇتالماي قالدىم.

_ ئاپا، سەن كەتمەيسەن، نېمانداق كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىسەن..

_ ئاتا ئانا
دېگەن ھامان كېتىدۇ. سەن يەنە ھەمراھىڭ بىلەن قالىسەن..

_ بىللە ياشايمىز. ئۇنداق دېمە. سەل ياخشى بوپ قالساڭ چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانىغا بارايلى، يولدىشىم سېنى قاتتىق مىدىراتساق بولمايدۇ دېگەنتى..شۇڭا مىدىرلاتمىدۇق، ئەمدى ئەسلىڭگە كەپسەن، شۇڭا دوختۇرغا بارايلى..

ئاپام قولۇمنى تېخىمۇ چىڭ سىقتى.

_ قىزىم. بۇ بەكلا كۆيۈمچان ھەم قولىدىن ئىش كېلىدىغان يىگىتكەن. ھەرقانداق ئىش بولسا ئېغىرلىق قىل بولامدۇ..ئاجرىشىپ كەتمىگىن..

_ ئاپا، ئۇكۈنى مەن باشقا سەۋەبتىن شۇنداق دېدىم. ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمگە ياقمايدىغان ئىش قىلىپ باقمىدى..ئەنسىرىمە بولامدۇ..

 تاماقنى ئاپامنىڭ ئاغزىغا سالدىم.

_ ئايالكىشى ئەرنى خاتا تاللىسا ئۆمرى ئازابتا ئۆتۈپ كېتىدۇ..مەن سېنىڭ خاتا تاللاپ قېلىشىڭدىن بەك قورقاتتىم. بۇ بالا بىلەن بۇ ياقتىن تونۇشۇپ ئۇ ياقتىن توي قىلغىنىڭ ئۈچۈن سەندىن بەك ئەنسىرىگەن. لېكىن بۇ بالىنىڭ ھەربىر گېپى، ئىش ھەركىتى مېنى شۇنداق خاتىرجەم قىلدى. بەزى ئادەملەر 10نەچچە يىل ئارلىشىپ توي قىلىدۇ، نەچچە ئايغا پايلىمايدۇ. بەزى ئادەملەر بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈشۈپ، ئالدىراپ توي قىلىدۇ، لېكىن بىر ئۆمۈر ئاجراشمايدۇ. سېنىڭ ئىككىنچى تۈردىكى ئادەم بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن..

  ئاپامنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىم ئېچىشىپ كېتىپ باراتتى. بۇرۇن «30دىن بۇرۇن توي قىلىۋەتسەملا ئاپام خاتىرجەم بولىدۇ. بۇرۇنقى يولدىشىمغىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۇنىلا ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى ئىسپاتلىيالايمەن» دەپ ئويلىغان بولسام، ھازىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئاجراشسام ئاپامنىڭ قۇبۇل قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتاتتىم. ئۆزۈمنىڭ تەنتەكلىك ۋە ھاياجان بىلەن چىقارغان قارارىمغا يەنە بىر قېتىم پۇشايمان قىلدىم.

  _ شۇنداق بولىدۇ، ئەنسىرىمىگىن. بۇ بالا بەكلا ياخشى. چوقۇم، ياخشى ئۆتۈپ كې..كېتىمىز..

ئۆزۈمنىڭ يالغىنىغا ئۆزۈمنىمۇ ئىشەندۈرەلمەيۋاتاتتىم.

  _ دوختۇرخانىغا بارمىساممۇ بولىدۇ. دورام بار..يەۋېلىپ ئارام ئېلىۋالساملا بولدى. ئەنسىرىمە..

_ ئاپا قان بېسىمىڭ بارلىقىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن. مېنى كەچۈر..

_ ياش چوڭايغاندا قان بېسىم دېگەنلەر نورمال كېسەلكەن. ئەنسىرەپ كەتمە..

_ يۈرەك دوراڭنى ۋاقتىدا يېگىن. مېنىڭ ئىشىمنى پەقەت ئەنسىرىمە بولامدۇ..

_ ماقۇل. سەنمۇ مېنى ئەنسىرەتمىگىن، ھەرقانداق ئىش بولسا ھەل قىلىش ئۇسۇلى چىقىدۇ. ياخشى ئادەم بىزگە داۋاملىق ئۇچراپ تۇرمايدۇ. يولدىشىڭنى چىڭ تۇت..

_ بولىدۇ ئاپا، چوقۇم شۇنداق قىلىمەن..

ئاپام ئەسلىگە تولۇق كەلگەندىن، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ماشىنىغا چىقتىم. ماشىنىنى يولدىشىم ئۆزى ھەيدەپ كەلگەنىدى.

_ توي كۆينەكنى ئالغاچ كەلدىم..

_ شۇنداقمۇ..جاپا تارتتىڭىز،_ توي كۆينەككىمۇ قارىماي دەرىزە سىرتىغا قارىدىم، ئاپامنىڭ بايىقى گەپلىرىنى ئويلاۋاتاتتىم.

_ نېمىش بولدى؟ بەك ئېغىر كۆرىنىسىزغۇ..

_ ھەي. ھاياجانلىنىپ چىقارغان قارارىمدىن پۇشايمان قىلىۋاتىمەن..

_ بۇ قارارنى چىقىرىپ بولدىڭىز. ئەمدى داۋاملاشتۇرماي ئامالىمىز يوق..

_ شۇ كۈنى ئاچچىقتا ئاجرىشىپ كەتسەم قانداق قىلىسەن دېگىنىم ئۈچۈن ئاپامنىڭ بۇنچە بوپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن.. نەچچە ئايدىن كېيىن راست ئاجرىشىپ كەتسەم ئاپام مەندىن بەكرەك تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ..

_ مەن سىزگە باشتىلا شۇنداق دېگەن. سىز بۇ ئىشنى ئۆزۈم ھەل قىلىپ كېتىمەن دېدىڭىز..

_ ئەمدى ئويلىسام يېشىم 30غا بارغان بىلەن يەنىلا چوڭ بولماپتىمەن..توينى ئاپام ئۈچۈن قىلدىم دېگەن بىلەن ئۆزۈم ئۈچۈن قىپتىمەن..يېشىم 30غا كىرىپ كەتتى، يىگىتىم توي قىپ كەتتى دەپلا كۆزۈمنى يۇمۇپ قارار چىقىرىپتىمەن..ئەسلى ئاپامنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىكەنمەن. ھەتتا قان بېسىم كېسىلى بولۇپ كۈندە قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى يېنىدا ئېلىپ يۈرگىنىنى، كەيپىياتى بۇزۇلسا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن..

_ ئۇنداق دېمەڭ. بىز پەرزەنتلەر ھەممىمىز ئوخشاش..

_ نېمىشقا ئالدىراپ بۇ قارار چىقارغاندىمەن ھە..ئەمدى كەينىمگە يانالمايمەن..

_ مەن بىلەن توي قىلغانلىقىڭىزدىن پۇشايمان قىلدىڭىزمۇ؟ كەچۈرۈڭ. مېنىڭ تۇرمۇشۇم مۇشۇنداق مۇرەككەپ، ئۆزۈممۇ شۇنداق..

_ ياق، سىز بەك مۇكەممەل بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن توي قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن.ئاپام ئىككىمىزنىڭ سىزگە بۇنچىلىك كۆنۈپ قېلىشىمىزنى ئويلىمىغانتىم..كەچۈرۈڭ!

_ ئۇنداق دېمەڭ. كۆنۈپ قېلىش يامان ئىش ئەمەس..بىر كۈنلەردە ئاجرىشىپ كەتسەكمۇ، مەن يەنە ئاپىڭىز ئىككىڭلارنى يوقلاپ تۇرىمەن..

ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم.

_ ماڭايلى..

يولدىشىم ماشىنىنى داچىغا ھەيدەپ ماڭدى. ئۆزىمىز ئۆيدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان بولساقمۇ، يۈرىكىم ھامان ئاپام تەرەپتە ئىدى.

داچىغا كىرىپ ھويلىغا تىزىلغان ئۈستەل ۋە ئورۇندۇقلارنى كۆردۇق. ئەتراپى گۈل بىلەن تولغان بولۇپ، ھەرخىل چىراغلار ئېسىلغانىدى. ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم. ئەزەلدىن بۇنداق كاتتا سورۇنغا كېلىپ باقمىغانىدىم.

_ بۇ..بەكلا كۈچەپ تەييارلىق قىپتۇغۇ..

_ شۇنداق.سىزگە يارىدىمۇ؟

_ شۇ. شۇنداق،_ ھاياجانلىنىپ تۇرساممۇ لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئۈمىدسىزلىنەتتىم، چۈنكى بۇنىڭ راست ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم.

توي كۆينەكنى ئۆزىمىزنىڭ ھۇجرىسىغا قويۇپ قويغاندىن كېيىن يولدىشىمنىڭ دادىسىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق.

_ قانداق، تەييارلىق قىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟!

_ ھەئە. كىيىمنى تەييارلاپ قويدۇق.

_ ئاپىڭىزنىڭ كېلەلمەيدىغانلىقى بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى..

_ توغۇرلاپ مۇشۇ كۈنى ئاغرىپ قالغىنى قىزىق ئىش. كېلەلمەي قالغانمىدۇ ياكى كېلىشتىن خىجىل بولۇپ قالغانمىدۇ..

دېدى يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئۇدۇلىمىزدىكى سافادا ئولتۇرۇپ.

_  ئاپامنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ قاپتىكەن. شۇڭا كېلەلمىدى..

 _ بوپتۇ. سالامەتلىك مۇھىم..ئەمىسە قايتىپ چىقىپ ئارام ئېلىڭلار. ئەتە سەھەر گىرىمچىك كېلىپ كېلىنگە گىرىم قىلىدۇ. مۇراسىم چۈشتىن كېيىن باشلىنىدۇ.

_ بولىدۇ دادا،_ يولدىشىم ماڭا بىرگە چۈشۈپ كېتىشكە ئىشارەت قىلدى.

_ كېلىن. سىز توختاپ تۇرۇڭ،
.
 


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章